UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھورۇنلۇقتىن شاھلىققىچە

ھورۇنلۇقتىن شاھلىققىچە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى مەلۇم شەھەرنىڭ پادىشاھى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوۋغا چىقىپتۇ. كېتىپ بارسا ئوتتۇرىسىدا ئون تۆت - ئون بەش ياشلاردىكى بىر چىرايلىق بالا ئوڭداياتقۇدەك. پادىشاھ >مەندەك پادىشاھ كەلسەمۇ، بۇ بالا قوپماي ئوڭدا ياتىدىغۇ< دەپ ئويلاپ ۋەزىرلىرىدىن: - نېمە ئادەم بۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - بۇ ھورۇن، دائىم شۇنداق ياتىدۇ. بىر ئادەم بۇ تەرەپتۇن ئۇ تەرەپكە ئۆرۈپ قويمىسا ئۆرۈلمەيلا ياتىدۇ، ئون كۈن ئاچ قالسىمۇ يېىدىكى تاماقنى ئۆزى ئېلىپ يىمەيدۇ، - دەپتۇ ۋەزىرلەر. - ئۆزى ساقمۇ - قانداق؟ - يەنە سوراپتۇ پادىشاھ. - ساق. - ھورۇن بولسىمۇ ياش بالىكەن، مېنىڭ سايەمدە كۈن كۆرۈپ قالسۇن، چار بېغىمغا باشلاپ بېرىپ، بىر سۆرۈن جايدا ياتقۇزۇپ قويۇڭلار، - دەپ پادىشاھ يولىغا راۋان بوپتۇ. ۋەزىرلەر پادىشاھنىڭ ئەمىرىگە ئاساسەن ھورۇننى چارىباققا ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى بىر لىگەن پولۇ بىلەن قوينىڭ گۆشىنى بېرىپ ياخشى بېقىپتۇ. ھورۇن شۇ يېمەكلىكلەرنىمۇ يىگۈزۈپ قويمىسا يىمەيدىكەن. بەش - ئون كۈن ئۆتكەندە يەنە بىر بالا كەپتۇ. ئۇ ۋەزىرگە >مەنمۇ ھورۇن ئىدىم< دەپتۇ. ۋەزىر پادىشاھقا خەۋەر قىپتۇ. پادىشاھ >ئۇنىمۇ بېقىڭلار< دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن ھورۇنلار ئارقا - ئارقىدىن پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ تەختتە ئولتۇرۇپ چارىباغدىن كېلىۋاتقان غەۋغانى ئاڭلاپ قاپتۇ. شۇئان ۋەزىردىن: - باغدىكى نىمە غەۋغا؟ - دەپ سوراپتۇ. - سىلەر ھازىر بېقىۋاتقان ھورۇنلار بىر مىڭ بەش يۈزگە يەتتى. بۇ شۇلارنىڭ غەۋغاسى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەزىر. - ئۇنداق بولسا تۆمۈرچىنىڭ ئاقساقىلىنى چاقىرىڭ، - دەپتۇ پادىشاھ، ۋەزىر تۆمۈرچىنىڭ ئاقساقىلىنى چاقىرىپ كەپتۇ. پادىشاھ: - تۆمۈردىن بىر ئۆي ياسايمىز. ئۆينىڭ ئۇزۇنلۇقى قىرىق مېتىر، كەڭلىكى قىرىق مېتىر بولسۇن، ھەر تېمىغا ئوندىن ئىشىك قويۇڭ. ئۆي پۈتكەندىن كېيىن باققا ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشىكلەرگە كۈرەك ئورنىتىڭ، - دەپتۇ. ئۆي پۈتكەندىن كېيىن پادىشاھ ھەممە ھورۇنلارنى ئەكىلىپ شۇ تۆمۈر ئۆيگە سولاشقا ئەمىر قىلىپتۇ. ھورۇنلار تۆمۈر ئۆيگە سولىنىپتۇ. پادىشاھ ئوت قالاپ كۈرەكنى بېسىشقا بۇيرۇق قىلىپتۇ. ئوت يېقىلىپ كۈرەك بېسىلغاندىن كېيىن تۆمۈر ئۆي قىزىپ ھورۇنلار جېنىدىن تويۇپتۇ. ۋەزىر: - پادىشاھى ئالەم، بۇ نىمەقىلغانلىرى؟ بۇ ھورۇنلارنى ساۋاب بولسۇن دەپ باقتۇق. ئەمدى ئۇلارنى تۆمۈر ئۆيگە سولاپ كۆيدۈرسەك بۇنىڭ قىساسىنى كىم تارتىدۇ؟ بۇنىڭدىن كۆرە ئىسىكنى ئېچىۋەتسەك، ھورۇنلار جاي - جايلىرىغا كەتسە بولمامدۇ؟ - دەپتۇ پادىشاھقا. - ماقۇل، ئىشىكنى ئېچىڭلار، - دەپتۇ پادىشاھ، ئىشىك ئېچىلغاندىن كېيىن ھورۇنلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرگە: - قاراپ بېقىڭ، ئۆيدە ئادەم بارمۇ - يوق؟ - دەپتۇ. ۋەزىر ئۆيگە كىرىپ قارىسا ئىككى ئادەم ياتقۇدەك. بىرسى يەنە بىرسىگە >بەدىنىم كۆيۈپ يېغىم ئاققىلى تۇردى، ئەمدى خۇداغا تۆۋە قىلىۋالمايلىمۇ< دىسە، يەنە بىرسى >مېنىڭ بېقىنىم پىژىلداپ كۆيۈۋاتىدۇ. ماڭا ھازىر خۇداغا تۆۋە دىگىلىمۇ خوشياقمايۋاتىدۇ، مەن بۇنچىلىك گەپنىمۇ قىلالمىغۇدەكمەن< دىگۈدەك ئۇلارنىڭ بىرسى قېچىپ كېتىپتۇ. يەنە بىرسى كۆزىنى پارقىرىتىپ بىخارامان يېتىپتۇ. ۋەزىر قارىسا ھورۇننىڭ چاپىنى كۆيۈۋاتقۇدەك. بېقىنىنىڭ يېغى ئېرىپ تۆمۈرگە ئېقىۋاتقۇدەك، ھورۇن بولسا چاپاننى سېلىۋېتەيمۇ دىمەي ياتقۇدەك. - پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ ۋەزىر، بىز يولدا كۆرۈپ دەسلەپ ئەكەلگەن ھورۇن تېخى ياتىدۇ. - ئېلىپ چىقىڭلار، - دەپتۇ پادىشاھ ۋە >كىمكى مۇشۇ ھورۇننى ئىشقا سالسا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى شۇنىڭغا بېرىمەن< دەپ جاكا قىلىپتۇ. بىراق ھىچكىمنىڭ بۇ ھورۇننى ئىشقا سېلىشقا كۆزى يەتمەپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىرنى چاقىرىپ: - سىزگە قىرىق كۈنلۈك مۆھلەت بېرەي، مۇشۇ ھورۇننى ئىشقا سالسىڭىز پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى سىزگە بېرەي، ئەگەر ھورۇننى ئىشقا سالالمىسىڭىز كاللىڭىزنى ئالىمەن، مال - دۇنيالىرىڭىزنى مۇسادىرە قىلىمەن، - دەپتۇ. ۋەزىر ياق دىيىشكە پېتىنالماپتۇ. ئەمما، >گۆشى كۆيۈپ كەتسە غەم قىلمىغان ئادەم قانداقمۇ ئىش قىلسۇن< دەپ ئۇندىشىگە چۈشۈپتۇ. ئارىدىن بەش - ئون كۈن ئۆتۈپتۇ. ۋەزىرنىڭ پىكىر - خىيالى ئۆز ئەجىلى بىلەن قاپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئون بەش ياشلارغا كىرگەن. بىلىملىك، زىرەك بىر قىزى بار ئىكەن. بۇ قىز دادىسىنىڭ قانداقتۇر بىر ئىشىنىڭ غېمىدە يۈرۈۋاتقانلىقىنى سېزىپ قاپتۇ. شۇڭا ئۇ دادىسىدىن: - دادا ئولتۇرساڭمۇ، قوپساڭمۇ غەمدىلا يۈرۈيسە، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ. - قىزىم. سەن سورىما، مەن ئېيتماي، - دەپتۇ ەزىر. بىراق قىز: && - سەن مېنىڭ دادام. بېشىڭغا نىمە كۈن چۈشكەن بولسا ماڭا دېگىن، قولۇمدىن كەلسىلا مەن جېنىمنىمۇ ئايىمايمەن، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. ۋەزىر قىزغا ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. قىز: - دادا، خاتىرجەم بول. بۇ ئىشقا باش قاتۇرما. سەن مېنى ئۇ ھورۇنغا خوتۇنلۇققا بەرگىن. مەن بارغاندىن كېيىن قالغان ئىشنى ئۆزەم توغرىلايمەن، - دەپتۇ. بۇ گەپكە ۋەزىرنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كەپتۇ ۋە: - قىزىم شۇنداق ئەرگە تەككىڭ كېلىپ كەتتىمۇ؟ سېنى ئەرگە چىقارغىم بولسا، بۇ ھورۇنغا بەرمىسەممۇ، باشقا ئەر تېپىلىدىغۇ! - دەپ سوراپتۇ. - دادا، - دەپتۇ قىز مېھرىبانلىق بىلەن، - بااشقا نىمە ئامال بار؟ مېنىڭچە. ھورۇننى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ۋەزىر قىزىنى ئامالسىزلىقتىن ھورۇنغا بېرىپتۇ. توينى قىلىپ قىزنى ھورۇننىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى قىز بىلەن بىللە بارغانلارمۇ قايتىپ كەپتۇ. قىز ھورۇن بىلەن يالغۇز قاپتۇ. بىراق ھورۇن كۆزىنى پارقىرىتىپ مىدىرلىماي يېتىۋېرىپتۇ. قىز گۈزەل، شوخ بولغاچقا ھەر خىل ئامال - چارە بىلەن ئاخىر ھورۇننى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپتۇ. ئەتىسى قىز ھورۇننى ئورنىدىن قوپۇرۇپ يۇيۇندۇرۇپتۇ. داستىخان ئەكىلىپ، ھورۇننى ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ چاي ئىچىپتۇ. بۇ خىل مەشغۇلات بىر نەچچە كۈن داۋام قىلىپتۇ. ئاخىرى قىز ھورۇننى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ: - دادام كۈندە بىزگە تاماق چىقارتىپ بېرىۋاتىدۇ، بىز يەپلا يېتىۋاتىمىز. بىزنىڭ بەش ئەزايىمىز تولۇق، تېنىمىز ساق تۇرسا، بىر كۈنلىرى دادام مىننەت قىلىپ قالسا سەت ئەمەسمۇ؟ بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرسەك بولمامدۇ؟ - دەپتۇ. - بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراپتۇ ھورۇن. - سىز كوچىغا چىقىپ مەدىكار ئىشلەڭ، - دەپتۇ قىز، - دادامنىڭ ئۆيىدە بىر كەتمەن بار، ئۇنى ئادەتتىكى ئادەم كۆتۈرەلمەيدۇ، سىز بىر ئامال قىلىپ كۆتىرىپ كېلىڭ. ھورۇن ماقۇل بولۇپتۇ ۋە ۋەزىرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مەقسىدىنى ئېيتىپتۇ. كەتمەن بىر ئىچكىرى قازناقتا ئىكەن. ۋەزىر ئون ئادەم باشلاپ كىرگەن ئىكەن، كەتمەننى كۆتىرىپ ئېلىپ چىقالماپتۇ. ھورۇن ئۆزى يالغۇز كەتمەننى دەس كۆتىرىپ، مۈرىسىگە سېلىپ قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. - بىر كىم سورىسا >تۆت تەڭگىگە ئىشلەيمەن< دەڭ، كۈنىگە تۆت تەڭگە بەرسە ئىشلەڭ، بولمىسا قايتىپ كېلىڭ، - دەپتۇ قىز. ھورۇن كەتمەننى مۈرىسىگە سېلىپ مەدىكار بازىرىغا بېرىپتۇ. ھەممەيلەن بۇنىڭ ئىش ھەققىنى كۆپ كۆرۈپ ئىشقا ئالماپتۇ. ئەمما بىر سودىگەر كېلىپ ھورۇندىن: - ئاشۇ كەتمەننى ئۆزەڭ چاپالامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - چاپىمەن، - دەپتۇ ھورۇن. - ئۇنداق بولسا جۈر. تۆت تەڭگىنى مەن بېرەي، - دەپتۇ سودىگەر. سودىگەر ھورۇننى بېغىغا باشلاپ بېرىپتۇ. قارىسا باغنىڭ ئىچىدە يوغان بىر دۆڭ، بىر پوتەي ئارىلىقتا بىر ئازگال تۇرغۇدەك. - مۇشۇ دۆڭنى ئاشۇ ئازگالغا توشۇيمىز. ئازگالنى تىندۈرىمىز. قىلىدىغان ئىش مۇشۇ. مەن دۇكانغا بارىمەن. ساڭا قارايدىغان باشقا ئادەم يوق، ئۆزەڭنى - ئۆزەڭ بىلىپ قىلارسەن، - دەپتو سودىگەر ۋە ئىشنى كۆرسىتىپ بېرىپ دۇكانغا كېتىپتۇ. ھورۇن دۆڭنى كەتمەن بىلەن بىراقلا ئازگالغا ئاتقىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ ئىش قىلىپ باقمىغاچقا ئارام ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ. ئەتىگەندە باشلىغانچە كەچكىچە ئىشلەپتۇ. دۆڭ ئازلا قاپتۇ. >ئالتە ئايدا تۈگىتەرمەن< دەپ پىلانلىغان ئىشنىڭ تېزلا تۈگەپ قالغىنىنى كۆرگەن ھورۇن ئۆز - ئۆزىدىن خۇرسەن بولۇپتۇ. سودىگەر باغنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، يىگىتنىڭ ھەر بىر ئاتقاندا بىر پاتمان كەلگۈدەك توپىنى شۇنچە يىراققا ئىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ھارماي ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەمنۇن بوپتۇ - دە، قايتىپ بېرىپ بىر قوينىڭ گۆشىنى باستۇرۇپ پولۇ سالدۇرۇپتۇ. ھورۇن ھېلىقى پولۇنى موك ساپتۇ. >ئىشنىمۇ قىلىدىكەنسەن، ئاشنىمۇ يەيدىكەنسە، يارايدىكەنسە< دەپ ئويلاپتۇ سودىگەر ۋە: - بۈگۈنكى ئىش ھەققىڭنى بۈگۈن ئالامسەن. ياكى ئەتە ئىشنى قىلىپ بولۇپ ئالامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - بۈگۈنكىنى بۈگۈن ئالىمەن، - دەپتۇ ھورۇن، سودىگەر ئۇنىڭغا ئىشتان. كۆينەك، چاپان، دوپپا، ئاياق، بېلىگە باغلىغىلى ياغلىق ۋە تۆت تەڭگىنى بېرىپ يولغا ساپتۇ. يىگىت خوتۇنىنىڭ تاپىلىشى بويىچە. قايتىشىدا كەتمەننى مۈرىسىگە سېلىپ پادىشاھنىڭ راۋىقىنىڭ يېنىدىكى تار كوچىدىن ناخشا ئېيتىپ ئۆيگە كەپتۇ. ئايال دەرھال چىقىپ ئېرىنى كۈتۈۋاپتۇ. يۈز - كۆزىنى ياغلىق بىلەن سۈرتۈپتۇ. شوخلۇق قىلىپ بىر نەچچىنى سۈيۈپمۇ قويۇپتۇ. ئاندىن ئېرىنىڭ ئالدىغا چاي ئەكىرىپتۇ. ھورۇن ئايالىغا قايىل بولۇپ، ئىش ھەققىنى ئايالىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. ئۇ ئەتىسى يەنە ئىشقا بېرىپتۇ. سودىگەر ھورۇندىن: - نەچچە ياشقا كىردىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئون بەش ياشقا. - مەن كۈنلۈگۈڭگە ئون ئالتە تەڭگە بېرەي، مەن سودىگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقماقچى ئىدىم. بالام يوق. مەن بىلەن بىللە ماڭساڭ قانداق، - دەپتۇ سودىگەر. - بۇنىڭغا ماقۇلمۇ، ياقمۇ دىيەلمەيمەن، ئايالىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن جاۋاب بېرەي، - دەپتۇ ھورۇن. ھورۇن كەچلىك تاماقتىن كېيىن سودىگەرنىڭ دىگەنلىرىنى ئايالىغا ئېيتىپتۇ. ئايالى ئۇنىڭ سودىگەر بىلەن بىللە بېرىشىغا قوشۇلۇپتۇ، يولغا چىقىش ئالدىدا ئايالى يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: - مېنىڭ مۇنۇ گەپلىرىم ئېسىڭىزدە بولسۇن: تۆت يۈز ئادەم يىگىرمە كۈن ماڭىسىلەر، يەيدىغان، ئىچىدىغاننى ئېلىۋالىسىلەر، سىلەڭ ماڭىدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى چۆللۈك. يىگىرمە كۈن يول ماڭغاندىن كېيىن سۈيىڭلار تۈگەيدۇ. بىر قۇدۇق بېشىغا بارىسىلەر، قۇدۇقتىن سۇ ئېلىش ئۈچۈن چىلەك تاشلايسىلەر، سۇ چىقمايدۇ، ھەممىڭلار يىغا - زارە قىلىشىسىلەر، قايتىپ كېتەيلى دىسەڭلار. يەنە يىگىرمە كۈن يول مېڭىشىڭلار كېرەك. ھەممە تەرەپ يىگىرمە كۈنلۈك يول. مۇشۇ قۇدۇقتىن سۇ ئېلىۋېلىشتىن باشقا چارە يوق. سىلەر ئامالسىزلىقتىن سۇ چىقىپ قالارمىكىن دەپ بىر ئادەمنى بېلىدىن باغلاپو قۇدۇققا چۈشۈرىسىلەر. قودۇققا چۈشكەن ئادەمنى تارتىپ ئالغىنىڭلاردا ئۇىڭ كاللىسى يوق چىقىدۇ. ئارقا - ئارقىدىن چۈشۈرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ. بىر قانچەق قېتىمدىن كېيىن نۆۋەت سودىگەرگە كېلىدۇ. ئۇ قودۇققا چۈشۈشتىن بۇرۇن سىزگە >ناۋادا مەن ئۆلۈپ كەتسەم بارلىق تەئەللۇقۇم سىزگە تەۋە بولسۇن. يۇرتقا قايتىپ بارغاندىن كېيىن كۆپ كولىتىپ، مەسچىت سالدۇرۇپ ۋەخپە قىلىڭ. خوتۇن بالىلىرىمغا ياخشى قاراڭ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ< دەپ جېكىلەيدۇ. شۇ چاغدا سىز >مەن سىزنىڭ خىزمەتچىڭىز. قودۇققا مەن چۈشەي، ناۋادا مەنمۇ ئۆلۈپ كەتسەم، ئاندىن سىز چۈشسىڭىز مەيلى، بىراق مەن ھايات تۇرۇپ سىزنى قودۇققا چۈشۈرمەيمەن، سىز ماڭا ئاش - نان بەردىڭىز. ياش بولغاندىكىن مەن چۈشەي< دەڭ. سودىگەر بۇ پىكرىڭىزگە قوشۇلىدۇ. باشقىلار قۇدۇققا بېلىنى باغلاپ پۇتىچە چۈشكەن بولسا، سىز پۇتىڭىزدىن باغلاپ، بېشىڭىزنى تۆۋەن قىلىپ چۈشۈڭ قۇدۇق ناھايىتى چوڭقۇر ھەم قاراڭغۇ، ئىشىكنى ئاچسىڭىز بىر باغ كۆرۈىدۇ. شۇ ھامانلا قاپ - قارا بىر دىۋە قىلىچىنى كۆتىرىپ ئالدىڭىزغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ. سىز ئوتتۇز توققۇز ئادەمنىڭ بېشىنى ياندىكى كانارغا قاتار ئېسىپ قويغانلىقىنى كۆرىسىز. كۆزىڭىزگە يەنە بىر راۋاقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر قىز كۆرۈنىدۇ. قىزنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن كېنىزەكلەر بار. دىۋە سىزنى چېپىشقا تەمشەلگەندە قىز ئۇنى توختىتىۋالىدۇ ۋە سىزنى ئالدىغا ئەكىلىشنى بۇيرۇيدۇ. دىۋە سىزنى قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. سىز قىزنىڭ ئالدىدا ئەدەب بىلەن تۇرىسىز. قىز >سىلەر جېنىڭلاردىن تويغان ئادەممۇ؟ ئالدىڭلاردا چۈشكەن ئادەم ئۆلۈك چىقسا قۇدۇققا يەنە چۈشتۈڭلارغۇ؟< - دەپ سورايدۇ. سىز >ئەي مەلىكە، بىز تۆت يۈز ئادەم، سۇسىز قالدۇق. قودۇققا چۈشمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆلۈپ تۈگىشىمىز. شۇڭا بىر ئامال قىلىپ بېقىشنى لايىق تاپقان ئىدۇق< دەيسىز. قىز يەنە >ئۇنداق بولسا ھەممە كىشى بېلىنى باغلاپ چۈشسە، سىز نىمىشكە تەتۈر چۈشىسىز؟< دەپ سورايدۇ. سىز >قۇدۇقنىڭ ئاستىدا ھەر قايسىلىرىدەك مەلىكىلەر، شاھزادىلەر بولسا پۇتۇم ئۇلارنىڭ يۈزىگە بولۇپ قالمىسۇن، دەپ ھۆرمەت قىلىپ، بېشىمچە چۈشتۈم. سىزگە ئايالىم گۈلجەمىلە سالام ئېيتتى< دەڭ. شۇ چاغدا مەلىكە ئورنىدىن تۇرۇپ بىر سەر ئالتۇننى بېشىڭىزدىن چاپىدۇ ۋە >گۈلجەمىلە دىگەن قىزدىن ئايلىناي، ئۇ ھازىر نەدە؟< دەپ سورايدۇ. سىز مېنىڭ بار جايىمنى ئېيتىپ بېرىسىز. قىز سىزگە پادىشاھلىق كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ ئۆزىنى نىكاھىڭىزغا ئېلىشىڭىزنى ئۆتىنىدۇ. ئۇ مەندىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق. بېشىمۇ ئون بەشتىن ئاشمايدۇ. سىز قىزنى ئالىسىز. قۇدۇقتىن چىقىسىز. ھەممە سودىگە سىزگە سالام قىلىدۇ ۋە >ھەممەيلەن قۇدۇققا چۈشۈپ ئۆلۈك چىقسا سىز پادىشاھ بولۇپ چىقىپسىز< دەپ سورايدۇ. سىز >مەن ئەدەپلىك بولغىنىم ئۈچۈن پادىشاھ بولۇپ چىقتم< دەيسىز. شۇنىڭ بىلەن قىز قىرىق تۇلۇمدا سۇ چىقارتىپ بېرىدۇ. سۇنى ئۇلار بىلەن بىللە ئىچىسىز. ماڭغان چاغدا قىز سىزگە >باغداتقا بارغان ۋاقتىڭىزدا ۋە قايتىش يولىڭىزدا دۆلەتمەن بولىسىز. سىز دۆلەتمەن بولغاندا قۇدۇقتا پاتقان مەندەك ئايالىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ< دەپ، لېۋىڭىزگە