ئەقىلۋاي
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن. قىرغاۋۇل جەدىكەن، قۇيرۇقى يەردىكەن، بۆرە قاراقچى ئىكەن، تۈلكە يالاقچى ئىكەن. ئېيىق سوراقچىكەن، سېغىزخان چېقىمچى ئىكەن، غورۇلاي بېقىمچى ئىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر يىگىت بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە سەپەرگە چىقىپتۇ. ئارزاق يول ماڭغاندىن كېيىن ئەللىك ياشلاردىكى، قارا چاڭگا ساقاللىق، ئۆزىنى توختاتقان، جاھاننىڭ ئىسىق - سوغاقلىرىنى كۆرگەن، ياخشى - ياماننى پەرق ئېتەلەيدىغان بىر كىشى ھەمراھ بولۇپ قوشۇلۇپتۇ.
يىگىت شوخ، كۆڭۈلچەك، پاراڭچى، مىجەزى يېنىك ئىكەن. ھېلىقى كىشى بولسا، ئېغىر - بېسىق، پۇختا، كەمسۆز ئىكەن. ئىككىسى تالاي يول مېڭىپتۇ. يىگىت يولبۇيى ئۇنى - بۇنى سوراپ مېڭىپتۇ. لېكىن ھەمراىدىن >ھە< دېگەن سادا چىقماپتۇ. ھەمراھى گەپ قىلمىغاندىن كېيىن يىگىتمۇ خىجىل بولۇپ ئۇنچىقماي مېڭىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. لېكىن شوخ يىگىت بۇنىڭغا زادىلا چىدىيالماپتۇ.
- ھەي، سەپەرداش ئاكا! گەپ قىلغاچ ماڭساڭچۇ؟ گەپنى پۇلغا سېتىپ ئالغانمىدىڭىز؟ ئۇنداق قىلماڭ، بەكمۇ زېرىكىپ كەتتىم، - دەپتۇ.
- پۇلغا سېتىپ ئالمايزە.... ساڭا ئەرزان بولغىنى بىلەن ماڭا قىممەت! مەن ھەر بىر گەپنى مىڭلاپ پۇلغا، مىڭلاپ تاياققا، ئازاپ - ئوقۇبەت بەدىلىگە سېتىۋېلىپ ئۆگەنگەنمەن، شۇڭا بىكارغا گەپ قىلمايمەن، - دەپتۇ ھەمراھ كىشى.
يىگىت ھەمراھىغا بىر تىللانى تەڭلەپتۇ ۋە:
- ئۇنداق قىلماڭ، مەن تۇنجۇقۇپ ئۆلىدىكەنمەن، گەپلەشكەچ ماڭايلى، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ، ھەمراھى بىر تىللا ئالغاندىن كېيىن:
- ھەر قانداق ۋاقىتتا يولدا ماڭغان ھەمرايىڭىزنىڭ ئېتىنى، جايىنى سورىۋېلىڭ! - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر كۈنگىچە گەپ قىلماپتۇ. يىگىت يەنە بىر تىللا يېرىپ يالۋۇرۇپتۇ.
- ھەر قانداق جايدا ئولتۇرغان ئورنىڭىزنى كىشىگە بەرمەك! - دەپتۇ ۋە ئۇ يەنە بىر كۈن گەپ قىلماپتۇ. يىگىت ئاخىرقى تىللاسىنى چىقىرىپ يەنە يالۋۇرۇپتۇ.
