UyghurWiki›كومپيۇتېر›مەندە ئىككى دانە ئاۋاز كارتىسى بار. CMI8738 ۋە S90 بۇ ئىككى ئاۋاز كارتىسىنى بىراقلا قاچىلاپ تەڭ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟
مەندە ئىككى دانە ئاۋاز كارتىسى بار. CMI8738 ۋە S90 بۇ ئىككى ئاۋاز كارتىسىنى بىراقلا قاچىلاپ تەڭ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئاۋاز كارتىسىنى بىر كومپيۇتېردا ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بىراق تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
(1) IRD بىلەن IO توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، BIOS دىن ياكى Windows دىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
(2) مەشغۇلات سىستېمىسى پەقەت بىر ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە يول قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كونترول تاختىسىدىن نۆۋەتتە ئىشلەتمەكچى بولغان ئاۋاز كارتىسىنى تاللاش كېرەك.
(3) ئىككى دانە ئاۋاز كارتىسىنى تەڭ ئىشلەتكەندە، ئۈنۈمى ئىككى دانە كۆرسىتىش كارتىسى، ئىككى دانە قاتتىق دىسكىنى تەڭ ئىشلەتكەنگە ئوخشىمايدۇ. بەك چوڭ ئەھمىيىتى يوق، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا بىر دانە ئاۋاز كارتىسىنى ئىشلەتكەن ياخشى.