UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقمەلىكە بەرنا

مەلىكە بەرنا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ناھايىتى سەلتەنەتلىك بىر شاھ ئۆتكەن ئىكەن. شاھنىڭ خوتۇنى ھامىلدار بولۇپ، ئون تۆت كۈنلۈك ئايغا ئوخشاش چىرايلىق بىر قىز تۇغۇپتۇ. شاھ پەرزەنت كۆرگەنلىكى ئۈچۈن شادلىنىپ، يەتتە كېچە - كۈندۈز توي تاماشا ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىپتۇ - دە، قىزغا «بەرنا» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، مەلىكە بەرنا ناھايىتى ئەقىللىق ۋە زېرەك قىزبولۇپ ئۆسۈشكە باشلاپتۇ. قىز ئوقۇش يېشىغا توشقاندا ، ئاتىسى ئۇنى ئوردا قۇرئاندازىغا بېرىپ، 20 يېشىغىچە ئوقۇتۇپتۇ. مەلىكە پۈتۈن ئىلىملەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ ئۆگىنىپتۇ، قىزنىڭ داڭقى پۈتۈن جاھانغا تارقاپتۇ. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە دانىشمەنلىكىنى ئاڭلاپ، كۆرمەي تۇرۇپ ئاشىق بىقارار بولغان شاھزادە، بەگزادىلەر ئارقا - ئارقىدىن شاھقا ئەلچى ئەۋەتىشكە باشلاپتۇ. لېكىن مەلىكە بەرنا نىكاھلىنىش ھەققىدىكى مەسلىھەتلەرگە جاۋابەن: _ ئاتام مېنى ياتلىق قىلماقچى بولسا، ماڭا لايىق بولغۇچى يىگىتمۇ ئۆزۈمدەك ئاقىل ۋە دانا بولۇشى لازىم. ئەنە شۇنداق يىگىت بولسىلا، مەن ئاتامنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاشقا تەييار، - دەپتۇ. شاھ قىزنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ بىر نەرسە دېيەلمەپتۇ. ئارىدىن يەنە بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شاھ يۇرۇق دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ، ئاخىرەتكە سەپەر قىپتۇ . . . مەلىكە ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇپ تەخىتكە چىقىپتۇ. بەرنا تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، ئوردىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى شاھ سارىيىغا يىغىپ: _ مېنىڭ قىرىق بىر سۇئالىم بار، كىمكى مېنىڭ سۇئاللىرىمغا توغرا جاۋاب بېرىپ، مېنى قانائەت قىلدۇرالىسا، ئۇ مەيلى گاداي بولسۇن، مەيلى شاھزادە، مەيلى غېرىپ - پىقىر بولسۇن، مەن ئۇنىڭ ئەمرىدە بولىمەن، شاھلىقىمنى ئۇنىڭغا بىرىپ خىزمىتىنى قىلىمەن، ئەگەر جاۋاب بېرەلمىسە، ئۆزىنى دار ئاستىدا كۆرىدۇ، - دەپتۇ مەلىكە. بۇ شەرتكە رازى بولغۇچىلار مەلىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ سۇئالىنى ئاڭلاشقا باشلاپتۇ. بىراق نى - نى مەشھۇر شاھزادە ۋە بەگزادىلەرمۇ قىزنىڭ سۇئالىغا تۈزۈكرەك جاۋاب بېرەلمەپتۇ، جاۋاب بېرەلمىگەن ھەر بىر يىگىت دارغا ئېسىلغاندا، قىز ئۇلارغا تەنە قىلغاندەك: _ ھەركىم ئۆزىنىڭ ھالىنى بىلمىسە بىھۇدە ھالاك بولىدۇ! - دېگەن سۆزنى بىر قىتىم تەكرارلاپ قويىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ بىر يېزىسىدا ئوتۇنچىلىق قىلىپ جان باقىدىغان قېرى بوۋاينىڭ دېگەن ئوغلى بىر كۈنى مەلىكىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئوردىغا كىرىپتۇ. _ ئەي يىگىت سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرەلمەي، تالاي يىگىتلەر ئەزىر جېنىدىن ئايرىلىدى. ئۆز جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن، رايىڭدىن قايت! - دەپتۇ مەلىكە يىگىتنى قايتۇرماقچى بولۇپ. _ ئادەملەر ئۆز بەختىنى ئۆلۈمدىن قورقماسلىق بىلەن تاپالايدۇ. سىزنىڭ مۇبارەك قولىڭىزدا ئۆلۈش مەن ئۈچۈن بەخت، - دەپتۇ ۋايىت ئىككىلەنمەي. _ نەدىن كەلدىڭ؟ _ ئاتا - ئانامنىڭ مېھرى - مۇھەببىتىدىن، رەھمىتىدىن كەلگەنلىكىم ئۆزىڭىزگە ئايانغۇ؟ _ نەگە بارىسەن، تۇرار يېرىڭ قەيەردە؟ _ ئاشىق كىشى ئۈچۈن يۇرتنىڭ يېتى يوق، ئەل ئوغلى ئۈچۈن ھەممە يەر ماكان، مەن سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا يەتكىلى كەلدىم. _ ئىنساننىڭ ئالى پەزىلىتى نېمىدە؟ - دەپ سوراپتۇ مەلىكە. _ ئۆز بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقنى يېڭىش ۋە ئۆز ئىلىگە، خەلقىگە، دوستىغا خىيانەت قىلماسلىقتا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت. _ پۈتۈن شاھلىق قىلغانلار بولغانمۇ؟ _ بولغان. دۇنيا بىنا بولغاندىن بۇيان جاھان شاھلىرىدىن: سۇلايمان، ئىسكەندەر، نەمرۇت ۋە شەددات قاتارلىقلار ئۆتتى. بىراق ئىلمى - ھېكمەت جەھەتتە ياراتقان ئەمىلىي تۆھپىسى بولمىغاچقا، دۇنيادا ئۇلارنىڭ قۇرۇق نامىلا قالدى، خالاس. _ كىشىلەر قايسى ياخشلىقتىن قاچىدۇ، قايسى يامانلىقنى سۆيىدۇ؟ _ بەزى كىشىلەر قار - يامغۇردىن ئىبارەت تەبىئەتنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئارتۇق مال - دۇنيا، قۇرۇق پىتنە پاساتنى سۆيىدۇ. بۇ ئومۇمىي ئادەتتۇر. دەلىل شۇكى: سىزمۇ خەلقنىڭ قان - تەر بەدىلىگە كەلگەن خەزىنىڭىزنى سۆيىسىز . . . . _ ئادەمنى پەسلەشتۈرىدىغان سۈپەت نېمە؟ _ تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، ئالدىراڭغۇلۇق ۋە يالغانچىلىقتۇر. _ قانداق كىشى رەھىمىدىل ۋە قانداق كىشى رەھىمسىز، پىخسىق بولىدۇ؟ _ يوقسۇزلۇق، ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان ھەرقانداق كىشى رەھىمدىل كېلىدۇ، بايلار پىقسىق ۋە بېخىللقتا مەشھۇر، بۇ ئۆزىڭىزگىمۇ ئايان. _ دۇنيادا ئەڭ كەڭ نەرسە نېمە؟ _ ئالەم بوشلۇقى . . . شۇنداقلا پادىشاھلارنىڭ ئادالىتى، ئالىملارنىڭ ئىلىمىي - ھېكمىتىدىن ئارتۇق كەڭلىك يوق. _ دۇنيادا سانسىز ۋە چەكسىز نەرسە نېمە؟ _ جانلىق سانسىز، ئالەم چەكسىزدۇر. _ ھاياتلىقنىڭ ئەۋزەللىكى نېمىدە؟ _ ئىلىم - مەرىپەت. ھالال مېھنەت، پاك مۇھەببەتتە. _ تويماس نەرسە ئۇچراتتىڭمۇ؟ _ ئۇچراتتىم. كۆز قاراپ تويمايدۇ، مۇھەببەتلىك كىشىلەر بىر - بىرىگە، ئوت ئوتۇنغا، ئالىم بىلىمگە، باي مالغا، ئادەم ئۆمۈرگە تويمايدۇ. مەلىكە بەرنا كۆڭلىدە «بەللى ئەزمەت!» دېيىشكە مەجبۇر بوپتۇ، لېكىن يەنىلا تەن بەرمەي، مەغرۇرلۇق بىلەن سۇئالنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ: _ ئادەم نېمىدىن خارلىشىدۇ؟ _ ھەممىگە ئايانكى، ئىلىم - مەرىپەتنى، ھۈنەرنى، ھالال ئەمگەكنى خورلىغۇچىلارنىڭ ئاقىۋەتتە ئۆزلىرى خارلىققا قېلىپ ۋەيران بولۇشى مۇقەررەردۇر. _ نېمىلەر بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ؟ _ ساقلىقتىن - ئاغرىق، ھاياتلىقتىن - ماماتلىق، توقلۇقتىن - ئاچلىق، خوشاللىقتىن - خاپىلىق مەڭگۈ ئايرىلالمايدۇ. _ خىزمەت قىلىشتىن يانماسلىق كىمگە مەنسۇپ؟ _ بالا ئاتا - ئانا خىزمىتىدىن، مەرت ئەل خىزمىتىدىن، ئۆي ئىگىسى مېھمان خىزمىتىدىن يانمايدۇ. _ ئادەم نېمىدىن نومۇسقا قالىدۇ؟ _ چاقىرمىغان يەرگە بېرىش، يالغان بوھتان قىلىش، دۈشمەندىن ياردەم، بېخىلدىن ياردەم تىلەش ئادەمنى ئۆلۈمدىن ئارتۇقراق نومۇسقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى شەكسىزدۇر. _ ئەڭ ئېغىر نەرسەنېمە؟ _ غېرىپلىق، جۇدالىق، مۇھتاجلىق تەڭداشسىز ئېغىردۇر. _ نېمە بايلىق ھېسابلىنىدۇ؟ _ سالامەتلىك ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشتىن ئارتۇق بايلىق يوق. _ ئادەمنىڭ يامان دۈشمىنى قايسى؟ _ ئەجىرسىز توپلانغان مال - دۇنيا تېپىلماس دۈشمەندۇر. _ مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا سازاۋەر بولۇشنى خالامسەن؟ _ سىزنى خىيال قىلىش بىلەن خوشالمەن. ۋايىتنىڭ جاۋابىدىن تۇلۇق قانائەتلەنگەن مەلىكە بەرنا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ۋايىتقا ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ ۋە ئۆز قولى بىلەن شاھلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ ئالتۇن تەختىكە چىقىرىپتۇ - دە: _ مەن سىزنىڭ ئەمرىڭىزدە بولۇشقا رازىمەن، - دەپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپتۇ . . . داقا - دۇمباق، كاناي - سۇناي چېلىنىپتۇ. زىلچە - گىلەملەر سېلىنىپتۇ. داش قازانلار ئېسىلىپتۇ. زىنداندىكىلەر ئازات قىلىنىپ، مۇراسىمىغا قېتىلىپتۇ، راۋاقلارنىڭ ئۈستىدىن تەڭگە - تىللا چېچىلىپتۇ . . . . شۇنداق قىلىپ قىرىق كېچە - كۈندۈز توي - تاماشا بولۇپتۇ. مەلىكە بەرناغا ئۆيلىنىۋالغان ۋايىت ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراپ بەختىلىك ياشاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
مەلىكە بەرنا | UyghurWiki | UyghurWiki