UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقداستىخان مەيدانىدىكى جەڭ

داستىخان مەيدانىدىكى جەڭ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا، يەر تەۋرىگەن يىلى، ماھى شەئبانغا بىر كەم ئوتتۇز ئىدى. ئوچاق مەملىكىتىنىڭ قازان شەھىرىگە قاراشلىق مانتاگۇڭ بېگىمنىڭ چوڭ قىزى جۇۋاۋىخان، كىچىك قىزى چۆچۈرىخانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، بارلىق غىزا ئەربابلىرىنى چاقىرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزسەك، دېگەن نىيەت بىلەن ھەر قايسى تارماقلارغا ئېلاننامە ئەۋەتتى. ئۇلار داستىخان مەيدانىنى كەڭ ئېچىپ، ئۆزلىرى تەكلىپ قىلىشقان بارلىق غىزا ئەربابلىرىنىڭ تولۇق كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندا، مەيدانغا ئەڭ بالدۇر جۇۋازچى مەھەللىسىدىكى توختى چەلپەكنىڭ بوۋىسى پوشكال قازاخۇنۇم كەلدى. ئۇنىڭ كەينىدىن كۆكتاتچىلىق ئەترىتىدىكى تۇرۇپ خېنىم نازۇك بويۇنلىرىنى غازدەك سوزۇپ پەم بىلەن كېسىلىپ مېھمانلارغا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويغاندىن كېيىن تاشقىرىقى شىپاڭدىن ئورۇن ئالدى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئون بارماقنىڭ يېقىن سىردىشى، توقۇمچىلىق فابرىكىسىنىڭ خەۋەرچىسى لۆڭگە خېنىم ئالاھىدە ئولتۇرغان قونداق ماكانىدىن سەكرىدى - دە، بىرلا موللاق ئېتىپ، ساھىبخاننىڭ مۈرىسىگە ھاپاش بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەمنەپەسلىرىدىن ئاپتوۋاسىراپ، چىلاپچى شالداملار مەيدانغا چۈشۈپ لۆڭگە خېنىمغا كۆز ئىشارىسى قىلغاچ مېھمانلار بىلەن ئۈچ قېتىمدىن كۆرۈشۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يۇرتنىڭ ياش - ئۆسمۈرلىرىدىن بلغان پىيالە يىگىتلەر سەپ - سەپ بولۇپ يېتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن >پوش - پوش!< دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، بۇ بولسا تاشقىرىدىكى ساماۋەر پىرىمنىڭ ئاۋازى ئىدى، ئۇنىڭ مۇرىتلىرىدىن بولغان چەينەكۋاي ئىلمەك بىلەن نوقۇلاپ پىيالە يىگىتلەرنىڭ نالە - پەريادىغا قارىماستىن، ئۇلارنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرۋەتتى. ساماۋەر پىرىمنىڭ غەزىپى كەلدى بولغاي، باشقىلارنى مەنسىتمەي سەكرەپ قاينىغىلى تۇردى. ئۇدۇلقى كوچىدىن >پوش!< دېگەن ئاۋاز بىلەن، پەتنۇس خېنىمنىڭ ئالقىنىدا ئولتۇرۇپ، تونۇر ئەۋلىياھلىرىدىن بولغان ھەزرىتى قازى كالان - مەززە تۆرەم يېتىپ كەلدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا سىنچاي خېنىم قەنت - ناۋات، قايماق، تۇخۇم، شېكەر، سۈت، ئاقمۇش، مىخداچىن، قوۋزاقداچىن ۋە شۇنىڭدەك دورا - دەرمەكلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا يېتىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن قاتلىما قازاخۇنۇم چۇۋۇلغان سەللىسىنى تۈزەپ مەزەخان تۆرەمنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان سامسا خېنىم ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالماي كۆزلىرىدىن ياش ئېقىتقان پېتى، قاتلىما قازا خۇنۇمنىڭ سەللىسىنى چۇۋۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ ۋاقىتتا داستىخان مەيدانىدىكىلەر >دۇرۇس< دېيىشىپ، باشلىرىنى لىڭشىتىشتى. سامسا خېنىم بىرىنچى قېتىملىق جەڭدە ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، چازانى كەڭ قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، مېھمانلار بىلەن ساھىبخانلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاشقازان شەھىرىدە ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى. سىنچاي خېنىممۇ سامسا خېنىمنىڭ سەپەر ئۈستىدە پۇتلىكاشاڭغا يولۇقۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا يۈرۈپ كەتتى. مېھمانلار ئىچىدە بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، شېكەرشۈن خېنىم موللاق ئاتقىنىچە بوۋىسى بىشەكشۈن ھاجىمنىڭ پاك مۈرىسىگە ئۆزىنى تاشلاپ تۇرۇشىغا، ئۆز ئەۋلادلىرىدىن بولغان كۆكچى نوچى، چاچۈرۈك مەخسۇم، قارا قاش خېنىملار غەزەپكە كېلىشىپ، ئۆزلىرىنى پارە - پارە قىلغان پېتى كەينى - كەينىدىن ھاممام دەرۋازىسى ئىچىگە كىرىپ كەلتتى. بۇلارنىڭ رەقىبلىرىدىن بولغان تاۋۇزجان قارىمۇ مۇبارەك قارا تەسۋىلىرى دانە - دانە بولۇپ، داستىخان مەيدانىغا چېچىلىپ كەتتى، بىر ھازاغىچە داستىخان ئەھلى جامائەتلىرى ياقىلىرىنى تۇتۇپ توۋا قىلىشتى. بىرىنچى قېتىملىق جەڭ ئاياغلاشقاندىن كېيىن، داستىخان مەيدانىغا گۆش مىرشاپلىرىدىن شورپا غوجىكام تەخسە ئۈستىدىكى چىنە ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، قارا مۇچ تەسۋىلىرىنى يانچىپ يۈزىگە سەپكەن ھالدا كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ يېتىپ كەلدى. ئارقىدىنلا گۆش مىرشاپلىرىمۇ تىرى - پىرەن قىلىندى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوشۇق پالۋان ئارقىلىق چۆچۈرە بۈۋىمگە ئەلچى ئەۋەتىلدى. چۆچۈە بۈۋىمۇ قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ، چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ كەلدى - يۇ، ئالچىگە تۇتۇق بەرمەي يۈرگىنىدە قوشۇق پالۋان كېلىپ ئالقىنىغا ئالدى - دە، خالايىققا بىر كۆرسىتىپ قويۇپ، دەرغەزەپ بىلەن ھاممام دەرۋازىسىغا ئىتتىرىۋەتتى. دەرۋازا ئىچىدە پوستا تۇرۇۋاتقان ئاق كىيىملىك ئوتتۇز ئىككى ساقچى چۆچۈرە بۈۋىمدىن شۇنداق ئىنتىقام ئالدىكى، دەسسەپ - يانجىپ تاشلاپ، قىزىل ئۆڭگەچ كوچىسى ۋە ئاشقازان شەھىرى ئارقىلىق ئوبۇرنى زىندانىغا پالىۋەتتى. بۇ ماجرادىن كېيىن، يۇتازا مەخسۇم قاسقان ھۇجرىسىدىن تەرلىگەن ھالدا ئالدىراشلىق بىلەن ئېغىناپ يېتىپ كەلدى ۋە تەخسىگە ئولتۇرۇۋالاي دېيىشىگە، مانتا گۇڭ بېگىم قاپاقلىرىنى تۈرگەن، قورساقلىرىنى پومپايتقان ھالدا ئاچچىقى بىلەن داستىخان مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن لازا دارىن، شوسەي كوجاڭ، چەيزە شەنجاڭ، ئاچچىقسۇ لوزۇڭ، تۇرۇپ شوسەيلەر ئايرىم - ئايرىم تەخسىگە ئولتۇرۇپ، چوكا مىلتىقلىرىنى بەتلەپ تۇرۇشتى ۋە بۇ يېڭى مىھمانلارغا تۆرىدىن ئورۇن بېرىشتى. بىر ئازدىن كېيىن شوسەي كوجاڭنىڭ كۆزى مانتاگۇڭ بەگكە چۈشۈپ قالدى. بۇلار ئىلگىرى مەنمەنچىلىك قىلىشىپ جېدەل قىلىشىپ، كېيىن پەسكارغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمدى يەنە ھومۇيۇشۇشقا باشلىدى. شوسەي كوجاڭنىڭ ئاچچىقى تۈۋىدىن كېلىپ پۇتىنى يەرگە ئۇرۇپ، چەيزە شەنجاڭغا مانتاگۇڭ بېگىمنى كۆرسىتىپ ئۇنى چاقتى. ئۇنىڭغا >چوكا مىلتىقلىرىنى بەتلەپ تۇرۇپ، ئاچچىقسۇ لوزۇڭغا مىلەپ، قورسىقىنى يېرىپ تاشلاشقا تەيىنلەنسۇن< دەپ ئىجازەت بېرىلگىنى ئۈچۈن، >خوش - خوش< بىلەن ھۆكۈم ئىجرا قىلىندى. ئۇندىن كېيىن مانتاگۇڭ بەگنىڭ پىتنە - ئىغۋاچىسى يۇتازا مەخسۇمنى جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېلىشىپ، سەللىسىنى