UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقتېجەشلىك بالا

تېجەشلىك بالا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر دېھقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسقەر، ئەكبەر دەيدىغان ئىككى بالىسى بار ئىكەن. بۇ دېھقاننىڭ ھال - ئوقىتى خېلى ياخشى ئىكەن. بالىلىرىغا تولىمۇ ئامراق بولغانلىقتىن ھەر كۈنى بىردىن كۈمۈش تەڭگە بېرىدىكەن. دېھقاننىڭ چوڭ ئەسقەر ناھايىتى ئەركە ۋە بەتخەج ئىكەن، بەرگەن تەڭگىنى ھەركۈنى خەجلەپ تۈگىتىدىكەن ۋە دادىسىغا «يەنە تەڭگە بەرگىن» دەپ غەلۋە قىلىدىكەن. دېھقاننىڭ كىچىك بالىسى ئەكبەر ئاكىسىنىڭ ئەكسىچە ئىكەن، ئىنتايىن يۇۋاش ۋە تېجەشلىك ئىكەن. ھەرگىز بىھۇدە پۇل خەجلىمەيدىكەن. ئۇ بىر كىچىك ساندۇق ياساپ، ئۈستىدىن تەڭگە پاتقۇدەك تۆشۈك تېشىپ، دادىسى بەرگەن تەڭگىلەرنى شۇ تۆشۈكتىن ساندۇققا سېلىۋېرىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ. بۇ بالا ساندۇقنى بىر قېتىممۇ ئېچىپ باقماپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ دېھقان قېرىپ ھالىدىن كېتىپتۇ ۋە ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا ئىككى بالىسىنى ئالدىدا تۇرغۇزۇپ ۋەسىيەت قىپتۇ: - بالىلىرىم، كىچىگىڭلاردىن باشلاپ سىلەرنى تاپقان - تەرگىنىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ باقتىم. سىلەر ئەمدى چوپ - چوڭ ئادەم بولۇپ قالدىڭلار. مەن جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمان. سىلەرگە قالدۇرغۇدەك بىر نەرسەم يوق، مەن ئۆلگەندىن كېيىن ئىككىڭلار بار - يوقنى تەڭ خەجلەپ، تەڭ يەپ ئىناق ئۆتۈڭلار. ئۆينىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەڭلار. دېھقان شۇنداق دەپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. دادىسى ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئەسقەر ئەكبەرنى چاقىرىپ: - ئۇكا، دادام ئۆلۈپ كەتتى. ھەر ئىككىمىزنىڭ چىرىغى ئۆز ئۆيىمىزدە يورۇسۇن، سەنمۇ ئۆز كۈنۈڭنى ئۆزەك ئال، - دەپ ئائىلىنى ئىككىگە بۆلۈپتۇ. ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ، چوڭ ئۆينى ئۆزى ئېلىپ، كىچىككىنە بىر ئېغىزلىق ئۆينى ئەكبەرگە بېرىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئاكا - ئۇكا ئۆز ئالدىغا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئەسقەر بىر - ئىككى يىلغا قالماي دادىسىدىن قالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ يەپ تۈگىتىپ بوپتۇ. ھەتتا ئۆينىمۇ سېتىۋېتىپتۇ. ئەكبەر تېجەشلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ ئۆيلىنىۋاپتۇ ھەمدە ئىككى بالىلىق بوپتۇ. ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئىنتايىن ئىشچان ئايال بولۇپ، ئېرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىكەن. بۇلار ئۆز ئالدىغا ئايرىم قورا سېتىۋاپتۇ. تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپتۇ. بىراق، ھېلىقى ساندۇقنىڭ ئاغزىنى زادىلا ئاچماپتۇ ۋە ھەر كۈنى بىردىن كۈمۈش تەڭگە تاشلاۋېرىپتۇ. بىر يىلى بۇ يۇرتتا قاتتىق بوران ئاپىتى يۈز بېرىپتۇ. قۇرغاقچىلىق بولۇپتۇ. ماللار قىرىلىپ تۈگەپتۇ. ئېتىزلاردىن بىر تال دانمۇ ئالغىلى بولماپتۇ. ئەسقەر يەي دىسە نان، كىيەي دىسە كىيىم، كىرەي دىسە ئۆي بولمىغاچقا تىلەمچىلىك قىلىشقا باشلاپتۇ. ئەكبەرنىڭ ئىچى ئاغرىپ ئەسقەرنى ئۆز ئۆيىگە ئەكىۋاپتۇ ۋە ياخشى كىيىندۈرۈپ ، ياخشى يىگۈزۈپ، تۇرمۇشىدىن ئوبدان خەۋەر ئاپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ ئەسقەرنىڭ كۆڭلىگە بىر گۇمان چۈشۈپتۇ. «دادا ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا مىراس ماڭا كۆپ قالغان تۇرۇقلۇق مەن بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم. ئىنىم كۈندىن كۈنگە باي بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. بۇنىڭدا چوقۇم بىر سىر بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ. بىر كۈنى كېچىسى ئۇ ئۇخلىغان بولۇپ كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ ياتقان ئىكەن. ئەكبەرنىڭ ئايالى ئەكبەرگە: - ئۆيدە يەيدىغان نەرسە قالمىدى، قولىمىزدا پۇلمۇ قالمىدى، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ - دەپتۇ. ئەكبەر: - ھېلىقى ساندۇنىڭ ئاغزىنى ئاچىدىغان ۋاقىت ئەمدى كەلدى. ئەتە ئۇنى ئېچىپ ئازراق ئاشلىق سېتىۋېلىپ كەلگىن، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەسقەرنىڭ تاڭ ئاتقىچە ئۇيقۇسى كەلمەپتۇ. تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ ئەكبەر ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈز - كۆزلىرىنى يۇيۇپ سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ. ئەكبەرنىڭ ئايالى ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئەسقەر ئاستا كېلىپ ئىشىكنىڭ يوچۇغىدىن ماراپتۇ. ئەكبەرنىڭ ئايالى ساندۇقنى ئاچقان ئىكەن، ئاتنىڭ كاللىسىدەك ئالتۇن چىقىپتۇ. ئۇنىڭدىن ئازراق پارچىلاپ ئاپتۇ - دە، ساندۇقنى مەھكەم ئېتىپ قويۇپ ئاشلىق سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئەسقەرنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ. ئۇ : «دادام بىزگە ئالتۇن قالدۇرۇپ كەتكەن ئەمەس، بۇنى ئوغۇرلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ ئىشنى پادىشاھقا خەۋەر قىلسام چوقۇم ئالتۇننى تارتىۋېلىپ ئەكبەرنى زىندانغا تاشلايدۇ. شۇ چاغدا ئۆي - ۋاقىسى ماڭا ئوڭىچە قالىدۇ» دەپ ئويلاپتۇ - دە، دەرھال پادىشاھقا خەۋەر قىلىپتۇ. پادىشاھ ياساۋۇللارنى بۇيرۇپتۇ، ئەكبەر ئالتۇن بىلەن ئوردىغا كەلتۈرۈلتۇ پادىشاھ ساندۇقتىكى ئالتۇننى كۆرۈپ: - بۇنى قەيەردىن ئوغرىلىدىڭ؟ ئەگەر راستىڭنى ئېتىتمايدىغان بولساڭ زىندانغا تاشلايمەن، - دەپتۇ. - بۇنى ھېچيەردىن ئوغرىلىغىنىم يوق، كىچىگىمدىن تارتىپ يىققان - دەپتۇ. ئەكبەر. - ئۇ يالغان ئېيتىدۇ. بىزنىڭ ئۆيدە ئەزەلدىن ئالتۇن ئىشلىتىپ باقمىغان. ئۇ بۇنى جەزمەن ئوغرىلىغان ، دەپتۇ ئەسقەر. بۇ گەپنى ئاڭلاپ پادىشاھنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كەپتۇ - ئەگەر راستىنىڭنى ئېيىتمىساڭ كاللاڭنى ئالىمەن! دەپ ۋارقىراپتۇ. - ئەي پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ ئەكبەر، - كىچىكىمىزدىن تارتىپ، دادام ھەر كۈنى ھەر بىرسىمىزگە بىردىن كۈمۈش تەڭگە بېرەتتى. مەن ئۇنى بۇزۇپ - چاچماي مۇشۇ ساندۇققا تاشلاپ قويۇۋەردىم. دادام ئۆلۈپ كېتىپ بالا - چاقىلىق بولغاندىن كېيىنمۇ قىلچە بەتخەجلىك قىلمىدىم. تاپقان تەڭگىلىرىمنى مۇشۇ ساندۇققا سېلىپ توپلاۋەردىم. بۇ قېتىم ئاچارچىلىق ئاپىتى بولغاندا يەيدىغالىرىمىز تۈگەپ قالغانلىقتىن، بۇ ساندۇقنى ئاچتىم. مەن بۇ ئالتۇننى ئوغرىلىغان ئەمەس، بەلكى، نەچچە يىل تېجەشلىك بىلەن قان - تەر سىڭدۈرۈپ ئەجرە قىلغاچقا ساندۇقتىكى كۈمۈش ئالتۇنغا ئايلانغان بولسا كېرەك. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلىنىپتۇ ۋە بۇ تېجەشلىك بالىغا قايىل بولۇپ، ئۇنى ئۆز ئوردىسىنىڭ خەزىنىچىلىكىگە تەيىنلەپتۇ. ئەسقەرنى بولسا ئۆزىنىڭ بار - يوقىنى بەتخەجلىك قىلىپ بۇزۇپ - چاچقانلىقى ، يەنە ئۇكىسىغا بەتنام چاپلاپ، سۈيقەست قىلغانلىقى ئۈچۈن «ئۇنىڭدىن ۋاپا كەلمەيدىكەن» دەپ زىندانغا تاشلاپتۇ. («يېڭى قاشتېشى» نىڭ 1981 - يىل 2 - سانىدىن ئېلىنىدى). رەتلىگۈچى: لىتىپ رازىق
← بارلىق تېمىلار چوچاق