UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركۆرسىتىش كارتىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان قارا ئېكران بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچ كەلتۈرۈپ چىقارغان قارا ئېكران مەسىلىسىنى پەرقلەندۈرۈش.

كۆرسىتىش كارتىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان قارا ئېكران بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچ كەلتۈرۈپ چىقارغان قارا ئېكران مەسىلىسىنى پەرقلەندۈرۈش.

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1. قوزغالغان ۋاقىتتا سىگنال بارمۇ _ يوق دىققەت قىلىش. ئەگەر بولسا كۆرسىتىش كارتىسىدىكى مەسىلە بولىدۇ. سىگنالىنىڭ ئۇزۇن _ قىسقىلىقى ۋە قېتىم سانىغا ئاساسەن كونكرېت مەسىلىنى تاپقىلى بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بابتىن پايدىلىنىڭ. 2. ئەگەر سىگنالى بولمىسا، ئىچكى ساقلىغۇچ تولۇق ئورۇنلاشمىغان ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. 3. ئەگەر سىگنالى يوق بولۇپ ئىچكى ساقلىغۇچنى تەكشۈرۈپ بولغان بولسا، ئۇ ھالدا كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ تېگىشىشى ياخشى بولمىغان. ئېكراننىڭ ھالەت چىرىغىنى كۆزىتىش كېرەك. ئەگەر قارا ئېكران، ئېكراندىكى ھەر قايسى ھالەت تەڭشەش كۆرسەتكۈچ چىرىغىغا ئەگىشىپ توختىماستىن چاقنىسا، ئۇنداقتا كۆرسىتىش كارتىسى بىلەن ئېكراننى تۇتاشتۇرىدىغان كابىلنىڭ بېشى بوشاپ كەتكەن ياكى كۆرسىتىش كارتىسى چىڭ قىستۇرۇلمىغان.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر