مەغرۇر پىل
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر ئورمانلىقتا ناھايىتى زور بىر پىل بولغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ زورلۇقى، كۈچلۈكلۈكى ۋە چەبدەسلىكى بىلەن مەغرۇرلىنىپ، ئورمانلىقتىكى باشقا ھايۋانلارنى قىلچە كۆزگە ئىلمايدىكەن. ئورماننى نابۇت قىلىدىكەن. ئۇچار - قاناتلارغا ئازار بېرىدىكەن. پىنىڭ بۇ بولمىغۇر قىلىقى ئورمانلىقتىكى بارلىق جان - جانىۋارلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرۈپتۇ. بىراق ئۇنى ئاشكارا چەكلەشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ. ئاخىرى ئۇلار قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ بۇ زورلۇقىدىن قۇتۇلۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىلىق يوشۇرۇن يىغىن ئېچىپتۇ، لېكىن يەنىلا چارە تاپالماپتۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يىغىنىنى بىر توپ چۆپكە قونۇۋېلىپ تىڭشاپ تۇرغان پاشا قاقاقلاپ كۈلۈۋېتىپتۇ، ھەممىمىز جان قايغۇسىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرساق، سېنىڭ كۈلگىنىڭ نېمىسى، ياكى بىزنى زاڭلىق قىلىۋاتامسەن؟ - دەپتۇ.
- بۇ كارامەتلىك دۇنياغا ھەيرانمەن، - دەپتۇ پاشا كۈلكىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - مەن ھەممىڭلاردىن ئاجىز ۋە كىچىك يارىتىلغان بولساممۇ سىلەرنى بوزەك قىلىدىغان ئاشۇ مەغرۇر پىلنىڭ تېرىسىنى تېشىپ قېنىنى ئىچەلەيمەن. شۇنىڭغا قارىغاندا ھەممىڭلاردىن مەن كۈچلۈك ئوخشايمەن. قانداق، ئەنتىڭلارنى مەنلا ئېلىپ بېرەيمۇ؟
- قۇرۇق گەپنى قوي، - دەپتۇ ھەممە پاشىغا قاراپ، - سەن پەقەت ئۇنىڭ ھارام قېنىنىلا ئىچىسەن، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ قىچىشقان يەرلىرىنى پەسەيتىپمۇ قويار، ياكى بولمىسا، تېخىمۇ قىچىشتۇرۇۋېتىپ، تېنىنى يەنە بىر تۈپ قارىغايغا سۈركەشكە مەجبۇر قىلىپ، قۇشلارنىڭ بالىلىرىنى ئالاقزادە قىلىۋېتەر، قوي، سەن بىز بىلەن چاقچاقلاشما.
- ياق! - دەپتۇ پاشا ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ، - مەن ئۇنىڭ كۆزىنىلا چاقىمەن، ئۇ كۆزىنىڭ يارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ قارىغايغا ئانچە قاتتىق سۈركىيەلمەيدۇ، لېكىن بۇ داۋاملىشىۋەرسە، ئۇنىڭ كۆزى يارىلىنىدۇ. شۇ چاغدا چىۋىن دوستۇمنى ياردەمگە چاقىرىمەن. پىلنىڭ يارىلانغان ئىككى كۆزى چىۋىن دوستۇمنىڭ قورسىقىدىكى قۇرۇتلىرى ئۈچۈن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ياخشى ماكانغا ئايلىنىدۇ. قېنى ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ مېنىڭ سىلەرنىڭ ئەنتىڭلارنى ئېلىپ بەرگىنىم بولمامدۇ؟
ھەممە پاشىنىڭ سۆزىگە قايىل بولۇپ باش لىڭشىتىشىپتۇ. شۇ چاغدا چۆپ ئارىسىدىن بىر پاقا سەكرەپ چىقىپ كۆپچىلىككە قاراپ:
- مەغرۇر پىل مېنىڭمۇ ئىككى بالامنى دەسسەپ ئۆلتۈرگەن، مېنىڭمۇ ئۇنىڭغا غەزىپىم بار، پاشىجاننىڭ سۆزى مېنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنتىقام ئېلىشىمغا يول ئاچتى. مەن بۇنى ھازىر ئېيتالمايمەن، ئاۋال پاشىجان تەدبىرىنى قىلىپ كۆرسۇن، كېيىن مەز ئۇنى ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن، _ دەپتۇ _ دە، يەنە چۆپ ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بولۇپتۇ.
