UyghurWiki›كومپيۇتېر›فورماتلىغاندىن كېيىن قاتتىق دىسكا سىغىمى ئۆلچەملىك سىغىمىدىن كىچىك بولۇشى نېمە ئۈچۈن؟
فورماتلىغاندىن كېيىن قاتتىق دىسكا سىغىمى ئۆلچەملىك سىغىمىدىن كىچىك بولۇشى نېمە ئۈچۈن؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئادەتتە قاتتىق دىسكىنى فورماتلىغاندىن كېيىن سىغىمىنىڭ ئەسلىدىكى سىغىمىدىن كىچىك بولۇشى نورمال ئەھۋال. بىراق پەقەت %20 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەگەر پەرق %20 دىن ئېشىپ كەتسە BIOS پارامېترىغا كىرىپ قاتتىق دىسكىغا مۇناسىۋەتلىك پارامېترلارنى مۇۋاپىق قىلىپ تەڭشەڭ. ئەگەر يەنىلاھەل بولمىسا، ئاساسىي تاختا چوڭ سىغىمدىكى قاتتىق دىسكىنى قوللىمايدىغان سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا BIOS نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ.
يۇقىرىقىدەك ئەھۋال سىغىمدىكى قاتتىق دىسكا بىلەن كونا تىپتىكى ئاساسىي تاختىلاردا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا توساتتىن توك كېتىش سەۋەبىدىن BIOS پارامېترلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشىمۇ مۇمكىن.