پادىچى بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
زامانلارنىڭ زامانىسىدا بىر كەمبەغەل بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ بوۋاينىڭ زىرەك بىر ئوغلى بولغان ئىكەن. ئۇلار ئەسلىدىن بىر قوراپلىق ئېتىزغا بوغداي تېرىپ، ئۇنىڭدىن ئاز - تولا بۇغداي ئېلىپ، جېنىنى جان ئېتىپ كەپتۇ. شۇنداق يىلارنىڭ بىردە يىل بويى يامغۇر ياغماي، چاڭ بولۇپ، بىر تالمۇ دان ئالالماپتۇ. ئۇلار جان بېقىش كويىدا بىر مەھەللىنىڭ پادىسىنى بېقىپتۇ. باققاندىمۇ ئەلنى رازى قىلغۇدەك بېقىپتۇ.
شۇ چاغدا بۇ ئەلنىڭ پادىشاھىمۇ ئۆزىنىڭ 41 كالىسىنى باقىدىغان بىر ياخشى پادىچى ئىزلىتىپ يۈرگەن. ئىزلەپ - سۈرۈشتۈرۈپ، بۇ پادىچى بوۋاينىڭ كالىلارنى ياخىش باقىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇنى چاقىرتىپ، ئۆزىنىڭ كالىلىرىنى بېقىشنى بۇيرۇپتۇ. بوۋاي چارىسىز ماقۇل بوپتۇ. پادىشاھنىڭ 41 كالىسىنىڭ ئىچىدە بىر كالىسى 40 چىلەك، قالغان40 كالىسى 40 چىلەك سۈت بېرىدىكەن. شۇڭا 40 چىلەك سۇت بېرىدىغان كالا پادىشاھ ئۈچۈن بەكمۇ ئەتىۋارلىق ئىكەن، مۇشۇ ۋەجىدىن پادىشاھ ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قېتىم، كەچتە بىر قېتىم كالىلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئاندىن خاتىرجەم بولىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ كەينىدىن كۈنلەر، ئايلار كەينىدىن ئايلار ئوتۇپتۇ. كالىلار ياخشى تويۇپ سەمىرىپتۇ. پادىشاھ كۆڭلىدە رازى بوپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پادىشاھنىڭ 40 چىلەك سۈت بېرىدىغان كالىسى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپتۇ. بوۋاي يېقىن ئەتراپلارنى ئىزلەپتۇ. زادىلا تاپالماپتۇ. ئاخىرى 40 كالىنى ھەيدەپ قايتىپ كەپتۇ. پادىشاھ ئادىتى بويىچە چىقىپ قارىسا، ئەتىۋارلىق كالىسى كۆرۈنمەپتۇ. سۈرۈشتۈرۈپ يوقالغانلىقىنى بىلىپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپكە كەپتۇ - دە، «جاللات» دەپ ۋارقىراپتۇ. جاللات شۇ ھامان يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ - دە:
- ئۇلۇغ پادىشاھى ئالەم! كىمنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمەن، - دەپتۇ.
- جانابى شاھىمىز، - دەپتۇ پادىشاھنىڭ بىر ئادىل ۋەزىرى، - بۇ بوۋاينى ئۆلتۈرۈۋەتسەك، كالىنى تاپماق تەس بولارمىكىن، ئۇنىڭغا بىر جۈمە مۈھلەت بېرەيلى. شۇنىڭغىچە كالىنى تاپالمىسا، ئاندىن ئۇنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلساق.
پادىشاھ ئويلىنىپ بوۋايغا بىر جۈمە مۆھلەت بېرىپتۇ. پادىچى بوۋاي تايىغىنى تۇتقىنىچە كالىنى تاپالماپتۇ. جۈمە كۈنىمۇ يېتىپ كەپتۇ. ئۇ كالىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۆلۈم كۆزىگە كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ. يالغۇز بالىسىنى ئويلاپتۇ. ئۇ شۇنداق خىياللار بىلەن مېڭىۋېرىپ، بىر تاغقا بېرىپ قاپتۇ. ئۇ تاغدا بىر چوڭ غار بار ئىكەن. بۇۋاي «كالا مۇشۇ غارغا كىرىپ قامىلىپ قالغاندۇ» دېگەن ئوي بىلەن غارغا يېقىنلاپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا بىر دەھشەتلىك سادا بىلەن تەڭ قاتتىق بوران چىقىپ، بوۋاينى بىر يەرلەرگە ئاپىرىپ تاشلاپتۇ. بوۋاي تىرىشىپ - تىرمىشىپ يەنە غارنىڭ ئاغزىغا يېقىنلاپ بېرىپتۇ. بۇ قېتىم يەنە شۇنداق سادا بىلەن ئوت يالقۇنى كۆتىرىلىپتۇ. بوۋاي دەرھال ئۆزىنى بىر دالدىغا ئېلىۋاپتۇ. ئوت يالقۇنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بوۋاي غار ئوغزىغا قارىغىدەك بولسا، بىر ئادىمىزات تۇرغىدەك. ئۇ بوۋايدىن:
- ھەي بوۋاي، سېنى بۇ يەرگە كېلىشكە نېمە مەجبۇر قىلدى، - دەپ سوراپتۇ.
- مەن پادىشاھنىڭ 41 كالىسىنى باقاتتىم، - دەپتۇ بوۋاي، - 40 چىلەك سۈت چىقىدىغان بىر ئارزۇلۇق كالىسى يوقاپ كەتتى. بىر جۈمەدىن بېرى ئىزلەۋاتىمەن. ھېچ تاپالمىدىم. ئىزلەپ كېلىپ قارىسام بۇ غار كۆرۈندى. مۇشۇ غاردا قامىلىپ قالمىغاندۇ، دىگەن ئوي بىلەن بۇ يەرگە كەلدىم.
- سېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىڭنى بىلەتتىم، بۇ غار سېھىرگەرلەر ماكانى، سەن بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقساڭ، كالىنى ئۆز ئۆيۈڭگە يەتكۈزىمىز، - دەپتۇ ھېلىقى سېھىرگەر.
- قولۇمدىن كەلسە، ھاجىتىڭلاردىن چىقاي، - دەپتۇ بوۋاي.
- سېنىڭ يالغۇز بىر ئوغلۇڭ بار، - دەپتۇ. سېھىرگەر، - شۇ ئوغلۇڭنى بېرىسەن - دە، كالىنى ئەتە پادىشاغا ئاپىرىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلىسەن.
بوۋاي ياق دىسە، پادىشاھ ئۆلتۈرىدۇ، ماقۇل دەي دىسە، يالغۇز بالىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. سېھىرگەر بوۋاينىڭ تەڭ قىسلىقتا قالغانلىقىنى كۆرۈپ:
- سەن بالا بىلەن مەسلىھەتلەش، - دەپتۇ. سېھىرگەر، - كۆزۈڭنى يۇم، مەن «ئاچ» دېگەندە كۆزۈڭنى ئاچسەن.
بوۋاي كۆزىنى يۇمۇپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن «ئاچ» دېگەن سادا بىلەن كۆزىنى ئېچىپتۇ، قارىسا ئۆز ئۆيىدە تۇرغىدەك، ئاتىسىنىڭ غەم - قايغۇدا قالغانلىقىنى بىلگەن ئوغۇل:
- ئاتا! كالا تېپىلمىغان بولسا، سېنىڭ ئورنىڭغا پادىشاھنڭ ئالدىغا مەن بارىمەن، - دەپتۇ.
بوۋاي ئوغلىغا سېھىرگەر بىلەن بولغان ئەھۋالنى دەپ بېرىپتۇ. زىرەك ئوغۇل ئاتىسىدىن رازىلىق دۇئاسىنى ئېلىپ، سېھىرگەرلەر ماكانىغا بارماقچى بوپتۇ. ھەممىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرغان سېھىرگەر شۇ ھامان پەيدا بولۇپ، كالىنى بوۋاينىڭ ھويلىسىغا يەتكۈزۈپتۇ - دە، بىر دوملاپ چوڭ بىر قۇشقا ئايلىنىپ، بوۋاينىڭ ئوغلىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. بوۋاي ئوغلىنىڭ دەردىدە زار قاقشاپ قاپتۇ. قۇش يىگىتنى بىر ھەشەمەتلىك بىنانىڭ يېنىغا تاشلاپ غايىپ بوپتۇ. يىگىت بىر ئۆينىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ كىرسە، بىر موماينىڭ تەنھا تەسۋى تارتىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە سالام بېرىپتۇ. موماي:
- كەلگىن بالام، يۇقىرى ئۆتكىن، - دەپتۇ - دە، دەرھال مېۋە، قەنت - كېزەكلەر بىلەن چاي تەييارلاپ يىگىتنى مېھمان قىپتۇ. يىگىت چاي ئىچىۋېتىپ ئىشىك تەرەپكە شۇنداق قارىغان ئىكەن، تالادىن بىر چوڭ يىلاننىڭ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەيمىنىپ قاپتۇ.
- بالام، قورقمىغىن، - دەپتۇ موماي چىقىپ كېتىۋېتىپ، - زىيىنى يوق، ئىختىيارىغا قويۇپ بەر.
موماي ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يىلان يىگىتنىڭ قۇچىقىغا چىقىپتۇ - دە، بىر دومىلاپ، ئاي دىسە ئاغزى بار، كۈن دىسە كۆزى بار، قەلەم قاشلىق، سۇمبۇل چاچلىق، زىلۋا بويلۇق بىر گۈزەل قىزغا ئايلىنىپتۇ. قىز يىگىتكە قاراپ تازىم بىجا كەلتۇرگەندىن كېيىن، خۇش تەبەسسۇم بىلەن ھال ئەھۋاللىشىپتۇ. يىگىتنىڭ قەلبىدە بىر ئوت كويگەندەك بوپتۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن مېھرىنى قىز تارتىۋاپتۇ.
- بۇ چاي - ئىمارەت بىزنىڭكى، - دەپتۇ قىز، - چارىباغلارنى سەيلە قىلىڭ، بىللە چىقايلى!
قىز بۇ قەددى قامەتلىك زىرەك يىگىتنى ئەگەشتۈرۈپ، چارىباغنى 40 كۈن ئايلىنىپتۇ. ئاندىن سېھىرگەر چوڭ توي - مەرىكە ئۆتكۈزۈپ، قىزنى يىگىتكە نىكاھلاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى يىگىتنىڭ ئاتىسىنى يوقلاپ كېلىش ئارزۇسى قوزغىلىپتۇ. بۇ ئارزۇسىنى خۇتۇنىغا ئېيتىپتۇ. خوتۇنى مۇنداق دەپتۇ.
- سېھىرگەر مېنىڭ ئاتام بولىدۇ. سىز ئۇنىڭ ئالدىغا بارغاندا بىرىنچى كۈنى بىر تۇلپار بار، شۇنى سوراڭ، ئىككىنچى كۈنى بىر خاسىيەتلىىك ئۈزۈك بار، شۇنى سوراڭ، ئۈچىنچى كۈنى رۇخسەت سوراڭ.
يىگىت خوتۇنىنىڭ مەسلىھىتى بويىچە بىرىنچى كۈنى تۇلپارنى سوراپتۇ. ئىككىنچى كۈنى خسلەتلىك ئۈزۈكنى سوراپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئاتىسىنىڭ يوقلاش ئارزۇسىنى ئېيتىپ، رۇخسەت سوراپتۇ. سېھرىگەر سورىغانلىرىنى يەتكۈزۈپ، رۇخسەت بېرىپتۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى يولغا تەييارلىق قىپتۇ. يولغا ئاتلانغان كۈنى قىز بىر دومىلاپلا يىلان قىياپىتىگە كېلىپ، ئاتنىڭ پۇتىغا يۆگىشىۋاپتۇ. ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ئۇچقاندەكلا بېرىپتۇ. ئاتىسى ئوغلىنىڭ پىراقىدا ئازابلىنىپ يېتىپ قالغان ئىكەن.
- ئاتا مەن قايتىپ كەلدىم، - دەپتۇ يىگىت.
بالىسىنىڭ تىرىكلىكىدىن ئۈمىد ئۈزگەن بوۋاي دەسلەپتە ئىشەنمەپتۇ. شۇنداقتىمۇ، ئىشىگىم ئالدىغا كەلگەن ئىكەن، دىدارىنى كۆرۈشۈم كېرەك، دەپ، ئىشىكىنى ئېچىپتۇ - دە، بالىسىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئېتىپتۇ.
- سەن ئۆز بالامۇ ياكى بالامنىڭ رۇھىمۇ؟ - دەپتۇ بوۋاي، - سېنىڭ بىلەن دىدار كۆرۈشۈشكە خۇدا ئۆزى نېسىپ قىلغان ئوخشايدۇ، ئۆيگە كىر.
بوۋاي ئوغلى بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، باغرىلاپ قويغان تۇلپارغا كۆزى چۈشۈپتۇ ۋە ئۇنىڭ پۇتىدىكى يىلاننى كۆرۈپ، قورقۇنچ بېسىپتۇ.
- ئاتا سەن ئەندىشە قىلما، ئۆيگە كىرەيلى، - دەپتۇ يىگىت.
ئاتا - بالا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، يىگىت ھەممە ئەھۋالنى ئاتىسىغا دەپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا يىلان بىر دۇمىلاپ ئەسلىگە كېلىپ، ئۆيگە كىرىپتۇ. بوۋايغا تازىم قىلىپ، ھال ئاھۋاللىشىپتۇ. بوۋاي كېلىنىنى كۈتۈۋالغۇدەك ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، بەكمۇ خىجالەت بوپتۇ.
- ئاتا، خىجالەت بولما، ھېلىمۇ قورايلىق ئېتىزىمىز ئۆزىمىزدە ئىكەن، ھەممە نەرسە تەل بولىدۇ، - دەپتۇ يىگىت.
يىگىت خىسلەتلىك ئۈزۈكنى قولىغا ئېلىپ، «قېنى خىسلەتلىك ئۈزۈك، كارامىتىڭنى كۆرسەت» دەپتىكەن، دەرۋازىسى ياقۇتتىن، تۈۋرۈكلىرى ئالتۇندىن، تەكتى مەرمەردىن ياسالغان بىر چوڭ ئوردا پەيدا بوپتۇ. ئۇنىڭ نۇرىدا كېچە كۈندۈزگە ئايلىنىپتۇ. يىگىت بىلەن كېلىن بوۋاينى قولتۇقلاپ، زىلچە - گىلەملەر بىلەن ئورالغان بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئىسسىل تائاملار بىلەن مېھمان قىپتۇ.
ئەمدىكى گەپنى شۇ ئەلنىڭ پادىشاھىسىدىن ئاڭلايلى:
بۇ ئوردىنىڭ داڭقى تېزلا پادىشاھ ئوردىسدىن ھالقىپ، يىراق چەتلەرگە يېتىپتۇ. پادىشاھ ئۆز تەۋەسىگە ئوردا سالغان «پادىشاھ» نىڭ كارامەتلىك سىرىنى بىلەلمەپتۇ، بىر نەچچە كۈنگىچە كۈتۈپتۇ. بىر جۈمە ئۆتكەندىن كېيىن يىگىت تۇلپارىنى مىنىپ، شىكارغا ئاتلىنىپتۇ. پايلاقچىلار بۇ خەۋەرنى دەرھال پادىشاھغا يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ ئەھۋالنى كۆزۈتۈپ بېقىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ۋەزىرنى ئەۋەتىپتۇ. ۋەزىر داغدۇغا بىلەن بۇ ئوردىغا كىرىپ كەپتۇ. ئوردا شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك بولغان بىلەن بىرمۇ لەشكەر كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ قايسى ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشنى بىلمەي تۇرغاندا، جاھاندا تەڭدىشى يوق بىر قىز چىقىپ، ۋەزىرگە سالام بېرىپتۇ. قىز پەلەمپەيدىن چاققانلىق بىلەن چۈشۈپ، ياشىنىپ قالغان ۋەزىرنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ، ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ. تۈرلۈك تۈمەن نازۇ - نېممەتلەر بىلەن ۋەزىرنى مېھمان قىپتۇ. ۋەزىر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پادىشاھغا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە: «ئۇلۇغ پادىشاھىمىز، بۇ قىز گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى ئىكەن. ئۇنىڭ سۈزۈكلىكىدىن شەربەتلەر، زەمزەملەر خىجىل ئىكەن، سۇ ئىچكەندە گېلىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇدىكەن. بۇ گۈزەل پەقەت شەۋكەتلىك پادىشاھىمىزغىلا مەنسۇپ» دەپتۇ.
