UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھۈنەرۋەن بالا

ھۈنەرۋەن بالا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىرپادىشاھنىڭ ئەقلى - ھۇشى جايىدا، تەقى تۇرقى كېلىشكەن ھۆسنىدار بىر قىزى بار ئىكەن. پادىشاھ ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. ۋاقىت ئۆتۈپ، بۇ قىز بويىغا يېتىپتۇ. بىراق، پادىشاھ بىخرامان يۈرۈۋېرىتپۇ. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ھەمسۆھبەتلىرى پادىشاھقا قىزىنىڭ بالاغەتكە يېتىپ قالغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپتۇ. پادىشاھ ئۇقۇپ، قىزىغا تەختى - راۋاق ياسىتىپ، قىزىنى ئۇنىڭغا ئولتۇرغۇزۇپتۇ، ئاندىن يۇرت ئەھلىگە: >كىم قىزىمنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلىسە، قىزىم شۇنىڭ ئەمرىدە بولىدۇ< دەپ جاكارلاپتۇ. پادىشاھنىڭ جاكارسى شۇ كۈنىلا يۇرتقا تاراپ كېتىپتۇ. ھەر كۈنى نۇرغۇن ئادەم راۋاق ئالدىغا كېلىپ، قىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىىدىكەن. لېكىن مەن - مەن دېگەن گەپتان يىگىتلەرمۇ قىزنىڭ سوئالىغا توغرا جاۋاب بېرەلمەپتۇ. ھەممىسى خۇش كېلىپ، بوش قايتىپتۇ. پادىشاھنىڭ جاكارىسى بارغانسېرى كۆپ يۇرتلارغا تارقاپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر تۇل خوتۇننىڭ ھۈنەرۋەن ئوغلىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا >يۈگۈرگەن قالار، بۇيرۇغان ئالار< دەپتىكەن، مەنمۇ بېرىپ جاۋاب بېرىپ باقاي، دەپتۇ - دە، ئانىسىدىن ئىجازەت ئېلىپ، قوينىغا بىر نەچچە زاغرىنى سېلىپ، يولغا چىقىپتۇ. ئانىسى بالىسىغا ئاق يول تىلەپ قاپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا تاغ ئېشىپ، جاپا چېكىپ، دەريا كېچىپ، ھېرىپ - ئېچىپ، ئاخىرى پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا يېتىپ بېرپتۇ. ئوردا ئالدىدا تۇرغان نۆكەرلەر بالىنىڭ تۇرقىغا قاراپ: - ھە، نېمە ئەرزىڭ بار؟ - دەپتۇ. پادىشاھ قىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگىلى كەلدىم، - دەپتۇ ھۈنەرۋەن بالا. نۆكەرلەر ئەھۋالنى پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ بالىنى ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇپتۇ. كىبىرى ئۈستۈن پادىشاھ شۈمشەرەپ تۇرغان بالىنى كۆرۈپلا، جۇدۇنى ئۆرلەپ، سېنىڭ كەشىڭنى ئۆزۈملا توغرىلاي، دېگەن ئويغا كېلىپ: - دەريانىڭ ئۇ قېتىغا تېرىق تېرىپ، بۇ قېتىدا تۇرۇپ ئورۇۋالدىم؟ - دەپتۇ. - دەريا ئەمەس، ئېرىق ئىكەن، - دەپتۇ بالا. - قاتتىق تاشنى دەسسىۋىدىم. تېيىلىپ كەتتىم؟ - قاتتىق ئەمەس، سىلىق ئىكەن، - دەپتۇ بالا. پادىشاھ ئارقا - ئارقىدىن سوئال تاشلاپتۇ. بالا ھەق جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ بالىنىڭ زېرەكلىكىنى بايقاپ، نائىلاج قىزىنى تەختى - راۋاققا چىقىرىپ، بالىنى كۆرۈشتۈرۈپتۇ. بالىنى قىز كۆرۈپلا نېزىقاپ، بۇ نېمىدى، نى - نى يىگىتلەرنىڭ ئېغىزىنى ئاچۇرمىغانمەن، - دەپ ئويلاپ، كىنىزەكلىرىگە: - بۇنىڭغا تويغىچە قېتىق ئىچكۈزۈپ، ئۆيدىن - ئۆيگە قوغلاڭلار - دەپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا: - قېتىقىڭنى ئىچەرمەن، مۇرادىمغا يېتەرمەن، - دەپتۇ. قىز: - ھەي كىنىزەكلەر، كىىزەكلەر، بۇنى سىلەر كۆرۈڭلار! سانا بېرىپ بىر چىمدىم، قىردىن - قىرغا سۈرۈڭلار، - دەپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا: - سانا بەرسەڭ ئىچەرمەن، قىمىرلىشىپ يۈرەرمەن، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قىزنىڭ تېنى جۇغغىدا قىلىپ قاپتۇ، ئۇ ئەتراپىغا تەكشى بىر قاراپ يەنە سۇئال سوراشقا باشلاپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا بارلىق سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرىپ، قىزنىڭ ئاغزىنى ئاچۇرمايلا قويۇپتۇ. قىز يېڭىلىپ قالغانلىقىنى ئاتىسىغا مەلۇم قىلىپتۇ. ئەمما پادىشاھ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماپتۇ، ھۈنەرۋەن بالىنى قىزىنىڭ خىلى كۆرمەي، يوق يەردىن تۈك ئۈندۈرۈپ: - ئۆزۈڭنىڭ ئۆيىدىن مېنىڭ ئۆيۈمگىچە بولغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرىسەن، - دەپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا قوينىدىكى يېرىم زاغرىنى يەپ، ئوردىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ھۈنەرۋەن بالىنىڭ بېشى تازا قېتىپتۇ. ئۇ پادىشاھنىڭ سېلىقىنى قانداق بىجا كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئويلاپ كېلىۋاتسا، ئاپپاق ساقال بىر سالاپەتلىك ئادەم يولۇقۇپتۇ. ئۇ، بۇ ئادەمگە سالام بېرىپ ھال سوراپتۇ. بوۋاي ھۈنەرۋەن بالىنىڭ ئەدەب - ئەخلاقىدىن خۇش بولغانلىقىدىنمۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ: - ھە بالام، نىمانچە غەم - غۇسسىگە چۆمۈپ كەتتىڭ؟ - دەپتۇ. بالا بوۋاينىڭ مېھرىبانلىقىدىن تەسىرلىنىپ، بېشىدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بوۋاي بالىغا قاراپ: - بېشىڭنى قاتۇرما، بۇنىڭ ئىشى بەك ئاسان، قۇم دۆڭگە بارىسەن، يان تەرىپىدىن ئىككى يانچۇقۇڭنى تولدۇرۇپ قۇم ئالىسەن، ئاشۇ قۇمنى ئۆز ئىشىكىڭدىن تارتىپ پادىشاھنىڭ ئىشىكىگە بارغىچە يولنىڭ ئىككى چېتىگە تەكشى چېچىپ بارىسەن، ئاندىن تېز بۇرۇلۇپ ئارقاڭغا قارىساڭ، پادىشاھ دېگەن بوستانلىق پەيدا بولىدۇ، - دەپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا بۇنىڭغا ئىشىنىپمۇ كەتمەپتۇ، ئىشەنمەيمۇ تۇرماپتۇ؛ >سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختايدۇ< دەپتىكەن، قېنى بۇنىمۇ قىلىپ كۆرەي دەپ ئويلاپ، ھېلىقى بوۋاي دېگەندەك قىلىپتۇ. بوۋاي ئېيتقاندەك چېچىلغان قۇملار چېچەكلەپ، ئاجايىپ دەرەخلەر بوي تارتىپ، پادىشاھ دېگەندىنمۇ گۈزەل بوستانلىق ھاسىل بولۇپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ، ئوردىغا كىرىپ، پادىشاھقا خەۋەر قىلىپتۇ: - پادىشاھىم، دېگەنلىرىنى بەجا كەلتۈردۈم، چىقىپ كۆرۈپ باقسىلا، - دەپتۇ. پادىشاھ ھۈنەرۋەن بالىنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي تالاغا چىقىپتۇ. قارىسا، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۆزى دېگەندىنمۇ گۈزەل بوستانلىق پەيدا بولغان. بىراق پادىشاھ بوستانلىقنى كۆرمەسلىككە سېلىپ، يەنە لەۋزىدىن يېنىۋاپتۇ، بالىغا: - سەن ئادىمىزات بىلمەيدىغان بىر ھۈنەر ئۆگىنىپ كەل، ئاندىن قىزىم سېنىڭ ئەمرىڭدە بولىدۇ، - دەپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا خاپىلىقنى باسالماي: - >بەرمەس قىزنىڭ سېلىقى ئېغىر< دېگەن شۇ ئىكەندە، دەپ ئوردىدىن چىقىپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا نېمە قىلارىنى بىلمەي يولدا كېتىۋاتسا، ھېلىقى بوۋاي يەنە يولۇقۇپتۇ. بوۋاي بالىدىن ئەھۋال سوراپتۇ. بالا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بوۋاي بالىغا ئەقىل كۆرسىتىپ: - يىراق يۇرتتا بىر ئاشپەز بار، ئۇنىڭمۇ بىر قىزى بار، ئۆزىنىڭ 40، قىزىنىڭ 41 ھۈنىرى بار، بۇنى پادىشاھمۇ بىلمەيدۇ، سەن شۇلارنى تېپىپ ئۆگەن، ساڭا ئەڭ لازىمى قىزنىڭ 41 - ھۈنىرى، - دەپتۇ. بالا بۇ گەپكە ئىشەنچ باغلاپ، ئاشپەزنىڭ يۇرتىغا قاراپ يول ئاپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا تاغ - دەريالار، بىپايان چۆل - جەزىرىلەردىن ئۆتۈپ، قانچىلىغان خېيىم - خەتەرلەرنى يېڭىپ، ئاخىرى ئاشپەزنىڭ يۇرتىغا يېتىپ كەپتۇ. بالا ئۇ كوچىغا، بۇ كوچىغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن سوراپ يۈرۈپ ئاشپەزنىڭ ئۆيىنى تېپىپتۇ. بالا ئاشپەز بىلەن بىر كېچە مۇڭدىشىپ، بالا دېگەن ھۈنەرنى ئاشپەز ئۆگىتىدىغان، بالا ئاشپەزنىڭ سۈيىنى توشۇپ، ئوتۇنىنى يېرىپ، ئوتىنى قالاپ بېرىدىغان بولۇپ كېلىشىپتۇ. ھەپتە ئۆتۈپتۇ، ئايمۇ ئۆتۈپتۇ، ھۈنەرۋەن بالا ھە دەپ ئىشلەۋېرىپتۇ. ئەمما ئاشپەز ھۈنەرنىڭ بۇرجىكىنىمۇ كۆرسەتمەپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا قاتتىق ئىشلەپ كۈندىن - كۈنگە ھالسىراپ كېتىپتۇ. بالىنىڭ ئاشپەزدىن ئاڭلىمىغان تىلى، يىمىگەن تايىقى قالماپتۇ. دادىسىنىڭ زالىملىقىنى كۆرگەن قىزنىڭ ھۈنەرۋەن بالىغا ئىچى ئاغرىپ، بىر كۈنى دادىسىنىڭ يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئوتۇن يېرىۋاتقان بالىنىڭ يېنىغا كېلىپ: - سەن ئادىمى - ئىنسان چەكمىگەن جاپانى چەكتىڭ، سەن بۇ يەردىن كەت، - دەپتۇ - دە، ئوڭ قولى بىلەن ھۈنەرۋەن بالىنىڭ ئوڭ مەڭزىنى سىلاپ قويۇپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. قىزنىڭ بالىنىڭ مەڭزىنى سىلىشى ھەممە ھۈنىرىنى بالىغا تەقدىم قىلغانلىقىدىن بىشارەت ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بالا ئۆزىنى ئاجايىپ يېنىك سېزىپتۇ - دە، قېچىپتۇ. ھۈنەرۋەن بالىنىڭ قاچقانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ئاشپەز ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. ئاشپەز ئىز بېسىپ، كەلگەندە، بالا بىر دومىلاپ قۇرغۇي بولۇپ ئۇچۇپتۇ، ئاشپەز قارچۇغا بولۇپ قوغلاپتۇ. يېتىپ كەلگەندە، پەم بىلەن بىر موللاق ئېتىپ غايىپ بولۇپ، قارچۇقىنى ئاداشتۇرۇۋېتىپتۇ. ئاندىن كۆڭلى ئىمىن تېپىپ، ئۆز ئۆيىگە ساق - سالامەت كەپتۇ. ئانىسى ئىشقى ئوتىدا قۇرۇق سۆڭەك بولۇپ قالغان بالىسىنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپتۇ. لېكىن بالا ئانىسىغا: - ئانا، ياش تۆكمەڭ، بىزنىڭمۇ كۆكىمىز كۆرپە بولۇپ، ئۇچىمىز ئۇزىرايدىغان كۈنلەر كېلىدۇ، - دەپ تەسەللى بېرىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ھۈنەرۋەن بالا ئۈستىدە تۇخۇم توختىغىدەك ئات بولۇپتۇ. ئانىسى يېتىلەپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپتۇ ۋە ئاتنىڭ نوختىسىنى ئېلىپ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئانىسى ئۆيىگە كېلىپ قارىسا، بالىسى ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆيگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئانا خېلىلا پۇللۇق بولۇپ قاپتۇ. ھۈنەرۋەن بالا ئانىسىنىڭ خۇشاللىقىدىن خۇرسىنىپ: - ئانا، ئەتە مەن بىر تۆگە بولاي، ئاپىرىپ سېتىڭ، ھەرگىز نوختىنى بېرىپ قويماڭ، - دەپتۇ. ئۇ ئەتىسى دېگەندەك بىر سېمىز تۆگە بولۇپتۇ؛ ئانىسى ساتقىلى بازارغا ئېلىپ چىقىپتۇ. ئانا بازاردا تۆگىنى تۇتۇپ تۇرغاندا، ھېلىقى ياۋۇز ئاشپەز كۆرۈپ تونۇپ قاپتۇ. بۇنى ئانا بىلمەيدىكەن. ئاشپەزنىڭ قەستى تۆگىدىن كۆرە نوختىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ، تۆگىنى نوختىسى بىلەن قوشۇپ سۆزلىشىپ، ئانىنىڭ دېگەن پۇلىنى بېرىپ سېتىۋاپتۇ. ئانا تۈنۈگۈنكىدىن كۆپ پۇل تېپىپ ئۆيىگە كەلسە، ئوغلى كەلمەپتۇ. ئانا سىقىمىدىكى پۇلنى چېچىۋېتىپ، تۆگىنى ئالغان ئادەمنى ئىزلەپتۇ، بىراق تاپالماپتۇ. ئاشپەز تۆگىنى ئۆيىگە ئاپارغاندىن كېيىن، ھويلىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا چۆكتۈرۈپ قويۇپ قىزىنى چاقىرىپتۇ: - قىزىم، - ئايپالتىنى ئېلىپ چىقىڭ. دادىسىنىڭ خۇي - پەيلىنى تۇيغان قىز ئۆيىگە كىرىپ، ئايپالتىنى تىقىۋېتىپ تاپالمىغان بولۇپ چىقىپتۇ. ئاشپەز قىزىغا تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، پالتا ئىزلەپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. قىز تۆگىگە زەڭ سېلىپ، ئۇنىڭ ھېلىقى بالا ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭ بىگۇناھ قىيما - چىيما بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ: - سەن قەھرى - زەھرىڭ بىلەن >ھاپ< دەپ ۋارقىرا، مەن >ئا... پا...< دەپ دەپلا يىقىلاي، سەن غايىپ بول، - دەپتۇ. تۆگە پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ >ھاپ< دەپ ۋارقىراپ، ئېغىزىنى بىر غېرىچ ئېچىپ قاتتىق پۇرقىغان ئىكەن، ھويلىنىڭ ئىچى توپا - چاڭغا تولۇپ، ھېچنېمىنى پەرق ئەتكۈسىز بولۇپ كېتىپتۇ، ئاشپەز ئالاقزادە بولۇپ ھويلىغا چىققىچىلىك تۆگە غايىپ بولۇپتۇ؛ قىزى ھۇشسىز بولۇپ ياتقان. ئاشپەز قىزى بىلەن ئاۋارە بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھ ھۈنەرۋەن بالىنى >ئادىمىزات بىلمەيدىغان ھۈنەرنى ئۆگىنىپ كەل< دەپ قايتۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر پادىشاھنىڭ ئوغلىغا قىزىنى بەرمەك بولۇپ تويىنى باشلىغىنىغا 40 كۈن بولۇپ، قىزنى يۆتكەپ كېتىشكە بىرلا كۈن قالغان ئىكەن. بۇ كۈنى پادىشاھ ئادىتى بويىچە يەنە مېھمانلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ >ئېلىڭلار - ئېلىڭلار< دەپ يۈرگەندە، ئۆينىڭ تورۇسىدىن چاقناپ تۇرغان بىر تال قىزىل گۈل چۈشۈپ، پادىشاھنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا قىسىلىپتۇ. ئۆينىڭ ئىچى گۈپپىدە گۈل پۇرىقىغا تولۇپتۇ. پادىشاھمۇ، جامائەتمۇ بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپتۇ؛ بەزىلەر: >توينىڭ شاراپىتى< دەپتۇ، باشقىلارمۇ ئۆز تەبىرلىرىنى بېرىپتۇ. پادىشاھ بۇ گۈلنى خاسىيەتلىك گۈل دەپ ئارزۇلاپ، قولىغا ئېلىپ پۇراپ ئولتۇرۇپتۇ، بىراق ئۇ، ھۈنەرۋەن بالىنى توي سېلىقى بىلەن قايتۇرغانلىقىنى ئېسىگىمۇ كەلتۈرمەپتۇ. گۈلنىڭ تەرىپى تۈگىمەيلا، ھېلىقى ئاشپەز ئون بارمىقىدا ئون ياڭزا مۇڭ چىقىرىدىغان سازەندىلەرنى باشلاپ پادىشاھنىڭ تويىغا كەپتۇ. پادىشاھ ئۇلارغىمۇ توي داستىخىنى ساپتۇ. داستىخان يىغىلىپ بولغاندا: - پادىشاھىم، بۇ تويغا داخىل بولۇشنى ئويلاپ ئەلنەغمىچىلەرنى باشلاپ كېلىۋىدىم، رۇخسەت قىلسىلا ئۇلار بىردەم نەغمە - ناۋا قىلىپ، توي شاتلىقىغا شاتلىق قوشسا، - دەپتۇ ئاشپەز. پادىشاھ رۇخسەت قىلىپتۇ. ئۇلار شۇنداق چاپتۇكى، سورۇندىكىلەرنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ قاپتۇ؛ سازچىلارنىڭ ماھارىتىگە پادىشاھمۇ ھەيران بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ: - سىلەر ئۇزۇن يول بېسىپ، قىزىمنىڭ مەرىكىسىگە كېلىپ، تەنتەنىنى