لوقماننىڭ ۋەسىيىتى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندىكى زات - داڭلىق تىۋىپ لوقمان ھېكىم دۇنيادىكى بارلىق گۈل - گىياھ، ھايۋنلارنىڭ تىلىنى ھېكىم بىلىدىكەن. لوقمان ھېكىم سىرتقا چىقىسا، گۈل - گىياھ: «مەن پالانى كېسەلگە داۋا» دىيىشىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىدىكەن. ھەرقانداق جايدا ساقايمايدىغان كېسەللەر لوقمان ھېكىمنىڭ قولىدا ساقىيىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە لوقمان ھېكىم ئاغرىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ بىرلا ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرىپ:
- ئوغلۇم، مەن بۇ ئاغرىشىمدا ساقيىپ كەتسە ياخشى مۇبادا ساقىيالماي قالسام، ساڭا مۇنۇ ئۈچ ۋەسىيەتنى قالدۇرىمەن. ئەمەل قىلساڭ زىيان كۆرمەيسەن. بىرىنچىسى، سىرىڭنى ئايالىڭغا ئېيتما، ئىككىنچى، چوغال بىلەن ئاغىنە بولما، ئۈچىنچىسى، ناكوسدىن قەرز ئالما، - دەپتۇ. ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەي لوقمان ھېكىم ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئۇ ئوغۇم ئاتىسىدىن كېيىن قېلىپ خېلى ئۇزۇنغىچە دادىسىنىڭ ۋەسىيەتلىرىگە ئەمەل قىپتۇ. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ كاللىسىغا «دادامنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى بىر سىناپ كۆرمەيمۇ؟» دېگەن خىيال كەپتۇ. ئۇ، يوشۇرۇن ھالدا بىر ئۆچكىنى ئۆلتۈرۈپ تاغارغا سولاپتۇ. قولى قان يۇقى ھالدا ئايالىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ - دە، ئايالغا:
- مەن بۈگۈن بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ئىدىم. غەزىپىمنى باسالماي بوغۇزلىۋەتتىم. بۇ تاغاردىكى شۇنىڭ ئۆلۈكى بۇنى دەرھال بىر يەرگە كۆمۈۋېتەيلى. كەل، ياردەملەشكىن، - دەپتۇ. خوتۇنى ماقۇل بوپتۇ. ئۇلار ھېلىقى ئۆچكىنى تاغىرى بىلەنلا ئېغىلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كۆمۈۋېتىپتۇ. ئۇ خوتۇنىغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيىتماسلىقنى تاپىلاپتۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، ئوغۇل ئاتىسىنىڭ ئىككىنچى ۋەسىيىتىنى سىناپ كۆرمەكچى بوپتۇ ۋە ئۆزىدە پۇل يېتىپ ئاشقۇدەك بولسىمۇ بىر تونۇش، ناكوسا ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرز ئاپتۇ.
كۈنلەر، ئايلار ۋە يىللار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئايالى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. خوتۇن: - سەن دىگەن قاتىل! ئۆتكەندە بىرىنى ئۆلتۈرۈپ ئېغىلغا كۆمۈۋەتتىڭ. ئەمدى مېنى ئۆلتۈرەي دەمسەن! - دەپ جار ساپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئەتراپتىكى خولۇم - خوشنىلار ئاڭلاپتۇ. ئاخىرى بۇ گەپ سىتقا تارىلىپ ئامبالنىڭ قولىقىغا يېتىپتۇ. ئامبال دەرھال دوغلىرىنى بۇ ئوغۇلنى تۇتۇپ ،كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئامبال دەرھال دوغلىرىنى بۇ ئوغۇلنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ ۋە دوغلاردىن:
- قايسىڭ ئۇنىڭ ئۆيىنى بىلىسەن؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلى بىلەن دوست بولغان ھېلىقى دوغا ئالدى بىلەن:
- مەن بىلىمەن! - دەپتۇ - دە، يايىلانى يىگىتنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كەپتۇ. كەپتۇ - دە، يىگىتنى چەمبەرچەس باغلاپ، ئامبالنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەپتۇ. يىگىت يامۇلنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ھېلىقى مىڭ تىللا قەرز بەرگەن ئادەم كۆرۈپتۇ - دە، كۆزىنى يۇمۇپلا «سېنىڭدە ئىككى مىڭ تىللا پۇلۇم بار، بەرگىن» دەپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپتۇ. ئامبالمۇ گەپ سورىمايلا يىگىتنى ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. ھېلىقى دوغا ئۇنى ھەر - بىر ئۇرغاندا: «مەن گۇناھكار، دىگىن» دەپ مەجبۇرلايدىكەن. لېكىن بۇ يىگىت «ئامبال گۇناھكار!» دەۋېرىپتۇ. ئاخىرى ئامبال دەرغەزەپ بولۇپ: - ھەي، سەن بىر قاتىل تۇرۇپ يەنە مەن گۇناھكارمۇ؟ - دەپتۇ.
شۇچاغدا يىگىت:
- جانابى ئامبال، سىز باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا، ئىشنى ئىنچىكە تەكشۈرمەي ماڭا ئۇۋال قىلىۋاتىسىز، ئىشنىڭ تېگى مۇنداق ئىدى، - دەپتۇ ۋە دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىدىن تارتىپ تاكى ئۆزىنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى سىناق قىلغانلىرىغا قەدەر سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئاخىرىدا:
- دادامنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ قىممىتىگە ئەمدى يەتتىم. دادام راسىتى ئېيتقان ئىكەن. دىمەك، ئاتا - ئانىنىڭ نەسىھىتى ھىچقاچاندا زىيانلىق بولمايدىكەن، - دەپ گېپىنى تاماملاپت.
ئامبال ئۆزىنى تۇتۇۋاپتۇ. يىگىتكە يايلارنى قوشۇپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپتۇ. يايلار ھېلىقى تاغار كۆمگەن يەرنى ئاچقان ئىكەن، راستىنلا بىر ئۆچكىنىڭ سۆڭەكلىرى، مۈڭگۈزلىرى ۋە چىرىپ كەتكەن تاغار پارچىلىرى چىقىپتۇ. ئامبال يىگىتنىڭ سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىپ تۆھمەتخور خوتۇننى، دوغىنى ۋە ھېلىقى پۇل قەرز بەرگەن نامەرتنى زىندانغا سېلىپ، يىگىتكە نۇرغۇن مال - دۇنيا ئىنئام قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ ئۆيىگە قايتۇرۇپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ساۋۇت سەيدۇللا.