ماختانچاق پاشىلار
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
باھار پەسلى ئۆتۈپ، ياز باشلانغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر دالانىڭ ئۈستىدە ناھايىتى نۇرغۇن پاشا ئۇچۇپ ئۆتۈپتۇ. ئۇلار شۇنچىلىك ۋەھىمە بىلەن غىڭشىپ ئۆتۈپتۇكى، ھەتتا چىغلىقتا سەكرەپ ئوينىشىپ يۈرگەن ئىككى توشقان بالىسىمۇ قورققىنىدىن بىر چىغنىڭ دالدىسىدا يۇشۇرۇۋاپتۇ. توشقان بالىلىرى چىغ تۈۋىدە قۇلاقلىرنى دىڭگايتىپ قاراپ تۇرسا، ئۇچۇپ ئۆتىۋاتقان پاشىلارنىڭ ئاخىرى كۆرۈمىگۈدەك. ئۇلار بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن: «ئەجابا، بۇ غىجەكۋايلار بۇنچە ۋەھىمە بىلەن نەدىن كېلىپ، نەگە كېتىپ بارىدىكىن؟ ياكى بىرەر ئاپەت باشلىنىپ قالىدىمىكىن؟! ئۇنداق بولغان تەقدىردە ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەي بىزگىمۇ قېچىشقا توغراكېلەر » دەپ ئويلاپتۇ ۋە پاشىلارنىڭ نەدىن كېلىپ، نەگە ۋە نېمىشقا كېتىپ بارغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ:
_ ھاي غىجەكۋايلار! مۇنچە ۋەھىمە بىلەن نەگە كېتىپ بارىسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ.
سىلەردەك زۇرۇقۋايلارغا ئوخشاش ئۆمرىمىزنى چىغ تۈۋىدە ئۆتكۈزەتتۇقمۇ؟! بىز شەھەر ئالغىلى،«پاق - پاق شەھىرى»گە جەڭگە كېتىپ بارىمىز ، - دەپ ماختىنىشىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ پاشىلار. ئۇلار ئاھالە ياشايدىغان جايلارنى «پاق - پاق شەھىرى» دەپ ئاتايدىكەن، چۈنكى پاشىلار كىلەرنىڭ قېنىنى شوراش ئۈچۈن يۈزلىرىگە، قۇلاقلىرىغا،قوللىرىغا ۋە باشقا ئۇچۇق جايلىرىغا قونغان چاغدا، ئادەملەر ئۇلارنى «پاق - پاق » قىلىپ ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ ئەمەسمۇ.
پاشىلار ئۇچۇپ كېلىپ يېزىدىكى ئوتلاقلارغا ۋە قۇمۇشلۇقلارغا جايلىشپتۇ. ئۇلار كۈندۈزلىرى قۇمۇش ۋە شىۋاقلارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى شورايدىكەن. شامال چىقىپ قالغان چاغلاردا شىۋاقلارغا، قومۇشلارغا مەھكەم يېپىشىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاران تۇرغىنغا قارىماي: « ھى، قويۇۋىتەتمۇ؟ ئەگەر قويۇۋېتىدىغان بولسام، ھازىر يىلتىز - پىلتىزىڭ بىلەن شامال يۇلۇپ كېتىدۇ دەيدىكەن. شامال توختىغاندىن كېيىن : «ئەگەر بىز بولغىنىمىزدا بىرىڭنى قويماي شامال يۇلۇپ كېتەتتى - دە» دەپ ماختىنىشىدىكەن.
ئۇلار كۈن ئولتۇرارغا يېقىن: ئەتىدىن - كەچكىچە كۆكتاتلارنىڭ پاق سۈيىنى شوراپ زېرىكىپ كەتتۇق، ئەمدى «پاق - پاق شەھىرى »گە بېرىپ كىشىلەرنىڭ قىزىل سۈيىدىنمۇ ئىچىپ كىلەيلى، پادىنى ئەگىشىپ يېزىلارغا كىرىدىكەن. بۇ يەردە كىشىلەر شاپىلاقلىرىنىڭ ئاستىدا قېلىپ بىر قىسمى قىرىلىپ كېتىدىكەن.
پاشىلار ھەركۈنى شۇنداق قىرىلىپ، كۈزگىچە تەڭدىن تولىسىدىن ئايرىلىپتۇ - دە، قايتىپتۇ. يولدا ئۇلارغا ھېلىقى ئىككى توشقان بالىسى يەنە ئۇچراپ قاپتۇ، ئەمدى بۇلار ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ قالغانىكەن، ئۇلار قايتىپ كېتىۋاتقان پاشىلارنىڭ ئازلىقىنى كۆرۈپ:
_ ھە، غىجەكۋايلار، ئۇياققا كېتىپ بارغىنىڭلاردا ناھايىتى نۇرغۇن ئىدىڭلار، ھازىر ناھايىتى ئاز قايتىپ كېلىۋاتىسىلەرغۇ، قالغانلىرىڭلار قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ «پاق - پاق شەھىرى» نى ئالغانىدۇق، يېرىمىمىز ئۇيەردە تەرتىپ ساقلاپ قالدى. بىز بولساق كۆپ جەڭلەردە يۈرۈپ ھاردۇق، ئەمدى دەم ئالغىلى ئۆز يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتىپ بارىمىز، - دەپ ماختىنىشىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.