UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقياخشىلىققا ياخشىلىق

ياخشىلىققا ياخشىلىق

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى زامانلارنىڭ زامانىسىدا، يەتتە ئىقلىمنى سورىغان، تاجۇ تەختى شانۇ شەۋكەتكە تولغان بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ دۇنياسى ھېسابسىز ئىكەن. غەزنىسى ئالتۇن - كۈمۈشكە لىق ئىكەن. يايلاقلىرى قوي، كالىغا تولغان ئىكەن، جاڭگاللىرىدا ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئىكەن. بايلىقى ئەنە شۇنداق ھەددىدىن زىيادە بولغان بۇ پادىشاھنىڭ ئۆزىگە ۋارس بولىدىغان بىرمۇ پەرزەنتى يوق ئىكەن. پادىشاھ قىرانلىقتىن قېرىلىققا ئۆتكەندىن كېيىن، بېشىغا غەم چۈشۈپتۇ. داڭقى يەتتە ئىقلىمدىن ھالقىپ كەتكەن ھۆكۈمالارنى چاقىرتىپ سەۋەب قىلىپتۇ، رەمچىلەرگە پال سالغۇزۇپتۇ. ھېچ ئامال بولماپتۇ. يىللار ئۆتكەنسىرى پادىشاھنىڭ چاچ - ساقاللىرىغا ئاق كىرىشكە، چىرايىغا قورۇق چۈشۈشكە باشلاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپتۇ. كۈنلەر كەينىدىن ئايلار ئۆتۈپ، توققۇز ئاي توققۇز كۈن بولغاندا پادىشاھنىڭ بۇ خوتۇنى قىز تۇغۇپتۇ. پادىشاھ ئۆمرىدە بىر پەرزەنتلىك بولغانلىقى بىلەن يەتتە ئىقلىمغا مەرىكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. قىزنى قەدىرلەپ چوڭ قىلىپتۇ. بۇ قىز بالاغەتكە يەتكىچە ئەقلى كامالەتكە يېتىپتۇ. گۈزەللىكتە ئانىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ. قىز رېسىدە بولغاندىن كېيىن، باشقا ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرى، ۋەزىر - ئۆلىمالار ئەلچىلەر ئەۋەتىپتۇ. پادىشاھ تىكەندەك يالغۇز قىزىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ، بۇ ئىشنى خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلىشىپتۇ. مەسلىھەت بويىچە قىزنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلمەك بولۇپتۇ. قىز بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئانىسىغا مۇنداق دەپتۇ: - ئانا، دادامغا ئېيتىڭ، بۇ ئىشتا ئىختىيارنى ماڭا بەرسەڭلار، جاۋابىنى ئۆزۈم بەرسەم. - ھەر بىرىگە بىردىن جاۋاب بېرەمسىز ياكى ھەممىسىگە بىرلا جاۋابمۇ؟ - دەپتۇقىزنىڭ ئانىسى. - ھەممىسىگە بىر جاۋاب، - دەپتۇ قىز. - ئۇ قانداق جاۋاب - دەپ سوراپتۇ ئانىسى. - مەن بىلەن تويلاشماقچى بولغان يىگىت ئۈچ قېتىم يوشۇرۇنىدۇ، مەن جاھاننامە بىلەن قاراپ تاپالمىسام، مەن شۇ يىگىتنىڭ ئىختىيارىدا بولاي، تېپىۋالسام، كاللىسى تېنىدىن جۇدا قىلىنسۇن دەپتۇ قىز. قىزنىڭ بۇ مەسلىھەتىگە پادىشاھمۇ ماقۇل بولۇپتۇ. قىزنىڭ بۇ شەرتى پۈتۈن پادىشاھلىقلارغا جاكار قىلىنىپتۇ. تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن شاھزادە، بايۋەچچىلەر بېلىنى باغلاپ يوشۇرۇنۇپتۇ. ئۇلار قىزنىڭ قولىدىكى جاھاننامىدىن قېچىپ قۇتۇلالماپتۇ. قىزنى ئېلىش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ. پادىشاھ قىزىنى بۇ شەرتىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، لېكىن قىز ئۇنىماپتۇ. ئەمدى گەپنى باشقا تەرەپتىن باشلايلى. شۇ زامانلاردا، ئەڭ يىراق بىر چەت ياقىدا بىر موماي ياشىغان ئىكەن. ئۇنىڭ يىگىت قۇرامىغا تولغان بىرلا ئوغلى بولغان ئىكەن. ئۇ زېرەك ھەم باتۇر ئىكەن. ئۇ تاغ - داۋانلار ئېشىشىنى، چۆللەرنى كېزىشنى، دەريالاردا ئۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇ ئىنسانلارغىمۇ، ھايۋانلارغىمۇ، ئۇچار قۇشلارغىمۇ قولىدىن كېلىشىچە مېھىر - شەپقەت قىلىدىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىت، ئادىتى بويىچە، ئۆزى قىزىقىدىغان تاغۇ - داۋانلارغا، چۆل - جەزىرىلەرگە سەپەر قىلىپتۇ. ئازمۇ ئەمەس، كۆپ مېڭىپتۇ، تاغلار ئېشىپتۇ، داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپتۇ. يىگىت ئىنسان ئايىقى تەگمىگەن بىر جاڭگالىققا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ بىر بۇلا تۈۋىدە دەم ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇلاق سۈيىگە قاتتىق نېنىنى چىلاپ يەپتۇ. شۇ چاغدا يىراقتىن ئاسمان پەلەك بىر چاڭ - توزاڭنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇ، كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسىدىن ئاڭلىغان دەل - دەرەخلەرنى يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ كېتىدىغان قۇيۇن تاز ئىكەنلىكىنى پەملەپتۇ. يىگىت قۇيۇنتاز يېتىپ كەلگىچە، بىر تاشنىڭ كامىرىغا ئاران ئۈلگۈرۈپتۇ. قۇيۇنتاز يېتىپ كېلىپلا دەھشەتلىك سادا كۆتۈرۈلۈپتۇ، تاغدىن تاشلار غۇلاپتۇ، دەرەخلەر يىلتىزى بىلەن ئاسماندا لەيلەپتۇ. قۇيۇنتاز ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن يىگىت تاشنىڭ كامىرىدىن چىقىپ، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن دەرەخلەر ئارىسىدىن مېڭىپتۇ. بىر يەرگە بارسا، يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ ياتقان بىر چوڭ چىنارنىڭ يېنىدا بىر نەرسە نىمجان يېتىپتۇ. يىگىت بېرىپ قارىسا، ئۇ سۈرمە قۇشنىڭ بالىسى ئىكەن. ئەسلىدە شۇ چىناردا سۈرمە قۇشنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ، قۇيۇنتاز چىنارنى قومۇرۇپ، سۈرمە قۇشنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇۋەتكەن ئىكەن. يىگىتنىڭ مېھىر - شەپقىتى قوزغىلىپتۇ - دە، چىنارنىڭ ئۈستىدىكى چوڭ بىر پۇتاقنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا ياساپ، سۈرمە قوشنىڭ بالىسىنى شۇ ئۇۋىغا ساپتۇ، بۇلاقتىن سۇ ئەكىلىپ ئىچكۈزۈپتۇ. سۈرمە قۇشنىڭ بالىسى ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئېچىپتۇ - دە، يېنىدا بىر ئادىمىزاتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ زۇۋانغا كىرىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: - ھەي ئادىمىزات! سەن مېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالدىڭ، سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇمايمەن. ئانامنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولدى، سەن مېنىڭ يېنىمدا تۇرمىساڭ، ساڭا زىيان يېتىپ قالىدۇ. يىگىت بۇنى ماقۇل كۆرۈپ، سۈرمە قۇش بالىسىنىڭ قانىتى ئاستىغا يوشۇرۇنۇپتۇ. بىردەمدىن كېيىن بوران - يامغۇر پەيدا بولۇپتۇ، ئارقىسىدىن سۈرمە قۇش كەپتۇ. - بۇ يەردە ئادىمىزاتنىڭ تىنىقى بارغۇ؟ - دەپ سۈرمە قۇش. سۈرمە قۇشنىڭ بالىسى ئانىسىغا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە ھېلىقى يىگىتنى كۆرسىتىپتۇ. سۈرمە قۇش ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ، ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە: - ساڭا نېمە ھاجەت، مەن ئورۇنلايمەن، - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، قاچان بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە مۇشۇ پەينى كۆيدۈرسەڭ مەن ھازىر بولىمەن، - دەپ سۈرمە قۇش كىچىك بىر تال پېيىنى يۇلۇپ بېرىپتۇ. يىگىت پەينى ئېلىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بىر تۈزلەڭلىكتىكى ناھايىتى چوڭ بىر دەرياغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ دەريادىن ئۈزۈپ قىرغاققا ئۆتۈپتۇ. قىرغاققا چىقىپ، شۇنداق قارىغىدەك بولسا، بىر كۆلچەكتە ھەيۋەتلىك لەھەڭ بېلىقنىڭ بالىسى نىمجان بولۇپ ياتقان. ئۇ سۇ تارتىلغاندا بۇ كىچىك كۆلچەكتە سۇلىنىپ قالغان ئىكەن. يىگىت يېقىنلاپ كەلگەندە، ھېلىقى بېلىققا زۇۋان كەپتۇ - دە، مۇنداق دەپتۇ: - ھەي ئادىمىزات! مەن بېلىقلار پادىشاھىنىڭ شاھزادىسى ئىدىم. تاشقىن سۇنىڭ تارتىلىشى بىلەن مۇشۇ كۆلچەكتىكى سۇ قۇمغا سىڭىپ كەتسە، مەن يىرتقۇچ قۇشلارغا يەم بولىمەن. سەن ماڭا ياخشىلىق قىلىپ، مۇشۇ دەرياغا يەتكۈزۈپ قويساڭ، سېنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭغا نېمە تەلەپ قىلساڭ، شۇنى ئورۇنلاپ بەرسەم. يىگىت بېلىققىمۇ مېھىر - شەپقەت ياغدۇرۇپ، ئۇنى دەرياغا يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ. بېلىق بىر شۇڭغۇپلا دەريانىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن بىر لەھەڭ چىقىپتۇ. ئۇ بالىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن يىگىتكە رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە: >قاچان بېشىڭغاكۈن چۈشۈپ، ماڭا ھاجىتىڭ چۈشسە كۆيدۈرگىن< دەپ بىر تال قىلتىرىقىنى بېرىپتۇ. يىگىت ئۇنى ئېلىپ، يەنە يولغا راۋان بولۇپتۇ. ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، بىر چۆلگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ چۆلدە كېتىپ بېرىپ، بىر تۈلكىنىڭ ئۆلەر - تىرىلىشىگە قارىماي، ئۆزى تەرەپكە قېچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. قارىسا، يىراقتىن بىر ئوۋچىنىڭ بۈركۈتى بۇ تۈلكىگە قاراپ ئوقتەك ئۇچۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن. تۈلكە كەلگەن پېتى يىگىتكە مۇنداق دەپ يالۋۇرۇپتۇ: - ھەي ئادىمىزات! مېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋالساڭ، شۇ ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزسەم. يىگىت بۇنىڭغىمۇ بىر مېھرىبانلىق قىلاي دەپ ئويلاپتۇ - دە، دەرھال تۈلكىنى خۇرجۇنغا يوشۇرۇپتۇ. بۈركۈت قايتىدىن ئاسمانغا ئۆرلەپ، يىراققا كېتىپتۇ. يىگىت تۈلكىنى خۇرجۇندىن چىقىرىپ قويۇپ بېرىپتۇ. قورقۇپ كەتكەن تۈلكە بىر ئاز ئېسىنى يىغىپ، يىگىتكە مۇنداق دەپتۇ: - قىلغان ياخشىلىقىڭغا رەھمەت! سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇمايمەن. سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار، تەلىپىڭنى بىجا كەلتۈرۈشكە تەييارمەن. - تەلىپىم يوق، - دەپتۇ يىگىت. - ئۇنداق بولسا، مەن ساڭا بىر تال تۈكۈمنى بېرەي، - دەپتۇ تۈلكە، - قاچان مېنى ئىزلىسەڭ مۇشۇ تۈكنى كۆيدۈر. شۇ ھامان مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ھازىر بولىمەن. يىگىت تۈلكىنىڭ بىر تال مويىنى ئېلىپ، سۈرمە قۇشنىڭ پېيىنى، لەھەڭنىڭ قىلتىرىقى بىلەن قوشۇپ، ئەپلەپ ئوراپ، چاپىنىنىڭ ياقىسىغا قوشۇپ تىكىپ ساقلاپتۇ ۋە سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپتۇ. ئۆيگە كېلىپ بىر نەچچە كۈن دېمىنى ئاپتۇ. تاپقان - تەرگىنىنى ئانىسىغا بېرىپتۇ. ئەمدى گەپنى قىزدىن ئاڭلايلى: بىر كۈنى يىگىت خەقلەرنىڭ پادىشاھىنىڭ قىزى ھەققىدە سۆز - چۆچەك قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ نېمە ۋەقە دەپ سۈرۈشتۈرۈپتۇ. ئۇ ئەھۋالنى ئېنىق ئۇققاندىن كېيىن، شاھزادە - بايۋەچچىلەر قىز ئۈچن جانلىرىنى تىككەن يەردە مەن نېمىشقا بۇ يولغا بەل باغلىمايمەن، ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمىسە، مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئەھۋالنى ئانىسىغا بېرىپ ئېيتىپتۇ. - ئانا، - دەپتۇ يىگىت، - پادىشاھنىڭ بۇ گۈزەل قىزىغا ھازىرغىچە ھېچكىمنىڭ چامى يەتمەپتۇ. مەنمۇ مۇشۇ يولدا ماڭماقچىمەن. - بالام، نى - نى شاھزادە، بايۋەچچىلەر جېنىدىن ئايرىلدى، نىيىتىڭدىن يان! سەنمۇ بو يولدا ئۆلۈپ كەتسەڭ، مېنى داغدا قويىسەن، - دەپتۇ ئانىسى. - ئانا، سەن رازىلىق بەر، مەن بەل باغلىغان ئىشىمدىن يانمايمەن، شاھزادە، بايۋەچچىلەر مەن يوشۇرۇنغانچىلىك يوشۇرۇنالماپتۇ، مەن ئۇنىڭ ئامالىنى قىلالايمەن، - دەپتۇ يىگىت ۋە ئۇنىڭ ئامالىنى ئانىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئانا ئوغلىنى قايىل قىلالماي، ئاخىرى يىغلاپ - قاقشاپ رازىلىق بېرىپتۇ، ئۇزۇن دۇئا قىلىپ، ئوغلىنىڭ باش - كۆزىنى سىلاپ، پىشانىسىدىن سۆيۈپتۇ، ئاق يول تىلەپتۇ. يىگىت قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا بەل باغلىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ قىز، - برىنچى قېتىملىق يوشۇرنۇشىڭىزغا ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىمەن. تۆتىنچى كۈنى ئىزلەيمەن. تاپالىسام، شۇ كۈنى كېچىسى سىزگە ئادەم ئەۋەتىمەن. تاپالمىسام، شۇ ھامان تاپالمىدىم دېگەن تىلخەتنى يېزىپ، مۆھرىمنى بېسىپ، ئاتامغا يوللايمەن. - خوپ، دەپتۇ يىگىت. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئەتىسى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى سۈرمە قۇشنىڭ پېيىنى شۇنداق كۆيدۈرگەن ئىكەن، سۈرمە قۇش ھەيۋەت بىلەن يېتىپ كەپتۇ. - ياخشىلىققا ياخشىلىق، - دەپتۇ سۈرمە قۇش، - تەلىپىڭنى ئېيت، ئورۇنلايمەن. يىگىت پادىشاھنىڭ قىزنى ئېلىش يولىدا بەل باغلىغانلىقىنى سۆزلەپ، بىر قېتىم يوشۇرۇنۇشنى تەلەپ قىلىپتۇ. سۈرمە قۇش ماقۇل بولۇپتۇ - دە، يىگىتنى قانىتىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ ئۇچۇپتۇ، ئۇچۇپتۇ، ئۇچۇپتۇ. ئۈچ كۈندە يەتتە قات ئاسماننىڭ قەرىگە ئېلىپ چىقىپتۇ. تۆتىنچى كۈنى بولغاندا پادىشاھنىڭ قىزى راۋاققا چىقىپ، جاھاننامىنى ئېلىپ، ئەتىگەندىن باشلاپلا ئىزلىگىلى تۇرۇپتۇ. ھە دېگەندە تاغۇ - تاشلارنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ؛ بۈك جاڭگاللىقلارنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ؛ غارلارنى ئىزلەپتۇ تاپالماپتۇ؛ ئادەملىرى مىغىلداپ تۇرغان شەھىرى ئەزىملەرنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ؛ مەھەللە - كۈزلەكلەرنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ. دېگەر ۋاقتى بولۇپتۇ. گۇۋاھچى، كېنىزەكلەر بۇ يىگىتنىڭ بەختىدىن خۇشاللىنىپتۇ، قىزمۇ ئۇ يىگىتنىڭ زېرەكلىكىگە ھەيران بولۇپتۇ. قىز زىمىننى ئىزلەپ بولۇپتۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاسماننى ئىزلەپ بېقىش كويىغا كەپتۇ - دە، جاھاننامىنى ئاسمانغا توغرىلاپ ئىزلەپتۇ. بۇلۇتلاردىن ھالقىپ، بىرىنچى، ئىككىنچى قات ئاسمانلارنى ئىزلەپتۇ. شۇنداق ئىزلەپ، يەتتە قات ئاسماننىڭ قەرىگە يەتكەندىن كېيىن، بىر سۈرمە قۇشنى، ئۇنىڭ قانىتى ئاستىدىكى يىگىتنى كۆرۈپتۇ. ۋاقىت توشۇپ، يىگىت يېرىم كېچىدە ئاسماندىن چۈشكەندە، چاپارمەنلەر قىزنىڭ تېپىۋالغانلىق خەۋىرىنى يىگىتكە يەتكۈزۈپتۇ. يىگىت ئەتىسى قىزنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. قىز ھازىرغىچە بىرمۇ يىگىتنىڭ مۇنچىلىك ئىزلىتەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئېسىل تائاملار بىلەن مېھمان قىلىپتۇ ۋە يەنە ئىككىنچى قېتىملىققا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىپتۇ. يىگىت بۇ قېتىم ھېلىقى دەريا بويىغا كېلىپ، قىلتىرىقنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، سۇنى داۋالغۇتۇپ، ھېلىقى لەھەڭ بېلىق سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىپتۇ. - سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى ئۆمۈر بۇيى ئۇنتالمايمەن، - دەپتۇ لەھەڭ، - ماڭا ھاجىتىڭ چۈشكەن بولسا، ئورۇنلايمەن، قېنى، نېمە ھاجىتىڭ بار؟ - يىگىت پادىشاھنىڭ قىزى بىلەن بولغان ئەھۋاللارنى لەھەڭگە دەپ بېرىپتۇ ۋە بۇ قېتىم ئۆزىنى يوشۇرۇشنى ئېيتىپتۇ. لەھەڭ ماقۇل بولۇپ، بالىنى يۇتۇپتۇ - دە، سۇ ئاستىغا قاراپ شۇڭغۇپتۇ. دەريانىڭ نەچچە يۈز ئارغامچا كېلىدىغان چوڭقۇر يېرىگە بېرىپ يېتىپتۇ. تۆتىنچى كۈنى تاڭ سەھەردىلا پادىشاھنىڭ قىزى راۋاققا چىقىپ، جاھاننامە بىلەن يىگىتنى ئىزلىگىلى تۇرۇپتۇ. تاغۇ - تاشلار، دەشتى - چۆللەر، بۈك جاڭگاللار، غارلار جاھاننامىدىن بىرمۇ بىر ئۆتۈپتۇ. يىگىتتىن دېرەك بولماپتۇ. چوڭ شەھەر، كىچىك مەھەللە، چەت ياقىلاردىكى يالغۇز ئۆيلەرمۇ قالماپتۇ. ئاخىرى يەتتە قات ئاسمانمۇ جاھاننامە ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ، يىگىتتىن تېخىچىلا دېرەك بولماپتۇ. قىز دېگەر ۋاقتىدىن كېيىن، جاھاننامىنى قويۇپ تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا ئەتراپتا >قىز يىگىتنى تاپالمايدىغان بولدى< دېگەن ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرۈلۈپتۇ. قىز جاھاننامىنى قايتىدىن قولىغا ئالغاندا، ھەممە تېڭىرقاپ قاپتۇ. ئەتراپ بىر پەس شۇنداق جىمجىتلىققا ئايلىنىپتۇ، چىۋىننىڭ ئۇچقىنىمۇ ئاڭلانغۇدەك بولۇپتۇ. قىز ئاخىرى جاھاننامىنى كۆللەرگە، ئەزىم دەريالارغا توغرىلاپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن، يىگىتنىڭ بىر دەريانىڭ نەچچە يۈز ئارغامچا چوڭقۇر يېرىدىكى بىر لەھەڭنىڭ قورسىقىغا كىرىۋالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. تاماشا كۆرگۈچىلەر يىگىتنىڭ بۇ كارامەتلىك خىسلىتىگە ئاپىرىن ئەيلەپتۇ: >بۇنداق كارامەتلىك يىگىتلەر ئالەمدە تېپىلماس< دېيىشىپتۇ. يىگىتنىڭ ئىككى قېتىملىق يوشۇرۇنۇشى خەقلەر ئارىسىدا سۆز - چۆچەك بولۇپتۇ. بۇنىڭدىن قىزنىڭ ئانىسى ۋە ئاتىسىمۇ خەۋەر تېپىپتۇ. پادىشاھ قىزىنى چاقىرتىپ شۇنداق دەپتۇ: - ھەي قىزىم، بەس، - دەپتۇ پادىشاھ، - سېنىڭ شەرتىڭنى ئورۇنلاش يولىدا نى - نى ئەزىمەتلەر جېنىدىن جۇدا بولدى. ئۇلار بۇنچىلىك بىرەر كارامەت كۆرسىتەلمىگەن ئىدى. بۇ يىگىت زېرەك، ئەقىللىق، باتۇر ئىكەن. بۇنىڭدىن ئارتۇقى جاھاندا تېپىلماس. - ھەي قەدىرلىك ئاتا، - دەپتۇ قىز، - ئېيتقانلىرىڭىزغا قايىلمەن، بۇنداق ئىشلار ئەقىللىق، باتۇر يىگىتلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. بىراق مەن شەرتىمدىن يانالمايمەن. ھەر مەرتەم ئۈچ مەرتەم. ئۇ يىگىتنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق كارامىتىنىمۇ كۆرۈپ باقاي: - پادىشاھ قىزىنى نىيىتىدىن ياندۇرالماپتۇ. چاپارمەنلەر يىگىتنى ئېلىپ كەپتۇ. قىز يىگىتنى چارىباغلاردا ئايلاندۇرۇپ، بىر نەچچە كۈن مېھمان قىلىپتۇ. قىز يىگىتنىڭ قولىغا ئۆزى سۇ قۇيۇپتۇ، نۇرغۇن ئىنئاملارنى قىلىپتۇ. قىز يىگىتكە ئاخىرقى قېتىم بىر ئايلىق مۆھلەت بېرىپتۇ. يىگىت سوۋغىلارنى ئېلىپ قايتىپتۇ. يىگىت ئاخىرقى قېتىم تۈلكىنىڭ بىر تال مويىنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، ھېلىقى تۈلكە شۇ ھامان پەيدا بولۇپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: - ئىھ، مېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان ئىنسان، ماڭا چۈشكەن ھاجىتىڭنى ئېيت. مەنمۇ سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزەي. يىگىت پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ شەرتىنى ئورۇنلاشتا ئىككى قېتىم يېڭىلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم تۈلكىنىڭ ئۆز كارامىتى بىلەن بۇ شەرتنى ئورۇنلاشقا ياردەم بېرىشىنى ئېيتىپتۇ. تۈلكە مۇنداق دەپتۇ: - ئۇنداق بولسا، سەن 29 كۈن ئويۇن - تاماشاڭنى قىلىۋەر. ئاخىرقى كۈنى مەن سېنى شۇنداق يوشۇرايكىن، ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەي قالسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن يىگىت قىزنىڭ ئىئاملىرىغا بىر ئېسىل ئىمارەت ياسىتىپتۇ. ئانىسى ۋە ئۆزىگە ئېسىل رەختلەردىن كىيىملەر تەييارلاپتۇ. شۇ كۈنلەردە بەزىلەر >بۇ يىگىت سۇنى كۆرمەي ئۆتۈكىنى يېشىپتۇ< دەپتۇ. يەنە بەزىلەر >تېخىچە يوشۇرۇنمىدى، ئويناپ - كۈلۈپ يۈرۈيدۇ، ئاقىۋىتى قانداق بولار< دېيىشىپتۇ. ھەممىسىلا بۇ يىگىتنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلەلمەپتۇ. ئاخىرقى كۈنى ھېلىقى تۈلكە يىگىتنىڭ قېشىغا كەپتۇ - دە: - تەييارلىق پۈتتى، مېنىڭ بىلەن ماڭ، - دەپتۇ. يىگىت تۈلكىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ، بىر يارلىقتىكى تۆشۈكنىڭ يېنىغا كەپتۇ. شۇ چاغدا تۈلكە: - سەن مۇشۇ تۆشۈك بىلەن ماڭساڭ، نەق قىز تۇرغان راۋاقنىڭ ئاستىغا بارىسەن، قىز سېنىڭ بۇ يەردىلىكىڭنى زادىلا ئويلىيالمايدۇ، ئۇ >تاپالمىدىم دېيىشى ھامان توقماق بىلەن يۇقۇرىغا قارىتىپ بىرنى ئۇرساڭ تۆشۈك ئېچىلىدۇ. >مانا مەن< دەپلا ئىرغىپ چىقىسەن - دە، مۇرادىڭغا يېتىسەن، - دەپتۇ يىگىت تۈلكىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە تۆشۈككە كىرىپ كېتىپتۇ. 31 - كۈنى بولغاندا قىز يوشۇرۇنغان يىگىتنى ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ. بۇ كۈنى تاماشا كۆرگۈچىلەر تەرەپ - تەرەپلەردىن كەپتۇ. مىڭلىغان ئادەملەر كۆڭلىدە بۇ يىگىتكە ھېسداشلىق قىلىپتۇ ۋە >خۇدا، مۇنداق ئەقىللىق، باتۇر، مېھرىبان، مەرت يىگىتلەرنى ئۆزەڭ ساقلىغايسەن< دەپ دۇئا ئوقۇپتۇ. قىزنىڭ شەرتىنى ئۇرۇنلاشتىن قاچقان، ئۆلۈپ كېتىشتىن قورققان، بىراق قىزغا تەشنا بولۇپ تۇرغان شاھزادە، بايۋەچچىلەر >يىگىتنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرەيلى< دېيىشىپتۇ. قىز جاھاننامىنى ئېلىپ، ھە دېگەندە ئادىتى بويىچە تاغۇ - تاشلارنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ؛ بۈك جاڭگاللارنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ؛ غارلارنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ؛ شەھىرى ئەزىم، سەھرا، چۆللەرمۇ قالماپتۇ، تاپالماپتۇ. يەتتە قات ئاسمان، چۆل كۆللەر، ئەزىم دەريالارمۇ جاھاننامە ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ، يىگىتتىن دېرەك بولماپتۇ. كۈنمۇ ئولتۇرۇپتۇ. ئەتراپتىن قىقاس - چۇقان كۆتۈرۈلۈپتۇ. يىگىتكە بارىكاللا ئېيتىلغان سادا يەر - جاھاننى قاپلاپتۇ. ياۋايى ھايۋان، ئۇچار قۇش، بېلىقلارمۇ بۇ ساداغا جۆر بولۇپتۇ. ئاخىرى قىز: >تاپالمىدىم< دەپتۇ. شۇ چاغدا يىگىت توقماق بىلەن يۇقۇرىغا قارىتىپ بىرنى ئۇرۇپتىكەن، چوڭ بىر تۆشۈك ئېچىلىپتۇ. شۇ چاغدا يىگىت >مانا مەن< دەپ ئىرغىپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ داقا - دۇمباق، نەغمە - ناۋا جاراڭلاپتۇ. بۇ كارامەت يەتتە ئىقلىمغا ناھايىتى تېز تاراپ، تەرەپ - تەرەپتىن پادىشاھلار مۇبارەكلەپ، ھېسابسىز سوۋغا - سالاملارنى ئېلىپ كەپتۇ. قىز بىلەن يىگىتنىڭ توي مەرىكىسى 41 كېچە - كۈندۈز داۋاملىشىپتۇ. پادىشاھ توينىڭ ئاخىرقى كۈنى، باشقا ئەللەردىن كەلگەن پادىشاھلارغا، ۋەزىر، ئۆلىمالارغا ئايرىم زىياپەت تەييارلاپتۇ. بۇ چوڭ بەزمىدە پادىشاھ مۇنداق دەپتۇ: - مېنىڭ ھوزۇرۇمغا كەلگەن جىمى ئەلنىڭ پادىشاھلىرى ۋە ئۇلۇغلىرى، مەن ئۆز ھاياتىمدا ئارمان قىلغان ئارزۇيۇمغا يەتتىم. پەرزەنت كۆرۈپ، مۇنداق زېرەك، باتۇر، مەرت يىگىتكە ئاتا بولدۇم. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىش بولمىسا كېرەك. شۇڭا مەن ئۆز پادىشاھلىق تاجۇ - تەختىمنى كۈيئوغلۇمغا بەردىم. يىگىت شۇ كۈندىن تارتىپ، يەتتە ئىقلىمغا پادىشاھ بولۇپتۇ. پۇقرالارنىڭ كۆڭلى شات بولۇپتۇ. پادىشاھ، قىزنىڭ ئانىسى، يىگىتنىڭ ئانىسى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خاتىرجەم ئۆتۈپتۇ. يىگىت پادىشاھ بولغان بۇ زاماندا يەتتە ئىقلىمنىڭ پۇقرالىرى خاتىرجەم، پاراۋان بولغاچقا، پادىشاھلىق دۇنيامۇ ھەددى - ھېسبسىز بولۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق