UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئۈچ مىڭ تىللالىق ئۈچ سۆز

ئۈچ مىڭ تىللالىق ئۈچ سۆز

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا بىر باي ئادەم ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ بىر يالغۇز ئوغلى بار ئىكەن، دادىسى ئوغلىغا ناھايىتى ئامراق ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ >ئوغلۇم مېنىڭدىن كېيىن قالغاندا بىر كىمگە خار بولمىسۇن، بىر ھۈنەر ئۆگىتىپ قوياي< دەپ ئويلاپ، ئوغلىغا مەسلىھەت ساپتۇ. - سودىگەرچىلىك قىلسام، - دەپتۇ ئوغلى. دادىسى ئوغلىنى شۇ يۇرتتىكى سودىگەرلەرگە قوشۇپ، مىڭ تىللا بىلەن يولغا ساپتۇ. ھېلىقى بالا بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپ بىر بېكەتكە كەپتۇ. بۇ بېكەتنىڭ ئالدىدا بىر قېرى بوۋاي ئولتۇرغانىكەن، ئۇ بالىدىن: - ئوغلۇم، نەگە بارىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئاتام بەرگەن مىڭ تىللا بىلەن سودىگەرچلىك قىلىش ئۈچۈن باشقا يۇرتقا كېتىپ بارىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى بالا. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ بوۋاي، - مېنىڭ بىر ھېكىمەتلىك سۆزۈم بار، مىڭ تىللاغا ساتىمەن، شۇنى ئالغىن، مال - دۇنيا تېپىلىدۇ. >مۇشۇ بوۋاينىڭ ھېكمەتلىك سۆزىنى ئېلىپ ئەقلىمنى ئاشۇرايا دەپ ئويلاپ مىڭ تىللانى بېرىپتۇ، بوۋاي مىڭ تىللانى ئېلىپ: - بالام، بۈگۈنكى ئاچچىقنى ئەتىگە قوي، - دەپتۇ. بالا بۇ سۆزنى ئېلىپ، سودىگەرلەردىن ئايرىلىپ، >مېنىڭ سودام تامام بولدى< دەپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. بالا شەھەرگە يېقىن كەلگەندە، دادىسى بالىسى ھەققىدە >ناھايىتى نۇرغۇن مال ئېلىپ كېلىۋاتقۇدەكمىش< دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئالدىغا چىقىپتۇ. بۇ بالىنىڭ نېمە ئەكەلگەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن چىققان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەسكەن. بالىسىنىڭ قۇرۇق كەلگەنلىكىنى كۆرگەن دادىسى گەپ قىلماي قايتىپ كېتىپتۇ. باشقىلار >مېلى ئارقىدا كېلىۋاتقۇدەك< دېيىشىپ كىرىپ كېتىپتۇ. دادىسى بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بالىسىنىڭ نېمە ئەكەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. بالا ھېلىقى مىڭ تىللاغا ئالغان سۆزنى ئېيتىپ بېرىپتۇ، دادىسى ئوغلىنى شۇنچە پۇلنى ئورۇنسىز يوقىتىپ قويغانلىقىغا ئېچىنىپ >قانداق قىلسام بولار؟< دەپ ئويلاپتۇ - دە، يەنە مىڭ تىللا بېرىپ، ئىككىنچى قېتىم سودىگەرچىلىككە ماڭدۇرۇپتۇ. بالا بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپ، يەنە ھېلىقى بوۋاي تۇرغان يەرگە كەپتۇ. بوۋاي بالىغا: - بالام، ياخشى كەپسەن، يەنە بىر سۆزۈم بار، مىڭ تىللا بەرسەڭ بۇ سۆزنىمۇ ئېيتىپ بېرىمەن، - دەپتۇ. بالا: - ئېيتىسلا، ياخشى سۆز بولسىلا ئالىمەن، - دەپتۇ. بوۋاي: - بالام ھەر كىمنىڭ سۆيگىنى ئۆزىگە ياخشى، - دەپتۇ. بالا بوۋاينىڭ بۇ سۆزىگىمۇ مىڭ تىللا بېرىپ، يۇرتىغا قايتىپتۇ ۋە دادىسىغا مىڭ تىللاغا يەنە بىر سۆز سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. دادىسى ناھايىتى خاپا بولۇپتۇ، ئىچىدە >بولۇپتۇ، مەرتەم، مەرتەم - ئۈچ مەرتەم، دەپتىكەن، يەنە بىر مەرتەم ئەۋەتىپ كۆرەي، ئەگەر يەنە شۇنداق قىلسا ئاندىن ھەيدىۋېتەي< دەپ ئويلاپتۇ. يەنە مىڭ تىللا بېرىپ ئۈچىچنى قېتىم يولغا ساپتۇ. بۇ قېتىممۇ بالا يەنى ھېلىقى بوۋايغا يولۇقۇپتۇ. بوۋاي: - بالام، يەنە بىر سۆزۈم بار، مىڭ تىللا بەرسەڭ دەپ بېرىمەن، - دەپتۇ. - بوپتۇ ئېيتسىلا، ياخشى سۆز بولسا ئالىمەن، - دەپتۇ بالا. - بالام، قورقماس ئادەمدىن ھېچ نەرسە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، - دەپتۇ. بالا بۇ سۆزنىمۇ مىڭ تىللاغا ئېلىپ، دادىسىنىڭ قېشىغا كەپتۇ. دادىسى بۇ قېتىممۇ بالىسىنىڭ يەنە مىڭ تىللاغا بىر ئېغىز سۆزنى سېتىپ ئەكەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان غەزىپى ئۆرلەپ: - خوتۇنۇڭ بىلەن نېمە قىلساڭ قىل، سەندەك بالام يوق، - دەپ ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. بالا نېمە قىلىشىنى بىلمەي، خوتۇنى بىلەن بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپ بىر شەھەرگە كەپتۇ. بۇ شەھەردىن ئۇ ئۆزى بىلەن بۇرۇن بىللە سەپەرگە چىققان سودىگەرلەر ئۇچراپتۇ. سودىگەرلەر بالىدىن نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. بالا بولغان ۋەقەنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ يىللىق سەپەر، بىز بىلەن بىللە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىڭ، ئاڭغىچە دادىڭىزنىڭ ئاچچىقى يېنىپ قالار، - دەپتۇ. بالا خوتۇنىغا ئون سەككىز يىللىق خىراجەت بېرىپ، سودىگەرلەر بىلەن سەپەرگە چىقىپتۇ. ئۇلار بىر ئايدەك يول مېڭىپ، بىر قۇملۇق چۆلگە چىقىپتۇ. بۇ چۆلدە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆلۈكلىرىنى ھەم يەنە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەي دەپ قالغان نۇرغۇن كارۋانلارنى ئۇچرىتىپتۇ. ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسە، بۇ يەردە بىر قۇدۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۇرۇپ - تۇرۇپلا سۇ چىقماس بولۇپ قالىدىكەن. كارۋانلار بۇنداق چاغلاردا بىر كىشىنى قۇدۇققا سالىدىكەن، بۇ قۇدۇقتىن ئۆتسە، ئون كۈندە ئاندىن سۇ بار يەرگە بارىدىكەن. بۇ يەردىن سۇ ئىچىپ، ئۇسسۇزلۇق ئېلىپ ماڭسا، ھەممە يولۇچىلار قىرىلىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ قۇدۇققا نۇرغۇن كىشىلەر چۈشكەن بولسىمۇ، سۇ تۇرماق ئادەملەرمۇ قايتىپ چىقماپتۇ. بالىنىڭ يادىغا بوۋايدىن مىڭ تىللاغا سېتىۋالغان >قورقماس ئادەمدىن ھېچ نەرسە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ< دېگەن سۆز كەپتۇ - دە، بىللە كەلگەن سودىگەرلەرگە: - ئۆلسەم بالا - چاقامغا قاراپ قويارسىلەر، ئەگەر ئۆلمىسەم يولۇچىلارغا سۇ يەتكۈزۈپ بېرىمەن، - دەپ قۇدۇققا چۈشمەكچى بولۇپتۇ. بارلىق كارۋانلار: - ئەگەر سىز مۇشۇ يەردىن سۇ ئېلىپ چىقسىڭىز، سىزگە كۆپ نەرسە ئىنئام قىلىمىز، - دەپتۇ. بالا قۇدۇققا چۈشۈپتۇ. قارىسا قۇدۇقتا بىر موماي ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىر يېنىدا پاقىدەك سەت بىر قىز، يەنە بىر يېنىدا ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز بار ئىكەن. بالا: - ئەسسالام موما، - دەپ سالام بېرىپتۇ. موماي بالىنىڭ سالىمىنى ئېلىپ: - نېمە ئۈچۈن چۈشتۈڭ بالام؟ مەقسىتىڭنى ئېيتقىن، - دەپتۇ. - بىز يول ئۈستىدىكى كارۋانلار ئىدۇق، كۆپ ئادەملەر ئۇسسۇزلۇقتا قالدى، شۇلارغا سۇ ئالغىلى چۈشتۈم، شۇ كىشىلەرگە رەھىم قىلىپ سۇ بەرسىڭىز، - دەپتۇ بالا، موماي: - بىر سۇئالىم بار، شۇنىڭغا جاۋاب بەرسەڭ سۇ بېرىمەن، بولمىسا ئۆزۈڭمۇ قايتىپ چىقىپ كېتەلمەيسەن، - دەپتۇ. سوراڭ، بىلىشىمچە جاۋاب بېرەي، - دەپتۇ بالا. - ماۋۇ پاقا قىز چىرايلىقمۇ ياكى ماۋۇ قىز چىرايلىقمۇ؟ - دەپتۇ موماي. بالا بىردەم ئويلىنىۋېلىپ، دەرھال ھېلىقى مىڭ تىللاغا سېتىۋالغان سۆز يادىغا كەپتۇ - دە: - ھەر كىمنىڭ سۆيگىنى ئۆزىگە چىرايلىق، - دەپتۇ. موماي ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ، سۇ ئېلىشقا رۇخسەت قىلىپتۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۇغا چۈشكەنلەر چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ >مۇشۇ قىز چىرايلىق< دەپتىكەن، موماي پاقىدەك سەت قىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن سۇمۇ بەرمەپتىكەن ھەم ئۆزلىرىنمۇ ساق قويمىغانىكەن. ئۇ كارۋانلارنىڭ بەرگەن ئىنئاملىرى بىلەن كاتتا بىر سودىگەر بولۇپ قاپتۇ. باشقىلار بىلەن جاھاننى ساياھەت قىلىپ، كۆپ شەھەرلەرنى ئايلىنىپ، ئون سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆز شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، يېرىم كېچىدە خوتۇنىنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بىر يىگىت خوتۇننىڭ يېنىدا ياتقان، ئۇنىڭ جان - پېنى چىقىپ، قىلىچىنى غىلاپىدىن ئېلىپ، ھېلىقى يىگىتنىڭ بېشىنى كەسمەكچى بولۇپ تەمشىلىپتۇ - دە، دەرھال بوۋاينىڭ >بۈگۈنكى ئاچچىقنى ئەتىگە قوي< دېگەن سۆزى يادىغا چۈشۈپتۇ. ئاچچىقىدىن يېنىپ يېتىپ قاپتۇ، ئەتىسى خوتۇنىدىن: - مەن ئون سەككىز يىلدىن بۇيان نۇرغۇن جەبىر - جاپالارنى تارتىپ كەلسەم، سەن بىر يىگىت بىلەن ياتقىنىڭ نېمىسى؟ ئەمدى سېنى نېمە قىلاي، ئۆزۈڭ سۆزلە، - دەپتۇ بالا. - سىز بار ۋاقىتتا بويۇمدا قالمىغانمۇ؟ سىز كېتىپ تۇغدۇم، ھازىر بۇ بالا ئون سەككىز ياشقا كىرى، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ بالىسى،م - دەپتۇ خوتۇنى. بالا ئۆزىنىڭ يېڭىلىشقانلىقىنى بىلىپ خوتۇنىدىن ئەپۇ سوراپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار خۇشال - خۇرام ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
ئۈچ مىڭ تىللالىق ئۈچ سۆز | UyghurWiki | UyghurWiki