UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرئاساسىي تاختىدىكى قىستۇرۇش ئوقۇرلىرى

ئاساسىي تاختىدىكى قىستۇرۇش ئوقۇرلىرى

كومپيۇتېر بىلىملىرى باش لىنىيە كېڭەيتمە ئوقۇرلىرى ئاساسىي تاختا كۆلىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى باش لىنىيە كېڭەيتمە ئوقۇرلىرى ئىگىلىگەن. ئاساسىي تاختىلاردا 1 دىن 8 گىچە كېڭەيتىلمە ئوقۇر بار. كېڭەيتىلمە ئوقۇر (Solt) قىستۇرۇش ئوقۇرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ باش لىنىيەنىڭ ئۇزارتىلىشى، شۇنداقلا باش لىنىيەنىڭ فىزىكىلىق ئىپادىلىنىشى. ئۇنىڭغا خالىغان ئۆلچەملىك ئۈسكۈنىلەرنى، مەسىلەن: كۆرسىتىش كارتىسى، كۆپ ئىقتىدارلىق كارتا، ئاۋاز كارتىسى، مودېم، پرىسلاش كارتىسى، TV كارتىسى قاتارلىقلارنى قىستۇرۇشقا بولىدۇ. باش لىنىيە بولسا كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ كۆۋرۈكى ھەر قايسى سىرتقى ئۈسكۈنىلەر ئوتتۇرىسىدا سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈلىدىغان ئورتاق يول. 8 بىتلىق كومپيۇتېرلارغا 8 بىتلىق باش لىنىيە ئىشلىتىلىدۇ. 16 بىتلىق، 32 بىتلىق، 64 بىتلىق كومپيۇتېرلارغا ئايرىم _ ئايرىم 16 بىتلىق، 32 بىتلىق، 64 بىتلىق باش لىنىيە ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان باش لىنىيە قۇرۇلمىلاردىن ISA, MCA, EISA, VESA, PCI, AGP, AMR,PCIE قاتارلىقلار بار. بۇلارغا ئىشلىتىلىدىغان ماس كېڭەيتمە ئوقۇرلار بولسا ISA كېڭەيتمە ئوقۇرى، MCA كېڭەيتمە ئوقۇرى، EISA كېڭەيتمە ئوقۇرى، VESA كېڭەيتمە ئوقۇرى، PCI كېڭەيتمە ئوقۇرى، AGP كېڭەيتمە ئوقۇرى، PCIE كېڭەيتمە ئوقۇردىن ئىبارەت. كۆپ ئۇچرايدىغان ھازىرقى ئاساسىي تاختىلاردا AGP،AMR،PCIE، PCI قاتارلىق باش لىنىيىلەر بار. مىس ھالدىكى باش لىنىيە قۇرۇلمىلىرىنى ماس ھالدىكى قىستۇرۇش ئوقۇرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. 1. ئىچكى ساقلىغۇچ قىستۇرۇش ئوقۇرى ئىچكى ساقلىغۇچ قىستۇرۇش ئوقۇرىنىڭ رولى ئىچكى ساقلىغۇچنى ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن 72 سىملىق ۋە 168 سىملىق، 184 سىملىقلىرى بار. 2. AGP قىستۇرۇش ئوقۇرى ھازىرقى ATX ئاساسىي تاختىلاردا قوڭۇر رەڭلىك قىستۇرۇش ئوقۇرى بار بولۇپ، بۇ AGP قىستۇرۇش ئوقۇرى، ئۇنىڭغا مەخسۇس AGP كۆرسىتىش كارتىسى سەپلىنىدۇ. AGP قىستۇرۇش ئوقۇرلىرىدىن AGP 8X AGP 4X AGP 2X قاتارلىقلار بار. 3. AMR قىستۇرۇش ئوقۇرى AMR بولسا 1810 ئاساسىي تاختىدىن باشلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىستۇرۇش ئوقۇرى بولۇپ قوڭۇر رەڭلىك. ئاۋاز كارتىسى ۋە مودېملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. 4. ISA قىستۇرۇش ئوقۇرى بۇرۇنقى ئاساسىي تاختىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قارا رەڭلىك قىستۇرۇش ئوقۇرى بولۇپ، ھازىر ئەمەلدىن قالدى. 5. PCI قىستۇرۇش ئوقۇرى ھازىرغىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان قىستۇرۇش ئوقۇرى بولۇپ، ئاق رەڭدە. 6. PCI_E قىستۇرۇش ئوقۇرى يېڭىدىن بېكىتىلگەن ئۆلچەمگە ئاساسەن سەپلەنگەن قىستۇرۇش ئوقۇرى بولۇپ، كۆپىنچە قىزىل، سېرىق رەڭدە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر