UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقشاھزادە قابىل

شاھزادە قابىل

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا چىن ماچىندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ھېسابى يوق ئىكەن، غەزىنىسى ھەممە نەرسىگە تولۇق ئىكەن، پادىشاھنىڭ مال - دۇنياغا كۆزى توق ئىكەن. لېكىن پەرزەنت يۈزى كۆرمەي كۆڭلى بەكمۇ يېرىم ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەلىكە ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل توغۇپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئىنتايىن خوشال بولۇپ ئوغلىغا قابىل دەپ ئىسىم قويۇپتۇ، بالا بىر ياشقا كىرگەندە پادىشاھ يۇرت ئەقىلدارلىرىنى ئوردىغا يىغىپ بىر مۇنەججىمگە بالىنىڭ ئىقبالىغا پال ئاچتۇرۇپتۇ. پال پادىشاھنىڭ ئارزۇسىدەك چىقماپتۇ. پالدىن >بالا مەي - شاراب تۈپەيلىدىن ۋەيران بولىمىش< دېگەن نەرسە مەلۇم بولۇپتۇ. پادىشاھ ئويلا - ئويلا پەرزەندىنىڭ مەيخور دېگەن نام بىلەن يۇرت نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر يېڭى قانۇن جاكارلىماقچى بولۇپتۇ. قانۇنغا >مەي - شاراپ ئىچمىگەن كىشى يۇرت پۇقراسى ھېسابلانمايدۇ. ئۇ پۇقرالاردىن ئون ھەسسە ئارتۇق سېلىق تۆلەيدۇ< دېگەننى قەيت قىپتۇ. بالا ئوردىدا ئلىم تەھسىل قىلىپ، ئەمدى زۇۋان تاپقان مەزگىلىدە يۇرت بۇزۇلۇپتۇ. ھەي - شاراپ ھەممىنى كاردىن چقىرىپتۇ. جىدەل - ماجرا، زىناخورلۇق ئەۋج ئېلىپ، ئەل خارابلىشىپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەھلى بۇت شەھىرىنىڭ پادىشاھى لەشكەر تارتىپ كېلىپ چىن ماچىن شەھىرىنى بېسىۋېلىپ، پادىشاھ، مەلىكە ۋە 12 ياشلىق شاھزادىنى ئۆز يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. پادىشاھنىڭ كۆزى نەمدە، مەلىكە غەمدە، شاھزادە ئەلەمدە ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، شەرققە قاراپ پىيادە يول ئاپتۇ. ئۇلار يول مېڭىپتۇ، ماڭغاندىمۇ مول مېڭىپتۇ. بىرەر قارارگاھقا يېتەلمەي ھالىدىن كېتىپ، بىر چۆلدە توختاپتۇ. پادىشاھ ئوغلىغا مۇراجەت قىلىپ مۇنداق دەپتۇ< - ئى ئوغلۇم، يەيدىغىنىمىز تۈگىدى، بىر ئامال قىلىپ ئاناڭ بىلەن ئىككىمىزگە ئوۋ غەنىمەتلىرى كەلتۈرگىن. شاھزادە ئاتا - ئانىسىغا تازىم بېرىپ، شىكارغا ئاتلىنىپتۇ. ئۇ، كېتىۋېتىپ بىر بۇلاق بويىدا بىر كىيىككە ئۇچراپتۇ - دە، ئۇنى تۇتۇپ گۆشىنى ئېلىپ كېلىۋاتسا، يوغان بىر شىر ئۇنىڭ ئالدىنى توساپتۇ. شاھزادە ئۇنىڭ بىلەن ئىلىشىپ شىرنى ئاخىرى يېڭىپ، گۆشىدىن بىر تاسما تىلىۋېلىپ، كىيىك گۆشىنى ئامان - ئېسەن ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. ئۇلار قورساقنى تويغۇزۇپ يولنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. شاھزادە بىردەم دادىسىنى، بىر دەم ئانىسىنى يۈدۈپ، ئاخىرى بىر شەھەر ياقىسىغا كەپتۇ. ئۇ ئىككىيلەننى بىر بۇلاق بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ شەھەرگە يول ئاپتۇ. ئۇ شەھەرگە كىرىپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرسا، بىر قۇش كېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. بالا قۇشنى ئېلىپ ئاتا - ئانىسىنىڭ قىشىغا كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ: - بۇ قۇش نېمىنىڭ خاسىيىتى بىلمەيمەن، خۇداغا شۈكرى،بىر چوڭ شەھەرگە ئۇلىشىپتۇق. سىلەر مېنى بازارغا ئېلىپ بېرىپ، قۇل ئورنىدا سېتىڭلا. مېنى ساتقان پۇل سىلەرگە بىر نەچچە ئاي يېتىدۇ. ئۇندىن كېيىن خۇدايىم يەنە بىر نېمە دەر. - ياق، - دەپتۇ ئاتا - ئانىسى تەڭلا، - سېنىڭ ئىلمىي ھېكىمەتتىن خەۋىرىڭ بار، بىزنى ساتقىن. مۇبادا تەقدىرىڭ ئوڭ كەلسە بىزنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرارسەن. شاھزادە كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزۇپ، ئاتا - ئانىسىنى قۇل تەقلىتتە ياساندۇرۇپ شەھەرگە ئېلىپ كەپتۇ. ئۇلار شەھەرگە كىرىشىگە جاكارچىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ: - خالايىق، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار، كىمدە - كىم شاھنىڭ قۇشىنى تۇتۇۋالغان بولسا ئوردىغا ئېلىپ كەلسۇن، شاھ ئۇنىڭ دېگىنىنى بىجا كەلتۈرىدۇ. قابىل بۇنى ئاڭلاپ قۇشنى قولىغا قوندۇرۇپ، ئىككى >قۇل< نى ئەگەشتۈرۈپ ئوردىغا بېرىپتۇ. ئۇ پادىشاھغا قۇشنى بېرىپ، ئۈن - تىنسىز ئارقىغا يېنىپتۇ. پادىشاھ ھەيران بولۇپ: - يىگىت، - دەپتۇ مۇلايىم ئاۋاز بىلەن، - مېڭىش - تۇرۇشىڭدىن تەربىيە كۆرگەندەك قىلىسەن، نېمىشقا ۋەدەمگە بىنائەن تەلىپىڭنى دېمەي قايتىسەن> - شاھ ئالىيلىرى، - دەپتۇ يىگىت تازىم قىلىپ، - مەن سىزدىن ھېچنەرسە تەلەپ قىلمايمەن. ماقۇل كۆرسىڭىز بىر قۇل ۋە بىر چۆرەم بار. شۇنى سېتىۋالسىڭىز. پادىشاھ يىگىتنىڭ تەلىۋىنى قوبۇل قىلىپ قۇللارنى سېتىۋالماقچى بوپتۇ ۋە باھاسىنى سوراپتۇ. - قۇللىرىم قېرى، - دەپتۇ يىگىت ئاتا - ئانىسىنى كۆرسىتىپ، - يېنىكرەك ئىشقا سېلىپ، ھالىدىن ياخشىراق خەۋەر ئېلىپ قويغايسىز، ماڭا بىر تاج، بىر قۇر شاھلىق كىيمى، بىر ئات، بىر ئوق - يا بەرگەيسىز. پادىشاھ قابىلنىڭ دىگەنلىرىنى قىپتۇ. قابىل ئاتا - ئانىسىغا قاراپ كۆزىگە ياش ئېلىپ ئوردىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. شاھزادە قابىل يولنى باغدات شەھىرىگە ساپتۇ. ماڭا - ماڭا بىر دۆڭگە كېلىپ ئارام ئالاي دەپ ئولتۇرسا يىراقتىن بەش ئاتلىق ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتقىدەك. شاھزادە بۇنى كۆرۈپ، قاراقچى بولۇپ قالمىسۇن، دەپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ تۇتۇشقا راسلىنىپتۇ. ئاتلىقلار يېتىپ كېلىپ شاھزادىنى كۆرۈپ تازىم قىپتۇ ۋە ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: - بىزلەر پەرەڭ مەملىكىتىدىن چىن ماچىنغا ئەلچىلىككە كېتىۋاتىمىز. لېكىن ھېچقايسىمىز ئىشنىڭ ئېپىنى بىلمەيمىز.ئەپتىكىزگە قارىغاندا بىلەرمەندەك كۆرۈنۈسىز. بىزگە باش بولۇپ ئەلچىنامىنى يەتكۈزۈشكە ياردەم بەرسىڭىز. ئەلچىلەر كۆپ يالۋۇرغاندىن كېيىن شاھزادە نائىلاج ئۇلارنىڭ پىكرىگە ماقۇل بولۇپ بىللە يولغا چىقىپتۇ. ئالتە كىشى بىر چۆلدە كېتىپ بارسا قۇيۇن چىقىپ كېتىپتۇ. قۇيۇن توختىغاندىن كېيىن يىگىت كۆزىنى ئېچىپ قارىسا ھەمراھلىرى كۆرۈنمىگىدەك. ئۇ تولا ئىزلەپ تاپالمىغاندىن كېيىن ئۆزى يالغۇز مېڭىش ئالدىدا خۇدا ئېسىگە سالغانمۇ، ئەلچىنامىنى بىرئوقۇپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپ ئېچىپ قارىسا، ياپىر! تۆۋەندىكىدەك خەتلەر تۇرغىدەك:>خاقانى چىن ئاگاھ ۋە دانا بۇلۇڭكى، ئۇشبۇ نامىنى ئېلىپ بارغان بەش كىشى ماڭا ۋە سىزگە دۈشمەندۇر. ئۇلارنى ئاران تەستە يولغا سالدىم، پەم بىلەن جايلىغايسىز. شاھزادە بۇ نامىنى ئوقۇپ >مېنى ئاللا تائاللا ئۆز پاناھىدا ساقلاپتۇ، دەپ تۆۋە - ئىستىغپار ئېيتىپ، نامىنى بىر قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ كەينىگە يېنىپ كۆزلىگەن نىشانىغا يول ئاپتۇ. ئۇ يەتتە كېچە - كۈندۈز ماڭغاندىن كېيىن باغدات شەھىرىگە كەپتۇ. شاھزادە، توپىسىنى قېقىپ، ھەر ياققا تەڭ بېقىپ شەھەرگە كىرىپ قارىغۇدەك بولسا، ھەر تەرەپتىن نەغمە - ناۋلار ئاڭلىنىپتۇ. شەھەر بەكمۇ چوڭ، بەكمۇ گۈزەل ئىكەن. ئۇ كەچ كىرگىچە مېڭىپ شەھەرنىڭ چېتىگە ئۇلىشالماي، بىر كوچىنىڭ دوقمۇشىدا توختاپتۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى بىر كىچىك ئۆينى تارتىپتۇ. بېرىپ ئىشىكنى قاققان ئىكەن، ئۆيدىن بىر موماي چىقىپتۇ، ئۇ مومايغا تازىم قىلىپ: - مۇساپىرمەن، بۇ شەھەردە تونۇشۇم يوق، كېچىدە تېنەپ قالدىم. ئۆيىڭىزدە بىر كېچە تۈنەشكە رۇخسەت قىلغايسىز، - دەپتۇ. موماينىڭ بۇ مۇساپىر يىگىتكە ئىچى ئاغرىپ ئۆيىگە باشلاپتۇ. موماينىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بىرى موزدۇز ئىكەن، شاھزادە ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ چىقىشىپ قاپتۇ. ئەتىسى ئىككىسى شەھەرگە بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ رەستىگە بېرىشىغا پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرى نەيزىنىڭ ئۇچىغا بىر ئادەمنىڭ بېشىنى سانچىپ ئالدىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شاھزادە بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇپ، ھەمراھىدىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن، موزدۇز ئۇلۇق - كىچىك تىنىپ: - شاھىمىزنىڭ بىر ساھىپجامال قىزى بار، پادىشاھ قىزغا لايىق بولىدىغانلارغا قىزنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرەلمىسە، كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىر مۇنار سالدۇردى. قىزغا لايىق بولغۇچى مۇنار ئالدىدا قىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ. ھازىرغىچە بەش يۈز ئەللىك يىگىتنىڭ بېشى كېسىلدى. بۈگۈنمۇ بىرسىنىڭ كېسىلگەن ئوخشايدۇ، - دەپتۇ. شاھزادە بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ مەيدانغا چۈشمەكچى بوپتۇ. ئەتىسى سەھەردە مۇنارغا بېرىپ ناغرا چېلىپ، ئۆزىنىڭ مەيدانغا چۈشۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. قىز ئوردىدىن چىقىپتۇ، خالايىق مۇنار ئەتراپىغا يىغىلىپتۇ.. كىشىلەر بۇ ىۇشپېئىل يىگىتنىڭ بىمەھەل ئۆلۈپ كېتىشىدىن غەم يەپ ئۇنىڭغا: - ئى، مۇساپىر يىگىت، جېنىڭ بىھۇدە نابۇت بولمىسۇن، پەيلىڭدىن يان، - دەپتۇ. - يولۋاس ئىزىدىن، يىگىت سۆزىدىن قايتماس، - دەپتۇ يىگىت ئۇلارغا. شۇنداق قىلىپ قىز ئالتۇن كۇرسىدا، يىگىت كۈمۈش كۇرسىدا ئولتۇرۇپ، سوئال - جاۋابنى باشلاپتۇ، قىز يىگىتتىن سوراپتۇ< - سەن ھازىر نەدە تۇرۇقلۇق؟ - كۆڭلۈڭنىڭ ئىچىدە. - زاتىڭ كىم بۇلۇر؟ - ئاتام تۇپراق، ئانام بۇلۇتتۇر. مەن بولسام ئىنسانمەن. ئۆلۈمنى بىلىمەن، قاچان ئۆلۈشۈمنى بىلمەيمەن. - بىر دەرەخ كۆردۈم، ئۇن ئىككى شېخى بار. ھەر بىر شېخىنىڭ ئوتتۇز يوپۇرمىقى بار، ھەر تال يوپۇرماقنىڭ بىر تەرىپى ئاق، بىر تەرىپى قارا بولۇپ، بەش تال مېۋىسى بار. بۇ مېۋىنىڭ ئىككىسى يوپۇرماقنىڭ ئاق يۈزىدە، ئۈچى قارا يۈزىدە، بۇ قانداق دەرەخ؟ - بۇ سوئالغا شاھزادە مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: - مەلىكەم كۆرگەن ئول دەرەخ بىر يىلدۇر. ئون ئىككى شېخى ئون ئىككى ئايدۇر. ئوتتۇز يوپۇرماق ھەر ئايدىكى ئوتتۇز كۈ بولۇپ، قارىسى كېچە، ئېقى كۈندۈزدۇر. بەش مېۋە - بەش ۋاق نامازدۇر، يوپۇرماقنىڭ ئاق يۈزىدىكى ئىككى مېۋە - پېشىن بىلەن ئەسىردۇر. قارا يۈزىدىكى ئۈچ مېۋە بولسا بامدات، شام خۇپتەندۇر. مەلىكە جاۋابلاردىن قانائەتلىنىپ، يەن سوئال سوراشقا ئامالسىز قاپتۇ. يىگىت ئۇنىڭغا: - ئى مەلىكەم، سەن بىر قانچە سوئال سورىدىڭ، ئەمدى مېنىڭمۇ سەندىن بىر - ئىككى سوئال سورىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن، - دەپتۇ. مەلىكە ماقۇل بوپتۇ. يىگىت مەلىكىگە تازىم قىلىپ: - مەن يولدا كېلىۋېتىپ ئۈچ ئۆلۈمگە دۇچ كەلدىم. بىرىنچى ئۆلۈمنى ئۆلتۈردۈم، ئىككىنچىسىنى زىندانغا سالدىم، ئۈچىنچىسىنى يەڭدىم. بۇنىڭ تەبىرىنى بەرگەيسەن، - دەپتۇ. مەلىكە ئويلىنىپ بۇ غەلىتە سۇئالغا جاۋاب بېرەلمەپتۇ. ئەتە جاۋاب بەرمەكچى بولۇپ ئوردىغا قايتىپتۇ. شاھزادە ئۆيگە كېلىپ موزدۇز ئاغىنىسى بىلەن گەپلىشىپ ئولتۇرسا، بىرسى ئىشىك قېقىپتۇ. موزدۇز بالا چىقىپ قارىسا، يۈز - كۆزىنى يۆگىگەن بىر ئايال تۇرغۇدەك. - كىم بولىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ بالا ئۇنىڭدىن. - كىرىپ يىگىتكە ئېيتىڭ، مەن مەلىكىنىڭ كوكۇلدىشى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىم. - موزدۇز يىگىتكە ئايال دېگەن گەپنى ئەينەن يەتكۈزۈپتىكەن، يىگىت خوشال بولۇپ، ئايالنى قوبۇل قىپتۇ. ئايال ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن يىگىت بىلەن سالاملىشىپ، يىگىتكە بىللە شاراب ئىچىپ كۆڭۈل ئاچقىلى كەلگەنلىكىنى دەپتۇ. يىگىت نامەردلىك بولمىسۇن دەپ ئايال تۇتقان شاربنى ئىچىۋېرىپ بىر چاغدا مەس بولۇپ قاپتۇ - دە، ئۇنىڭغا قول ساپتۇ. باشقا قىز قىياپىتىدە ياسىنىپ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن يىگىتتىن سىر ئالماقچى بولغان مەلىكە ئىشنىڭ ئۆزى كۈتكەندەك بولغان مۇشۇ پەيتىدە يىگىتكە: - ئەتىگەندە مەلىكىگە قويغان سوئالىڭنىڭ جاۋابىنى ئېيتىپ بەرسەڭ دېگىنىڭگە كۆنىمەن. بولمىسا خەلقى - ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلىمەن، - دەپ تەلەپ قويۇپتۇ ۋە يۈزىنى ئېچىپتۇ. يۈزىنى ئېچىشى بىلەنلا مەلىكىنى تونۇغان يىگىت بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۆز سۇئالىنىڭ جاۋابىنى مەلىكىگە بىر - بىرلەپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ: - مەن، - دەپتۇ يىگىت مەردانىلىق بىلەن، - بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى كىيىك ئوۋلاشقا بېرىپ، بىر شىرغا دۇچكەلدىم، ئۇنى ئۆلتۈردۈم. بۇ، بىرىنچى ئۆلۈمنى ئۆلتۈردۈم دېگىنىم؛ ئىككىنچى ئۆلۈمنى زىندانغا سالدىم دېگىنىم - ماڭا يولدا بەش كىشى ھەمراھ بولدى. ئۇلار ماڭا بىر ئۆلۈمنامىنى بەردى. مەن ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋەتتىم؛ بۈگۈن مەلىكىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەگىنىم ئۆلۈمنى يەڭگىنىم. مەلىكە جاۋابنى تولۇق ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ھېلە ئىشلىتىپ يىگىتتىن قۇتۇلماقچى بولۇپ ئۇنىڭغا: - تەلىۋىڭنى ئورۇنلاش ئالدىدا تاھارەتكە چىقىپ كىرسەم، - دەپتۇ. - ماقۇل، - دەپتۇ يىگىت ئۇنىڭدىن ئۇستا كېلىپ، - كىيىم - كېچىكىڭنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن چىق. مەلىكە شاھزادىنىڭ دېگىنىدەك قىپتۇ. تاشقىرىغا چىقىپ ئوردىغا قاراپ قۇيۇندەك ئۇچۇپتۇ. شاھزادە ئەتىكى ئىشلارنى ئويلاپ، غەمگە چۆكۈپتۇ. - ئەي، ئەقىللىق مەلىكە، - دەپتۇ يىگىت بىرىنچى بولۇپ سۆز ئېلىپ، - مەن تۆنۈگۈن قىرىق ئىشقا دۇچكەلدىم؛ ئۆزى ئۇچۇپ كەلگەن بىر قۇشنى تۇتۇۋالدىم، ئۇنىڭ پەي - قاناتلىرىنى يۇلۇپ، بىر كاۋاب قىلىپ يەي دەپ ئوتقا سېلىش ئالدىدا قۇش ئۇچۇپ كەتتى. بۇ نېمە ئەھۋالدىن دېرەك؟ بۇ سوئالنى ئاڭلاپ مەلىكە گاڭگىراپ قاپتۇ. بىر ئاز ئويلاپ ئاخشام كىيىم - كېچەكلىرى يىگىتنىڭ قولىدا قالغانلىقى ئېسىگە چۈشۈپتۇ - دە، پادىشاھغا قاراپ: - ئەي ئاتا، بۇ يىگىتنىڭ دانالىقى مېنى ھەيران قالدۇرۇدى. مەن بەش يۈز ئەللىك يىگىتنىڭ جېنىغا زامىن بولدۇم. رازىمەنكى، بۇ يىگىتنى ئەلگە كۈيئوغلۇم دەپ جاكارلىسىڭىز، - دەپتۇ. پادىشاھ قىرىق كېچەيۇ - كۈندۈز توي قىلىپ، مەلىكىنى مۇساپىر شاھزادىگە بېرىپتۇ. ئەمما شۇنچە چوڭ توي قىلىنسىمۇ، شاھزادىنىڭ كۆڭلى ئېچىلماپتۇ. بۇنىڭدىن ھەيران بولغان مەلىكە نېمە ئۈچۈن شۇنداقلىقىنى يىگىتتىن سورىغان ئىكەن. ئۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. مەلىكە بۇ ئەھۋالنى ئاتىسىغا دەپتۇ ۋە يىگىت بىلەن بىللە سەپەرگە چىقىش نىيىتىنى بىلدۈرۈپتۇ. پادىشاھ كۈيوغلىغا 60 مىڭ لەشكەر قېتىپ، زار - زار يىغلاپ ئىككىيلەننى يولغا ساپتۇ. شاھزادە ئالدى بىلەن ئاتا - ئانىسىنى قۇللۇقتىن ئاجرىتىپتۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆزىنىڭ مەملىكىتىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، شاھزادىنىڭ ئاتا - ئانىسى چىن ماچىنغا يەتكەن كۈنىلا قازا تاپقانمىش. شاھزادە تەختكە ئولتۇرۇپ يۇرت سوراپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەنمىش.
← بارلىق تېمىلار چوچاق