UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقتەخەي يىگىت

تەخەي يىگىت

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر موماي بىلەن بىر بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇلار سەكسەن ياشقا كىرگىچە بىرمۇ پەرزەنت كۆرمەپتۇ. سەكسەن ياشقا كىرگەندە موماي بىر قارا تەخەي توغۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ بوۋاينىڭ ئەرۋايى ئۇچۇپتۇ. بۇ ئىككىيلەن نائىلاج تەخەينى بېقىپ چوڭ قىلىپتۇ. بىر كۈنى بوۋاي تەخەينى يېتىلەپ بازاغا ئېلىپ بېرىپتۇ. بىر يەرگە كەلگەندە، تەخەي بىر سودىگەرنىڭ قولىدىكى چىرايلىق پىچاقنى كۆرۈپ بىردىنلا زۇۋانغا كىرىپتۇ - دە: - ئەي دادا، ئاشۇ پىچاقنى ماڭا ئېلىپ بەرسەڭ؟ - دەپتۇ. بوۋاي ناھايىتى خوشال بولۇپ كېتىپ پىچاقنى سودىگەرنىڭ دىگىنى بويىچە ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بوۋاي ھەيران بولۇپ: - سەن پىچاقنى نىمە ئۈچۈن ئالدۇرىسەن؟ - دەپتۇ. تەخەي بۇنىىڭغا جاۋاب بەرمەپتۇ. ئاشۇ شەھەرنىڭ بىر پادىشاھى بولۇپ، ئۇ پادىشاھنىڭ ناھايىتى گۈزەل بىر قىزى بار ئىكەن. بۇ تەخەي يىگىتنىڭ ئاشۇ قىزغا كۆزى چۈشۈپ قېىپ ئانىسىغا >شۇ قىزنى ئېلىپ بەرسەڭلار< دەپتۇ. بوۋاي بىلەن موماي: >بىزنىڭ ئوغلىمىز تەخەي تۇرسا پادىشاھنىڭ گۈزەل قىزى ئوغلىمىزغا تەككىلى ئۇنارمۇ؟ ...< دەپ ئويلىنىپ قاپتۇ. تەخەي يىگىت: - ئەي ئانا، سەن ئالدى بىلەن پادىشاھقا ئەلچى بولۇپ بېرىپ >مېنىڭ ئوغلۇم سودىگەر ئىدى<، ئۇ قىزلىرىغا ئاشىق، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان بىرگە بولۇپ، بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قاپتۇ. شۇڭا مەن ئىككىسىنىڭ بېشىنى چېتىپ قويساق دەپ كېلىشىم< دىگىن، - دەپتۇ. موماي ئەلچى بولۇپ بارغان ئىكەن، پادىشاھ قوشۇلۇپتۇ. موماي >پادىشاھمۇ قوشۇلدى، بىراق، پادىشاھ نىكا ئوقۇتىدىغان چاغدا ئوغلۇمنىڭ تەخەي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالسا بىزنى تىرىك قويمايدۇ< دەپ قاتتىق قايغۇ ئىچىدە ئۆيگە قايتىپ ئەھۋالنى ئوغلى تەخەيگە ئېيتىپتۇ. تەخەي يىگىت بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: - بۇ ناھايىتى ئاسان. نىكا ئوقۇتىدىغان كۈنى مەن يۇشۇرۇنۇۋالىمەن، سىلەر >ئوغلىمىز ئوۋغا چىقىپ كەتتى، مۇشۇ پىچاققا نىكا ئوقۇۋېرىڭلار< دىسەڭلار بولىدۇ، - دەپتۇ. ئانا شۇ گەپ بويىچە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. پادىشاھ قىزىنى پىچاققا نىكالاپ بېرىپتۇ. ئاخشىمى قىز ئۆيدە ئولتۇرسا بىر تەخەي كىرىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرۈپ قىز قورقۇپ كېتىپ چىراقنى ئۆچۈرۈۋاپتۇ. شۇ زامان بىر يىگىت قىز بىلەن بىرگە يېتىپتۇ. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ئۇ يىگىت يەنە تەخەيگە ئۆزگىرىپ قاپتۇ. قىز ئۆز ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋالنى ئانىسىغا ئېيتىپتۇ. ئانىسى: - ئۇنداق بولسا سەن ئەتىگەندە تەخەينىڭ قارا تېرىسىنى ئوتقا سېلىۋەت، ئاندىن ئۇ تەخەيگە ئۆزگىرەلمەيدۇ، شۇ چاغدا سەن ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىرگە بولالايسەن، - دەپتۇ. قىز ئانىسىنىڭ دىگىنى بويىچە ئەتىگەندە تەخەينىڭ تېرىسىنى ئوتقا سېلىۋېتىپتۇ. شۇ زامان ئۆيدە ئۈچ ئادەم پەيدا بولۇپتۇ. بۇلارنىڭ ئىككىسى قېرى، بىرسى چىرايلىق قىز ئىكەن. بۇلار دىۋە بولۇپ، تەخەي يىگىت ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىلا دىۋە قىز ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىكەن. بۈگۈن تەخەي يىگىت تەخەيلىك تونىدىن ئايرىلىپ رەسمى ئادەم تۈسىگە كەلگەچكە، ئۇلار دەرھال پەيدا بولغان ئىكەن. ئۇلار يىگىتنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. تەخەي يىگىت چىقىپ كېتىۋېتىپ: - ئەي مەلىكە، سەن ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ، ماڭىمۇ قىلدىڭ، - دەپ بىر تال يىڭنىنى ئەفسۇن ئوقۇپ تۆمۈر ھاسىغا ئايلاندۇرۇپ مەلىكىگە بېرىپتۇ، - مېنى ئىزلىسەڭ مۇشۇ ھاسا ئۇپراپ يىڭنىدەك قالغاندا ئاندىن تاپالايسەن، - دەپتۇ. مەلىكە تەخەي يىگىتتىن ئايرىلىپ ھەسرەت چېكىپتۇ. يىغلاپتۇ، ئاھ ئۇرۇپتۇ. ئاخىر ھاسىنى ئېلىپ تەخەي يىگىتنى ئىزلەپ مېڭىپتۇ. بىر يەرگە كەلگەندە مەلىكە بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ھاسىمۇ ئۇپراپ بىر تال يىڭنىچىلىك قاپتۇ. مەلىكە >ئەمدى ئېرىمنى تاپىدىغان بولدۇم< دەپ ئويلاپ ئۇخلاپ قاپتۇ. شۇ ۋاقتىدا تەخەي يىگىت كېلىپ مەلىكىنى كۆرۈپ ئوغۇلغا نان يىگۈزۈۋاتسا مەلىكە ئويغىنىپتۇ. بۇلار كۆرۈشۈپ ھال - ئەھۋال سورىشىپتۇ. يىگىت: - سەن ئاشۇ دىۋىلەر ماكانىغا ئەسكى كىيىم كىيىپ كىرگىن، نان بەرسىمۇ ئالمىغىن، پۇل بەرسىمۇ ئالمىغىن. پەقەت >بۈگۈن بىر كېچىلا قونۇپ قالسام< دە، - دەپتۇ. مەلىكە شۇ بويىچە يېتىپ قاپتۇ. تەڭ كېچە بولغاندا تەخەي يىگىت دىۋىلەرگە تۇيدۇرماي مەلىكىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. ئەتىسى دىۋە قىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. تەخەي يىگىت بىلەن مەلىكە قېچىپ پادىشاھ ئوردىسىنىڭ دەرۋازىسىغا چىقىپ گۈلگە ئايلىنىپ قاپتۇ. دىۋە قىز كېلىپ پادىشاھقا: - ماڭا ئاشۇ دەرۋازا بېشىدىكى گۈلدىن بىرنى بەرسىلە، - دەپتۇ. پادىشاھ ماقۇل بولۇپتۇ. دىۋە قىز گۈلنى قولىغا ئېلىشىغىلا گۈل توزۇپ كېتىپتۇ. دىۋە قىز توزىغان گۈلنى بىر تالدىن تېرىپ ئەڭ ئاخىرقى تېلى قالغاندا گۈل تېرىققا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. دىۋە قىز قوشقاچقا ئايلىنىپ تېرىقنى يەپتۇ. ئاخىرقى بىر تال تېرىق قالغاندا. بۇ تېرىق مۈشۈككە ئايلىنىپ قوشقاچنى تۇتۇپ يەۋىتىپتۇ. دىۋە قىز شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپتۇ. مۈشۈك ئۆز ئەسلىگە كېلىپ، تەخەيلىكتىنمۇ ئۆزگىرىپ رەسمى يىگىت بولۇپتۇ. مەلىكە بىلەن بىرگە بەختلىك تۇرۇش كەچۈرۈپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ناھىيە، ياقا گۇڭشېدىن: ئوسمان ئىبراھىم
← بارلىق تېمىلار چوچاق