ئاقىۋەت
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا تۇرسۇن دىگەن كېلىشكەن بىر يىگىت ئۆتكەن ئىكەن. كۈزنىڭ سۈتتەك ئايدىڭ كېچىلىرىنىڭ بىرىدە، ئۇ بىر مازارنىڭ يېنىدىكى يولدا كېتىۋاتسا، ئۇشتۇمتۇت بىر قىزنىڭ: «تۇرسۇن، بۇ ياققا كېلىڭ!» دەپ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. يىگىت ھەيران بولۇپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىغان ئىكەن گۆرىستانلىقتىكى قامغاق. يانتاق، قۇمۇشلار ئارىسىدا تۈپ - تۈز كەتكەن يالغۇز يول تۇرارمىش، يىگىت ھاڭ - تاڭ بولۇپ: «ئەجىبا، بۇ يەردە مۇنداق يول يوق ئىدىغۇ؟!» دەپ ئويلاپ، يولغا ئىڭىشىپ قارىشىغا گويا كەينىدىن بىرى ئىتتىرگەندەك گۆرۈستانلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. تۇرسۇننىڭ يۈرىكى قاتتىق گۈپۈلدەپ كېتىپتۇ. ئۇ كەينىگە يانماقچى بولۇپتۇ. ئەمما شۇ ھامان ھېلىقى قىزنىڭ: «قورقماي كېلىۋېرىڭ» دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئۇ ئىختىيارسىزلا ئالغا مېڭىپتۇ. بىر ۋەيرانە گۈمبەز يېنىدىكى ئىگىز، باراقسان ئۆسكەن يۇلغۇنلۇقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قاپتۇ. قارىسا ئالدىدا ئاپئاق، نېپىز كۆڭلىكى ئەۋرىشىم بويلىرىغا ئاجايىپ ياراشقان، ئۇششاق ئۆرۈلگەن قاپقارا چاچلىرى يەرگە تىگەي دەپ قالغان، يۈزىنىڭ ئېقى - ئاق، قىزىلى - قىزىل جۇلالىنىپ بىر گۈزەل قىز تۇرارمىش.
تۇرسۇن قىزنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كېتىپتۇ. يۈرەك - باغرىغا ئوت تۇتىشىپ، تومۇرلىرىدىكى قانلىرى ئويناپ، كۆزىنى قىزدىن زادى ئۈزەلمەپتۇ. قىز ئۇنىڭغا:
- ھەي يىگىت! سىز مۇنچىلا ھودۇقۇپ كەتمەڭ. ئۆتكەن يىلى ئايدىڭ كېچىدە ناخشا ئېيتىپ ئورما ئورۇۋاتقان چېغىڭىزدا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. بۈگۈن دىدارلاشتۇق. سىز بۇ كىتابنى ئېلىپ كېتىپ، قىرىق كۈن ئەتىكاپتا ئولتۇرۇپ ئوقۇغايسىز. ئاندىن مەن سىزنىڭ يېنىڭىزغا بارالايمەن، - دەپتۇ.
- دېگەنلەرنى بىجا كەلتۈرىمەن ، - دەپتۇ تۇرسۇن، كىتابنى قىزنىڭ قولىدىن ھۆرمەت بىلەن ئېلىپ.
- بىراق، - دەپتۇ قىز، - قىرىق كۈنگىچە بۇ سىرنى بىرەر ئادەمگە دەپ سالسىڭىز، ئۇ چاغدا ماڭىمۇ - ئۆزىڭىزگىمۇ جاپا سالىسىز.
تۇرسۇن بۇ سىرنى ھېچكىمگە دىمەسلىككە ۋەدە بېرىپتۇ.
- ھازىرچە خەيىر - خوش، - دەپتۇ قىز.
يىگىت تازىمدىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، ئالدىدا باراقسان يۇلغۇندىن بۆلەك ھېچنەرسە يوقمىش. كەينىگە بۇرۇلۇشىغا. ئۆزلۈگىدىن ئۆستەڭ بويىدىكى چوڭ يولغا چىقىپ قاپتۇ.
تۇرسۇن ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن بويىنى سۇغا سېلىپ، تاھارەت ئېلىپ ھېلىقى كىتابنى ئوقۇشقا باشلاپتۇ. ئانىسى ئوغلىنىڭ نەچچە كۈندىن بويان باش كۆتەرمەي كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «ساۋاپلىق كىتابلارنى ئوقۇۋېتىپتۇ» دەپ ئۆزىچە سۆيۈنۈپتۇ.
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى تۇرسۇننىڭ خوشنا يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاكىسى مېھمان بولۇپ كەپت.
ئۇ ئىنىسىنىڭ ھوجرىسىغا تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگەنلىكتىن، كىتابنى كۆرۈپ قاپتۇ.
- ئوبدان ئۇكام، مۇشۇ كىتابنى ماڭا بارسەڭچۇ؟ - دەپتۇ ئۇ.
- ئاكا، بۇكىتابنى مەندىن تالاشمىسىڭىز قانداق؟! - دەپتۇ تۇرسۇن.
- ئەمسە بىر كۆرۈپ باقاي؟!
- كۆرۈپ بېقىشقىمۇ بولمايدۇ!
- ئەمسە كىتابنىڭ نامىنى بولسىمۇ ئېيتىپ بەرگىن!
- بۇ نامى يوق كىتاب!
ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرىسىدا بىر خىل قولايسىزلىق يۈز بېرىپتۇ. ئاكىسى جاھان كۆرگەن. ئۈچ خوتۇن ئېلىپ، ئۈچىلىسىنى تالاق قىلىپ، تۆتىنچى قېتىم ئۆيلەنگەن، گۇمانخور، ھەسەتچى، ھەم ساۋاتلىق ئادەم ئىكەن. ئۇ، تۇرسۇن كىتابنى يېپىۋاتقاندا دەرھاللا كۆز تاشلاپ، ئۇنىڭ ئادىمىزات دۇنياسىدىكى كىتابلاردىن بولماي، باشقا خىل كىتاب ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىكەن. ئىلگىرى ئۆزىنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان ئىنىسىنىڭ ئەمدى بۇ ئىشتا جاھىللىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا كىتابنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېيتىشقا ئۇنمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاكىسىنىڭ كىتاپقا بولغان گۇمانى ۋە قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىپتۇ.
تۇرسۇن ئاكىسىنىڭ خاپا بولىۋاتقانلىقىدىن بىئارام بوپتۇ - دە، ئاكىسىغا:
- ئاكا بۇ كىتابنى مەندىن تالاشماڭ، بۇنى مەن ئاران تەستە سېتىۋالدىم، - دەپتۇ.
- نەدىن سېتىۋالغا؟ - دەپ سوراپتۇ. ئاكىسى يەنە.
- شەھەردىن
- شەھەردىن؟!
- ھەئە؟
- كىمدىن سېتىۋلدىڭ؟
- بىر كىتاپپۇرۇشتىن.
- مېنى ئالدىما! - دەپتۇ ئاكىسى ئىشەنمەي، - بۇ بازاردا سېتىلدىغان كىتاب ئەمەس.
ئىشەنمىسەڭ مەيلى، - دەپتۇ تۇرسۇن ھەمدە كىتابنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ.
ئاكىسى بىر بازارنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى سىمىز قويغا بىر قارا پاخلاننى ئەگەشتۈرۈپ، ئالا خورجۇنىغا نەرسە - كېرەكلەرنى توشقۇزۇپ يەنە كەپتۇ، سالام - سائەتتىم كېيىن داستىخانغا خىلمۇ - خىل تاۋار - دۇردۇن، قەن - كىزەكلەرنى قويۇپتۇ. ئانىسى ئوغلىنىڭ مۇنداق سېخىلىغىدىن ھەيران بوپتۇ. چوڭ ئوغۇل يىغلامسىراپ:
مېھرىبان ئانا! ئىنىم ئوقۇۋاتقان كىتابنى ماڭا بەرسە، قويلارنى، تاپقان - تەرگىنىمنى ئۇنىڭغا بەرسەم، - دەپ يېلىنىپتۇ.
- ھەي بالام، - دەپتۇ ئانىسى، - مۇنچىلا ئاۋارە بولمىساڭمۇ، ئىنىڭ سەندىن بىر كىتابنى ئايامتى؟
- ئەپۇ قىلىڭ ئانا! - دەپتۇ تۇرسۇن ئاكىسى بىلەن ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، - بۇ كىتابنى مەن ھېچكىمگە بېرەلمەيمەن.
چوڭ ئوغۇل بۇقۇلداپ يىغلاپ، ھاقاللىرىنى ھۆل قىلىۋېتىپتۇ - دە، يەنە:
- جېنىم ئانا، ئىنىمدىن كىتابنى ئېلىپ بېرىڭ، بۇ ئىشقا ئىنىمنى كۆندۈرۈڭ، مەن ھەممە نەرسەمنى سىلەرگە بېرەي، - دەپتۇ ئانىسىغا:
ئانا تولىمۇ خىجالەتچىلىكتە قاپتۇ. ئاخىرىدا چوڭ ئوغلىنىڭ بەرمەكچى بولغان مالۇ - دۇنياسى ئۇنىڭ كۆزىنى قىزارتىپتۇ.
- بالام، ئاكاڭ ساڭا ئاتا ئورنىدىغۇ؟! ئۇنداق قىلماي كىتابىڭنى ھېچبولمىغاندا كىلەر بازارغىچە بولسىمۇ بېرىپ تۇرغىن، - دەپ تۇرسۇننى قىستاپتۇ ئانا.
- جېنىم ئانا، - دەپتۇ ئىلاجىسىزلىق ۋە خىجالەتتىن نىمە قىلارىنى بىلمىگەن تۇرسۇن، - مېنى بۇ ئىشقا قىينىمىساڭلار! كىتابنى بېرەلمەيمەن، ئۇنى ئاكامغا ئەمەس، ھەتتا سىزگىمۇ بېرىشكە بولمايدۇ!
ئانا تېرىكىپ:
- تۇرسۇن ! بىر كونا كىتاب ئۈچۈن ئاكاڭدىن يۈزئۆرىسەڭ ھەتتا مېنىمۇ رەنجىتسەڭ كېيىن ياخشى كۈن كۆرەمسەن؟ ياخشى ئويلا! - دەپتۇ.
تۇرسۇن ئۈنچىقماي، ياش تۆكۈپ، جىم تۇرۇۋاپتۇ.
- تۇرسۇن، ھەي تۇرسۇن! - ئانا ئەمدى راستنلا ئاچچىقلىنپتۇ، - ئەمدى سەن ئۆزىڭنىڭ بىر توغقان قېرىندىشىدىن، ھەتتا تۇغقان ئانىسىدىن سىر يوشۇرغان تۇز كور بولدۇڭ، ساڭا بەرگەن سۈتۈمدىن رازى ئەمەسمەن!
تۇرسۇن مېھرىبان ئانىسىنىڭ مۇنداق سۆز ئاڭلاشنى زادىلا ئويلىمىغان ئىكەن. ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى كۆتۈرەلمەستىن، يىغلىغان پېتى سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ. كېيىن كىرىپ قارىسا ھېلىقى كىتاب يوق تۇرغۇدەك. تۇرسۇن قاتتىق نالە پەرىيان قىلىپ ھۇشىدىن كېتىپتۇ. ئۇ ھۇشىغا كەلگەندە ئانىسى:
- كۆزىڭنى ئاچقىن بالام. بىر كىتاب ئۈچۈن كۆڭلۈڭنى مۇنچىلا يېرىم قىلمىغىن. ئاكاڭ ئېلىپ كەلگەن قوينىڭ قوزىسىنى بېقىپ سەمىرتپ سېتىپ كۆزلىگەن يېىڭدىن ئۆيلەپ قويىمەن. - دەپتۇ.
تۇرسۇن گەپ - سۆز قىلماي ھوجرىسىغا چىقىپ كېتىپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە، ئاكىسى تۇرغان يېزىدىن بىر شۇم خەۋەر كەپتۇ: تۇرۇسۇننىڭ ئاكىسى، خوتۇنىنى ۋە بالاچاقىىلىرىنى قىيناتىسىنىڭكىگە ماڭدۇرۇۋېتىپ، ھوجرىسىدا ھېلىقى كىتابنى ئوقۇشقا ئولتۇرغان ئىكەن. كىتاپ «لاپ» قىلىپ بىر پارچە ئوتقا ئايلىنىپتۇ - دە، ئۇنىڭغا يامىشىپتۇ. ئۇنى كۈل قىلىپ بولۇپ تام - تورۇسلارغا يامىشپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئاكىسىنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆي - جاي، مال - مۈلۈكلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇپتۇ. كەينىدىنلا بىر قۇيۇن چىقىپ كۈلىنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. - دە، ئىزىدا ھىچنەرسە قالماپتۇ.
بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۇرسۇننىڭ ئانىسى ھۇسىدىن كېتىپتۇ. تۇرسۇننىڭ ھالىمۇ خاراپلىشىشقا باشلاپتۇ.
ئەتىسى چۈش مەزگىلدە، تۇرسۇن ھوجرىسىدا يالغۇز قالغان چېغىدا، تۇيۇقسىز بىر پەرىزات قىز ناھايىتى غەمكىن قىياپەتتە ئۆيگە كىرىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئېقىپ، ئېغىز - بۇرۇنلىرىدا قىپ - قىزىل ئوت ئۇچقۇنى يىلىنجاپ تۇرغۇدەك.
- ھەي پەرىزات! - دەپتۇ تۇرسۇن قىزنى تونۇپ خۇرسىنغان ھالدا، - ۋەدەمدە تۇرالمىدىم، ئەپۇ قىلغايسىز!
ھەي ئاقكۆڭۈل يىگىت! بۇنى سىزدىن كۆرگىلى بولمايدۇ، - دەپتۇ پەرىزات، - ئادىمزاتنىڭ ئاچكۆزلىكى، ھەتخورلىقى ماڭىمۇ پۈتمەس - تۈگىمەس بىر بالا بولدى، مەن بۇنداق بولار دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. سىزنىڭ ياش جېنىڭىزغا زامىن بولۇپ قالدىم. كەچۈرگەيسىز!
پەرىزات ئۆزىنى تۇتالماستىن يىغلىغان ئىكەن، تۇرسۇنمۇ چىداپ تۇرالماي يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە قوللىرىنى پەرىزاتقا سۇنۇپتۇ.
- مېنى تۇتماڭ! - دەپتۇ پەرىزات، - ئىچىمدىكى ئوت سىزگە تۇتىشىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئانىڭىز سىزنىڭ كۈلىڭىزنىمۇ تاپالماي قالىدۇ. چۈنكى، مەن ھازىر تامامەن كۆيۈپ تۈگەپ، كۈلگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرىمەن.
ئىشىكتىن قەدەم شەپىسى ئاڭلىنىپتۇ. پەرىزات غايىپ بوپتۇ. تۇرسۇننىڭ ئانىسى كىرىپتۇ.
- ئانا - دەپتۇ تۇرسۇن، - مەن ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم، ئۆلۈم ئالدىدا سىزگە دەيدىغان گېپىم بار. مېنى يۆلىسىڭىز.
ئانىسى زار - زار يىغلاپ ئوغلىنى يۆلەپتۇ.
- ئانا، ھېلىقى كىتاب ئەسلىدە كىتابى تىلسىمات ئىدى. ئۇنى رەھمەتلىك ئاكام ئېلىپ كەتمىگەن بولسا، دەل بۈگۈنكى كۈندە پەرىزاتقا قېينانا بولغان بولاتتىڭىز. ھەر ئىككىمىز بەخىتلىك بولغان بولاتتۇق. مانا ئەمدى يالغۇز قالىدىغان بولدىڭىز. مەن ئۆلگەندىن كېيىن ھېلىقى يول بويىدىكى مازارلىقتا ئۆسكەن يۇلغۇننىڭ تۈۋىگە كۆمگەيسىز، - دەپتۇ - دە، بىر ئاھ ئۇرۇپ جان ئۈزۈپتۇ.
تۇرسۇننىڭ يەرلىگىدە قويۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر مۇللام تۇپراق بېشىدا قالغان ئىكەن، ئۇ تاھارەت يىڭىلاپ ئېرىق بويىدىن قايتىپ كېلىۋاتسا، بىر قىزنىڭ دەھشەتلىك يىغا - زارى ئاڭلىنىپتۇ. موللام ھەيران بولۇپ ئەتراپقا قارىغان ئىكەن. بىر پارچە ياپ - يېشىل ئوت تۇرسۇننىڭ تۇپرىغى تەرەپكە ئۇچۇۋاتقۇدەكمىش.
ئارىدىن كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ. يالغۇز قالغان ئانا ھەر كۈنى مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىدىكەن. كىشىلەر دائىم ئۇنىڭ ھويلىسىدىن «ئاھ بالام ئەپۇ قىل!» دېگەن ئاۋازلارنى ئاڭلايدىغان بوپتۇ. ئاخىرى پىراق - ھەسرەتكە چىدىماي تۇرسۇننىڭ ئانىسىمۇ ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
ئاچكۆلۈك، ھەسەتخورلۇق، نادانلىق ئەنە شۇنداق ئىناق ۋە باياشات بىر ئائىلىنى گۇمران قىلىپ توزۇتۇۋېتىپتۇ.
(«يېڭى قاشتېشى» نىڭ 1983 - يىل 1 - سانىدىن ئېلىندى)
رەتلىگۈچى: نۇر كېرەم.