چۇۋۇپ تاشلاپ تىرەپىرەن قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى. سىنچاي خېنىملارمۇ جېدەلنىڭ چوڭۇيۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ تەرەپ - تەرەپكە يۈگۈرۈشكە باشلىدى. بىردەمدىن كېيىن ھەزرىتى شاھى سولتان پولۇ كەپكۈر سادالىرىنى ياڭرىتىپ، قالتىس مەغرۇرلۇق بىلەن كىرىپ، ئېغىزىدىن ھور چىقارغان ھالدا كېرىلىپ ئولتۇردى. پۈتۈن غىزا ئەربابلىرى:>پولونىڭ ئۈستىگە چىقالايدىغان بىرمۇ نوچى يوق< دېيىشىپ تۇرۇشىغا، سەۋزىنىڭ ئالدىدا ياغلارنى يۈز - كۆزىگە سۈركىۋالغان قارا پاقلان داشقازاننىڭ تېگىدىن غەزەپ بىلەن ئىككى قېتىم سىلكىنىپ ئېتىلىپ كەلدى - دە، شاھى سولتان پولونىڭ ئۈستىگە چىقىپ، پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇردى. بۇ ھالنى كۆرگەن داستىخاندىكى بارلىق غىزا ئەربابلىرى قاتتىق كۈلۈشۈپ، كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى. داستىخاندىكى غىزا ئەربابلىرى>پولونىڭمۇ ئۈستىگە چىقالايدىغان نوچىلار بارئىكەن< دېيىشتى. ھەزرىتى شاھى سۇلتان داستىخانغا ھەمىشە غىزا ئەربابلىرىنىڭ ھەممىسى يىغىلسىلا، بىر - بىردىن ئورۇن تالىشىپ جېدەل چىقىرىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئويلاپ، قايسىسىنى خىزمەتكە تەيىنلەش، قايسىسىنى جازالاش توغرىسىدا ۋەزىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەنىكەن. ئۇ، ئىلگىرى تۈزگەن ئادىل ھۆكۈمنى داستىخان مەيدانىدا ئېلان قىلدى: ئىناۋەتلىك ھۆكۈم: 1. مانتا بەگنىڭ چوڭ قىزى جۇۋاۋىخان، كىچىك قىزى چۆچۈرە بۈۋىملەر ئاچچىق ئۆچەي مەھەللىسى، تاتلىق ئۈچەي كوچىسى ئارقىلىق قېرىن داتاڭغا ھەيدەپ كىرگۈزۈلۈپ، تۆشۈك دەرۋازىسىدىن چىقىرىپ خالا زىندانىغا تاشلانسۇن! 2. چۆچۈرە بۈۋىم ۋە جۇۋاۋىغا مېھماننىڭ ئالدىدا مەنمەنلىك قىلىپ، ۋاقىتنى كۆپ ئېلىپ، ئادەم ئەخمەق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئورنىغا ساپ نىيەتلىك مەنچىزە خېنىم ۋە ياكى ئۈگرىجانلار خىزمەتكە تەيىنلەنسۇن! 3. ھەر قانداق سورۇنلاردا يۇتازا مەخسۇمنىڭ مەنسەپلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، گۆشى ئازراق بولسىمۇ مانتاگۇڭ بېگىم ھاكىملىققا تەيىنلەنسۇن! 3. سادىق گۆشگىردە يۇقىلاق ئەۋلادلىرىدىن بولغان ساھىبجان باتۇر كېكىرتەك كارنىيىغا پالانسۇن! 4. مەرھۇم تاۋۇزجان قارىم ۋە شېكەرشۈن ىېنىملار ئۈچۈن مەخسۇس جوزا قويۇلسۇن! 6. كۆكچى نوچى، بىشەكشۈن ھاجىم، چاچۈرۈك مەخسۇملارغا قۇمۇل، تارىم، پەيزىۋاتتىن ئورۇن بېرىلسۇن! 7. بۇندىن كېيىن يۇقىرىقى خىزمەتكە تەيىنلەنگەن تائاملار ھەقىقىي ئىتتىپاقلىشىپ ئىناق ئۆتسۇن! قورساق شەھىرىدە >گۈلدۈر - گۈلدۈر<، >قاراس - قۇرۇس< مۇشىتلىشىپ ئىسيان كۆتۈرىدىغان، كىشىنى بىئارام قىلىدىغان، قالايمىقان ئۈن چىقىرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق چەكلەنسۇن. بۇ ئىشلارغا پىيالە يىگىتلەر بىلەن سىنچاي خېنىم مەسئۇل بولسۇن! كىمدىكىم بۈگۈنكىدەك جېدەل - ماجرا چىقارغۇچى بولسا، ۋاقتىدا جازا بېرىلسۇن! ھۆكۈم قىلغۇچى: ھەزرىتى شاھى سۇلتان پولۇ. باش مەسلىھەتچى: قارا پاقلان، شورپا غوجام. ۋەزىرلىرى: ئاچچىقسۇ لوزۇڭ، شۇسەي كوجاڭ، لازا دارىنلاردىن ئىبارەت. )>يېڭى قاشتېشى< ژورنىلى ۋە >ئاقسۇ ئەدەبىياتى< دىن ئۆزلۈشتۈرۈپ ئېلىندى(.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
داستىخان مەيدانىدىكى جەڭ | UyghurWiki | UyghurWiki