UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئاچكۆز باينىڭ ئۆلۈمى

ئاچكۆز باينىڭ ئۆلۈمى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا ئالماس دېگەن بىر باي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ قۇدرەت ئىسملىك بىر پادىچىسى بار ئىكەن. قۇدرەت ھەر كۈنى سەھەردە باينىڭ قويلىرىنى ھەيدەپ كېلىپ، كەچ كىرگىچە تاغ باغرىدا باقىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بېقىۋاتقان قويدىن بىرسى ئۆلۈپ قاپتۇ. قۇدرەت بايدىن قورقۇپ، ئۆلگەن قوينىڭ تېرىسىنى سېتىپ بىر پاخلان ئېلىپ قاتارغا قوشۇپ قويۇش نىيىتىگە كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قوينى سويۇپ ھارام گۆشنى تاشلىۋېتىپتۇ. شۇ ئەسنادا بىر بۈركۈت كېلىپ گۆشىنى قاماللاپ ئېلىپ قېچىپ تاغنىڭ چوققىسىغا قونۇپتۇ. قۇدرەت قاراپ تۇرسا، بۈركۈت قونغان تاشنىڭ مۇشتۇمدەك بىر دومىلاپ تاغ باغرىغا چۈشۈپ دەريا بويىدا توختاپ قاپتۇ. بېرىپ قارىسا تاغدىن چۈشكەن تاش دېسە تاش ئەمەس، ئەينەك دېسە، ئەينەك ئەمەس، پارقىرايدىغان بىر نەرسە ئىكەن. قۇدرەت ئۇنى تۇتۇپ بېقىپ:>بۇنى بايغا كۆرسىتەي، قىممەتلىك بىر نەرسە بولۇپ قالسا ئىشلىتەر، بولمىسا ئۈچكە چېقىپ يەر< دەپ، قوينىغا ساپتۇ - دە، قويلىرىنى ھەيدەپ باينىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە بايغا تاشنى كۆرسىتىپتۇ. - ھۇ، ئەخمەق، - دەپتۇ باي غەزەبلىنىپ، - مېنى ۋاڭلىق قىلغۇچى بولدۇڭمۇ؟ يوقال كۆزۈمدىن. قۇدرەت ياخشى كۆڭۈل بىلەن قىلغان ئىشىغا مىڭ پۇشايمان يەپ قوتىنىغا كىرىپ كېتىپتۇ. باي بولسا قۇدرەت ئۇخلاپ قالغان مەزگىلدە ھېلىقى تاشنى ئېلىپ زەرگەرنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ كۆرسىتىپتۇ. زەرگەر تاشنى قولىغا ئېلىپ: - تەقسىر، بۇ ئالتۇن يا كۈمۈش بولمىغىنى بىلەن ئالماس ئىكەن. باھاسى ئالتۇن بىلەن تەڭ. بۇنى مەدەن پۇرۇچقا ئاپىرىپ ساتسىڭىز نۇرغۇن پۇلغا يارايدۇ، - دەپتۇ. باينىڭ ئاغزى قولىقىغا يېتىتپۇ. كېچىلەپ مېڭىپ مەدەن پۇرۇچنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. مەدەن پۇرۇچ تاشنى ئون تىللاغا سېتىۋاپتۇ. ئالماس باي خوشاللىقىدىن كېچىچە كۆز يۇمماي تەستە تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. ئۇ قۇدرەت قويلارنى ھەيدەپ مېڭىش ئالدىدا قاپىقىنى ئاچماي تۇرۇپ، تاشنى نەدىن ئالغانلىقىنى سوراپتۇ. قۇدرەت بولغان ئىشنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ باي، - ئۆلگەن قوي ماڭا ھېساب، ئەتىدىن باشلاپ كۈنىگە بىر قوي ئۆلتۈرۈپ بۈركۈتكە تاشلاپ بېرىپ، تاغدىن چۈشكەن تاشنىڭ تېرىقتەك پارچىسىنىمۇ قالدۇرماي ماڭا ئەكىلىپ بېرىسەن، - دەپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بىر ھەپتىگىچە قۇدرەت قوي بېقىپ، تاش يۈدۈپ ھالىدىن كېتەيلا دەپ قاپتۇ. باي بۇنىڭ بەدىلىگە 700 تىللاغا ئىگە بوپتۇ. ئۇ بۇ تىللالارنى ئاز كۆرۈپ تېخىمۇ كۆپرەك تىللاغا ئىگە بولۇش كويىدا قۇدرەتنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش قارارىغا كەپتۇ. بىر كۈنى قۇدرەتكە: - سېنى ئۆيلەپ قوياي، ياخشى بىر ئۆي سالايلى، ئۆينىڭ ھۇلىغا ياتقۇزۇش ئۈچۈن يوغانراق تاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتە ئىككىمىز تاغ تۈۋىگە بىللە بېرىپ، چوڭ بىر كالىنى ئۆلتۈرۈپ يۈركۈتكە يەم تەييارلايلى، - دەپتۇ. ئەتىسى باي قۇدرەت بىلەن بىللە تاغ تۈۋىگە بېرىپتۇ. ئۇ قۇدرەتنى چوڭ بىر كالىنى تۇتۇپ كېلىپ، تۇلۇمچىلاپ سويۇشقا بۇيرۇپتۇ. قۇدرەت كالىنى سويۇپ بولۇشىغا باي: - ئۆزەڭ بىلىسەن بالام، - دەپتۇ سىلىق - سىپايە قىياپەتتە، - ھازىر ياز، تېرىدىن گۆش تولۇق شىلىنمىسا، تېرە سېسىپ پۇلغا يارىمايدۇ. بۇ تېرىنى سېتىپ، پۇلىنى تويۇڭغا سەرپ قىلماقچىمەن. شۇڭا تېرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان گۆشنى پاكىزە شىلىۋەت. ساددا قۇدرەت باينىڭ ھېلىسىنى چۈشەنمەي تېرىنىڭ ئىچىگە بېرشىنى تىققان ئىكەن، باي غاچلا قىلىپ تېرىنىڭ ئۇچىنى چىگىۋاپتۇ. قۇدرەتنىڭ نالە - پەريادىغا قارىماي، تاققا قاراپ تۇرسا، بۈركۈت كېلىپ كالا تېرىسىنى ئېلپ ئۇچۇپ چوققىغا قونۇپتۇ. چوققىدىن بىر تاش چۈشۈپتۇ. چۈشكەن تاشنى كۆرۈپ، باينىڭ كۆزىدىن ئوت يېنىپتۇ. چاپسان ئۆيگە بېرىپ ئادەم چاقىرتىپ تاشنى يۆتكەپ كېتىپتۇ. كېچىچە ئۇخلىماي مۇنداق ئويلاپتۇ:>شۇنچىۋالا ئىگىز تاغنى مېنىڭ يەتمىش پۇشتۇممۇ سېتىپ تۈگىتەلمەيدۇ، قۇدرەتنى جايلىغاندەك ھەر كۈنى بىر مەدىكارنى جايلىسام، بىرىنچىدىن، قوي - كالا گۆشلىرى زايە كەتمەيدۇ؛ ئىككىنچىدىن، سىرنى ھېچكىممۇ ئاشكارىلاپ قويمايدۇ.< قۇدرەت چوققىدا بۈركۈتلەرگە بوي بەرمەپتۇ. ئۈچ كۈن ئاچلىق، سوغ - جۇدۇنغا چىداپ، باينى باپلاپ ئۆچ ئېلىشنىڭ ئامالىنى ئويلاپتۇ. تۆتىنچى كۈنى ئۆزىنى چوققىدىن دەرياغا تاشلىسا، ئۆلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، چوققىدىن پەسكە سەكرەپتۇ. سۇغا قاتتىق چۈشۈپ ھۇشىدىن كەتكەن قۇدرەت بىر چاغدا كۆزىنى ئاچسا، مەھەللىسىدىكى دەريانىڭ قىرغىقىدا ياتقىدەك. ئۇ خۇداغا شۈكرى دەپ، بىر پاناھ جاي تېپىپ كېچىچە ئۆزىنى تونۇمىغىدەك دەرىجىدە ياساپ، سەھەردە مەدىكار بازىرىغا بېرىپ بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرسا، ئالماس باي كەپتۇ. قۇدرەت بايغا ئەرزان باھادا ئىشلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئاچكۆز باي خوشال بولۇپ، قۇدرەتنى ئېلىپ تاغ تۈۋىگە كەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا خۇددى بۇرۇنقىدەكلا ئىش بۇيرۇپتۇ. قۇدرەت كالىنى تۇلۇمچە قىلىپ سويۇپتۇ. باي ئىچىگە كىرىپ قېپقالغان گۆشلەرنى شىل، دېگەندە، قۇدرەت: - باي ئاكا، مەن بىر سەھرالىق دۆت. پارچە - پۇرات گۆشنى شىلىمەن دەپ تېرىنى بۇزۇپ قويىمەن. ئاۋۋال ئۆزىڭىز بىر كۆرسىتىپ بەرسىڭىزا، - دەپتۇ بايغا. - باي ماقۇل بولۇپ، تېرىگە بېشىنى شۇنداق تىققان ئىكەن، قۇدرەت غاچچىدىلا تېرىنىڭ ئاغزىنى باغلاپتۇ - دە، باينىڭ نالە - زارىغا قۇلاق سالماي، ئۇنىڭغا: - باي ئاكا، ئەمدى دۇنياغا تويىسىز، - دەپتۇ. بىر چاغدا بۈركۈت تولۇمنى چىشلەپ ئۇچۇپ چوققىغا قونماي، ئاسمان پەلەك كۆتىرىلىپ بازار ئۈستىدە ئايلىنىشقا باشلاپتۇ. خالايىق بۈركۈتنىڭ ئالغىنى نېمىدۇ؟ دەپ بىر - بىرىدىن سورىشىپتۇ. بۇنىڭ جاۋابىنى ئۇلارغا قۇدرەت بېرىپتۇ. ) بۇ چۆچەكنىڭ >ئالتۇن تاغ< دېگەن ۋارىيانتىمۇ بار(
← بارلىق تېمىلار چوچاق