ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ توساتتىن ئوپتىك دىسكىنى ئوقۇيالماسلىقى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئاۋۋال ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا ئوپتىك دىسكىدىن بىرنى سېلىپ، ئوپتىك دىسكىنىڭ ئايلانغان ئاۋازلىرىنىڭ بار _ يوقلۇقىنى، چىرىغىنىڭ نورمال يورۇيدىغان _ يورۇمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ. ئەگەر ئوپتىك دىسكىنىڭ ئايلانغان ئاۋازى بولمىسا، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنى چىقىرىپ، قېپىنى ئېچىپ، ھەر قايسى ئۇلىنىش سىملىرىنى ئاجرىتىپ، قايتىدىن مۇستەھكەملەپ ئۇلىسىڭىز نورمللىشىدۇ. ئەگەر يەنىلا نورمال بولمىسا ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ بۇزۇلغان.