UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقچاشقان بىلەن سودىگەر

چاشقان بىلەن سودىگەر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر سودىگەر ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ سودا قىلىش ئۈچۈن يىراق بىر شەھەرگە بېرىپ دەڭگە چۈشۈپتۇ. دەڭجا قىمارۋاز ئىكەن. ئۇ ئاخشامدا >قىمار ئوينايدىغانلار بارمۇ؟< دەپ توۋلاپتۇ. سودىگەر >مەن ئوينايمەن< دەپتۇ. ئىككىسى قىمار ئويناشقا كىرىشىپتۇ. دەڭجا قاراڭغۇ ئۆيدە مۈشۈكنىڭ ئۈستىگە بىر تال شامنى قوندۇرۇپ قويۇپتۇ. سودىگەر ھەيران بولۇپ: - ھوي بۇ شام ئۆرۈلۈپ چۈشمەمدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. دەڭجا: - ياق، بىز تاڭ ئاتقۇچە ئوينىساقمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ، - دەپتۇ. سودىگەر بۇنىڭغا ئىشەنمەپتۇ. ئىككىسى تىكىشىپتۇ. ئەگەر تاڭ ئاتقۇچە مۈشۈك شامنى ئۆرۈۋەتمىسە سودىگەر دەڭجاغا قىرىق قاچا ئالتۇن بەرمەكچى بولۇپتۇ. دىگەندەك مۈشۈك شامنى ئۆرۈۋەتمەپتۇ. سودىگەر ئۇتتۇرۇپ قويۇپ قىرىقك قاچا ئالتۇننى بېرىپتۇ - دە، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بولغان ۋەقەنى خوتۇنىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. خوتۇنى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر ھىلە ئىشلىتىپتۇ. بۇلار ئەر - خوتۇن بىر نەچچە ئاي ئۈچ - تۆت چاشقاننى قەپەزگە سولاپ تەربىيلەپتۇ. چاشقان قەپەزنى توك - توك ئۇرسا سىرتقا چىقىدىغان توك - توك ئۇرسا قەپەزگە كىرىدىغان بولۇپتۇ. سودىگەر چاشقانلارنى ئېلىپ ھېلىقى دەڭجانىڭ قېشىغا كەپتۇ. بۇلار قىمار ئويناپتۇ. دەڭجا يەنە ئۆتكەنكىدەك قىلىپتۇ. سودىگەرمۇ ئوقمىغانغا ساپتۇ. دەڭجا: - ئەگەر مۈشۈك تاڭ ئاتقىچە شامنى ئۆرۈۋەتمىسە مەن پۈتۈن مال - دۇنيارىمنى بېرىمەن ، - دەپتۇ. سودىگەر تۇيدۇرماي قەپىزىگە ئۇرۇپتىكەن چاشقانلار قەپەزدىن بىر - بىرلەپ چىقىشقا باشلاپتۇ. چاشقاننى كۆرگەن مۈشۈك بىر ئېتىلىپتىكەن، شام دۈمبىسىدىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئاڭغىچە سودىگەر چاققانلىق بىلەن قەپەزنى يەنە ئۇرۇپتىكەن، چاشقانلار قەپەزگە كىرىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ سودىگەر دەڭجانىڭ پۈتۈن ئۆي بىساتىنى، مال - دۇنىياسىنى ئۇتۇۋاپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ياقا گۇڭشېدىن: توختى قارى
← بارلىق تېمىلار چوچاق