- ھەر قانداق كىشى ئۆزى كېلىپ ئۈچ قېتىم سورىمىغىچە، ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن نەرسە بەرمەڭ! - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۈنچىقماي مېڭىپتۇ. شۇ ئەسنادا يولمۇ تۈگەپتۇ، ئۇلار مەنزىلىگە يېتىپ كېلىپ شەھەرگە كىرىپتۇ. قارىسا شەھەردە ناھايىتى چوڭ مەرىكە بولۇۋاتقان ئىكەن، دەل شۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپتۇ. بۇلار مەرىكە سورۇنىغا كىرىشىپتۇ. ھېلىقى ھەمراھى تارتىنماستىنلا تۆرگە ئۆتۈپ مەزمۇت ئولتۇرۇپتۇ. ھەر قانچە چوڭلار كەلسىمۇ ئاغزىدا تەكەللۇپ قىلىپ، ئورنىدىن قوزغالماپتۇ، ئۆي ئىگىلىرى ئۇنىڭ قىلغىنىغا كۆڭلىدە رەنجىگەن بولسىمۇ، لېكىن مېھماندارلىق قائىدىسى بويىچە ئۇنى زورلاپ ئورنىدىن قوزغىۋېتەلمەپتۇ. ئۇ كىشى ئابرۇي بىلەن ئاشنىڭ مايلىق يېرىنى، گۆشنىڭ لوقىنى يەپ مېھمان بولۇپتۇ. كۆڭۈلچەك يىگىت دەسلىۋىدە تۆردە ئولتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مېھمانلار كېلىۋەرگەندىن كېيىن، كۆڭۈلچەكلىك قىلىمەن دەپ >ۋاي كەلسىلە، يۇقىرىغا ئۆتسىلە!< دەپ خۇشامەتچىلىك قىلىپ ئاخىرىدا ئۆز ئورنىنى ساقلىيالماي بارغانسېرى سۈرۈلۈپ پەگاغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئاخىرىدا پەگامۇ نېسىپ بولماي، قازاننىڭ ئاشقان - تاشقان قىسماقلىرى تېگىپتۇ. شۇ ئارىدا سورۇنغا گۆش توغراشقا پىچاق لازىم بولۇپ، مېھمانلار بىر - بىرىدىن سورىشىپتۇ. لېكىن ھېچكىمدىن پىچاق چىقماپتۇ. ھېلىقى نادان يىگىت پىچاق بەرسەم ئېتىۋارىم بولارمىكىن، دەپ خام تامادا پىچىقىنى چىقىرىپتۇ. ئۇ پىچاق دادىسىدىن مىراس قالغان، شۇنداق چىرايلىق ئىكەنكى، دەستىسى ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت تاشلار بىلەن بىزەلگەن بولۇپ، كۈن نۇرىدا كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدىكەن. تىغى ناھايىتى ئەلا سۈپەتلىك پولات ئىكەن. جامائەتنىڭ پىچاققا بولغان قىزىقىشى ئېشىپ، پىچاق قولدىن - قولغا ئۆتۈپ، يۇقىرىسىغا قاراپ كېتىپتۇ. ئاخىرىدا شەھەر ۋەزىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپتۇ. پىچاققا ئىشقى چۈشكەن ئاچكۆز ۋەزىرنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، پىچاقنى ئېلىپ قېلىپ بەرمەپتۇ. يىگىت دات سېلىپ پىچاق ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلسىمۇ، ھېچكىم قۇلاق سالماپتۇ. ۋەزىرنىڭ نۆۋكەر - يالاقچىلىرى ئۇنىڭ ئەمرىگە بىنائەن:
- ئۇ ئوغرىكەن، مۇنداق پىچاق پەقەت ئوردا ئەھلىدە بولىدۇ. قايسى يىلى ۋەزىر ئەزەمنىڭ ھوزۇرىدىن يۈتۈپ كەتكەن پىچاق دەل شۇ! - دەپ، يىگىتنى ئوغرى قىلىپ زىندانغا ساپتۇ.
شۇ سورۇندا پۈتۈن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان يىگىتنىڭ ھېلىقى ھەمراھى يىگىتنىڭ ئەخمەقلىق قىلىپ گەپنى قۇلاقتا تۇتماي پالاكەتكە ئۇچرىغانبلىقىغا ئاچچىقى كەلسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ مەرد، ئاقكۆڭۈل، ئىش كۆرمىگەن ساددا ۋە ياخشىلىقىغا ئىچى ئاغرىپ، يىگىتنى تاشلاپ كېتەلمەپتۇ، ئۇ زىندانغا يانداش بىر موماينىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنى بىر قانچە كۈنگە ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. كەچ كىرگەندە بىر مۈشۈكنى تۇتۇپ، ئۆيگە ئەكىرىپ، ئىشىكنى تاقاپتۇ. شۇ چاغدا جاللاتلار يىگىتنى قىيناپ سوراقلاۋاتقانىكەن. زىنداندىكى ۋاقىراش - جاقىراشلار ئۆيگە ئۈنلۈك ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن، شۇ چاغدا ھەمراھ كىشىمۇ يىگىتنى ئاڭلىسۇن دەپ مۈشۈكنى سوراق قىپتۇ:
- ھە، گەپ ئاڭلىمىغان دۆت مۈشۈك! مەن ھەمراھ بولۇپ ماڭغاندا ئۈچ تىللاغا ساتقان گەپنى قۇلاقتا تۇتمىدىڭىز! - دەپ مۈشۈكنىڭ قۇلىقىنى چىمداپ، بۇراپتۇ. مۈشۈك چىدىيالماي قاتتىق مىياڭلاپتۇ.
- ئەمدى قۇلاقتا تۇتامسىز؟ - دەپ يەنە بۇراپتۇ. مۈشۈك يەنە زارلىنىپ مىياڭلاپتۇ.