پادىشاھ بۇ قىزنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپ، «ماڭا تەۋە ئەلدە مۇنداق بىر گۈزەل ساھىپجامالنىڭ مېنىڭ ئوردامدا بولماي، ئۇ يەردە تۇرۇشى مەن ئۈچۈن ھاقارەت، ئۇ گۈلنىڭ خۇش پۇرىغىدىن مەنلا ھوزۇرلىنىشىم كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ. بىراق، ئۇ بىر پادىشاھ ياكى شاھزادە بولۇپ، يوشۇرۇپ قويغان ئەسكەرلىرى باردۇر. دېگەن ئوي بىلەن يەنە پايلاقچى ئەۋەتىپ، تىڭ -تىڭلاپ كۆرۈپتۇ. پايلاقچىلار قىزدىن باشقا ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىدىن خەۋەر بېرىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، 500 ئاتلىق لەشكەر ئەۋەتىپتۇ. ئاتلىق لەشكەرلەر 3 قېتىم چوقان كۆتىرىپتۇ، لېكىن بۇ ئوردىدىن بىرمۇلەشكەر چىقماپتۇ. ئاخىرىدا لەشكەرلەر 30 ئاتىلىقتىن سەپ تۇرۇپ، ياقۇت دەرۋازىدىن باستۇرۇپ كىرىپتۇ. بۇ ھېكىمەتلىك ياقۇت دەرۋازىنىڭ ئىككى قانىتى ئۆزلىگىدىن شۇنداق بىر ئېچىلىپ يېپىلىپتىكەن، لەشكەرلەر شۇ يەردىلا ئاتلىرىدىن مۇللاق ئېتىپ، ھەممىسى ھالاك بوپتۇ. پادىشاھ بۇ قىزنى قولغا چۈشۈرەلمەي، باشقىچە ھىلە ئىشلىتىپ، يىگتنى ئۆلتۈرۈپ، قىزنى قولغا چۈشۈرمەكچى بوپتۇ. ئارىدىن بىر مەھەل ئولتۇرۇپ، يىگىت شىكاردىن قايتىپ كەلگەندە، بولغان ۋەقەنى خوتۇنىدىن بىرمۇ - بىر ئاڭلاپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنىغا بولغان مېھرى تېخمۇ ئېشىپتۇ. ئۇلار پادىشاھنىڭ يەنە ھىلە ئىشلىتىپ، بىر پالاكەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى مولچەرلەپتۇ. ئۇلار: «ھەر نېمە بولسا، ئۆزىمىزنى سەگەك تۇتايلى» دېيىشىپتۇ. پادىشاھمۇ يىگىتنى چاقىرتىپ، تۇلپارنى قولغا چۈشۈرۈپ، يىگىتكە بىر تۆھمەتنى ئارتىپ، زىندانغا تاشلاش ئارقىلىق قىزنى ئوردىغا ئەكىلىۋالماقچى بوپتۇ - دە، ئەتىسى يىگىتنى پادىشاھ ھوزۇرغا چاقىرتىپتۇ. تۇلپارنى بىر يەرگە، باغلاپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. پايلاقچىلار يوشۇرۇنچە تۇلپار ئالدىغا كەلگەنلەرنى چىشلەپتۇ، ئارقىدىن كەلگەنلىرىنى تېپىپتۇ. ھېچكىمگە تۇتۇق بەرمەپتۇ، يىگىت بۇنى تۇيۇپ قاپتۇ. پادىشاھ ئۆزىنىڭ بۇ ھېكمەتكە قۇدرىتى يەتمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپتۇ. يىگىت قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋاقتىدىمۇ ۋەزىر بولغان، چاچ ساقاللىرى ئاقارغان قېرى ۋەزىر پادىشاغا مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ:
- ئەي شەۋكەتلىك شاھىمىز، مەرھۇم ئاتىلىرى بىر تىلسىماتقا بەكمۇ قىزىققان ئىدى، بىراق مەقسىدىگە يېتەلمىگەن. مەرھۇم بوۋىلىرىمۇ بۇ يىلدا ئۇرۇنۇپ باققان ئىكەن. بىز بۇ يىگىتنى مۇشۇ يولغا سالساق، ئۇ بۇ ئىشنى ھەرگىز ئورۇنلىيالمايدۇ. سىلى مەرھۇم ئاتا - بوۋىلىرىغا ئوخشاش: «بۇنى ئورۇنلايسەن، ئورۇنلىساڭ پاىشالىقىمنى بېرىمەن، ئورۇنلىيالمىساڭ كاللاڭنى ئالىمەن» دەيدىلا. مانا بۇ مەقسەتلىرىگە يېتىشنىڭ چارىسى.
- خوش، بۇ تىلسىمات نىمكەن، - دەپتۇ پادىشاھ.
- ئىككى تىلسىمات بارمىش، - دەپتۇ. ۋەزىر، - بىرى، شۇنداق بىر سازمىش. ئۇنىڭغا ئېرىشكەندە، ئالەمدىكى جىمى نەغمە - ناۋادىن خالىغىنىنى ئۆزى چېلىپ بېرەرمىش، كۆڭلىنى بەكمۇ خوش قىلارمىش. يەنە بىرىسى، ئىپار كېيىكىمىش. ئۇنىڭغا ئېرىشكەندە، ئەتراپ خۇش پۇراققا ئايلىنارمىش، شۇ ئەتراپتىكى پۇقرالارغىچە كېسەل بولغانلار ساقىيارمىش. زادى كېسەل بولماي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ساغلام ئۆتەرمىش.
پادىشاھ بىر ئاز ئويلىنىپ، تۇرۇپ قاپتۇ - دە:
- يا شۇ قىزغا ئېرىشەي، يا بۇ تىلسىماتقا ئېرىشەي. بۇ تىلسىماتقا ئېرىشەلسەملا، پادىشاھلىقىمدىن ۋاز كېچەي، - دەپتۇ.
پادىشاھنىڭ رازىمەنلىىكى بىلەن يىگىت قايتا پادىشاھ ھوزۇرىغا چاقىرتىلىپتۇ.
- ھەي يىگىت، - دەپتۇ پادىشاھ، - مەن سېنىڭ زىرەك ۋە ئەقىللىقلىغىڭغا قايىل بولدۇم. مېنىڭ ئىككى نەرسىگىلا ھاجىتىم بار. شۇنى ئورۇنلىساڭ، پادىشاھلىقىمنى ساڭا ئۆتۈنىمەن. ھاجىتىمدىن چىقالمىساڭ، مېنىڭدىن رەنجىمە.
- قولۇمدىن كەلسە ھاجەتلىرىدىن چىقىشقا تەييارمەن، - دەپتۇ يىگىت.
پادىشاھ تىلسىمات قىلىنغان ساز بىلەن ئىپار كىيىكنى نەدىن بولسا، شۇ يەردىن تېپىپ يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. يىگىت:
- خوپ، مەن ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش يولىدا ئۆزەمنى ئاتىغان، ئۆلمىسەملا تەلەپلىرىنى ئورۇنلايمەن، - دەپتۇ.
يىگىت قايتىپ بارغاندىن كېيىن بولغان ۋەقەنى، پادىشاھنىڭ ھاجىتىنى خوتۇنىغا دەپ بېرىپتۇ. خوتۇنى مۇنداق دەپتۇ:
- ئاتام تۇرۇۋاتقان غاردىن 41 كۈنلۈك يىراق بىر تاغنىڭ يېنىدا يەنە بىر غار بار. غارنىڭ ئىچىدە دىۋىلەر ئۇخلايدۇ. دىۋىلەر ئۇخلاپ قالغان بولسا، ئەتراپ تىمتاس، جىمجىتلىققا ئايلىنىدۇ. ئۇچار قۇشلارمۇ سايرىمايدۇ. بۇ چاغدا سىز يېتەرلىك ئوزۇق - ئۇسۇلۇق ئېلىپ، نېرىدىكى بىر كامادا بىر جۈمەدىن بىر ئايغىچە يېتىڭ. قاچان ئۇچار قۇشلار سايرىغان، يېقىملىق ساز - نەغمە ئاڭلانغان چاغدىلا غارغا كىرىڭ. ئۇ چاغدا دىۋىلەر بىر يىللىق يەرگە سەپەر قىلغان بولىدۇ. سىز غارنىڭ بىرىنچى ئىشىگىنى ئاچقاندىن كېيىن، بىرىنچى ئويۇقتا ئالتۇن تاۋاقتا دانلاپ تۇرغان بىر دەندەن كەپتەر بار. بۇ، دىۋىلەرنىڭ جېنى، سىز ناھايىتى چاققانلىق بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ بوينىنى ئۈزۈۋېتىڭ، بولمىسا، دىۋىلەر يېتىپ كېلىدۇ - دە، سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. بوينىنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئىككىنچى ئويۇقتىكى ئالتۇن ساندۇق ئىچىدە 40 ئاچقۇچ بار. ئۇنى ئېلىپ، ئۆيلەرنى بىر - بىرلەپ ئىچكىرىلەپ ئاچسىڭىز، قىرىقىنچى ئۆينىڭ ئىچىدە نۇر چاقناپ تۇرغان بىر گۆھەردىن ياسالغان ھاسا بار. ئۇنى ئېلىپلا قېچىڭ! سىزنى بىر توپ ئاتلىقلار قوغلايدۇ. يېتىشەلمىسە، شۇ بويىچە يېنىپ كېلىڭ، يېتىشىۋېلىپ، ئارىغا ئېلىۋالسا، «ھەي ئەزىز تۇلپارىم» دەپ، تۇلپارنىڭ بېشىنى بىرلا سىلاپ قويۇڭ، مۇشكۈلىڭىز ئاسان بولىدۇ. پادىشاھنىڭ يەنە بىر ھاجىتىنىڭ سىرىنى سىز سالامەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەپ بېرىمەن.
يىگىت خوتۇنىنىڭ دىگىنى بويىچە سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. تاغنىڭ كامىرىدا ئىككى جۈمە يېتىپتۇ. خوتۇنىنىڭ دىگىنىنى بىرمۇ - بىر ئورۇنلاپ، تىلسىمات ھاسىنى ئالغان پېتى قېچىپتۇ. ئارقىسىدىن قوغلىغان بىر توپ ئاتلىقلار يىگىتنى يېرىم يولدا ئارىغا ئېلىۋاپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ «ھەي ئەزىز تۇلپارىم» دەپ، تۇلپارنىڭ بېشىنى بىرلا سىلاپ قويغان ئىكەن، تۇلپار تۈگۈلىنىپ تۇرۇپ بىر سەكرەپ، ئاسمانغا كوتىرلىپتۇ. قوغلىغانلار ئاسمانغا قارىغىنىچە چول - جەزىرىدە قاپتۇ. يىگىت سالامەت قايتىپ كېلىپ، پادىشاھقا تىلسىماتىلىق گۆھەر ھاسا شەكىللىك سازنى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپتۇ. پادىشاھ سازنىڭ نەچچە مىڭ خىل نەغمە - ناۋاسىغا مەپتۇن بوپتۇ. ئۇ پۈتۈن تاجۇ - تەختىدىن ۋاز كەچمەكچى بوپتۇ - يۇ، لېكىن يەنە بىر تىلسىمات ھەققىدىكى سۆزىنى ئەسلەپ ئىپار كىيىكىنى تېپىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. يىگىت خوتۇنىدىن بۇنى تېپىپ كېلىش توغرىسىدىكى سىرنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. خوتۇنى مۇنداق دەپتۇ:
- ھەي زىرەك باتۇرۇم، سىزنىڭ ئۆز جېنىڭىزنى كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا ئاتىانلىغىڭىزغا قايىلمەن. سىز ئەڭ قىيىن ئىشنى ئورۇنلىدىڭىز. ئىپار كىيىكنىڭ جاپالىق يولىنى سىز ئاللىقاچان بېسىپ بولغان. ئەسلىدە ئىپار كىيىك مېنىڭ ئىدى. سىز سورىمىغاندىن كېيىن مەن ئېلىپ كەلمىگەن . خەير، بوپتۇ. پادىشاھغا ھاجەتلىك بولسا بېرەيلى. سىز ئاتامنىڭماكانىغا بېرىڭ، چارىباغدا كىيىك بار، ئۇ ياتقان بولسا، زادى تۇتماڭ، ئوتلاۋاتقان بولسا تۇتۇڭ.
يىگىت خوتۇنىنىڭ مەسلىھىتى بويىچە غارغا بېرىپ، چارىباغقا كىرىپتۇ. ئۇ ئىزلەپ بارسا، ئىپار كىيىك ياتقۇدەك. يىگىت يېرىم كۈن قاراپ تۇرۇپتۇ. كېيىك ئوتلاشقا باشلىغاندىلا قوغلاپتۇ. ئىپار كېيىك تۇتۇق بەرمەي ئويناقلاپ قېچىپتۇ. قوغلاۋەرگەندىن كېيىن، بىر تاغنى ئاتلاپ، بىر ئۆيگە قېچىپ كىرىپ كېتىپتۇ. ئىپار كىيىك تۇتۇق بەرمەي ئويناقلاپ قېچىپتۇ. قوغلاۋەرگەندىن كېيىن، بىر تاغنى ئاتلاپ، بىر ئۆيگە قېچىپ كىرىپ كېتىپتۇ. يىگىت تۇلپارىنى بىر ياغاچقا باغلاپ، ئىپار كىيىكىنىڭ ئارقىسىدىن ئۇ ئۆيگە كىرىپتۇ. قارىسا، قىزنىڭ ئاتىسى ناماز ئۆتەۋېرىپتۇ. يىگىت تۇلپارىنى بىر ياغاچقا باغلاپ، ئىپار كىيىكىنىڭ ئارقىسىدىن ئۇ ئۆيگە كىرىپتۇ. قارىسا، قىزنىڭ ئاتىسى ناماز ئۆتەۋېتىپتۇ. كىيىك سەل بېرىسىدا كۆشەپ يېتىپتۇ. يىگىت قېيناتىسىنىڭ ناماز ئۆتەپ بولۇشىغا سالام بېرىپتۇ. يىگىت قېيناتىسىنىڭ ناماز ئۆتەپ بولۇشىغىلا سالام بېرىپ ئەھۋاللىشىپتۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىپار كىيىكىنى ئالغىلى كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
- ئوغلۇم، - دەپتۇ. قىزنىڭ ئاتىسى، - بۇ ئىپار كىيىكىنى بۇزۇنلا سورىماي، خېلى ئاۋارە بوپسەن، بۇنىچىلىك ئاۋارە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. سەن دېمىڭنى ئېلىپ، ئاندىن قايتقىن، ئىپار كىيىك سېنىڭدىن بۇرۇن يېتىپ باردىدۇ.
يىگىت دىمىنى ئېلىپ، تۇلپارىغا مېنىپ، ئۆيىگە كەلسە، دېگەندەك ئىپار كىيىك خوتۇنىنىڭ يېنىدا يېتىپتۇ. ئەتىسى يىگىت ئىپار كىيىكنى يېىتلەپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپتۇ. راست دېگەندەك ئوردىنى خوش پۇراق قاپلاپتۇ. كېسەل بولغانلار ساقىيىپتۇ. ھەممە خالايىق كۈچكە تولغان بوپتۇ.
پادىشاھ بۇ تىلسىماتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆز تەۋەسىدىكى جىمى ئادىمىزاتنى توپلاپ، ئالدى بىلەن ئاتا - بوۋىسىنىڭ تىلسىمات يولىدا مەقسىتىگە يېتەلمگەنلىكىنى سۆزلەپتۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ روھىغا 3 كېچە - كۈندۈز نەزىر - چىراق ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۆزىنى بۇ تىلسىماتقا ئېرىشتۇرگەن زىرەك، ئەقىللىق، باتۇر يىگىتكە ۋەدىسى بويىچە پادىشاھلىقتىن ۋازكېچىپ، تاجۇ - تەخىتنى ئوتۇنۇپتۇ. يىگىت پۇتۇن ئەلگە 40 كېچە - كۈندۈز مەرىكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. يۇرت ئىچىدە يىگىت ۋە ئايالى ئابروي تېپىپتۇ، ئەل باياشاتلىققا ئېرىشىپتۇ. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ زامانلاردا تورغايلار قوينىڭ دۈمبىسىدە ئۇۋىلىغان ئىكەن.