UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھېلىگەر تۈلكىنىڭ ئاشكارىلىنىشى

ھېلىگەر تۈلكىنىڭ ئاشكارىلىنىشى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن ناھايىتىمۇ گۈزەل ياپ - يېشىل ئوتلىرى يەلپۈنۈپ، سۈپ - سۈزۈك سۇلىرى ئېقىپ تۇرغان يايلاقتا تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، توشقان، تىيىن، بۈدۈنە، قىرغاۋۇل، ... قاتارلىق ھەرخىل ھايۋان، ئۇچار قۇشلار بىر - بىرى بىلەن ناھايىتى ئىناق ياشايدىكەن. ئۇلار شۇنداق تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارغا بىر تۈلكە كېلىپ قوشۇلۇپتۇ. تۈلكىنىڭ تەققى - تۇرقىدىن بىر خىل خۇشامەتنىڭ ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرىدىكەن شۇڭا يايلاقنىڭ ئەھلى تۈلكىگە تازا ئىشەنمەي، ئۇنى ئۆز قېتىغا ئالماپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ تۈلكە ھىڭگىيىپ، خۇشامەتلىرىنى زادى تاشلىماپتۇ. باشقىلار خۇش كۆرمىسىمۇ، ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ نايلاقلىغان پېتى ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ چىقىدىكەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىش بىلەن يايلاق ئەھلى تۈلكىنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىغا كۆتۈپ قاپتۇ ۋە تۈلكىنى توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراقلارغا ئارىلاشتۇرۇدىغان بوپتۇ. يايلاق ئەھلى تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىققانلىرىدا دائىم ئۆيدە قالغان بالا - ۋاقىلىرىدىن ئەنسىرەپ، بىر كۆزى ئارقىسىدا قالىدىكەن، بۇنى سېزىۋالغان تۈلكە جامائەتكە: - بۇلىدۇ، ئۆيدىن، بالا - چاقاڭلاردىن خاتىرجەم بولۇڭلار! مەن پاسىۋانلىق قىلاي! - دەپتۇ. يايلاق ئەھلى تۈلكىنىڭ سۆزىگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي ئوزۇق ئىزلەپ چىقىپ كېتىشىپتۇ. كەچتە قايتىپ كەلسە، ئۆيلىرى سۈپۈرۈلگەن، ئوتۇنلار يېرىلغا، كۈپلەرگە سۇ توشقۇزۇلغان، ئۇلارنىڭ بالىلىرى قىن - قېنىغا پاتمىغان ھالدا خۇشال بولۇشۇپ: - ئانا! دادا! ... تۈلكە ئاچام نېمە دېگەن ياخشى، نېمە دېگەن ياخشى! - دىيىشىپ چۇقۇرۇشۇپ ئالدىلىرىغا چىقىشىپتۇ. ئاتا - ئانىلار بۇ ئىشتىن تولىمۇ خوشاللىنىپتۇ. بارا - بارا تۈلكىگە ئىشىنىپتۇ، ئۆي - ۋاقلىرىنى، بالا - چاقىلىرىنى تۈلكىگە تاشلاپ بىخىرامان چىقىشىپ كېتىدىغان بولۇشۇپتۇ. يايلاق ئەھلىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈلكە ئەسلىدىكى ھۈنىرىنى ئاشكارلاشقا باشلاپتۇ. ھەر كۈنى دىگۈدەك پاقلان، ئوغلاق، بۆجەن، چۆجىلەر تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدىغا بولۇپ قاپتۇ. شۇنداق ئىشلار ئاۋۇغانسېرى ئىناق يايلاق ئەھلى ئارىسىغا ئىشەنمەسلىك ئۇرۇغى چېچىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانداقتۇر غەيۋەت - شىكايەت، پىتە - ئىغۋالار پەيدا بولۇپتۇ. ئىشلارنى تۈلكە تۇيدۇرماي قىلىدىكەن. ئۇلار بۇ مالىمانچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە بىر باشلىق سايلاپ شۇنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ئىش قىلماقچى بولۇشۇپتۇ. لېكىن جاڭجال چىقىپتۇ. تاغ ئۆچكىسى ئارقارنىڭ باشلىقى بولۇشىغا قوشۇلمايدىكەن توشقان، تىيىنگە ئۇنىمايدىكەن. بۆدۈنە قىرغاۋۇلنى ياقتۇرمايدىكەن ئاخىرى ھەممىسى بىر ئېغىزدىن تۈلكىنى «كىشىنىڭ ھەققىنى يىمەيدۇ»، «ساپ دىل»، «سەمىمىي» دەپ قاراپ ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلىشىۋاپتۇ. لېكىن ئىشلار كۈتكەندەك بولماپتۇ. بالا - چاقىلار يەنە يوقاپ كېتىۋېرىپتۇ. بىر كۈنى قىرغاۋۇلنىڭ بىراقلا ئىككى بالىسى يوقاپ كېتىپتۇ. ئۇ زار - زار يىغلاپتۇ. ئەتراپنى ئىزلەپتۇ. ئىزلەپ كەلسە، بىر قارىغاينىڭ تۈۋىدە بىر بالىسىنىڭ ئۆلۈگى تۇرغۇدەك، تازا سىنچىلاپ قارىسا بالىسىنىڭ بېشى مىجىلغان. بۇ مىجىلغان باشتا تۈلكىنىڭ تۈكلىرىگە ئوخشايدىغان تۈكلەر تۇرغۇدەك. قىرغاۋۇل تۈلكىدىن گۈمانلىنىپ دوستلىرىغا ئەھۋالنى ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە غۇلغۇلا پەيدا بولۇپتۇ. بەزىلىرى: - تۈلكە ناھايىتى يۇۋاش، ساپ دىل، ئۇنىڭ ساپ دىللىغى نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلانغان، - دىسە، يەنە بەزىلىرى: - ھەي، ھازىر ھەركىمگە ئىشىنىۋەرگىلى بولمايدىغان بولۇپمۇ قالدى، - دەپ ئۇھ تارتىشىپتۇ. پەقەت ئارقارلا ئىندىمەپتۇ. ئۇلار تۈلكىگە دەرت ئېيتىپ كەلسە، تۈلكە بىخارامان ھالدا: - مېنىڭ سۆزۈمگە كىرمەي بېشى قايغان يەرلەردە يۈرۈپ شۇنداق ئىشلار بولۇپتۇ، بالىلىرىڭلارغا ئوبدان نەسىھەت قىلىپ قويۇڭلار! مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىسۇن، - دەپتۇ. تۈلكىدىن گۇمانلانغان ئارقار ئەتىسى دوستلىرىغا بەك يىراققا كەتمەسلىكنى ئېيتىپتۇ، ئۆزىمۇ سەپەر جابدۇغىنى قىلىپ يولغا چىقىپتۇ. - يۇ، يوشۇرۇن يېنىپ كېلىپ، ماراپ تۇرۇپتۇ. چۈشكە يېقىن ھېلىگە تۈلكە بىر تىيىننىڭ بالىسىنى چىقىرىتىپ قوغلاشقا باشلاپتۇ. ئارقار تۈلكىنى ئارقا - ئارقىدىن بىرنەچچىنى ئۈسۈپتۇ. تۈلكە ھالىدىن كېتىپتۇ. ئاڭغىچە ئارقارنىڭ ھەمرالىرىمۇ يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار تۈلكىنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتىنى چۈشىنپتۇ - دە، غەزەپ بىلەن ھالسىزلانغان تۈلكىكگە تاشلىنىپتۇ ۋە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇپ، بىراقلا ئۆچىنى ئاپتۇ. يايلاق ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ بىخۇتلۇقلىرىغا پۇشمان قىلىشىپ، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ھۇشيارلىق بىلەن يېڭىۋاشتىن ئىناق ياشىشىپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: خەلچەم تۇردى.
← بارلىق تېمىلار چوچاق