UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرBIOS ئۆزىكى

BIOS ئۆزىكى

كومپيۇتېر بىلىملىرى BIOS بولسا ئاساسىي كىرگۈزۈش _ چىقىرىش سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ (Basic input output system). ئۇ بىر بۆلەك پروگراممىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭدا ئاساسىي تاختىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى ۋە سىستېمىنىڭ ئۇچۇرلىرى بار. ئاساسىي تاختىنىڭ لايىھىلىنىشى ۋە ياسىلىشى ھەرخىل بولغاچقا، BIOS نىڭ ياسىلىشىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە. ھەر بىر ئاساسىي تاختىنىڭ ئۆزىكىنىڭ BIOS ئۆزىكى بولىدۇ. BIOS نورمال بولمىسا، ئاساسىي تاختا نورمال ئىشلىمەيدۇ ياكى قوزغالمايدۇ. ئادەتتە دەۋاتقان BIOS ئۆزىكى بىر دانە ROM (ئوقۇشقا بولىدىغان ساقلىغۇچ) دىن ئىبارەت. ھازىر كۆپىنچە EEPROM كۆپ ئىشلىتىلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر