قازى بىلەن مەھەممەت رازى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
مۇنداق رىۋايەتلەر قىلىپتۇلەركىم، بۇرۇندا ئۆتكەن بىر پادىشاھنىڭ مەككارلىق ۋە ھەييارلىقتا تەڭداشسىز ئۈچ ھەييارى بار ئىكەن. بىر كۈنى پادىشاھ ئۇلارغا:
- مېنىڭ تۇزۇمنى يېدىڭلار، ئوبدان كىيىندىڭلار، ياخشى ئاتلىرىمنى مىندىڭلار، قايسىڭلار باغدات شەھىرىگە بېرىپ، شەھەر قازىسىنى زەخىم ئۇرماي، ئازار بەرمەي، يالىڭاچ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىگىن - ئاياغللىرىنى ئېلىپ كېلىسىلەر؟ كىم بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسا، مىڭ تىللا ئىنئام قىلىمەن، - دەپتۇ. ھەييارلار دەرھال بىر نېمە دېيەلمەي بىر - بىرلىرىگە قارىشىپ، تىڭىرقاپ تۇرۇپ قاپتۇ. ئۇلار بىردەم سۈكۈت ئىچىدە خىيال سۈرگەندىن كېيىن، بىر ھەييار ئورنىدىن تۇرۇپ، پادىشاھقا تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ:
- ئۇلۇغ شاھىمىز، بۇ ئېيتقانلىرىنى ئورۇنداش بىز ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئاشۇنداق قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى بىلىشىمىزگە مۇمكىن بولسا، شۇنىڭغا لايىق يول تاپساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، - دەپ قول قوشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ:
- بىلگىڭلەر كەلگەن بولسا، بۇنى سىلەردىن پىنھان تۇتمايمەن. مەن باغدات مەدرىسلىرىنىڭ بىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان چېغىمدا، بىر كۈنى كېچىسى بىر كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىر ئايالنىڭ: >قۇتقۇزۇڭلار< دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم - دە، داد - پەرياد چىقىۋاتقان ئۆيگە ئۆزۈمنى ئوقتەك ئاتتىم. ئۆي قاراڭغۇ ئىدى، ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى. پەقەت كىملەرنىڭدۇر پومداقلىشىۋاتقان ئوپۇر - توپۇرى بىلەن بىر ئايالنىڭ: >قۇتقۇزۇڭلار! ۋاي داد! ... ھەي ئىپلاس، تارت قولۇڭنى، ئۆزۈڭ كىمسەن؟! ئۆلسەممۇ ئىللا - بىللا...< دېگەن ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن ئاۋاز چىققان يەرگە بېرىپ قولۇمنى ئۇزىتىشىمغا بىر گەۋدە چاچراپ ئورنىدىن تۇردى - دە، ئوچۇق تۇرغان ئىشىكتىن سىرتقا قېچىپ چىقىپ كەتتى. مەن ئارقىسىدىن قوغلاپ چىقىۋاتقىنىمدا، بوسۇغىغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتۈم. ئورنۇمدىن ھاپىلا - شاپىلا تۇرۇپ ھويلىغا چىقىشىمغا، ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلگەن قوشنىلىرى كېلىپ مېنى تۇتۇۋالدى. ئەسلىدە بىر مۇتەھەم ھېلىقى ئايالغا زورلۇق قىلماقچى بولغانىكەن. تۇتۇۋالغۇچىلار مېنى باغلاپ مىرشاپقا تاپشۇرۇشتى، ئەتىسى قازىغا توغرا قىلىشتى. مېنىڭ گۇۋاھچىم بولمىغاچقا راست گەپ ئاقمىدى، ئۆزۈمنى ئاقلاشقا ئامالسىز قالدىم. مەن ھازىر سىلەرگە ئېيتقان قازى شۇ چاغدا باغدات شەھىرىنىڭ قازىلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ياش قازى ئىكەن. يۈز كۆزۈمدە تاتىلانغان بىرەر تىرناق ئىزىنىڭ يوقلۇقىغا قارىماي، ئۇ مېنى يالىڭاچ قىلىپ، كوچىمۇ كوچا سازايى قىلدى، يەنە قىرىق دەررە ئۇردۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ تاشلاتقۇزۇۋەتتى. خالس قۇتقۇزماقچى ۋە شەپقەتچى بولماقچى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئاشۇنداق >تارتۇق< قا ئېرىشتىم. باغداتتا تۇرۇشقا ئىمكانىيىتىم قالمىدى. >با ئويۇننى سىز ئويناڭ، دەردىڭىزنى مەن تارتاي< دېگەننىڭ ئۆزى بولدى. ئاخىرى بۇخاراغا بېرىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
پادىشاھنىڭ سۆزى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە تاقەت قىلالمىغان ھەييار مەھەممەت رازى ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە، يەر ئۆپۈپ پادىشاھقا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ:
- پادىشاھى ئالەم، ئەل قىساسى مىنەلھەق. ئىجازەت بەرسىلە، شۇ قازىنى يالىڭاچ قىلىپ، ئىگىن - ئاياغلىرىنى مەن ئېلىپ كېلەي! - دەپ قول باغلاپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ رۇخسەت قىلىپتۇ. مەھەممەت رازى يول يۈرۈپ، يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپ، مول يۈرسىمۇ يىڭنە ئۇچىدا توپا قازغاندەك يۈرۈپ، باغدات شەھىرى تەۋەسىگە يېتىپ كېلىپ بىر مەنزىلگە چۈشۈپتۇ. ئۇ كېچىسىمۇ كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەي، قازىنى قانداق ھىيلە بىلەن قولغا چۈشۈرۈش پىلانى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئولتۇرۇپتۇ.
ئەمدى سۆزنى قازىدىن ئاڭلايلى. باغدات شەھىرىنىڭ بۇ قازىسىنىڭ ئسىمى لاۋھىد ئىبنى مۇقاتىل بولۇپ، ئىلىم - پەن، پەزىلەت ۋە تەقۋادارلىقتا كامال ئىكەن. قىش - ياز كۈندۈزى روزا تۇتىدىكەن. ۋە كېچىنى ئۈچ ھەسسە قىلىپ، بىر ھەسسىدە كىتاب كۆرىدىكەن، بىر ھەسسىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىدىكەن ۋە بىر ھەسسىدە ناماز ئوقۇيدىكەن. بىر كۈنى ئۇ كىتابتىن >نامازنىڭ ئاللاتائالاغا دوستراقى بوستان - باغدا ئوقۇلغىنى< دېگەن ھەدىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ. بۇ قازىنىڭ سەھرادا باغ - بوستانلىق ھويلىسى بار ئىكەن. ئۇ: >مەن بۈگۈن سەھەر چىقىپ، بوستاندا ناماز ئوقۇپ، ھەدىسكە ئەمەل قىلسام ئاخىرەتلىكىم خەيرلىك بولار< دېگەن ئۈمىد بىلەن چاكىرىنى چاقىرىپ:
- بۈگۈن سەھەردىن بۇرۇن ئاتنى ئىگەرلەپ بەر، - دەپ بۇيرۇپتۇ. چاكار شۇنداق قىپتۇ. قازى تەرەت ئېلىپ، ئىككى رەكىئەت شۈكرى نامازنى ئوقۇپ، ئېتىغا مېنىپ يولغا چىقىپتۇ. بىر ھازا يول يۈرگەندىن كېيىن ئاسماندىكى ئايغا قاراپ، ئەمدى تۈن نىسپى بولغانلىقىنى بىلىپ، >بىمەھەل يولغا چىقىپ قاپتىمەن، بىرەر ئوغرى - قاراقچىغا يولۇقۇپ قالمىغانىدىم< دەپ ئەندىشە قىلىپ، >ئەڭ ياخشىسى، بىر ئاز ياتاي، تاڭغا يېقىن ماڭاي< دەپ ئويلاپتۇ. كېيىن >ئىبادەتكە نىيەت قىلىپ چىقىپ يولدا ياتماق خوپ ئەمەس، خۇدايا تائالاغا تەۋەككۈل قىلىپ مېڭىۋېرەي< دەپ يۈرۈشنى داۋام قىپتۇ. ئۇ مەھەممەت رازى چۈشكەن لەنگەرگە يېتىپ بېرىشىغا، مەھەممەت رازى لەنگەردىن چىقىپ، قازىغا قاراپ: >بەختىيار چىقسا شىكار ئەيلىگىلى سەھراغا، چۈشەر ئۆز مەيلى بىلەن سەيىد كېلىپ ئالدىغا< دەپ بېيىت ئوقۇپتۇ ۋە >ئەلھەمدۇللا، خۇدايتائالادىن نېمىنى تەلەپ قىلسام شۇنى بەردى< دەپ قازىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، شەمشىرىنى غىلاپىدىن چىقىرىپ ئاي يورۇقىدا پالىلدىتىپ تۇرۇپ:
- بەس، ئۆز جايىڭدا توختا! - دەپتۇ. قازى توختاپ قارىسا قەۋى ھەيكەل سالاپەتلىك بىر ئادەم ئالدىنى توسۇپ تۇرغۇدەك. بۇ ھەييار مەھەممەت رازى ئىكەن. بىچارە قازى قورقۇپ كېتىپتۇ، ئۇ ئاران ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ:
- ھەي، نېمە ئادەمسەن، مەندىن شەرىم تۇتمامسەن؟ مەن مۇسۇلمانلارنىڭ قازىسى بولىمەن، - دەپتۇ. مەھەممەت رازى:
- ھەي قازى، مەندىن نېمە ئۈچۈن قورقمايسەن؟ مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەييارى ۋە ئوغرىسى بولىمەن. >ئاۋۋال سالام، ئاندىن تائام، ئاخىرىدا كالام< دېگەن گەپ بار. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئى مۇسۇلمانلارنىڭ قازىسى، - دەپ قازىغا سالام بېرىپتۇ. قازى سالامغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن:
- ئەي ئازادە مەرد، سەن گەرچە ئۆزۈڭنى ئوغرى، ھەييار دەۋاتقان بولساڭمۇ قائىدە - يوسۇن بىلىدىكەنسەن، ئىلىم - ھېكمەتتىن سۆزلەۋاتىسەن ۋە ئىرانلار سالىمىنى يەتكۈزۈۋاتىسەن، ئەمما نېمە ئۈچۈن مەن تەنھا تۇرسام تىغ كۆتۈرۈپ، ھەيۋە قىلىپ سۆزلەيسەن؟ - دەپتۇ. ئوغرى:
- >ھەر كىم بىلەن ئىككى پەرىشتە ھەمراھتۇر، بىرى ئوڭ قولىدا، بىرى سول قولىدا< دېگەن ئايەتنى ئۇقمامسەن؟ بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىدىن ئېيتقاندا، سەن يالغۇزلا ئەمەس، بەلكى ئۈچ كىشىسەن، - دەپتۇ. قازى:
- ئەي مەرد يىگىت، مېنى قويۇپ بەر، باشقا ئادەمنى تۇت، - دەپتۇ. ئوغرى:
- مەن ئوۋچى، ئۆزۈمگە قۇۋۋەت ھاسىل قىلاي دەپ بۇ يەردە ئولتۇرىمەن. قولۇمغا چۈشكەن ئولجىنى ھەرگىز قويۇپ بەرمەيمەن. ئەي قازى، نېمە ئۈچۈن مۇنداق قاراڭغۇدا يولغا چىقتىڭ؟ - دەپتۇ.
