ئېكران رەڭگىنىڭ تەڭشەلمەسلىكى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
يېقىندىن بېرى ئېكراننى 16 بىتلىق ياكى 32 بىتلىق رەڭگە تەڭشىگىلى بولمىدى. (تىزىملىكتە يوق) قوزغاتقاندا 16 خىل ياكى 256 خىل رەڭ ھالىتىدە، بۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟
يۇقىرىقى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسنى قايتا قاچىلاپ تەڭشەڭ. يېقىندىن بېرى قاچىلىغان يۇمشاق دېتاللار بىلەن كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى توقۇنۇشۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. توقۇنۇشقان يۇمشاق دېتالنى ياكى يېقىندا قاچىلىغان يۇمشاق دېتالنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.
ئېكران تىپى توغرا تاللانمىغان بولسىمۇ يۇقىرى ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئېكران تىپىنى تەكشۈرۈڭ. توغرا تاللانمىغان بولسا توغرىسىغا ئۆزگەرتىڭ ياكى ئېكراننىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاڭ.