ۋاپاغا - ۋاپا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا سەلتەنەتلىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ گۈلجاھان ئىسىملىك بىرلا قىزى بولۇپ، گۈزەللىكتە جاھان ئارا يىگانە ئىكەن. پادىشاھ قىزىغا تولىمۇ ئامراق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس چارىباغ سالدۇرغان ئىكەن. چارىباغدا بەكمۇ كېلىشكەن، نۇردۇن ئىسىملىك بىر باغۋەن يىگىت بولۇپ، قالتىس باتۇر ۋە ئىشچان ئىكەن. مەلىكە گۈلجاھان گۈل سەيلىس قىلىش جەريانىدا يىگىتكە ئاشىق بىقارار بوپتۇ. باغۋە يىگىتمۇ مەلكىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. قىزنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن، نۇردۇن دائىم يىراق - يىراقلاردىن چىرايلىق گۈللەرنىڭ ئۇرىغىنى ئەپكېلىپ تېرىپ، گۈللەرنى بىر - بىرگە ئۇلاپ، باغنى رەڭمۇ - رەڭ ۋە خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن پۈركەپتۇ. مەلىكە گۈلجاھان بىلەن نۇردۇن يۈرەكلىرىدىكى ئىشقى - مۇھەببىتىنى ئۆزئارا ئىزھار قىلىشىپ، چارىباغدا خۇشال - خورام سەيلە - تاماشا قىلىشىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، گۈلجاھان بىلەن نۇردۇننىڭ ئاشىق - مەشۇقلۇغى پادىشاھنىڭ قولىقىغا يېتىپتۇ، پادىشاھ مەلىكىنىڭ داڭدار شاھزادىلەرگە ياتلىق بولۇشقا ئۇنىماي بىر يالاڭ تۆش چاكار بىلەن ئاپاق - چاپاق بولۇشۇپ يۈرگىنىدىن دەرغەزەپ بولۇپ، گۈلجاھاننى نەزەر بەنت قىلىپ، نۇردۇننى زىندانغا تاشلاپتۇ. نۇردۇننى باشقىلارغا ئىبرەت بولغۇدەك جازالاش ئۈستىدە كۆپ باش قاتۇرۇپتۇ. ئاخىرى ئىنسان بالىسى كۆرۈپ باقمىغان بىر خىل جازالاش ئۇسۇلىنى ئويلاپ تېپىپتۇ.
بۇ ئۇسۇل مۇنداق ئىكەن: چوڭ بىر ساراي تەييارلىنىپتۇ. ساراينىڭ ئوڭ تەرىپىگە بىر ئىشىك قويۇپ، ئۇنى يىگىتنىڭ كىرىش ئىشىگى قىلىپ بەلگىلەپتۇ. سارينىڭ سول تەرىپىگە بىر - بىرسىگە ياندىشىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ ئىشىك ئورنىتىپتۇ. گاناكار ساراي سەيناسىغا كىرىپ، ئۇدۇل بارغان پېتى ئىككى ئىشىكنىڭ بىرسىنى ئېچىشى كېرەك ئىكەن. بۇ پۈتۈنلەي تەلەي سىنايدىغان ئىش ئىكەن. بىر ئىشىكنى ئاچسا ئۇنىڭدىن يېڭىلا جاڭگالدىن تۇتۇپ كېلىنگەن ئاچ ۋە غالجىر شىر ئېتىلىپ چىقىپ گۇناھكارنى پارە - پارە قىلىپ تاشلايدىكەن. يەنە بىر ئىشىكنى ئاچسا ئۇنىڭدىن ساھىپجامال بىر قىز چىقىدىكەن - دە، گۇناھكار شۇ قىز بىلەن ئۆي - ئوچاقلىق بولىدىكەن.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مەلىكە گۈلجاھان چوڭقۇر ئازاپ - ئوقۇبەت دېڭىزىغا چۆكۈپتۇ. ئۇ نۇردۇننى قۇتقۇزۇۋېلىش نىيىتىگە كېلىپ قايسى ئۆيدە شىر، قايسى ئۆيدە قىز بارلىغىدىن ئېنىق خەۋەر تېپىپتۇ. ھېلىقى ئۆيدىكى قىز نۇردۇننىڭ ۋاپات بولغان ئۇستىسىنىڭ قىزى ئىكەن. ئۇ گۈلجاھاندەكلا گۈزەل ئىكەن. نۇردۇن ئۇزۇنغىچە قىزغىن مۇڭدىشىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدىكەن. مەلىكە گۈلجاھان«چوقۇم ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر - بىرىگە كۆڭلى بار» دەپ ئويلاپ ناھايىتى كۈنلىگى تۇتۇپتۇ. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى يىگىتكە مەخپىي خەت ئەۋەتىپ ئىشىكنى ئۆزىنىڭ ئىشارىتى بويىچە ئېچىشىنى تاپىلاپتۇ.
تەيىنلەنگەن كۈنىمۇ يېتىپ كەپتۇ. پادىشاھ باشلىق پۈتۈن ئوردا ئەھلى سارايدىن جاي ئاپتۇ. مەلىكە گۈلجاھانمۇ پادىشاھنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئاپتۇ. تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن خالايىقمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. بۇ ئەل تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر سەلتەنەتلىك جازالاش مۇراسىمى بوپتۇ. پادىشاھنىڭ پەرمانى بىلەن نۇردۇن ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكتىن ساراي سەيناسىغا كىرىپ كەپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ تازىم بىجا كەلتۈرۈپتۇ. لېكىن كۆزلىرى پادىشاھغا ئەمەس مەلىكە گۈلجاھانغا تىكىلگەن ئىكەن. مەلىكە چاندۇرماستىن يېنىك قول ئىشارىتى قىلىپتۇ. تۇرغانلارنىڭ پۈتۈن دىققەت - ئېتىبارى يىگىتكە مەركەزلەشكەنلىكتىن يىگىتتىن باشقا ھېچكىم مەلكىنىڭ قول ئىشارىتىنى سەزمەپتۇ. يىگىت بىرجۈپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئەتراپتا تۇرغانلارنىڭ يۈرىگى سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك ، ساراي ئىچى تىمتاس بولۇپ كېتىپتۇ. چۈنكى، يىگىت ئاق كۆڭۈل ۋە مېھرى - شەپقەتلىك بولغاچقا، ھېچكىم ئۇنىڭ شىرغا يەم بولۇپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن. نۇدۇن قىلچە ئىككىلەنمەستىن مەزمۇت قەدەملەر بىلەن بېرىپ ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكنى ئېچىپتۇ. ئىشىكتىن ھەيۋەت بىلەن ئېتىلىپ چىققان شىر غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا تاشلىنىپتۇ. ساراي ئىچىنى كىشىلەرنىڭ ئاھ - زارى قاپلاپتۇ. مەلىكە بولسا قورقۇنچ بىلەن ۋارقىراپ ھوشىدىن كېتىپتۇ.
لېكىن غەزەپ بىلەن ئېتىلغان شىر كۈتۈلمىگەندە ناھايىتى مۇلايىملىشىپ، يىگىتنىڭ ئالدىدا ئەركىلەپ، ئۇنى پۇراپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى سۈركەپتۇ. خالايىق بۇ يىگىتتە بىرەر سىر بولسا كېرەك دەپ ئويلىشىپتۇ. ھاياجانغا چۆمگەن پادىشاھ نۇردۇندىن سەۋەبنى سوراپتۇ. نۇردۇن پادىشاغا ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ:
- بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى گۈل ئۇرۇغى يىغىش ئۈچۈن تاغقا بېرىپ قاتتىق يامغۇرغا دۇچ كەلدىم. مىڭ تەسلىكتە بىر ئۆڭكۈرنى تېپىپ، مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ شىرىن ئۇيقۇغا غەرق بولدۇم. بىر چاغدا دەھشەتلىك بىر ھۆكىرەش ئاۋازى ئاڭلاندى. چۆچۈپ ئويغىنىپ، ئورنىمدىن تۇرۇپ، شۇنداق قورققىنىمدىن يوشۇرۇنۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆردۈم. بىراق ئۈلگۈرەلمىدىم شىر يېقىنلاپ كېلىپ يېلىنغاندەك ھۆكۈرەپ، ياش تۆكۈپ بىر پۇتىنى ماڭا كۆرسەتتى. ھەيران بولغىنىمدىن بىر ھازاغىچە نېمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. كېيىن ئېسىمنى يىغىپ قارىغۇدەك بولسام، شىرنىڭ پۇتىدىن قان ئېقىۋاتىدۇ. دەرھال ئىڭىشىپ شىرنىڭ پۇتىنى قايرىپ سەپ - سالسام، شىرنىڭ تاپىنىدا قۇمۇش پارچىسى تۇرىدۇ. ئۇنى چەبدەسلىك بىلەن تارتىپ ئالدىم ۋە شىرنىڭ تاپىنىغا قان توختىتىدىغان دورا ئۆسۈملۈگىنى چاپلاپ، كۆينىگىمنى يىرتىپ تېڭىپ قويدۇم. ئازاپتىن خالاس بولغان شىر يۈزلىرىمنى يالاپ، مىننەتدارلىغىنى بىلدۈردى... سىلەر مېنى يىگۈزۈۋەتمەكچى بولغان مانا مۇشۇ شىر ئەينى ۋاقىتتا مەن داۋالىغان شىر...
نۇردۇن ھېكايىسىنى تۈگەتكەندە خالايىق ھاياجان ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ:
- نۇردۇننىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلەيمىز! بىر قوشۇق قېنىنى تىلەيمىز ! - دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ. بۇ ئىشلاردىن تەسىرلەنگەن پادىشاھم نۇردۇننىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپتۇ - دە، مەلىكە گۈلجاھاننى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. خالايىق بۇ ئىشقا ئاپىرىن ئوقۇشۇپ، نۇردۇننى تەبرىكلەپتۇ. ئەمما نۇردۇن مەلىكىنى نىكاھىغا ئېلىشنى رەت قىلىپتۇ. پادىشاھ بىلەن جامائەت ئۇنىڭدىن سەۋەپنى سورىغان ئىكەن، نۇردۇن مەلىكە گۈلجاھاننىڭ كۈندەشلىك قىلىپ ئۆزىنى شىرغا يەم قىلىپ بېرىشنى قەستلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ھەمدە بۇرۇنقى ئۇستازىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ، تەلىۋىنى بىجا كەلتۈرۈپتۇ. نۇردۇن تويدىن كېيىن قىزنى ئېلىپ باشقا يۇرتلارغا چىقىپ كېتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باغۋەنچىلىك ۋە گۈلچىلىك بىلەن شۇغۇللىنپ، بەخىت سائادەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. گۈلجاھان كۈندەشلىكىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ئېزىز جېنىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپتۇ.
(«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» نىڭ 1980 - يىل 4 - ساندىن ئېلىندى.)
رەتلىگۈچى: ئابلەت يۈسۈپ.