- غەپلەت بېسىپ چىقىپتىمەن، - دەپتۇ قازى.
- مەن سېنى ئىلمىي نۇجۇم )يۇلتۇزشۇناسلىق( نى بىلىدۇ، دەيتتىم. سەن يەتتە كاۋاكىپ )كۈن، ئاي، مىررىخ، ئوتتارور، مۇشتەرى، زۆھرە، زوھەل(، ئون ئىككى بۇرج )ھەمەل، سەۋر، دەلۋە، سەرەتان، ئەسەر، سۇمبۇلە، مىزان، ئەقرەپ، قەۋىن، دەۋزە، جەددى، ھوت(، سەككىز قىرغاقنى )شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال ۋە ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكى( بىلمەي تۇرۇپ قانداقچە قازىلىق قىلىۋاتىسەن؟
- ئىلمىي نۇجۇمغا ئەمەل قىلماق ياخشى ئەمەس. >ھەر كىم ئىلمىي نۇجۇمغا ئەمەل قىلسا چوقۇم كاپىر بولىدۇ< دېگەن ھەدىس بار.
- راست ئېيتىپتۇلەر، سەن ھەر بىر ھەدىسكە ئەمەل قىلىپسەن. لېكىن سەككىز ئايەتكە ئىقرار ئەمەسسەن!
- قايسى سەككىز ئايەت؟
- بۇ سەككىز ئايەت مۇنۇلار: بىز ئەلۋەتتە ئاسمان تەبىقىلىرىدە پلانتىلارنىڭ سەيىر دائىرىسى ئۈچۈن بۇرجلارنى ياراتتۇق. بىز ئاسمان دۇنياسىنى يۇلتۇزلارنىڭ بېزەكلىشى بىلەن زىننەتلەندۈردۇق؛ قۇياش، ئاي، ۋە يۇلتۇزلار ئۇ تەڭرىنىڭ پەرمانىغا بويسۇنىدۇ؛ بەس، يۇلتۇزلارنىڭ سەيىر قىلىشى ئۈچۈن دائىرىلەرنى ياراتقان تەڭرى نېمىدېگەم ئۇلۇغ؛ قەسەمياد قىلىمەن، بۇرچ - دائىرىسى بار ئاسمان ھۆرمىتى بىلەن؛ ئىنسانلار يىراق يەرگە يۈرۈشتە ۋە ئىشلىرىنى باشلاشتا يۇلتۇزلارنىڭ سەيىر قىلىشىنى مۆلچەرلەپ، توغرا يول تاپىدۇ، بەش كۆزىتىڭلار! تەڭرىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرمەكچى بولساڭلار يۇلتۇزلارغا قاراڭلار.
قازى ھەيران قېلىپ:
- ئەي جۇۋارنىمەت، مۇنەججىم ئىكەنسەن. ماڭا قۇرئى بېقىپ كۆر. تەلىيىم ياخشىمۇ - نەسمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئوغرى:
- ئەي قازى، تەلىيىڭنىڭ نەس ئىكەنلىكىنى ھېلىغىچە بىلمەيۋاتامسەن؟ تەلىيىڭ نەس بولغىنى ئۈچۈن مۇشۇنداق پىشكەللىككە دۇچ كەلدىڭ! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قازى سوراپتۇ:
- ئەي ئازادە مەرد، ھازىر ئاي قايسى بۇرجىدە؟
- ئەقرەب بۇرجىدە ئالتە دەرىجىدە ئەنكا بىرلە مىررىخ بەشىنچى دائىرىدە، بۇ ۋاقىت ئوغرى - قاراقچىلارغا ئەپلىك، ئەمما قازىلارغا، موللىلارغا خوپ ئەمەس.
- مەن ھەدىسكە ئەمەل قىلىپ، بوستانلىقتا ناماز ئوقۇماق ئۈچۈن چىققانلىقىمنى بايا ئېيىتتىمغۇ، مېنى قويۇپ بەر!
- سەن ئۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىپسەن، ئەمما، گەرچە ئىككى پەرىشتە سەن بىلەن ھەمراھ بولسىمۇ، سەن >يول يۈرمەكچى بولغان كىشى ئالدى بىلەن ھەمراھ تېپىپ ئاندىن يول يۈرۈيسەن< دېگەن ھەدىسكە ئەمەل قىلماپسەن. ئەگەر بىر كىشىنى ھەمراھ قىلىۋالغان بولساڭ مەن ساڭا يولۇقماس ئىدىم.
- سەن نېمە ئۈچۈن >مۇسۇلمان شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنىڭ قولىدىن ۋە تىلىدىن مۇسۇلمانلار ئامان بولىدۇ< دېگەن ھەدىسكە ئەمەل قىلمايسەن؟
- ئەي قازى، ھەق تائالا يارلىق قىلىپ: >بەندىنىڭ قىلغان ياخشى - يامان ئىشلىرىغا ئۇنىڭ قولى - پۇتى گۇۋاھلىق بېرىدۇ< دېگەن، - دەپتۇ ئوغرى ۋە بۇ قىتئەنى ئوقۇپتۇ:
ئەي قازى، مەن بەسى تەييارمەن،
تىغ بىرلە زەخىم ئۇرغۇچى بەسى سەييارمەن.
ئالىمەن قازى سېنىڭ بارىڭنى،
ئات، تونۇڭنى - جۇۋا، دەستارىڭنى.
قازى سوراپتۇ:
- ئەي ئوغرى، جىنمۇ سەن، دىۋىمۇسەن، نېمە بالا سەن؟ ماڭا نېمە مۇنچە ئازار يەتكۈزىسەن؟
- مەن دىۋە بولسام، سەن كاپىردۇرسەن، >مەنكى خۇدايىتائالا، دىۋىلەرنى كاپىرلار ئۈچۈن ئىبەردىم< دېگەن. بەس، سەن شۇنداق ئىكەنسە، بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى بىرلە خۇدا مېنى ساڭا ئىبەرتىپتۇ.
- شەرم تۇتقىل.
- مەن شەرم تۇتسام بالا - چاقىلىرىم قالىدۇ. >ھايا رىزقىنى مەنئى قىلۇر< دېگەن ھەدىس بار.
- ئەي ئوغرى، نېمە ئۈچۈن >ئۆلۈمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسخورلىرىدىن< دېگەن بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلمايسەن؟
- ئەي قازى، سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسخورى بولساڭ، مەن خۇدايتائالانىڭ خاس بەندىسىدۇرمەن.
- سەن قانداقچە خۇدايتائالانىڭ خاس بەندىسى بولىسەن؟
- مەن قۇرئانخاندۇرمەن، ئالىمدۇرمەن.
- ئەي ئازادە بەخت، راستىنلا ئىلمۇ ھېكمەتتىن، ئىلىم پەزىلەتتىن خەۋىرىڭ بار ئىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ماڭا مۇنچىۋالا ئازار يەتكۈزىسەن؟ خۇدايتائالا قۇرئاندا خەۋەر يەتكۈزۈپ: >خۇدايتائالانىڭ لەنىتى زالىملارغىدۇر< دېگەن.
- ئەي قازى، ئۆزۈڭ ئوقۇغان شۇل ئايەتنىڭ مەزمۇنى بىرلە ئۆزۈڭ زالىمدۇرسەن، خۇدايتائالانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغىنىڭ ئۈچۈن مېنى خۇدا ساڭا يەتكۈزۈپتۇ. تېز بول، ئاتتىن چۈش، ھەممە نەرسەڭنى ماڭا بەر!
- ئەي جۇۋارنىمەت، خۇدايتائالادىن قورققىن، خۇدا: >ئەي ئادەملەر، خۇدايتائالادىن قورقۇڭلار< دېگەن.
- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: >خەلققە ئېيتقىنكى، ئەي ئۆز ۋۇجۇدىنى يامان گۇناھلارغا ئىسراپ قىلغانلار، تەڭرىنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، توۋا قىلساڭلار، ئەلۋەتتە تەڭرى بارلىق گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ< دېگەن ئەمەسمۇ؟
- ئەي قۇرئانخان، سەن بۇ ئىشنى قىلمىساڭمۇ خۇدا: >رىزقىڭلارنى قىسمەت قىلدىم< دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنى بىرلە سېنىڭ رىزقىڭنى بېرىدۇ.
- خۇدا ئەزەلدە بۇ ئەندازە بىرلە مېنىڭ رىزقىمنى ئوغرىلىققا قىسمەت قىلىپتۇ. ئەي قازى ئىگىنىڭنى سال!
- ئەي ئوغرى، نېمە ئۈچۈن ھەدىس، پەيغەمبەرگە ئەمەل قىلمايسەن؟ پەيغەمبىرىمىز: >رەھىم قىلساڭ رەھمەت تاپىسەن< دېگەن ئەمەسمىدى؟ ماڭا رەھىم قىل، رەھمەت تاپ.
- شۇنداق، لېكىن مەن ساڭا رەھىم قىلسام خۇدا ماڭا رەھىم قىلمايدۇ. مەن ۋە بالا - چاقىلىرىم ئاچ قالىمىز. ياخشى مەسلىھەت شۇكى، تېزدىن ئات - سالاھىڭنى بەر، ئۇنى سېتىپ، خوتۇن، بالا - چاقىلىرىم بىلەن نەپسىم ئارام ئالسۇن. ئاندىن خۇدايتائالاغا شۈكرى قىلاي، ساڭا خۇدايتائالا رەھىم قىلۇر.
- ئەي ئوغرى، مېنىڭ پەزىلىتىم بار. ئەھلى پەزىلەتكە ئازار قىلما، ئۇۋال بولىدۇ. خۇدايتائالا قۇرئاندا: >قۇلھەل يەستەۋىللەزىنەيەئلو - مۇنەۋەللەزىنەلايەئلەمۇن< )بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر قانداقمۇ تەڭ بولالايدۇ، دانا بىلەن نادان تەڭ بولالماس( دەپ خەۋەر بەرگەن.
- سەن دانا بىلەرمەن بولساڭ تەڭ كېچىدە يولغا چىقماس ئىدىڭ، ئەمما مەن بولسام ئوغرى. ماڭا ئوغرىلىق قىلىش ئۈچۈن كېچىدە چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، باشقا ھۈنەرلەر كۈندۈزى ئىشلىنىدۇ، كېچىدە بولسا چىراغدا قىلىنىدۇ. ئوغرىلىق ھۈنىرى بولسا قاراڭغۇدا ئاقىدۇ، شۇڭا مەن كېچىدە يولغا چىقتىم. ھەقىقىي نادان سەندۇرسەن، - دەپ بۇ رۇبائىنى ئوقۇپتۇ ئوغرى:
نادانلىقىڭدىن ئېتىڭنى قويدۇڭ قازى،
ھۆكۈمىڭدىن ئەمەس خۇدا، ئالەم رازى.
ئوت ياققۇسىدۇر ئاسماندىن ھەر سائەت،
شۇل شەھەرگە كىم بولسام ئەگەرمەن قازى.
ئاندىن كېيىن ئوغرى يەنە:
- سېنىڭ بىلىمىڭ بولسا ئىدى. >جاھىلنىڭ ئىبادىتىدىن ئالىمنىڭ ئۇيقۇسى ئەۋزەل< دېگەن بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلغان بولاتتىڭ، ئەگەر سەن ئالىم بولغان بولساڭ >مۆمىننىڭ نىيىتى قىلغان ئەمەلدىنمۇ ياخشى< دېگەن ھەدىسكىمۇ ئەمەل قىلغان بولاتتىڭ، - دەپ بۇ قىتئەنى ئوقۇپتۇ:
ياخشى نىيەت كىشىگە ئەي مۆمىن،
قىلسا ئەھسەن بۇ سۆز پەيغەمبەردىن.
بەلكى تائەت ئېرۇر مۇدام ياخشى،
ياخشى نىيەت ئارتۇقتۇر ئەمەلدىن.
- ئەي ئوغرى، ناھايىتى پىتنى - پاساتچى ئىكەنسەن، - دەپتۇ قازى.
- ئەمدى مېنى پىتنىچى دېدىڭ. >پىتنىدىن مۆمىننىڭ ئامىتى كەلمەس< دېگەن ھەدىس بويىچە، بار - يوقۇڭنى ئالماي قويمايمەن. دەرھال ئاتنى، سەرۇپايىڭنى، باش - ئاياغ، كىيىم - كېچىكىڭنى بەر! - دەپ ۋارقىراپتۇ ئوغرى. قازى قورققىنىدىن نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قاپتۇ. ئەمما يەنىلا تەن بەرمەي:
- سېنى بىر كىشى تۇتۇۋېلىپ پادىشاھقا توغرا قىلسا، پادىشاھ زىندانغا سالسا ياكى قولۇڭنى كەسسە قانداق قىلىسەن؟ - دەپ سوئال قويۇپتۇ.
- ھەر ئىشنى ئىلمۇ ھېكمەت بىلەن قىلىمەن. شۇڭا سەن ئېيتقان ئۇنداق ئىشلاردىن سالامەتتۇرمەن. سەۋەبكى، ھەم ئالىم ھەم زالىم ھەم كالىم )ناتىق( ھەم نازىم )شائىر( ھەم مەككار ھەم ئەييار ھەم غەييار ھەم تەررار ھەم ھاپىزدۇرمەن ھەم ئۆز تەلىيىمنى بىلىمەن. ئەگەر مۇشتەرى سۇمبۇلە بۇرجىدە بولسا شۇ سائەتتە شەبىخۇن )كېچىدە ھۇجۇم قىلماق( ئۇرسام دۈشمەنگە غالىب كېلىمەن. ئەي قازى، گەپنى سوزما، ئاتتىن چۈش، يالىڭاچ بول! - دەپ قاتتىق ھەيۋە قىپتۇ ئوغرى. قازى تېخىمۇ قورقۇپ بەدىنىگە تىترەك ئولىشىپ، كۆڭلىدە: >مەن ئادەمزاتقا ئەمەس، دىۋە - پەرىلەرگە دۇچ كەلگەن ئوخشايمەن< دەپ ئويلاپ، تىلىمۇ كالۋالىشىپ قاپتۇ. لېكىن ئۆزىنى تەستە تۇتۇۋېلىپ، ئالدىدا تۇرغان بۇ مەخلۇقنى گەپكە تۇتۇپ، بىر ئىلاج قىلىپ تاڭغا ئۇلىشىۋېلىش ئۈچۈن، ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ، تىلىنى چاينىغان ھالدا:
- ئەي ئوغرى، سەن ھەمىشە كېچىسى تالا - تۈزدە، چۆل - جەزىرىلەردە تەنھا يۈرىدىكەنسەن، دىۋە - پەرىلەردىن قورقمامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. ئوغرى:
- تىلسىم قىلىشنى بىلىمەن، دىۋە - پەرىلەر مېنىڭ ئالدىمدا مېنىڭسىز ھېچ ئىش قىلالمايدۇ. سەن ئېتىڭنى، كىيىم - كېچەكلىرىڭنى بەرمىسەڭ دىۋە - پەرىلەرگە بۇيرۇپ، سېنى ئاسمانغا ئەپچىقتۇرۇپ، كۆك قەرىدىن تاشلىتىپ، رىزە - رىزە )كۈكۈن - تالقان( قىلىۋېتىمەن. ئاتتىن چۈشە! - دەپ خىتاب قىپتۇ. قازى:
- خۇدادىن قورققىل، بۇ ئىشتىن بەرىكەت تاپمايدىكەنسەن، - دەپتۇ. ئوغرى:
- نېمىشقا بەرىكەت تاپمايدىكەنمەن؟ سېنىڭ ئات، ئىگىن - ئايىغىڭنى ساتسام بەرىكەت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ؟ قازىنىڭ لىباسى ھالال بەرىكەتتۇر. تېز بول، مېنى ساقلاتما! - دەپ قولىدىكى شەمشىرىنى ۋالىلدىتىپ كەلگەن پېتى قازىنىڭ ئېتىنىڭ جۇلاۋىنى تۇتۇپتۇ. قازى بېشىنى قاشلاپ، ئۆزىنى خۇداغا تاشلاپ:
- ئەي ئوغرى، سەن گەرچە ئوغرى بولساڭمۇ ئادەم بالىسىسەن. مېنى ئىززەت قىل، مەن سېنىڭ مېھمانىڭمەن. >ئەكرە مېھمانغا ئىززەت قىلىڭلار، ئەگەرچە ئۇ كاپىر بولسىمۇ< دېگەن ھەدىسكە ئەمەل قىل، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ.
ئوغرى:
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام راست ئېيتۇپتۇلەر. لېكىن، ھازىر سەن بالاغا گىرىپتار بولۇپ تۇرىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ھازىر سادىغا بەرمىكىڭ ۋاجىپتۇر. >سادىغا بالانى ياندۇرار، ئۆمۈرنى زىيادە قىلۇر<. ئەي قازى، ئات - سالاھىڭنى ماڭا تاپشۇر، ئۇ سادىغا بولسۇن، - دەپتۇ ۋە بۇ قىتئەنى ئوقۇپتۇ:
سادىغا رەت قىلۇر بالانى،
توۋا كۆيدۈرۈر گۇناھنى.
قازى دەپتۇ:
- ئەي يىگىت، مېنىڭ سارىيىمغا بارغىن. ئېتىمنى، جۇۋا، دەستارىمنى شۇ يەردە بېرەي.
- مەن ساڭا ئوخشاش ئۇنداق ئەخمەق ئەمەسمەن. مەن سارىيىڭغا بارسام، ئادەملىرىڭگە بۇيرۇپ: >ئوغرىلىق قىلغان ئەر ۋە ئوغرىلىق قىلغان ئايالنىڭ ھەر ئىككى قولىنى كېسىڭلار< دېگەن ئايەت بويىچە مېنىڭ قولۇمنى كەستۈرىسەن، - دەپتۇ ئوغرى.
قازى:
- ساڭا قەسەم ئورنىدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، سەن تەڭلا مېنىڭ ھويلامغا بارغىن. ساڭا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيمەن، تىلىگەن نەرسىلىرىڭنى بېرىمەن.
- >زۆرۈرىيەتتە قەسەمگە كەپپارەت< لازىم ئەمەس. مېنىڭ نىسىدىن تەلىيىم يوق. ئەي قازى، سۆزنى ئۇزارتما، ئەگەر يەنىلا كاجلىق قىلىپ ئاتتىن چۈشمىسەڭ، ئىگىن - ئايىغىڭنى بەرمىسەڭ ھازىرلا ئىككى پارە قىلىپ تاشلايمەن، - دەپ شەمشەرنىڭ ئۇچىنى قازىنىڭ قارنىغا تىرەپتۇ ئوغرى. ئاللىقاچان قورقۇپ كەتكىنىدىن شامالدا تىترەپ تۇرغان ياپراقتەك لاغىلداپ تۇرغان قازى ئامالسىز ئاتتىن چۈشۈپ، ئاتنى مەھەممەت رازىغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئاندىن باش - ئاياغ سەرۇپاسىنى يېشىپ، ئۆزى بىر كۆڭلەك، بىر تامبال بىلەنلا قاپتۇ.
ئوغرى:
- ئۆيۈڭدە كۆڭلەك تامبىلىڭ بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ قازىدىن.
- بار.
- >ئىككى كۆڭلۈكى بار كىشى ئىمانىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرمەس< دېگەن ھەدىسكە بىنائەن كۆڭلەك - تامبىلىڭنى ماڭا بېرىپ، ئۆيۈڭدىكى كۆڭلەك - تامبىلىڭنى كىي، تېز بول!
- ناماز ۋاقتى بولۇپ قالاي دەۋاتىدۇ. يالىڭاچ قانداق ناماز ئوقۇيمەن؟ - دەپتۇ قازى. ئوغرى: >كۆڭلەك - تامبىلى يوق كىشىگە زۆرۈرىيەتتە يالىڭاچ تۇرۇپ ناماز ئوقۇماق قايىزدۇر< دېگەن ھەدىسنى ئوقۇپتۇ.
قازى نائىلاج كۆڭلەكنى سېلىپ بېرىپتۇ. ئوغرى:
- تامبالنىمۇ سال، - دەپ ھەيۋە قىپتۇ.
- قازى:
- ھەي نائىنساپ، رەھىمسىز زالىم، كەشىغى ئەۋرەت قانداق ناماز ئوقۇيمەن؟ - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. ئوغرى بۇ مىسرانى ئوقۇپتۇ:
- ئەي قازى، ساددا ئەجەب رەنايى،
مەندەك كىشىدىن سورايسەن رەھىم نامايى.
بىچارە قازى چارە قىلالماي، تامبىلىنىمۇ سېلىپ بېرىپ، جان قايغۇسىدا يىغلاپ تۇرۇپتۇ، ئوغرى بۇنى كۆرۈپ: >يۈز جاپا جانىڭگە، تەگسە دوست ئەييار ئەيلىدىڭ، جامە - دەستارىڭ سالۇردا ھىيلە ئىدبار ئەيلىدىڭ< دېگەن بېيىتنى ئوقۇپتۇ ۋە شۇ ئەسنادا ئوغرىنىڭ كۆزى قازىنىڭ قولىدا پارقىراپ تۇرغان بىر نەرسىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ گۆھەر كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك ئىكەن.
- ئەي قازى، قايسى مەزھەپتە ئۈزۈك سالماق راۋا؟ - دەپ سوراپتۇ قازىدىن. قازى:
- شافىئى مەزھەپتە بىدئەت )شەرىئەتكە خىلاپ( ئىمام ئەزەم مەزھىپىدە سۈننەت. مەن ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھىبىدە، - دەپتۇ. ئوغرى:
- مەنمۇ ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھىبىدە، ئۇنداق بولسا ئۈزۈكنى ماڭا بەر! - دەپتۇ. قازى قورققىنىدىن ئۈزۈكنىمۇ بېرىپتۇ. ئوغرى:
- بارىڭنى ماڭا بەردىڭ، مەن ساڭا رەھىم قىلدىم، ئەلەم - جاپا يەتكۈزمىدىم، مەندىن رازى ۋە خۇشنۇد بول! - دەپتۇ ۋە بۇ رۇبائىنى ئوقۇپتۇ:
يۈز ھىيلە بىلەن بېشىڭدىن ئالدىم دەستار،
جامە - كۆڭلىكىڭ بىلەن ھەم ئىزار )تامبال(
سەن باغدات شەھىرىگە ئىرۇرسەن قازى،
مەن قول باغلاپ ئىشىكىڭدە خىزمەتكار.
بۇ رۇبائىنىڭ ئاخىرقى مىسراسىنى ئاڭلىغان قازى: >بۇ قاراقچى تېخى ئۆيۈمگىمۇ بارىدىغان ئوخشايدۇ< دەپ ئەقلىدىن ئازغان كىشىدەك ئۈن - تىنسىز بولۇپ، شەھەر تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كېتىپتۇ. مەھەممەت رازى قازىنىڭ كىيىملىرىنى خۇرجۇنغا سېلىپ، قازىنىڭ ئېتىنى ئۆزىنىڭ ئۇچقۇر ئېتىغا باغلاپ، ھەش - پەش دېگۈچە ئۆز شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، پادىشاھقا كۆرۈنۈش قىلىپ پادىشاھقا قازىنىڭ ئېتىنى كۆرسىتىپتۇ ۋە ئۇنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى شاھنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ ھەمدە ئۇنى قانداق قىلىپ قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىر - بىرلەپ بايان قىلىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ مەھەممەت رازىغا تەھسىن - ئاپىرىن ئوقۇپ، ۋەدە قىلغان مىڭ تىللانى ئىنئام قىپتۇ ھەمدە:
- بۇ نەرسىلەرنى يەنە قازىغا ئاپىرىپ بەر، - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتۈپ، ئەتىسى سۈبھى تاڭدا مەھەممەت رازى باغداتقا يېتىپ كېلىپ، قازىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختاپتۇ.
ئەمدى سۆزنى قازىدىن باشلايلى. قازى بەرەھنە ھالدا بىر ئاز يول يۈرۈشى بىلەن تاڭ سۈزۈلۈپتۇ، ئۇ ئەتراپقا قاراپ بىر يۇلغۇنلۇقنى كۆرۈپتۇ - دە، >بۈگۈن كۈندۈزنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزەي< دەپ يۇلغۇنلۇق ئارىسىغا كىرىۋاپتۇ. بۇ يەردە قازىغا ئاغمىخانلار، چاشقانلار مەشرەپ ئويناپ بېرىپتۇ. قازى تۈرلۈك ۋەھىمە ئىچىدە كۈننى ئاران كەچ قىپتۇ، قاش قارىيىشى بىلەن يۇلغۇنلۇقتىن چىقىپ چوڭ يولغا يېقىنراق بىر جايدا يامغۇر ئويۇۋەتكەن بىر ئورەكنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، شۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ ئولتۇرۇپتۇ، يېرىم - كېچە بولغاندا يولغا چۈشۈپ، تاڭ ئالدىدا، بىر قولىدا ئالدىنى، بىر قولىدا كەينىنى تۇتۇپ، خىجالەت، يۈز مىڭ مۇشەققەت ۋە ئەزىيەتتە ئۆيىگە كەپتۇ. بالا - چاقىسى ئۇنى بۇ ھالدا كۆرۈپ يىغا - زارە قىلىشىپ، ئىگىن كىيگۈزۈشۈپتۇ. قازى بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئەمدى بايان قىلىپ تۇرۇشىغا، خىزمەتكارى كىرىپ:
- ھەزرىتى، جانابلىرىنىڭ ئاتلىرىنى مىنىپ جامە - دەستارلىرىنى كىيىپ كەلگەن بىر كىشى ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ، - دەپ خەۋەر قىپتۇ.
قازى:
- ئوغرى شۇ، ئىشىكنى مەھكەم ئېتىپ كىرگۈزمەڭلار، - دەپ تۇرۇشىغا مەھەممەت رازى ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ كەپتۇ ۋە سالاممۇ قىلماي، تۈزۈت - پۈزۈتسىزلا قازى ئولتۇرغان چۈشەككە چىقىپ، قازىنىڭ ئوڭ قولىنى بېسىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىچارە قازى قورققىنىدىن ھوش - ھەرىكەتتىن توختاپ، تونۇماس قىياپەتكە كىرىۋېلىپ:
- ئەي شەيخ زامان، قايدىن كېلۇرسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- تۈن كىتان ئوقۇشتۇم، بۈگۈن توقۇشتۇم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مەھەممەت رازى.
- ئەمدى نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ؟ نېمە سەۋەبتىن سالام قىلمايسەن؟ - دەپتۇ قازى. مەھەممەت رازى:
- سالام ئۈچ ۋەجىدىن لازىم بولۇر: بىرى، ھۆرمەتتىن؛ يەنە بىرى، قورقۇنچتىن؛ يەنە بىرى، تامادىن. سەن ھۆرمەتكە لايىق ئەمەسسەن، مېنىڭ سەندىن قورقۇنچىممۇ، تامايىممۇ يوق.
- ھەي ئوغرى، مەن ھازىر ئەمرى قىلسام >ئوغرىلىق قىلغان ئەر ۋە ئوغرىلىق قىلغان ئايالنىڭ قولىنى كېسىپ تاشلاڭلار!< دېگەن بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق، سېنى دارغا ئاسۇرلار ياكى قولۇڭنى كېسۇرلەر...
- مەن شەھەرگە بەش نۆۋەت كەلدىم، بۇ شەھەر مېنىڭدۇر، سە مېنىڭ قۇلۇم. خوتۇنىڭ كېنىزىكىمدۇر، ئوغۇل قىزلىرىڭمۇ مېنىڭ بالامدۇر، - دەپتۇ مەھەممەت رازى. قازى تېخىمۇ ئالاقزادە بولۇپ، شۇ زامان ئوغرىغا ئون تىللا ئېپچىقتۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە:
- ئەي جۇۋارنىمەت، بۇ دىنارنى ئېلىپ قايتقىن، خوتۇن، بالا - چاقىلىرىمغا چاڭ سالما، خوتۇننى كىچىك ۋاقتىدا ئالغانىدىم، بۇ مۈلۈك سارايلار ئاتامدىن قالغان، - دەپتۇ.
مەھەممەت رازى ئون توققۇز دېگەن بىر ئايەتنى ئوقۇپتۇ. بۇ مەھەممەت رازىنىڭ ئون يەردە توققۇزدىن دىنار بار دېگىنى ئىكەن. قازى يەنە توقسان دىنار ئېپچىقىپ بېرىشكە مەجبۇر بوپتۇ ۋە كۆڭلىدە >بۇ ئوغرى دانىشمەنكەن، ھەر ئىش قولىدىن كېلىدىكەن، بۇنىڭ كۆڭلىنى ئالاي، ئۇنداق قىلمىسام قازىلىقىمغىمۇ قول سوزمىسۇن< دەپ ئويلاپ، >بۇ كېچە ماڭا مېھمان بولغىن< دەپ ئۇنى قونۇپ قېلىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. مەھەممەت رازى تەكلىپنى قوبۇل قىلىپتۇ. كېچە مېھماندارچىلىقى ئۆتۈپ، ئەتىسى ئەتىگەندە قازىنىڭ خوتۇنى ناشتىلىققا بىر دانە غازنى كاۋاپ قىلىپ چىقىپ داستىخانغا قويۇپتۇ ۋە:
- ئەي مېھمان، بۇ غاز كاۋىپىنى ئادىللىق بىلەن تەقسىم قىلىڭ، - دەپتۇ. داستىخان ئۈستىدە قازى، مەھەممەت رازى ۋە قازىنىڭ خوتۇنى ھەمدە قاىنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن ئىككى چاكىرىمۇ ھازىر ئىكەن، مەھەممەت رازى غازىنىڭ بېشىنى قازىنىڭ ئالدىغا، بوينىنى قازىنىڭ مەزلۇمىنىڭ ئالدىغا، ئىككى قانىتىنى ئىككى ئوغلىنىڭ ئالدىغا، ئىككى پۇتىنى ئىككى چاكارنىڭ ئالدىغا قويۇپ، قالغان تۆش قىسمىنى ئۆز ئالدىغا قويۇپتۇ. قازىنىڭ خوتۇنى رازى بولماي:
- جانابى مېھمان، بۇ تەقسىمات باراۋەر بولمىدى، - دەپتۇ. مەھەممەت رازى:
- >ئىررە ئىسۇبىررەئىسى< دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق پۈتۈن ئالەم خەلقى كۆرسىمۇ قوبۇل قىلغۇدەك تەقسىم قىلدىم، باشقا بېشىنى قويدۇم، چۈنكى قازى ئاخۇنۇم باشىدۇرلەر: سىزگە بوينىنى قويدۇم، ئىككى ئوغلىڭىزغا قانىتىنى. چۈنكى، باشتىن كېيىن بويۇن تۇرغىنىدەك، قازىدىن كېيىن سىز تۇرىسىز، ئوغۇل ئاتا - ئانىنىڭ قانىتى؛ ئىككى قۇلىڭىزغاد ئىككى پۇتىنى قويدۇم، ئۇلار چېپىپ يۈرۈپ خىزمەتكارلىق قىلىدۇ. مەن سىزگە مېھمان، مېھمانغا ئۇچا تارتماق رەسىمدۇر، - دەپتۇ قازى بىلەن خوتۇنى دەماللىققا بىر نېمە دېيەلمەپتۇ. قازى كۆڭلىدە مەھەممەت رازىنىڭ پاراسىتىگە قايىل بولۇپتۇ، ئۇنى خاسىيەتلىك بىر كىشى چاغلاپتۇ. شۇڭا ئۇ: >مۇشۇنداق چوڭقۇر پىكىرلىك ئادەم بىلەن ھەمسۆھبەت بولسا، كىشىنىڭ ئەقلى زىيادە بولىدۇ< دەپ ئويلاپ، مەھەممەت رازىنى يەنە بىر كېچە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ قوندۇرۇپ قاپتۇ. قازى ئۆزىنىڭ ھېچنېمىگە كار كەلمەيدىغان جۈرئەتسىز، لەقۋا ئىكەنلىكىدىن ئۆكۈنۈپتۇ. ئۇ ياماندىن قورقۇپ ياۋاشنى ئانى )بوزەك( تېپىپ، ھۆكۈمدە ھەققانى ئاستىدىن - ئۈستۈن قىلىپ، ئاقنى قارا، قارىنى ئاق، نۇرغۇنلىغان ئادالەتسىزلىكلەرنى قىلغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان يەپتۇ. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاپ ئېچىنغان ھالدا مەھەممەت رازىغا:
- بۇرادەر، نېمە بولسا بولدى. لېكىن سىز مېنى ھەقىقەت دەرۋازىسىدىن ئادالەت مىزانى مەيدانىغا ئېلىپ كىردىڭىز، - دەپتۇ. قازى بىلەن مەھەممەت رازى بىر - بىرىگە قول بېرىشىپ مەڭگۈلۈك دوست بولۇشۇپتۇ. مەھەممەت رازى قازىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، دوستلۇق مېھرىنى ئېلىپ خەيرلىشىپتۇ.