- ئەمىسە ئاخىرقى نەسىھەتنى ئاڭلاڭ! - دەپتۇ ھەمراھ، - مېنىڭ ئاتام سودىگەر ئىدى، يولدا قانداقتۇ بۇلاڭچىغا ئۇچراپ، بۇلاڭچىلار ئاتامنى ئۆلتۈرۈپ، مال - دۇنياسىنى بۇلاپ كەتكەن، كېيىن ئاتامنىڭ يۈرىكىدىن مۇشۇ پىچاق تېپىلغان، شۇ چاققىچە ئۇنى ئاتا مىراس دەپ، قاتىلنى تاپالماي يۈرەتتىم، ئەمدى تاپتىم، دەڭ جۇمۇڭ مۈشۈك، ئەگەر گۇۋاھچى سورىسا، شاتۇۋا رەستىسىدىكى ھەمراھى ئەقىلۋاي دەڭ جۇمۇڭ، ساراڭ مۈشۈك، - دەپ مۈشۈكنىڭ جان ئاچچىقىدا شۇنداق زارلىنىپ مىياڭلاپتۇكى، تام - تۇرۇس، زىندانمۇ لەرزىگە يىگىت قىيىن - قىستاقتىن كېيىن، ئازاپلىنىپ ئولتۇرۇپ، ياندىكى ئۆيدىن ھەمرايىنىڭ تونۇش ئاۋازىنى، مۈشۈكنىڭ ۋاقىرىشىنى ۋە بولغان گەپلەرنى تولۇپ ئاڭلاپ كۆزىگە ياش ئېلىپ، تەجرىبىلىك ھەمرىيىنىڭ نېمىشقا ئۈنچىقمىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل، سادىق ۋە جەسۇرلۇقىغا قايىل بولۇپ رەھمەتلەر ئوقۇپتۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن يىگىت دارغا ئېسىلىشقا بۇيرۇلۇپتۇ. شۇ چاغدا يىگىت بار ئاۋازى بىلەن دات ساپتۇ. چۈنكى پادىشاھمۇ بۇ قاتىلنى كۆرۈشكە كەلگەن ئىكەن.
- ئادالەت، ھىمايە! ئى ئادالەتلىكلەرنىڭ سۇلتانى، مەن ناھەق كېتىۋاتىمەن، دادىمغا يەتمىسەڭ قىيامەتتە تۆمۈر تىرنىقىم ياقاڭدا!.....
پادىشاھ ئۇنىڭ ئاھ - داتلىرىدىن ۋە >ناھەق،... تۆمۈر تىرنىقىم ياقاڭدا< دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپتۇ. چۈنكى پادىشاھ ئۆز زامانىسىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ھەق - ناھەق دەۋالاردا ئادالەتلىكى بىلەن شۆھرەت قازانغان ئىكەن.
- توختا، - دەپتۇ پادىشاھ جاللاتلارغا ۋە يىگىتنى ئالدىغا چاقىرتىپ دادىنى سوراپتۇ. يىگىت ھەمراھى ئۆگەتكەن بويىچە پىچاق ۋەقەسىنى ئوتتۇرىغا ساپتۇ. پادىشاھ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەر ئىككىسىنىڭ سۆزى تېخى ئىسپاتلانمىغان، دەپ قاراپ گۇۋاھچى تەلەپ قىپتۇ.
يىگخت شاتۇۋا بازىرىدىكى ھەمراھى ئەقىلۋاينى گۇۋاھلىققا تارتىپتۇ. ۋەزىر بولسا ئۇردىدىكى بىر قانچە يېقىن كىشىلىرىنى گۇۋاھلىققا تارتقان ئىكەن، لېكىن ئۇلار پىچاقنىڭ تويدا راستىنلا مۇشۇ يىگىتتىن تارتىپ ئېلىنغانلىقىنى بىلىدىكەن. شۇڭا ۋەزىرنىڭ ئىكەنلىبكىگە جەزىم قىلىشالماپتۇ، يالغان گۇۋاھلىق بېرەي دېسە، پادىشاھ ناھايىتى ئادىل، ھۆكمى قاتتىق بولۇپ، ئىش راستىنلا چىڭ يەرگە چىقسا، سىرى پاش بولۇپ، ئۆلۈشىدن قورقىدىكەن، شۇڭا راستىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئەقىلۋاي ۋەزىرنىڭ ئەزەلدىن ھارامتاماق، پارىخور، زالىملىقىنى، ئۇنىڭ چېقىمچىلىق، تۆھمەتخورلۇقىدىن تالايلىغان كىشىلەرنىڭ بېشىغا چىققانلىقىنى، ئەلنىڭ ئۇنىڭغا ئۆلۈم تىلەپ زار قاخشايدىغانلىقىنى بىلىپ گۇۋاھلىقىدا چىڭ تۇرۇپتۇ. غەزەپلەنگەن پادىشاھ ۋەزىرنى دارغا ئېسىپ، يىگىتنى ئازاد قىپتۇ.