تادان بىلەن نادان
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا تادان بىلەن نادان ياشىغان ئىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپ، بۇ ئىككىسى ئوقەت قىلىپ، پۇل تېپىپ كېلىش ئۈچۈن، يۇرتنى تاشلاپ يەنە بىر شەھەرگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ، تادان ناداننى ئالداپ:
- دوستۇم،چۆللەرنىڭ كەينىدە چۆللەر تۇرۇپتۇ. يۈك ئېغىر، ئۇنى كۆتىرىپ ئاۋارە بولغىچە، بىرىمىزنىڭ ئوزۇقىنى يەۋېتەيلى - دە، بىرىمىزنىڭ يۈكىنى دەملىشىپ كۆتىرەيلى، - دەپتۇ. نادان ماقۇل بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئالدى بىلەن ناداننىڭ ئوزۇقىنى يەپ تۈگىتىپتۇ. كۈن كەچ كىرىپ ئۇلار چۆل ئىچىدە قونۇپتۇ. ناداننىڭ قوسىقى بەك ئېچىپ كېتىپ:
- ئاغىنە، ئانچە - مۇنچە ناشتا قىلىۋالمايلىمۇ، - دەپتۇ تادانغا. نادان:
- ئاداش، يىسەكمۇ ئۇخلايمىز،يىمىسىكمۇ ئۇخلايمىز، يىگەندىن يىمىگەن ياخشى، - دەپتۇ. نادان ئۇ كۈنى ئاچلا يېتىپتۇ.
ئەتىسى تاڭ ئېتىپ كەچ كىرگىچە يول يۈرۈپتۇ.
- ئاداش، قوساقنى توقلىۋالايلى، - دەپتۇ ماغدۇرسىزلانغان نادان.
- قوساق توق بولسا، ئادەم ئېغىرلىشىپ كېتىپ، يول مېڭىش قىيىن بولىدۇ، - دەپ ئۇنىماپتۇ تادان.
ھېچ ھالى قالمىغان نادان ئاخىرى تاداندىن ئايرىلىپ قاپتۇ. نادان ئۆلۈپ قالساممۇ دوڭنىڭ ئۈستىدە قالاي دەپ ئويلاپتۇ - دە، دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىسا، يەن ەبىر دوڭ كورۈنۈپتۇ.
نادان شۇ دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئارقىدىنلا ئىككى بۆرە تۆۋەنكى دوڭگە چىقىپتۇ. بۆرىلەر شۇ دۆڭدە توختاپ پاراڭغا چۈشۈپتۇ:
- مۇشۇ دۆڭنىڭ ئاستىدا ئۈچ كوزا ئالتۇن بار، شۇنى ئېلىش كېرەك ئىدى، - دەپتۇ بۆرىلەرنىڭ بىرسى.
- بايقى باينىڭ ئۈچ كوزا ئالتۇنى بار، لېكىن ئۇنىڭ مېھرىگىيا يىگەن بىر تىكىسى بار، ئۇ بار يەرگە قەدەم بېسىشقا بولمايدۇ. ئۇنى يوقىتىشنىڭ چارىسى بولسا، - دەپتۇ يەنە بىرسى.
- ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئاسان، مۇشۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ بىر قارغۇ قىزى بار. ئۇنى كۆرمىگەن تىۋىپ قالماپتۇ. لېكىن كۆزى ئېچىلماپتۇ. ئاشۇ تېكىنىڭ قېنىنى كۆزىگە سۇرسە ئېچىلاتتى. بۇنى پادىشاھقا ئېيتىدىغانلار بولسا، تېكىمۇ يوقىلاتتى. - دەپتۇ. بىرىنچى بۆرە.
نادان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپتۇ. بۆرىلەر دوڭدىن كېتىشىگە، ئۇ پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ. بىر مەھەللىگە بېرىپ قوسىقىنى توقلاپتۇ. يەن مېڭىپتۇ، ئۇ نامازشام ئارىلاپ پادىشاھنىڭ شەھىرىگە كىرىپتۇ. كوچىدا پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ كۆزىنى كىم ئاچسا، شۇنىڭغا بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان چاپلىنىپ كېتىپتۇ. نادان شۇ كۈنى پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا بېرىپتۇ. ئۆزىنىڭ ئۇستا تىۋىپ ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇن يول بېسىپ قىزنىڭ كۆزىنى ئېچىش نىيىتىدە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ۋەزىرلەر بۇنىڭ كەلگەنلىكىنى پادىشاھقا خەۋەر قىپتۇ.
پادىشاھ ئۇنى چاقىرتىپ:
- خوپ، - دەپتۇ. نادان.
- نادان قىزنى كۆرۈپ، بايقى تېكىنى ئېلىپ كېلىشنى بويرۇپتۇ. پادىشاھنىڭ خىزمەتچىلىرى تېكىنى ھايال قىلماي يەتكۈزۈپ كەپتۇ. تېكىنى بوغۇزلاپ قېنىنى قىزنىڭ كۆزىگە سۈركىگەن ئىكەن. كۆزى پاللىدە قىلىپ ئېچىلىپ كېتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئادەتتىن تاشقىرى خوشال بولۇپ، 41 كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ، قىزىنى نادانغا چېتىپ قويۇپتۇ ھەم ناداننى ئوڭ قول ۋەزىر قىلىپ تەيىنلەپتۇ.
بىر كۈنى نادان نۆۋكەرلىرىنى باشلاپ ئوۋغا كېتىۋاتسا، ئۇنىڭغا تادان ئۇچراپ قاپتۇ. نادان ھېچقانچە ئاداۋەت ساقلىمايلا تادان بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. تادان بۇنىڭغا ناھايىتى ھەيران بولۇپ:
- ھۆرمەتلىك ئاغىنەم،قانداقلارچە مۇشۇنداق بەختكە ئېرىشەلىدىڭ، - دەپ سوراپتۇ.
نادان بېشىدىن ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى ئەينى پېتى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ.
تادان بۇلارنى ئاڭلاپ، ئاغىنىسى ناداندىن ئايرىلىپ ھېلىقى دوڭگە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. ئۇ بېرىپ تۆۋەنكى دوڭدىلا ئولتۇرۇپتۇ، كەچ كىرىپتۇ. ھېلىقى بۆرىلەر كەلمەپتۇ. تادان ئەتىسى يەنە كېلىپ دوڭدە ئولتۇرپتۇ. بۆرىلەر يەنە كەلمەپتۇ. ئاخىرى پۇشايمان قىلىپ قايتىپتۇ.