ھەممە: «پاقىنىڭ قولىدىن نېمە كىلەر» دىگەن خىيال بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئانچە ئېتىۋار قىلماپتۇ. ئەمما پاشىنىڭ تەدبرىنى خوشاللىق بىلەن قوللاپ، ئۇنى دەرھاللا ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەپتۇ. پاشا ئۆز ۋەدىسى بويىچە دەرھاللا قاناتلىرىنى كېرىپ، جاڭگالغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، مەغرۇر پىلنى ئىزلەپ تېپىپتۇ _ دە، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە نەشتەر سانجىشقا باشلاپتۇ. پىل كۆزلىرىنىڭ تىنىمسىز قىچىشىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھەدەپ قارىغايغا سۈركەشكە باشلاپتۇ. پاشا بولسا ئۇنىڭغا قىلچە ئارام بەرمەپتۇ، ئۇنىڭ كۆزىنى ئۈزلۈكسىز چېقىۋېرىپتۇ، پىل بولسا كۆزىنى قارىغايغا سۈركەۋېرىپتۇ، شۇنداق قىلىپ، بىر كېچىدىلا پىلنىڭ كۆز _ قاپاقلىرى يېرىلىپ قاناپ كېتىپتۇ، ئەتىسى چىۋىن كېلىپ، پىلنىڭ جاراھىتىگە قۇرۇت تاشلاپتۇ، قۇرۇتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئۈزلۈكسىز غاجىشى بىلەن ئۇنىڭ جاراھىتى تېزلا كېڭىيىپ، ئۇنىڭ كۆزىنى كۆرمەس قىلىپ قويۇپتۇ. مەغرۇر پىل شۇنىڭ بىلەن ھەرىكەت قىلىش، ئوزۇق تاللاپ يېيىش ئىقتىدارىدن قاپتۇ، ئەمدى ئۇنىڭ بىردىن _ بىر تايىنىدىغىنى قۇلاق ۋە پۇراش سېزىىدىنلا ئىبارەت ئىكەن.
بىر كۈنى ئۇ قاتتىق ئۇسساپ كېتىپتۇ. سۇنى پۇراش ۋە ئاڭلاش سېزىملىرىغا تايىنىپ تېپىشقا مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قانداق قىلىشنى بىلمەي تامىقىنى چاكىلدىتىپ ياتقاندا تۇيۇقسىز يېقىنلا بىر يەردە پاقا كۇركىراپ قاپتۇ، پىل ئۆزىنىڭ ساق ۋاقىتلىرىدىكى تەجرىبىسىگە ئاساسەن «پاقا جەزمەن سۇ بار يەردە بولىدۇ» دەپ جەزملەشتۈرۈپ، پاقىنىڭ ئاۋازى چىققان ياققا قاراپ مېڭىپتۇ، بىراق بۇ پاقا سۇ بار يەردىكى پاقا بولماستىن، بەلكى پىلدىن ئىنتىقام ئېلىشقا بەل باغلىغان ھېلىقى پاقا ئىكەن. ئۇ پىلنىڭ ئالدىدا كۇركىراپ يۈرۈپ، بىر سەكرەپ، ئىككى سەكرەپ، ئاخىرى پىلنى بىر تىك يارنىڭ لېۋىگە باشلاپ كەپتۇ. پىل پاقىنىڭ كۇركىرىشىغاغ ئەگىشىپ تەمتىلەپ ماڭغىنىچە ياردىن غولاپ ئۆلۈپتۇ. ئۇنىڭ ئورمانلىقتىكى پۈتۈن جان _ جانىۋار، ھايۋاناتلارنى چۆچۈتىدىغان مەغرۇر گەۋدىسى قاغا _ قۇزغۇن، قۇرۇت _ قوڭغۇزلارغا يەم بولۇپ تۈگەپتۇ.
مەغرۇر پىلنىڭ زومىگەرلىكىدىن قۇتۇلغان جان _ جانىۋارلار خوشاللىقىدىن ئۇسۇل ئوينىشىپ، مۇنداق دەپ ناخشا ئېيتىپتۇ:
ھېزى بول ھاياتلىق يولىدا دائىم،
كۈچلۈكمەن دىمىگەن ئاجىزنى كۆرۈپ.
مەغرۇر پىل جان بەردى پاشا قولىدا،
ئۆزىنى چوڭ ساناپ، زورلۇق قىلىپ يۈرۈپ.
مەغرۇرلۇق ھەر كىمنى قالدۇرار يىتم،
ئۆزىگە قارشى كۈچ توپلايدۇ زورلۇق.
شۇ ئىككى ئىللەتكە بولسا كىم مەھكۇم،
قۇچقۇسى ئۆمرىنى بىھىساپ خورلۇق.