ئاساسىي تاختىدىكى روزىتكا
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) روزىتكىسى
ئوخشاش بولمىغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلار ئوخشاش بولمىغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ روزىتكىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئومۇمەن Pentium مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىدىن كېيىن ئاساسىي تاختىلارغا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ روزىتكىسى سەپلەنگەن، ئۇندىن بۇرۇن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بولسا، ئاساسىي تاختىغا مۇقىملاشتۇرۇلۇۋېتەتتى. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ روزىتكىسى يەنە Socket ۋە Slot دىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.
2. IDE روزىتكىسى
IDE روزىتكىسى بولسا IDE ئۇلاش ئېغىزلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئۇلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. IDE ئېغىزلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە IDE ئېغىزى مىكرو كومپيۇتېرلارنىڭ ئۆلچەملىك ئېغىزى بولۇپ قالدى. كۆپ ساندىكى ئاساسىي تاختىلاردا ئىككى IDE ئۇلاش ئېغىزى بار بولۇپ، تۆت دانە IDE ئۈسكۈنىنى ئۇلاشقا بولىدۇ.
3. يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ روزىتكىسى
ئاساسىي تاختىدا يەنە بىر يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ روزىتكىسى بار بولۇپ، ئۇنى BIOS دىن ئېچىشقا تاقاشقا بولىدۇ. بەزى ئاساسىي تاختىدىكى يۇمشاق دىسك قوزغاتقۇچ روزىتكىسى Zip ياكى LS_120 نى قوللايدۇ.
4. توك مەنبە روزىتكىسى
ئاساسىي تاختىدىكى توك مەنبە روزىتكىسى AT ۋە ATX دىن ئىبارەت ئىككى خىل. AT توك مەنبە روزىتكىسى ئىككى دانە شىتسپېل ۋە 12 دانە سىمدىن تەركىب تاپقان، AT توك مەنبە شىتسپېلنى ئاساسىي تاختىدىكى AT توك مەنبە روزىتكىسىغا ئۇلىغاندا ئىككى شىتسپېلدىكى قارا رەڭلىك سىملار ئۆزئارا قوشنا بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ATX توك مەنبە روزىتكىسى 20 تال سىمدىن تەركىپ تاپقان. ئۇندىن باشقا Pentium4 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن ماسلىشىدىغان ئاساسىي تاختىلاردا ئۆزەك پلاستىنكىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن تۆت سىملىق قوشۇمچە توك مەنبە روزىتكىسى بار. مۇلازىمىتېر (服务器) لارنىڭ توك مەنبە روزىتكىسى ئالاھىدە لايىھىلەنگەن.