لېۋىنى يېقىپ تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. باشقىلار سىزگە ھۆرمەت قىلىدۇ. سىزگە ئۆز ماللىرىدىن زاكات بېرىشىدۇ. سىز باي بولىسىز. لېكىن مېنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بۇرۇنقىدەكلا ياخشى ئىشلەڭ. باغدات پادىشاھىنىڭ ئون ئالتە ياشتا بىر قىزى بار. ئۇ ساھىبجامال. بىراق ئىككى كۆزى كۆرمەيدۇ. سىز باغداتقا چۈشكەن كۈنى >ھەر قانداق كىشى شاھنىڭ قىزىنىڭ كۆزىنى ساقايتسا، پادىشاھ شۇ كىشىگە قىزىنى ۋە پادشاھلىقىنىڭ يېرىمىنى بېرىدۇ< دېگەن جاكانى ئاڭلايسىز. سىز >قىزنى مەن ساقايتىمەن< دەڭ. پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پادىشاھ سىزگە ھەممە گەپنى دەيدۇ. قىزنىڭ قېشىغا باشلايدۇ. سى قىزنىڭ قېشىغا كىرگەندە قىزنىڭ قۇچىقىدا بىر قارا مۈشۈكنى كۆرىسىز. ئىشىكتىن ناھايىتى چاققانلىق بىلەن كىرىسىز - دە، سول قولىڭىزدا مۈشۈكنى تۇتىسىز، ئوڭ قولىڭىزدا مەن بەرگەن مۇنۇ پىچاق بىلەن مۈشۈكنى بوغۇزلاپ، قېنىنى قىزنىڭ كۆزىگە تېمىتىسىز. قىزنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ. مۇشۇ پىچاقتىن باشقا ھەر قانداق پىچاق مۈشۈكنى بوغۇزلىيالمايدۇ. قىزنىڭ كۆزىنى ساقايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىسىز. تويدىن كېيىن شاھ پادىشاھلىقىنىڭ يېرىمىنى سىزگە بېرىدۇ. پادىشاھنىڭ بېغىدا ئىككى كۆل بار. بىرى ئالتۇن بىلەن، بىرى كۈمۈش بىلەن ياسالغان. ئىككىلىسىدە سۇ بار. ئىككى چاق بار. ئوڭدىكى چاقنى چۆرىسىڭىز كۈمۈش كۆلنىڭ سۈيى ئالتۇن كۆلگە چىقىدۇ. سولدىكى چاقنى چۆرىسىڭىز ئالتۇن كۆلنىڭ سۈيى كۈمۈش كۆلگە چىقىدۇ. سىز ئالتۇن كۆلنىڭ سۈيىنى چىقىرىۋەتسىڭىز كۈن چىقىش تەرەپتە تاغ باغرىدا بىر يول كۆرۈنىدۇ. شۇ يول بىلەن ماڭسىڭىز ھەزرىتى ئىسكەندەردىن قالغان غەزىنىگە بارىسىز. سىز غەزنىدىكى ئالتۇننى ئېلىپ پادىشاھقا تاپشۇرۇڭ. پادىشاھ بۇ ئالتۇننى ئالمايدۇ. ئۇنى سىزگە بېغىشلايدۇ. سىز بۇ ئالتۇننى شەھەردىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىڭ. پۇقرالار تۆلەيدىغان باجنى سىز ئاشۇ ئالتۇن بىلەن تۆلىۋېتىڭ. شەھەردىكى بارلىق غېرىپ - مۇساپىرلارنى تەمىنلەڭ. بۇ ئالتۇن ناھايىتى جىق بولغاچقا خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل يېتىدۇ. ئاخىرىدا پادىشاھ ئاغرىپ قالىدۇ. پادىشاھ ۋەزىرلەرنى چاقىرىپ >مەن ئاغرىپ قالدىم. ساقىيىشىمدىن ئۈمىت يوق، شۇڭا ئورنۇمغا بىر ئادەم پادىشاھ بولسا. مېنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان ئوغلۇم يوق< دەيدۇ. سىز يوقسۇللارنىڭ بېشىنى سىلىغانلىقىڭىز، ئەلنى ئادالەت بىلەن سورىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ھەممە كىشى سىزنى پادىشاھلىققا سايلايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ ۋاپات بولىدۇ. سىز پادىشاھلىق تاجىنى كىيىسىز. يۇرت سورايسىز. مال - دۇنياغا ئىگە بولىسىز. ئەنە شۇ چاغدا غېرىپ ۋە يوقسۇل چاغدا ئالغان مەندەك ئايالىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم زادىلا سوۋۇپ قالمايدۇ. ئايال سۆزىنى تاماملاپ ئېرىنى بىرنى سۆيۈپ يولغا سالىدۇ. ھورۇن يولدا ياخشى خىزمەت قىلىپتۇ. يىگىرمە كۈن ماڭغاندىن كېيىن دىگەندەك بىر قۇدۇققا يېتىپ بېرىپتۇ. ھورۇن ئىشلارنى ئايالىنىڭ دىگىنى بويىچە بىجا كەلتۈرۈپتۇ. بوغۇزلاپ قېنىنى باغدات شاھىنىڭ قىزىنىڭ كۆزىگە تېمىتقان مۈشۈك ئەسلى دىۋە بولۇپ، قىزغا ئاشىق ئىكەن. قىزنى ئېلىپ قېچىپ كويىقاپقا ئېلىپ باراي دىسە ئۆزىدىن چوڭ دىۋىلەرنىڭ تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. شۇڭا ئۇ قىزنىڭ كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويغان. مۈشۈك سىياقىغا كىرىۋېلىپ قىزنىڭ قۇچىقىغا ئولتۇرۇپ قىزنىڭ جامالىدىن ھوزۇرلانغان ئىكەن.ھورۇن قىزنىڭ كۆزىنى ساقايتقاندىن كېيىن پادىشاھ قىرىق كېچە - كۈندۈز توي ئۆتكۈزۈپ قىزىنى يىگىتكە بېرىپتۇ. پادىشاھلىقىنىڭ يېرىمىنىمۇ بېرىپتۇ. ئۇندىن كېيىنكى ئىشلارمۇ خۇددى ھورۇننىڭ ئايالى ئېيتقاندەك بولۇپتۇ. پادىشاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھورۇن پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپتۇ ۋە خەلقنى ئادىللىق بىلەن سوراپتۇ. ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ. ئۇ ئايالنى ئەسلەپ، ئايالى بار شەھەرگە بارماقچى بولۇپ، تەييارلىق كۆرۈپتۇ. بۇ شەھەرمۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭغا قارايدىغان بولغان ئىكەن. ئەل - يۇرت ئۇنى داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. ھورۇن ئوردىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپلا قەدىمى ئۆيگە كەپتۇ، خوتۇنى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. ھورۇن مانا شۇنداق قىلىپ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ ئەلنى ئەدلى - ئادالەت بىلەن سوراپ، بەختلىك ئۆتۈپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ناھىيە كونا شەھەر دۆلەت بىلەن خۇسۇسلار شىرىكچىلىكىدىكى دۇكاندىن: ھوشۇر قادىر.
← بارلىق تېمىلار چوچاق