يېتىمنىڭ ئۆيلىنىشى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا، ئىككى يۇرتنىڭ ئارىسىدا، دۆڭنىڭ دالدىسىدا، كارۋان يولىنىڭ ياقىسىدا بىر دېھقان ياشىغانىكەن. دېھقاننىڭ دۇنيالىقتا بىرلا قىزى بولۇپ، بالاغەتكە يېتىپ قاپتۇ. بۇلار دېھقانچىلىق بىلەن كۈنىنى ئۆتكۈزىدىكەن. كارۋان يولىنىڭ ياقىسىدا بىرلا ئېغىز گەمە ئۆي بولۇپ، بۇنى ئاشۇ دېھقاننىڭ دادىسى ئات - ئۇلاغسىز، كەچ قالغان، يامغۇر يېغىندا، بوران - چاپقۇندا قالغان يولۇچىلار ئۈچۈن >قونالغۇ< قىلىپ قويغانىكەن. دېھقان بۇ گەمە ئۆينى كۈندە بىر قېتىم كۈن يانغاندا كېلىپ يوقلاپ تۇرىدىكەن، كۈندۈزى دۆڭنىڭ ئارقىسىدىكى ھويلىنىڭ ئەتراپىدا دېھقانچىلىق قىلىدىكەن. يولۇچى چۈشكەن بولسا چاي قاينىتىپ بېرىپ قايتىپ كېتىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە كېلىپ چاي بېرىپ يولغا سالىدىكەن. بۇ گەمىدە قونۇپ ئۆتكۈچىلەردىن دېھقان ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن. قول ئىلىكىدە بارلىرىنىڭ بەرگەنلىرىنى >رەھمەت ھەشقاللا!< دەپ ئالىدىكەن. ئوقەت، ئىش ئىزدەپ چىققانلاردىن ھېچ نەرسە ئالمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاش - ئوزۇقى يوقلارغا بىر - ئىككى كۆمەچ ناننى >يوللۇق< دەپ تۇتىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ يەرگە بىر يېتىم ئوغۇل بالا قونۇپ ئۆتۈشكە كېلىپ قاپتۇ. بۇ بالىنىڭ ئۆز يۇرتىدا ھېچنېمىسى يوق ئىكەن. قولىدا ھۈنىرى بولمىغانلىقىدىن >يەردىن يەرگە سائەت< دەپ ئىش ئىزدەپ، ياقا يۇرتقا ماڭغانىكەن. شۇ كۈنى ئۇنىڭمۇ يولى مۇشۇ يەرگە توغرا كېلىپ قاپتۇ. يول بويىدىكى گەمىدە كېچىنى ئۆتكۈزۈپ سەھەردە يەنە يولغا چىقىشنى دىلىغا پۈكۈپ، ئۇ يەرگە يېتىپ كەپتۇ.
بۇ دېھقانچىلىقنىڭ تازا ئالدىراش ۋاقتى ئىكەن. يىراقتىن گەمىگە قاراپ كېلىۋاتقان بالىنى كۆرگەن دېھقان قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ ئۇ يەرگە يېتىپ كېلىپ ۋە گەمىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋېتىپ:
- ئوغلۇم، مېنىڭ بىر ئاز ئالدىراش ئىشىم بار. مەن ساڭا ھازىر قارىيالمايمەن. سەن بۇ يەردە بىر ئاز دېمڭنى ئېلىپ تۇر، بىر ئازدىن كېيىن كېلىپ ساڭا ئۇسسۇزلۇق بېرەي، - دەپ كەتمىنىنى دولىسىغا سېلىپ كېتىپ قاپتۇ.
ئۇ بالا گەمىنىڭ ئىشىكىدە بىر ئاز ئارام ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. كېيىن ئېرىقتىن سۇ ئېلىپ، تېرىق تالقىنىنى چېلىپ ئېچىپتۇ. قورسىقى تۇيۇپ، ئۇسسۇزلۇقى قانغاندىن كېيىن، سوغىدىكى ئېشىپ قالغان سۇنى گەمىنىڭ ئالدىغا، گەمىنىڭ ئىچىدىكى بورا سېلىقلىق سۇپىغا سېپىپ سۈپۈرۈپتۇ. كېيىن گەمىدىكى پالتىنى ئېلىپ چىقىپ سەينادىكى كۆتەكنى يېرىپتۇ. بۇ ئىش ئۈستىگە يېتىپ كەلگەن دېھقان:
- ئوغلۇم، پالتىنى ماڭا بەر، بۇ مېنىڭ ئىشىم، سەن يول مېڭىپ ھېرىپ كەلگەنسەن، ئولتۇرۇپ دېمىڭنى ئال! - دەپتۇ. يېتىم بالا:
- تاغا، بۇ نېمە دېگەنلىرى، مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا كىشىلەرنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئۆگەنگەن. يولغا چىققاندىن بېرى قولۇق قىچىشىپلا كەلگەن، بۇ كۆتەكنى كۆرۈپ دىلىم سۆيۈنۈپ، قولۇم تېخىمۇ قىچىشىپ كەتتى. ئەمدى سىلى كىچىككىنە تەخىر قىلىپ تۇرسىلا، مەنمۇ بىر پۇخادىن چىقىۋالاي، - دەپ پالتىنىڭ سېپىنى دېھقانغا بەرمەپتۇ.
دېھقان نائىلاج سۇ ئېلىپ كەلمەكچى بوپتۇ. سوغىغا قارىسا ئىچىدە لىق سۇ تۇرغۇدەك. سۇنى قازانغا قۇيماقچى بولۇپ تۇۋاقنى ئاچسا، قازاندا ئاغزى بىلەن تەڭ سۇ تۇرغۇدەك. ئوت ياقاي دېسە، ئۇچاقتىمۇ ئوت ياققۇدەك قىلىپ تەييارلانغان ئوتۇن تۇرغۇدەك. بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، دېھقاننىڭ بۇ بالىغا ھەۋىسى كېلىپ قاپتۇ. دېھقان بىردەم كۈتۈپ تۇرۇپ، بالا كۆتەكنى يېرىپ بولغاندىن كېيىن:
- ئوغلۇم، ئىسمىڭ نېمە؟ بۇ يەرلەرگە قەيەردىن ۋە قانداقلارچە كېلىپ قالدىڭ؟ يەنە قەيەرلەرگە بارماقچىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
ئۇ بالا يۈزىدىكى تەرنى بەلبېغىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ:
- تاغا، مېنىڭ ئىسمىم بەختى، تۇغۇلغان ۋە چوڭ بولغان يېرىم بۇ جايدىن ئانچە يىراق ئەمەس. مېنىڭ ئۇ يەردىن چىققىنىمغا بۈگۈن ساق ئون كۈن بولدى. مەن ئاتا - ئانامدىن بەك كىچىك يېتىم قاپتىكەنمەن. ھازىرقى يېشىمغا كەلگىچە ئۆز يۇرتۇمدا كىشىلەرنىڭ ئىشىكىدە ئىشلەپ جان بېقىپ كەلدىم. قارىسام ئۇ يەرلەردە روناق تاپالمىغۇدەكمەن، بېشىمنى ئېلىپ >يەردىن يەرگە سائەت< دەپ يولغا چىقتىم. مۇددىئايىم بلىسى يوققا بالا، چاكىرى يوققا چاكار بولۇپ ئىشلەپ، ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولاي دەيمەن، - دەپتۇ.
دېھقانغا بالىنىڭ بەرگەن جاۋابى يېقىپتۇ. دېھقان شۇنچە ياشقا كىرگىچە مۇشۇنداق سىلىق، يېقىملىق، قىسقا، مېغىزلىق سۆز بىلەن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەن يولۇچىدىن پەقەت مۇشۇ بالا بىلەن بىر نەچچىنى كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپتۇ. شۇڭا ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- بالىسى يوققا راستىنلا بالا بولۇشنى خالايدىغان بولساڭ، كەل ئوغلۇم، ماڭا بالا بول. مېنىڭمۇ ئاتا - ئانام يوق. ئۇلار مەن يېڭى ئۆيلەنگەندە، بۇ يەرنى ماڭا تاشلاپ بېرىپ ئارقا - ئارقىدىن ئۇ دۇنياغا كېتىشتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئۆز ئۆمرۈمنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزدۈم. ئەنە ئاۋۇ كۆرۈنگەن دەرەخلىكتە مېنىڭ ئازراق يەر - سۈيۈم، باغ ھويلام، بىر نەچچە قارا باش ئات - قوي، ئۆچكىلىرىم بار. ئەتىگەن تۇرۇپ كۈن پاتقۇچە ئېتىز - ئېرىق ئىشى بىلەن ئات - ئۇلاغلىرىمىزدىن خەۋەر ئالىمەن، كۈن پېتىشى بىلەن بۇ گەمىگە كېلىپ، بۇ يەرگە چۈشكەن كىشىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن. ئېشى يوققا ئاش بېرىمەن. ئەتىگەندە كېلىپ ئۇلارنى يولغا سالىمەم. ئەگەر سەن ماڭا راستىنلا بالا بولساڭ، مەن مۇشۇ گەمىدىن خەۋەر ئېلىشنى ساڭا ئۆتۈنۈپ بېرەي. سەن مېنىڭ ئورنۇمدا بۇ يەردە ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى ئۇزات، مەن تېرىقچىلىق بىلەن مال - ۋارانىمغا قاراي! - دەپتۇ.
- خوپ تاغا! مانا مەن ھازىردىن باشلاپ سىزنىڭ بالىڭىز، سىز مېنىڭ دادام، - دەپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قول قوشتۇرۇپتۇ بالا.
دېھقان بالىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بېشىنى سىيلاپتۇ ۋە:
- مېنىڭ گېپىم گەپ. سەن ھازىرچە مۇشۇ گەمە ئۆيگە قاراپ، بۇ يەرگە كېلىپ - كەتكۈچىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇر. ھال - ئوقىتى بارلار كېلىپ چۈشۈپ كېتىدىغان ۋاقتىدا >چاي پۇلى، ياتاق پۇلى< دەپ بىرەر نەرسە بەرسە، يولىدا بولسا ئال، ئارتۇق بەرسە ئالما. قول ئىلىكىدە يوق مۇساپىرلاردىن چاي پۇلى، ياتاق ھەققىنى ئالما! مېنىڭ بۇ گەمە ئۆينى بەرپا قىلىشتىن مەقسىتىم ھەرگىز پۇل تېپىش ئەمەس. ئۆتكۈنچىلەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ، يول ئازابىنى يېنىكلىتىش، - دەپ بېلىدىكى ئاچقۇچنى يېشىپ بېرىپ ئۆز ئۆيىگە قاراپ كېتىپتۇ.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇدا بىر نەچچە كۈنگىچە دېھقان ھەر كۈنى چۈش ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بىر ۋاقىت تائام ئېلىپ كېلىپ يوقلاپ تۇرۇپتۇ. بالىمۇ كۈندۈزى بوش ۋاقتىدا ئېرىق چېپىپ گەمىنىڭ ئارقىسىدىكى بۇلاق سۈيىنى گەمە ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان قىپتۇ. بۇ باش باھار مەزگىلى ئىكەن. بۇنى كۆرگەن دېھقان بېغىدىن بىر نەچچە تال جىرىم ۋە مېۋىلىك كۆچەت ئېلىپ كېلىپ ئېرىق بويىغا تىكىپتۇ. بۇ يەرگە كېلىپ ئارام ئېلىپ، ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ، ئات - ئۇلاغلىرىنى سۇغىرىپ، قونۇپ ئۆتىدىغان يولۇچىلارمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپتۇ. بالىمۇ يولۇچىلار يولغا چىقىپ كەتەندىن كېيىن، بوش چاغلىرىنى دېھقاننىڭ ئېتىز - ئېرىق ئىشىغا ياردەملىشىپ ئۆتكۈزىدىغان بوپتۇ.
كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بۇ يەرگە بىر موللا كىشى بىر قانچە تالىپ، ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ قاپتۇ، بۇنى كۆرگەن ھېلىقى دېھقان بەختىنى ئالدىغا قىچىرىپ:
- ئوغلۇم، مېنىڭمۇ يېشىم كۈندىن - كۈنگە ئۇلغىيىپ كەلمەكتە. مېنىڭ دۇنيالىقتا يالغۇز بىرلا قىزىم بار. بالاغەتكە يېتىپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەس، قۇلىقى ئاڭلىماس، تىلى گاچا، قولى تۇتماس، پۇتى باسماس چوڭ بولدى. ئەگەر خالىساڭ شۇ قىزىمنى مەن كەلگەن موللا يولۇچىلارنىڭ ئالدىدا ساڭا نىكاھلاپ بېرىپ، ئىككىڭلارنىڭ بېشىنى بىر قىلىپ قويماقچىمەن. سەن ئۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟! - دەپ سوراپتۇ.
بالا بىر ئاز ئويلىنىپتۇ. كېيىن: >بوپتۇ، ئۇنىڭ شۇنداق ئەيىبلىرى بولسا مەنمۇ بىر قېتىم، قالغىنىنى تەلەيدىن كۆرەي، ھېچ بولمىغاندا، چېيىمنى قاينىتىپ بېرەر< دېگەن يەرگە كەپتۇ.
