سكاننېرنى ئاسراش
كومپيۇتېر بىلىملىرى
سكاننېرنى ياخشى ئاسرىغاندا ئۆمرىنى ئۇزارتىشتىن تاشقىرى، يەنە كاشىلا پەيدا بولۇشنىمۇ ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
(1) سكاننېرنى ئىشلەتمىگەندە چاڭ _ توزاندىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.
(2) ئۇزۇن مەزگىل ئېغىر نەرسە بىلەن سكاننېرنى باستۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.
(3) توكقا تەكرار ئۇلاپ ئۈزمەسلىك كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئوپتىك قىسىملىرى، مېخانىكىلىق قىسىملىرى ئاسان بۇزۇلىدۇ.
(4) تەسۋىر چۈشۈرۈۋاتقاندا يۆتكىمەسلىك ھەم سىلكىمەسلىك كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا مېخانىكىلىق قىسىملار ئاسان بۇزۇلىدۇ.
(5) سكاننېرنىڭ ئەينىكىنى ياخشى ئاسراش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىرنىڭ ئېنىقلىقى، سۈپىتى ياخشى بولمايدۇ.
(6) CCD سكاننېرنى ئىشلەتكەندە، ئاۋۋال قىزىتىپ ئىشلەتكەندە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.