ئەقىل ۋە مىراس
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بىر بوۋاينىڭ تۆت ئوغلى بار ئىكەن. بىر كۈنى بوۋاي ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسىنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئوغۇللىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ:
- بەلىلىرىم، مەن قېرىپ بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى. مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاراڭلاردىن بىرىڭلار ئائىلە باشلىقى بولۇشۇڭلار كېرەك. كىم دۆلەتمەن ۋە ئەقىللىق بولسا شۇ ماڭا ۋارس بولۇپ، مال - مۈلۈكۈمگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. شۇڭا، ھەر قايسىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئەقىللىق ۋە دۆلەتمەنلىكىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، - دەپتۇ. بوۋاينىڭ چوڭ ئوغلى قولىدىكى ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
- مۇشۇ ئۈزۈكۈمنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى مېنى چوقۇم ئەقىللىق ۋە دۆلەتمەن، دەپ بىلىدۇ، - دەپتۇ.
بوۋاينىڭ ئىككىنچى ئوغلى زەر باسقان چاپىنىنى كىيىپ:
- مۇشۇ تۇرقۇمدا مېنى كۆرگەن كىشى ھەقىقەتەن ئەقىللىق ۋە باي بالا ئىكەن دەيدۇ، - دەپتۇ.
بوۋاينىڭ ئۈچىنچى ئوغلى گۆھەر قادالغان كۈمۈش كەمىرىنى بېلىگە باغلاپ:
- ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئادەم بېلىگە بۇنداق كۈمۈش كەمەرنى باغلىغان ئەمەس، مەن ئەقىللىق بولغاچقا مۇنداق نەرسىلەرنى ساقلايمەن - دەپتۇ.
- ھەي ئوغلۇم، سەن ئۆزۈڭدىكى ئەقىل ۋە بايلىقىڭنى كۆرسەتمەمسەن؟ - دەپتۇ بوۋاي بىر چەتتە جىم ئولتۇرغان كەنجى ئوغلىغا قاراپ:
- مەندە ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈكمۇ، زەر باسقان چاپانمۇ، كۈمۈش كەمەرمۇ يوق. مەندە پەقەت ئەمگەك قىلالايدىغان بىر جۈپ ۋە سادىق يۈرەك ھەم ئۆزۈمگە چۇشلۇق ئەقىل بار، - دەيدۇ.
كەنجى ئوغلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەقىللىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بوۋاي بارلىق بىساتىنى ئۇنىڭغا مىراس قالدۇرۇپتۇ ۋە ئاكىلىرىنى ئۇنىڭ سۆزىدىن چىقماسلىققا جىكىلەپتۇ.