- دادا، سىلى ماقۇل كۆرگەن ئىشنى مېنىڭ ماقۇل كۆرمەسلىكىم ئەدەبسىزلىك. سىلى بۇ ئىشتا نېمە دېسىلە، مەن شۇنىڭغا ماقۇل. چۈنكى سىلى ماڭا دادا، - دەپتۇ.
- بارىكاللا ئوغلۇم، - دەپتۇ دېھقان ۋە بالىنىڭ پېشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ ئۆيىگە يېنىپتۇ. ياغۇنچاقتا تارتقان بۇغداي يارمىسىغا پاقلان گۆشىنى توغراپ سېلىپ بىر قازان شويلا قىپتۇ. ھېلىقى يولۇچى موللامنى تالىپلىرى بىلەن ئۆز ئۆيىگە قىچقىرىپ ئاش تارتىپتۇ. كېيىن قىزىنى بەختىگە نىكاھلىتىپ بېرىپتۇ.
نىكاھتىن كېيىن بەختى قىزنىڭ قېشىغا كىرسە ھوجرىسىدا ئاي دېسە ئاغزى بار، شۇنداق كېلىشكەن، پەرىزاتتەك بىر قىز ئولتۇرغۇدەك. بەختى >بۇ ئولتۇرغان مېنىڭ ئالغان خوتۇنۇم بولمىسا كېرەك. مەن بۇ ئۆيگە خاتا كىرىپ قاپتىمەن، بوۋاي مېنى سىناۋاتقان بولسا سەتچىلىك بولمىسۇن يەنە< دەپ ئارقىسىغا يانغانىكەن، قىز ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بىلەن:
- بارىكاللا يىگىت، مېنى تاشلاپ نەگە بارىدىلا؟ بۇ ئۆي ۋە مەن سىلىنىڭ! - دەپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ بەختىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپتۇ.
بەختى خىجىللىق بىلەن قىزغا قاراپ:
- ئەمىسە دادىڭىز سىزنى ماڭا بېرىدىغان چاغدا نېمە ئۈچۈن، >قىزىم قارىغۇ، گاس، گاچا، قولى تۇتماس، پۇتى باسماس< دەپ تونۇشتۇرغان؟ - دەپ سوراپتۇ. قىز كۈلۈپ تۇرۇپ:
- شۇنىمۇ چۈشەنمىدىلىمۇ؟!... دادامنىڭ مېنى سىلىگە >قىزىم قارىغۇ< دېگىنى، >قىزىم نامەھرەمنى كۆرمىگەن< دېگىنى، >قولى تۇتماس< دېگىنى >قىزم نامەھرەمنىڭ قولىنى تۇتمىغان< دېگىنى، >تىلى گاچا< دېگىنى >نامەھرەم بىلەن سۆزلەشمىگەن< دېگىنى، >قۇلىقى گاس< دېگىنى >غەيۋەت - شىكايەت، يامان سۆزنى ئاڭلىمىغان< دېگىنى، >پۇتى باسماس< دېگىنى >نامەھرەمنىڭ كەينىگە كىرىپ يامان يولغا ماڭمىغان< دېگىنى. سىلى مېنى ئەنە شۇنداق چوڭ ئەيىبلىرىم بىلەن ئۆز ئەمىرلىرىمگە ئالدىلا، مەن دادامنىڭ يەككە - يىگانە قىزى. دادام ئۆزلىرىنى ياز بويى ھەر بىر ئىشتا ھەر تەرەپلەپ سىناپ كۆردى. ئاخىرى مېنى ئۆزلىرىگە لايىق كۆردى. مەنمۇ بۇ ئىشنى ئەستايىدىل ماقۇل كۆردۈم... - دەپتۇ.
بەختى قىزنىڭ سۆزىدىن ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى چۈشىنىپتۇ. ئۇمۇ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قىزنىڭ قولىنى چاپىنىنىڭ پېشىدىن ئاجرىتىپ ئېلىپ يېتىلەپ ئورنىغا كېلىشىپتۇ.
بەختىنىڭ بەختى ئېچىلىپ، ئۇرۇقى چېچىلىپ، ئۆتكۈنچىلەر چۈشۈپ ئۆتىدىغان بۇ ئۆتەڭنى ئاۋات قىلىپتۇ.