قورقۇنچاق >باتۇرلار<
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
داۋۇت، ساۋۇت، ئاۋۇت ئىسىملىك ئۈچ ئاغىنە قىرغاۋۇل تۇتۇپ يېمەكچى بولۇپ، ئورمانلىققا بېرىپتۇ. ئۇلار خېلى كۆپ ئاۋارە بوپتۇ. ئەمما بىرەرمۇ قىرغاۋۇل تۇتالماپتۇ. جىق يول يۈرۈپ ھېرىپ كەتكەچكە، دەرەخنىڭ تۈۋىگە بېرىپ ئارام ئاپتۇ ۋە باتۇرلۇق ئۈستىدە پاراڭ سېلىشىپتۇ.
- مەن، - دەپ سۆزباشلاپتۇ داۋۇت، - بىر قېتىم مۇشۇ ئورمانلىققا ئوينىغىلى كېلىپ، تۇيۇقسىز بىر قاۋانغا ئۇچراپ قالدىم. قاۋان كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە دەھشەت بىلەن ماڭا ئېتىلغانىدى. مەن خەنجىرىمنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە نەچچىنى تىقىۋەتتىم. قاۋان شۇ ھامان تىن تارتماي ئۆلدى....
- سېنىڭ باتۇرلۇقۇڭ ھېچقانچە ئەمەسكەن، - دەپتۇ ساۋۇت، - مەن بىر قتېىم ئورمانلىقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاغقا بارغانىدىم. تۇيۇقسىزلار مېنى ئۈچ ئاچ بۆرە قورشىۋالدى. خۇداغا شۈكرى، قولۇمدا ئارغامچا بار ئىكەن، مەن ئۇلارغا سالما تاشلاپ ئۈچىلىسىنى تىرىك قولغا چۈشۈردۈم - دە، چوڭ بىر تۈپ دەرەخكە باغلاپ قويدۇ.
- مۇشۇ باتۇرلۇق بولامدىكەن؟ - دەپتۇ ئاۋۇت سۆزگە كىرىشىپ، - مەن بىر قېتىم يامغۇر ياغقان قاراڭغۇ كېچىدە ئېيىقلار تۇتۇپ كەتكەن بىر بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تاغدىكى ئېيىق ئۆڭكۈرىگە يالغۇز باردىم. ئۆڭكۈردە ئېيىقلار بالىنى ئەمدىلا يېمەكچى بولۇشۇپ تۇرۇپتىكەن، مەن چەبدەسلىك بىلەن ئېتىلىپ كىرىپ، ئېيىقلارنى قىلىچ بىلەن چېپىشقا باشلىدىم، بەزىلىرى قورقۇپ ئۆڭكۈرىنى تاشلاپ قېچىشتى جاھىللىرى قىلىچىمنىڭ ئاستىدا جان بەردى. مەن بالىنى ئېلىپ چىقىپ ئاتا - ئانىسىغا ساق - سالامەت تاپشۇرۇپ بەردىم....
ئۇلار شۇنداق سۆزلىشىپ ئولتۇرغاندا، ئوت - چۆپلەر >شالدۇر - شۇلدۇر< قىلىپ قاپتۇ. ئۇلار چۆچۈشۈپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغىنىدا ئاۋۇتنىڭ يۇتىسىغا سوغۇق بىر نەرسە تېگىپتۇ - دە، >ۋايجان!< دەپ ۋارقىراپتۇ ۋە قېچىشقا تەمشەلگەن داۋۇت بىلەن ساۋۇتنىڭ چاپىنىنىڭ چېشىغا ئېسىلىۋاپتۇ. بۇ ئىككىسى قورققىنىدىن كەينىگىمۇ قارىماي >بىزگە دەھشەتلىك بىر مەخلۇق ئېسىلغان ئوخشايدۇ< دەپ ئويلاپ ئۈن چىقىرالماي تىترەپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا ئاۋۇتنىڭ قولىقىغا ئاڭلىنىپتۇ. ئىككىيلەن تەڭلا ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاراپ ئاۋۇتنىڭ ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىدىن يەرگە چۈشكەن بىر چار پاقىنى كۆرۈپتۇ.
)>شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى< گىزىتىدىن ئېلىندى(