ئاشۇردۇڭلار! مەندىن نېمە تىلەيسىلەر، - دەپتۇ. قانداق قىلغاندا گۈلنى قولغا چۈشۈرۈشنى ئويلاپ تۇرغان ئاشپەز: - بىر كۆڭۈل ئىزلەپ كېلىۋىدۇق، رەھمەت، - دەپتۇ، ئاشپەزنىڭ قەستىنى سەزمىگەن پادىشاھ، ئۇلارنى قۇرۇق قول قايتۇرۇشنى قىيماي چىڭ تۇرۇپتۇ. ئاشپەز بىر ئاجايىپ قىياپەتكە كىرىپ: - ئىلتىپاتلىرىغا رەھمەت، گۈلنى كۆڭۈلنىڭ تىلى دەيدىكەن، قولىڭىزدىكى گۈلنى...، - دەپتۇ. پادىشاھ ئاشپەزنىڭ گېپىنى مېنى مەنسىتمىگەنلىك دەپ خاپا بولۇپ، قولىدىكى گۈلنى ئاشپەزگىمۇ بەرمەۇي، يەرگە بىر ئۇرغان ئىكەن، گۈل يەرگە چۈشۈپلا پۇررىدە توزۇپ، تېرىق بولۇپ ئۆي ئىچىگە پىتىراپ كېتىپتۇ. بۇنى پايلاپ تۇرغان ئاشپەز بىر قانات يېيىپلا چۆجىلىك توخۇ بولۇپ تېرىقنى تېرىشكە باشلاپتۇ. بۇ ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقە ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. توخۇ، چۆجىلەرنىڭ پوكىنى توشقاندىن كېيىن، نەچچە كۆرپە ۋە گىلەم ئاستىغا كىرىپ كەتكەن بىر تال تېرىق كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، بىر دومىلاپ مۈشۈككە ئايلىنىپ >مىياۋ، مىياۋ، مىياۋ< دەپتىكەن، توخۇ چۆجىلىرى بىلەن ئالاقزادە بولۇشۇپ، پەي بولۇپ توزۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھ پەي توزاڭلىرى ئىچىدە داڭقېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. مۈشۈك يەنە بىر دومىلاپ ئاجايىپ سۇمباتلىق بىر يىگىت قىياپىتىگە كىرىپ، سورۇندىكىلەرگە سالام بېرىپتۇ ۋە پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئادىمىزاتلار مۇشۇنداق ھۈنەرنى بىلەمدىكەن؟ - دەپتۇ. شۇ چاغدىلا پادىشاھ ئادىمىزات بىلمەيدىغان ھۈنەرنى ئۆگىنىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن بالىنى يادىغا ئاپتۇ. بايىقى ئالامەتنى كۆرگەن پادىشاھ ئۆزىنىڭمۇ توخۇ، چۆجىلەرگە ئوخشاش پەي بولۇپ توزۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، بۇرۇنقىدىكىدەك ۋەدىسىدىن يېنىۋالالماپتۇ. بولۇۋاتقان توينى بۇزۇپ، قىزىنى ھۈنەرۋەن بالىغا بېرىشكە ماقۇل بولۇپتۇ. پادىشاھ قايتىدىن 41 كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ، يالغۇز قىزىنى تۇل خوتۇننىڭ ھۈنەرۋەن ئوغلىغا بېرىپتۇ. توي ئاخىرلىشىپ يەنە 40 كۈن ئۆتمەيلا، ھۈنەرۋەن بالا پادىشاھلىقنىمۇ قولىغا ئاپتۇ؛ شۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئانىسىنى يېنىغا ئالدۇرۇپ، پادىشاھ غەزىنىسىدىكى دۇنيانى يىتىم - يېسىرلارغا، نامرات - گادايلارغا تارقىتىپ بېرىپ، قول ئاستىدىكى خەلقنى رازى قىلىپتۇ. رىۋايەتلەرگە قارىاندا: >بىر يىگىتكە 70 خىل ھۈنەر ئاز< دېگەن تەمسىل ئەنە شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق