UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركومپيۇتېرنى قوزغالغاندا Windows98 ئاپتوماتىك ھالدا بىخەتەر ھالەتتە قوزغىلىدۇ. قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

كومپيۇتېرنى قوزغالغاندا Windows98 ئاپتوماتىك ھالدا بىخەتەر ھالەتتە قوزغىلىدۇ. قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى بۇ ئاساسلىقى ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن ئاساسىي تاختىنىڭ ياخشى ماسلىشالماسلىقى ياكى ئىچكى ساقلىغۇچ سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن بولغان. (1) CMOS دىن ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىنى ئاساسىي تاختىنىڭ چاستوتىسى بىلەن بىردەك قىلىپ ماسلاشتۇرۇڭ. (2) سۈپىتى ياخشى ئىچكى ساقلىغۇچتىن بىرنى ئالماشتۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا سىستېمىسىنىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا سىستېمىنى ئەسلىدىكى چاستوتىغا تەڭشەش كېرەك. 2 كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئۇزۇن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ (Aword Bios). (1) ئىچكى ساقلىغۇچنى چىقىرىپ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇڭ. (2) ئىچكى ساقلىغۇچنى ئېلىپ باشقا ئىچكى ساقلىغۇچنى ئورۇنلاشتۇرۇپ سىناپ كۆرۈڭ. (3) ئىچكى ساقلىغۇچنى پاكىز سۈرتۈپ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇڭ. (4) چوتكا بىلەن ئىچىكى ساقلىغۇچ قىستۇرۇش ئوقۇرىنى تازىلاپ، پاكىز، يۇمشاق قەغەز بىلەن قايتا تازىلاپ ئىچكى ساقلىغۇچنى ئورۇنلاشتۇرسىڭىز مەسىلە ھەل بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
كومپيۇتېرنى قوزغالغاندا Windows98 ئاپتوماتىك ھالدا بىخەتەر ھالەتتە قوزغىلىدۇ. قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki