ۋەيلۇن دوزاقنىڭ تۈۋرۈكى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قاغا تارازىچى، سېغىزخان خەۋەرچى، تۇشقان ئۇيالچاق ۋاقىتتا، سەھرايى بالاگەندەندە ئاتابىر، ئانا باشقا ئۈچ ئوغۇل بولغان ئىكەن. چوڭلىرى بىر ئانىدىن ئىكەن. ئەڭ كىچىكى بىر: ئانىدىن يالغۇز ئىكەن، چوڭلىرى بىر ئانىدىن ئىكەن. ئاتا - ئانىلىرى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلار مىراس بولۇشۇپتۇ. بولۇشۇپمۇ، بولۇشۇپمۇ بىر قورادا ياشاپتۇ. چوڭلىرى كىچىكىنى ئانى تېپىپ، ئالداپ - سالداپ ئۇنىڭ مىراسىنى يەپ تۈگىتىپتۇ. ئۆزلىرىنىڭكىگە نوۋەت كەلگەندە، كىچىگىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ.
بېشى قېتىپ نېمە قىلىشىنى بىلمىگەن بۇ بالا بىر چۆلدە كېتىپ بارسا، ئىگىزلىكى ئون غۇلاچ، كەڭلىكى بەش غۇلاچ، قەۋەتمۇ يوغان بىر دىۋىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. قارىسا، دىۋە خوشال كېلىۋاتقان؛ كۈلگەندە بىر كالپۇكى ئاساماندا، بىر كالپۇكى يەردە سوزۇلۇلپ ماڭىدىكەن؛ قورققىنىدىن نېمە قىلىشىنى بىلمىگەن بالىمۇ دىۋىنىڭ ئالدىغا كۈلۈپ بېرىپتۇ.
- ھەي ئەخمەق بالا! - دەپتۇ دىۋە.
- نېمىشقا ئەخمەق دەيسەن، - دەپ يەنە كۈلۈپتۇ بالا.
- مېنىڭ قوسىغىم تازا ئاچ ئىدى، يەيدىغان رىسقا ئۇچرىغانلىقىغا خوشال بولۇپ كۈلدۈم. سەن نېمە دەپ كۈلىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ دىۋە.
- ھەي ئەخمەق دىۋە، راسا ئەخمەق ئىكەنسەن، مەن يەرنىڭ تېگىدىن چىقىپ كېلىۋاتىمەن، - دەپتۇ بالا.
- قانداقچە؟ - دەپ سوراپتۇ دىۋە بىلمەك بولۇپ.
- ۋەيلۇن دېگەن دوزاقنىڭ تۈۋرۈكى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئىدى. مانا شۇنىڭغا لايىق تۈۋرۈك تېپىش ئۈچۈن مېنى خۇدا بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنى ئىزلەپ تاپالماي، جىلى بولۇپ كېلىۋاتسام، سەن ئۇچراشتىڭ،مانا شۇنىڭغا خوشال بولۇپ كۈلۈۋاتمەن، - دەپتۇ بالا.
«خودا ئەۋەتتى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان دىۋە بالىدىن قورقۇپتۇ.
- ئۇنداق قىلما، ۋەيلۇن دوزىقى ئوت بولسا، مەن ئۇنىڭدا پۇچلىنىپ كېتىمەن، مېنى قويۇۋەتسەڭ، - دەپ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ دىۋە.
بالا ئۆزىنى تۇتۇۋاپتۇ - دە:
- ياق، سېنىڭ بويۇڭنىڭ ئىگىزلىكى، غۇللىرىڭنىڭ كەڭلىكى، قاۋۇللۇغۇڭ دوزاقنىڭ تۈۋرۈكلىكىگە خوپ كېلىدۇ؛ مەن يەنە نەدىن ئىزلەپ يۈرەي... يۈر، سېنى ئاپىرىمەن، ئۇنىمىساڭ ئەزرائىل كېلىپ جېنىڭنى ئالىدۇ! - دەپتىكەن، دىۋە تېخىمۇ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.
- ماڭا بىر ياخشىلىق قىلساڭ.
- سەن تېخى مېنى كۆرۈپ ئوزۇق تاپتىم، دەپ خوشال بولۇپ كۈلگىنىڭنى قارا! دوزاققا تۈۋرۈك قىلىپ، كۆزۈڭگە موماڭنىڭ مومىسىنى كۆرسىتىمەن! - دەپ تۇرۇۋاپتۇ بالا.
- ئۇنداق قىلما، مېنى قويۇپ بەرسەڭ بىر تۇلۇم ئالتۇن بېرىمەن!
- ياق! ئىككى تۇلۇم ئالتۇن بەرسەڭ، قويۇپ بەرسەم بېرەي، ئەمما ساڭا ئوخشاش دوزاقنىڭ تۈۋرۈكىگە لايىقنى تاپمىغىم تەس، - دەپتۇ.
- ۋاي، يۈر مەن ساڭا ئالتۇن بېرەي، - دەپتۇ دىۋە.
- مەن ئالتۇنۇڭ ئۈچۈن بارمايمەن، خالىساڭ ئۆزەڭ ئەكىلىپ چىنار تۈۋىگە تىقىپ قوي، كەلمىسەڭ، بەرىبىر تاپىمەن.
- بولىدۇ، - دەپ دىۋە ئۆز غەزنىسىگە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. بالا بولسا، دىۋىدىن قۇتۇلغىنىغا خوشال بولۇپ، كەينىگە قېچىپتۇ. قېچىپ كېلىۋېتىپ ھېرىپتۇ. بۇ تۈزلەڭدىن مۆكەر جاي تاپالماي يەنە مېڭىپتۇ. ئاخىرى بىر چىنارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ دەم ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا قارىسا، چىنارنىڭ تۈۋىگە يېتىپ كەپتۇ. تۇلۇملارنى يۆلەپ قويۇپ، تەرىنى ئېرتىپ، ئۇياق - بۇياققا قاراپتۇ، بالا كۆرۈنمىگەندىن كېيىن، «بۇ جايدىن چاپسان كېتەيچۇ» دەپ تۇلۇملارى ئالماي مېڭىتۇ. دىۋە كېتىۋاتسا، ئالدىغا باشقا دىۋە يولۇقۇپتۇ. ھال سورىشىپ، بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەنى ئۇققاندىن كېيىن:
- ئەخمەق، - دەپتۇ ئۇچراشقان دىۋە، - ئۇ سېنى ئالداپ كېتىپتۇ. يۈر، ئۇنى تېپىپ يەيمىز، ئۇلار يەنە چىنار تەرەپكە مېڭىپتۇ. شۇ چاغدا بالا چىناردىن چۈشۈپ، ئالتۇنلارنى ئېلىپ كېتەي دەۋاتقان ئىكەن. بوران چىقىپتۇ، قارىسا دىۋىلەر كېلىۋاتقان، ئۇ چىنارغا قايتىدىن چىقىۋاپتۇ.
بىر چاغدا ئىككى دىۋە چىنار تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، يەر تىلغاپتۇ.
- تاپسام بىر يالماپ يۇتاتتىم، - دەپتۇ كېيىن قوشۇلغان دىۋە. بالا چىنار ئۈستىدە قورقۇپ كېتىپ، پالاق - پۇلۇق قىلىپ، چىنادىن يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. بالىنىڭ تۇيۇقسىزدىنلا ئاسماندىن چۈشكىنىنى كۆرگەن ئىلگىرىكى قورقۇنچاق دىۋىنىڭ يۈرىگى ئاغزىغا تىقىلىپ، ئۆلەر - تىرىلىشىگە قارىماي:
- ئەمدى جېنىمىزنى ئالىدىغان بولدى! - دەپ قۇيرۇغىنى خادا قىپتۇ. بۇنى كۆرگەن يەنە بىر دىۋىمۇ تىلى گەپكە كەلمەي، ھۇشىنى يوقىتىپ قېچىپتۇ. بالا بۇنى كۆرۈپ:
- توختا، توختا! - دەپ پوپوزا قىپتۇ. دىۋىلەر توختىماي، ئالدى - كەينىگە قارىماي، قاچقىنىچە تىكىۋېتىپتۇ. «قورققانغا قوش كۆرۈندى» دىگەن مۇشۇ ئىكەن، دەپ بالا ئالتۇنلارنى ئېلىپ ئۆيىگە كەپتۇ. ئاكىلىرى قارىسا ئىنىسى باي بولۇپ كەتكەن.
- قانداق باي بولدۇڭ؟ - دەپ سوراپتۇ ئۇلار.
چىنار تۈۋىدە دىۋىلەرنىڭ تۇلۇم - تۇلۇمدا ئالتۇنى بار ئىكەن، شۇنىڭدىن ئالدىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئىنىسى.
- قانداق ئالدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ ئاكىلىرى.
- تازا ئاپتاپتا چىنار ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرساڭ، دىۋىلەر ئالتۇننى كۆتىرەپ كېلىپ، چىنارغا يۆلەپ قويۇپ، ئۆزلىرى تاغقا سالقىندىغىلى كېتىدىكەن، شۇ چاغدا ئېلىپ كېلىۋەردىم، - دەپتۇ كىچىك ئىنىسى.
ئاكىلىرى ئىنىسىنىڭ دىگەنلىرىنى قىلىپ، چىنارنىڭ ئۈستىدە چىڭقى چۈشتە ئولتۇرسا، بىر توپ دىۋىلەر كېلىپ، ھېلىقى ۋەقەنى سۆزلىشىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئاكىلىرى قورقۇپ كېتىپ، چىنار ئۈستىدە مىدىلىشىپتىكەن. شاخلار شىلدىلاپتۇ. بۇنى بىلىپ قالغان دىۋىلەر چىنارنى يىلتىزى - پىلتىزى بىلەن قومۇرۋېلىپ، سۆرەپ قېچىپتۇ. ئاكىلىرى ئۆلۈپ كەتتىمۇ، ساق قالدىمۇ بىلەلمىدىم. ئۇلار شۇ يەردە قالايمىقان بولۇشۇپ قالغان. مەن بۇياققا يېنىپ كەلگەن ئىدىم.