UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقگۈزەللىك بۇلىقى

گۈزەللىك بۇلىقى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنسىدا ئاينۇر ئىسىملىك بىر قىز بولغانىكەن. ئۇ دائىم چىرايىنىڭ سەتلىكىدىن ئاغرىنىدىكەن. ئەينەككە قارىغانسېرى بەك ھەسرەتلىنىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئەينەككە قاراۋېتىپ ئاھ تارتىپتۇ. ئۇنىڭ ئانىسى بۇنداق ھەسرەتلەسلىكنى ئېيتىپتۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ: - قانداق قىلسام چىرايلىق بولارمەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - مەن چىرايلىق بولۇشنىڭ بىر ياخشى چارىسىنى بىلىمەن، - دەپتۇ ئانىسى، - سەن ئۇنى ئۆگىنىۋالساڭ چوقۇم چىرايلىق بولۇپ كېتىسەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاينۇر بەك خۇش بوپتۇ. ئۇ ئانىسىدىن بۇ ياخشى چارىنى چاپسانراق ئېيتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئانىسى ئالدى بىلەن مۇنداق بىرھېكايىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ: ..... بۇرۇن بىر قىز ئۆتكەنىكەن، ئۇ ئانچە چىرايلىق ئەمەس ئىكەن، بەك قەغىش ئىكەن، ئاتا - ئانىسىنى ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىكەن. ھە دېسىلا ئاتا - ئانىسى بىلەن تاكاللىشىدىكەن، قەغىشلىق قىلغان چاغدا ئۇنىڭ چىرايى تېخىمۇ سەتلىشىپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭ بىرىنبىر ئارزۇسى گۈزەل بولۇش ئىكەن. ئۇ خىلمۇ - خىل ياسىنىپ بېقىپتۇ، ئەمما ئەينەككە قارىسا يەنىلا سەت تۇرغۇدەك. بىر كېچىسى ئۇ چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ئۇ بىركىتابنى ئوقۇپتۇ. كىتابتا يېزىلىشىچە، >گۈزەللىك بۇلىقى< دەيدىغان بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭغا چۆمۈلگەن قىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق قىز بولۇپ قالارمىش. ئەتىسى ئۇ كىتابتا يېزىلغىنى بويىچە گۈزەللىك بۇلىقىنى ئىزدەپ يولغا چىقىپتۇ. ماڭا - ماڭا ئاخىرى بۇ بۇلاقنى تېپىپتۇ. ئا ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۆزىنى بۇلاققا ئاتماقچى بوپتۇ. تويۇقسىز بۇلاقتىن بىر كىچىك پەرىزات چىقىپتۇ - دە، قىزغا: - كەچۈرۈڭ، ھازىرچە سىزنىڭ بۇلاققا چۆمۈلىشىڭىزگە بولمايدۇ، - دەپتۇ. - نېمىشقا؟ - دەپ سوراپتۇ قىز خاپا بولۇپ. - سىز ئالدى بىلەن ئۆيىڭىزگە قايتىپ بىر ئايغىچە قەغىشلىق قىلماڭ، ياخشى ئىش قىلىڭ. شۇندىلا بۇ بۇلاققا چۆمۈلىشىڭىزگە بولىدۇ، - دەپتۇ كىچىك پەرىزات. قىز ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ. بىراق، ئۇ ئىلگىرىكى قەغىشلىقىنى تاشلاپ، پەرىزات دېگەندەك قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇ، ئانىسىغا ياردەملىشىپتۇ، دادىسىنىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بوپتۇ. لېكىن ئۇ بۇ ئىشلارنى چىن كۆڭلىدىن قىلمىغاچقا، قىلغانلىرىمۇ يېتەرلىك بولماپتۇ. ئارىدىن بىرئاي ئۆتۈپتۇ، قىز تولۇپ - تاشقان ئىشەنچ بىلەن گۈزەللىك بۇلىقىغا كەپتۇ. ئۇ بۇلاققا ئەمدىلا سەكرەي دەپ تۇرۇشىغا، كىچىك پەرىزات سۇ يۈزىدە پەيدا بوپتۇ - دە، ئۇنى توسۇۋاپتۇ. - قىزچاق، - دەپتۇ ئۇ، - سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىز تېخى يېتەرلىك بولمىدى، قايتىپ بېرىپ ئۈچ ئايغىچە ئالدىنقىدىنمۇ ياخشى مىجەزلىك بولۇپ ئاندىن كېلىڭ. قىز ئىنتايىن ئازابلىنىپ پەرىشانلىق ئىلكىدە ئۆيىگە قايتىپتۇ. بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىشكە تىرىشىپ، كۈچى يەتكۈدەك ياخشى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىپتۇ. ئۈچ ئاي بولغاندا، ئۇ خۇشال - خورام ھالدا بۇلاققا كەپتۇ، يەنە پەرىزات پەيدا بوپتۇ - دە، ئۇنىڭغا قاراپ: - يەنە ئالتە ئايدىن كېيىن كېلىڭ، ئاندىن تەلىپىڭىز ئورۇندىلىدۇ، - دەپتۇ. بۇ قېتىم قىز ئۆيىگە خۇشال ھالدا قايتىپتۇ، ئالتە ئاي ئىچىدە ئۇ ئىنتايىن مۇلايىم، ئەخلاق - پەزىلەتلىك، ئەمگەكچان، تىرىشچان بولۇپ قاپتۇ. قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ماختايدىغان بوپتۇ. ھەش - پەش دېگۈچە ئالتە ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ، قىز ناخشا ئېيتقان ھالدا گۈزەللىك بۇلىقىغا يېتىپ كەپتۇ. قىز خېلى ئۇزاققىچە پەرىزاتنى كۈتۈپتۇ، لېكىن پەرىزات چىقماپتۇ، بۇنىڭدىن ئۇ بەك ئەجەبلىنىپتۇ، تۇيۇقسىزلا ئۇ سۇ يۈزىدە چىرايلىق بىر قىزچاقنى كۆرۈپتۇ. - پاھ! بۇ كىمدۇ؟! - دەپ تاشلاپتۇ ئۇ. شۇ چاغدا پەرىزات پەيدا بوپتۇ - دە: - بۇ سىزنىڭ شولىڭىز، قاراڭ، چىرايىڭىز گۈزەل بولۇپ قالدى، ئەمدى گۈزەللىك بۇلىقىغا چۆمۈلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، - دەپتۇ. قىز ھاياجانلانغانلىقىدىن يىغلاپ ساپتۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق قىلسا چىرايلىق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشەنگەنىكەن .... ئاينۇرنىڭ ئانىسى ھېكايىسىنى ئېيتىپ بولۇپ: - قېنى ئويلاپ كۆرگىن، قانداق قىلساڭ چىرايلىق بولالايدىكەنسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. چىرايلىق بولۇشنىڭ چارىسىنى بىلىۋالغان ئاينۇر خۇشاللىق بىلەن: -چىرايلىق بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى - ئەخلاقلىق، ئەمگەكچان بولۇش ئىكەن! - دەپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن لايقا يېزىسىدىن ئابلا مەتتوختى.
← بارلىق تېمىلار چوچاق