پەملىك دىۋانە
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ھەر كېچىسى بىر ۋەزىرى بىلەن شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ >ماڭا قارشى قانداق سۆز - ھەرىكەتلەر بار ئىكىن< دەپ تەكشۈرىدىكەن. بىر كۈنى كەچتە، پادىشاھ ۋەزىرى بىلەن شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر كوچىغا كەلسە ئۈچ دىۋانە گۈلخان يېقىپ ئۆزلىرىنىڭ تاپقىنىنى ئالدىغا ئېلىپ قويۇپ، چىلىم چېكىشىپ پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرغۇدەك، پادىشاھ بىلەن ۋەزىر ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق ساپتۇ.
- بۇرادەرلەر، بىر نەچچە كۈندىن بېرى بىر يەردە بولۇۋاتىمىز، ئەمما تېخىچە بىر بىرىمىزنىڭ كىملىگىنى بىلىشمىدۇق، - دەپتۇ دىۋانىلارنىڭ بىرىنچىسى.
- مەن مەغرىپ شەھىرىدىن. دادام مېنى سودا قىلىشقا ئەۋەتكەن ئىدى. مال - مۈلكۈمنى يولدا قاراقچىلار بۇلاپ كەتتى. ئۆيگە بارسام، دادام >سەن ماللارنى قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇپسەن ياخشى - يامان يولدا يۈرۈپسەن< دەپ قاتتىق ئازار بەردى. مەن يالغۇز ئوغۇل ئىدىم. ئايىلىم، ئىككى بالام بار ئىدى. ئازارغا چىدىيالماي، ھەممىدىن ۋاز كېچىپ >دادامنىڭ پۇلىنى تېپىپ كېلىمەن< دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. مانا يەتتە يىل بولدى. دىۋانىچىلىق قىلىۋاتىمەن. نۇرغۇنلىغان يەرلەردە بولدۇم. ئاخىر مۇشۇ يەرگە كېلىپ قالدىم. ئانا، دادام، ئايالىم ۋە ئىككى بالام قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ؟ ئۇلار ھاياتمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. ئەگەر پادىشاھ مۇشۇ سىرىمنى ئۇققان بولسا، ئازمۇ ئەمەس، كۆپمۇ ئەمەس مىڭ تەڭگىگە لايىق مال بەرگەن بولسا، بىر ئات ئېلىپ مىنىپ، دادامنىڭ ئالدىغا بېرىپ دۇئاسىنى بىر ئېلىۋالغان بولسام ئارمىنىم يوق ئىدى، - دەپ ئېغىر بىر ئۇھ تارتىپتۇ داىۋانىلارنىڭ ئىككىنچىسى.
- مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر دەرتمەن، - دەپتۇ ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى، - دادامدىن قالغان نەرسە - كېرەكلىرىمنى ئۈچ بىر تۇققۇنۇم ئېلىۋېلىپ مېنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتتى. ئۇلار شۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي، >بۇ بىزنىڭ مال - مۈلكىمىزنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇلاپ كېتىدۇ< دەپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. مەن جان ساقلاش ئۈچۈن قېچىپ چىقتىم. يىگىرمە ئالتە ياشقا كىردىم، ئەمما، بىر ئازمۇ دۇنيانىڭ لەززىتىنى كۆرمىدىم. مانا، بەش يىلدىن بۇيان پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ياشاۋاتىمەن.
- ھەي، پالانى شەھەردە، پادىشاھ ئوردىسىنىڭ دەرۋازىسىغا بىر تاختاي ئېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا >ئەجرى قىل دەرياغا تاشلا، ئەجرىڭنى ئاللادىن تىلە< دىگەن خەت يېزىلغان ئىكەن، - دەپتۇ دىۋانىلارنىڭ بىرىنچىسى، - مەن پادىشاھنىمۇ تىلىمەيمەن، يەنە بىرسىدىنمۇ تىلىمەيمەن، مەن ھەممىنى ئۆز ئەجرىم - ھالال تەرىمدىن تىلەيمەن. مەن ياش، ئەگەر ئاز - تولا بىر نەرسە تاپقان بولسام ئۆز يۇرتۇمغا قايتسام، بەش - ئالتە مو يېزىم بار ئىدى. شۇنىڭغا ئەجرى قىلسام بولاتتى. ھەققىمنى ئاللا ئۆزى بېرەتتى.
- ھەي، >ئەجرى قىل دەرياغا تاشلا، ئەجرىڭنى ئاللادىن تىلە< دىگىنى قانداق گەپتۇ؟ - دەپتۇ دىۋانىلارنىڭ ئىككىنچىسى، دىۋانىلارنىڭ بىرىنچىسى سۆز باشلاپتۇ:
- مەن شۇ شەھەرگە بارغاندا ئوردا دەرۋازىسىغا ئېسىلغان ھېلىقى خەتنى كۆردۈم. ئەمما مەنىسىنى قىلچە چۈشىنەلمىدىم. مەن راۋاپقا ئۇستا ئىدىم. مېنىڭ چالغان راۋابىمغا پۈتۈن خەلق ئاشىق بولدى. داڭقىم پۈتۈن شەھەرگە تاراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مېنى ئوردىسىغا چاقىرتىپ >راۋاپ چېلىپ بەرسەڭ< دېدى. مەن راۋاپنى ناھايىتى ياخشى چېلىپ بەردىم. پادىشاھ خوشال بولۇپ نۇرغۇن مال - مۈلۈك بەردى. مەن:
- پادىشاھى ئالەم. ماڭا بۇ نەرسىلەرنىڭ كېرىگى يوق، سىز ئوردىنىڭ دەرۋازىسىغا >ئەجرى قىل دەرياغا تاشلا، ئەجرىڭنى ئاللادىن تىلە< دەپ يېزىپ قويۇپسىز. سىز مۇشۇ سۆزنىڭ سىرىنى دەپ بەرسىڭىز، - دىدىم. پادىشاھ بۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپ:
- خەير بوپتۇ، ئېيتىپ بەرسەم بېرەي، - دەپ سۆز باشلىدى، - مەن سېنىڭدىنمۇ ئۆتە بىر كەمبەغەل ئىدىم. ئۆز يۇرتۇمدا جان باقالماي، يۇرت كېزىپ يۈرۈپ مۇشۇ شەھەرنىڭ چېتىدىكى بىر يېزىغا كەلدىم. بۇ يەردە بىر باي بار ئىكەن. بۇ باي شۇنداق بېىىلكى، ھەتتا >خوتۇن ئالسام نان يەپ كېتىدۇ< دەپ خوتۇنما ئالمىغان ئىكەن. بىر كۈنى مېنى >ئىشلەمسەن؟< دىدى، >ئىشلەيمەن< دىدىم، كۈنلۈكۈمگە ئىككىدىن نان بەردى. چاي دىسەم، >چاي قاينىتىشقا ئوتۇن كېتىدۇ< دەپ، دەريانى كۆرسىتىپ قويدى. دەريا بويىغا بارسام، دەريا بويىدا بىر كىچىك كۆلچەك بار ئىكەن. كۆلچەكتە بېلىجانلار ئويناپ يۈرگەن ئىكەن. ناننى سۇغا چىلاپ يەۋاتسام بېلىجانلار نانغا قىزىقىپ پىلتىڭلاپ كەتتى. مەنمۇ قىزىقىپ يېرىم ناننى بېلىجانلارغا بېرىۋەتتىم. بۇ ئىش ھەر كۈنى تەكرارلاندى. كۈنلەر ئۆتۈپ بېلىجانلار يوغىنىدى، مەن بىر نان بېرىدىغان بولدۇم. بېلىجانلار بارا - بارا يوتامدەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن يېرىم ناننى ئۆزەم يەپ، بىر يېرىم ناننى بېلىجانلارغا بېرىدىغان بولدۇم. كېيىن تاپقىنىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىدىغان بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ھېلىقى باي ئۆلۈپ قالدى. بىرسى >بۇنىڭ مال - دۇنياسىنى مۇشۇ يۇرتتىكى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرەيلى< دىدى. جامائەت >ياق، ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ، بۇنداق جازانىخورنىڭ مېلى بىزگە ھارام، بۇ بېخىل نان كېتىشتىن قۇرقۇپ خوتۇنمۇ ئالمىغان، ھەتتا مۇشۇ يىگىتمۇ تا ھازىرغىچە ئىش ھەققى بەرمەي، كۈنلۈكى ئىككى زاغرىلا بەردى. شۇڭا بۇ بېخىلنىڭ ھەممە نەرسىسىنى مۇشۇ يىگىتكە بەرسەك دۇرۇس بولىدۇ< دەپ بايلىقنىڭ ھەممىسىنى ماڭا بېرىۋەتتى. مەن بۇ تەئەللۇقاتنى ئېلىپ باشقا يۇرتلاردىن نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۆستەڭ چاپتۇردۇم، بوز يەر ئاچتۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر گۈزەل بىر يېزىغا ئايلاندى. بارا - بارا چوڭ بازارغا، كېيىن شەھەرگە ئايلاندى. مېنى خەلق ناھايىتى ياخشى كۆرگەچكە، بۇ شەھەرگە پادىشاھ قىلدى. قىرىق يىل بولدى. مانا مۇشۇ تەختتە ئولتۇرۇۋاتىمەن. قىرىق يىل جەريانىدا باشقا يۇرتلاردىن نۇرغۇن شەھەرلەردىكى قۇللارنى سېتىۋېلىپ كېلىپ بۇ يەردە ئازات قىلىۋەتتىم. ھەممىسىنى ئۆي - ئوچاقلىق قىلىپ قويدۇم. شۇڭا بېشىمغا كۈن چۈشسە ھەممىسى ياردەم قىلىدۇ. دىمەك، مەن ئەجرى قىلدىم، ئەجرىم مېۋىسىنى ئاللا بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوردا دەرۋازىسىغا >ئەجرى قىل، دەرياغا تاشلا، ئەجرىڭنى ئاللادىن تىلە< دەپ يازغان ئىدىم، خەتنىڭ سىرى ئەنە شۇدۇر، مەن ئوردىدىن قايتىپ چىقىپ، بۇ شەھەرگە كەلدىم...
پادىشاھ بىلەن ۋەزىر دىۋانىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۈن - تىنسىز قايتىپ كەپتۇ. پادىشاھ ئەتىسى ياساۋۇللارغا:
- شەھەرنىڭ چېتىدە ئۈچ دىۋانە بار. ئوردىغا ئېلىپ كېلىڭلار، - دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ. ياساۋۇللار دىۋانىلارنى ئوردىغا ئېلىپ كەپتۇ.
- نەدىن كەلدىڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ، دىۋانىلار بىر - بىرىگە قارىشىپلا قاپتۇ.
- ئاخشام نىمە دىيىشتىڭ؟ راستىنى ئېيتىش! دەپتۇ پادىشاھ
- پادىشاھى ئالەم، مەن سىلىنى ئازراق بىر نەرسە بەرگەن بولسا دادامنى كۆرۈپ، دۇئاسىنى ئېلىۋالغان بولسام، دىگەن ئىدىم، - دەپتۇ دىۋانىلارنىڭ ئىككىنچىسى، ئۈچىنچى دىۋانىمۇ ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىپتۇ. بىرىنچى دىۋانە بولسا:
- مەن سىلىنى تىللىدىم. مەن بىر شەھەردە >ئەجرى قىل، دەرياغا تاشلا، ئەجرىڭنى ئاللادىن تىلە< دىگەن خەتنى كۆرگەن ئىدىم. شۇڭا مەن >ئازراقلا بىر نەرسە تاپسام ئۆز يۇرتۇمغا بېرىپ، قولۇمغا كەتمەن ئېلىپ، يەرلىرىمگە ئەجرى قىلسام، ئەجرى مېۋىسىنى خۇدا بېرەتتى< دەپ سىلىنى تىللىدىم، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپتۇ. دەسلەپكى ئىككىسىگە ئىككىدىن تۆت ئات ۋە نۇرغۇن مال - دۇنيا بېرىپ يولغا ساپتۇ. بىرىنچى دىۋانىنى بولسا بوينىغا تاقاق سېلىپ، >بۇنىڭغا مېنىڭ چېگرامدىن چىقىپ كەتكىچە كىمكى بىر بۇردا نان ياكى بىر ئوتلام سۇ بەرسە كاللىسى ئېلىنىدۇ< دەپ جاكارلاپ ھەيدىۋېتىپتۇ. بۇ دىۋانە بۇ پادىشاھلىقنىڭ چېگرىسىدىن چىقىپ، باشقا بىر پادىشاھلىقنىڭ زىمىنىدا كېتىۋاتسا، تاققا يېقىن بىر جايدا ئۈچ كىشى ئوق - يالىرىنى بەتلەپ بىر - بىرىنى ئۆلتۈرىمەن دەپ تۇرغۇدەك. دىۋانە ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ.
- ھە، ئوبدان كەپسەن، - دەپتۇ ھېلىقىلارنىڭ بىرى، - بۇ ئۈچىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر دە - تالاش بار، مۇشۇنى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ قويساڭ قانداق؟
- بولىدۇ، - دەپتۇ دىۋانە.
- بىز ئۈچەيلەن ئوغرى. بىر پادىشاھنىڭ غەزىنىسىگە تەككەن. بۇ پادىشاھنىڭ ناھايىتى ئېسىل بىر ساندۇقى بار ئىكەن. بىز >ساندۇققا ئالتۇن - كۈمۈش قاچىلانغان< دىگەن خىيالدا ئوغرىلاپ، مىڭ تەسلىكتە بۇ يەرگە ئەكىلىپ ئاچساق، ساندۇقتىن بىر ئورۇندۇق بىر داستىخان، بىر چاپان چىقتى. چاپان يېڭىراق ئىكەن. ئۈچىمىز تالىشىپ قالدۇق. سەن مۇشۇ دەۋانى ئادىللىق بىلەن سوراپ قوي، - دەپتۇ ئوغرىلار.
دىۋانە چاپاننى قولىغا ئېلىپ تازا زەڭ ساپتۇ. بۇ ھەزرىتى ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا توقۇلغان، >چاپاننى قولغا ئېلىپ، لائىلاھە ئىللەللا، داۋۇت خەلىلىللا، دەپ پالانى ئايەتنى ئوقۇپ، قانچىلىك پۇل تىلىسىڭىز شۇنچىلىك پۇل بېرىدۇ< دىگەن خەت يېزىلغان چاپان ئىكەن. دىۋانە چاپاننى قاتلاپ قويۇپ، داستىخاننى قولىغا ئاپتۇ. بۇ داستىخانمۇ بىر ئايەتنى ئوقۇپ ھەر قانداق تاماقنى تەلەپ قىلسا شۇنى ھازىرلاپ بېرىدىغان خاسىيەتلىك داستىخان ئىكەن. دىۋانە داستىخاننى قاتلاپ قويۇپ ئورۇندۇققا زەڭ ساپتۇ. بۇ ئۇچار ئورۇندۇق ئىكەن، ئۇنىڭغا >ھەر قانداق ئادەمنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە، پالانى ئايەتنى ئوقۇپ مۇشۇ ئورۇندۇققا ئولتۇرسا ئورۇندۇق ئۇچىدۇ. ئورۇندۇقنىڭ ئۇچۇش تېزلىكىگە ھىچنەرسە يېتەلمەيدۇ، ئورۇندۇق كۆزلىگەن جايغا ئاپىرىدۇ< دىگەن خەتلەر يېزىلغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن دىۋانە >ئۈچىلىسى ماڭا كېرەك ئىكەن. >خۇدا دىگەن قۇلىغا ئەپكىپ بېرەر يولغا< دەپتىكەن. مانا خۇدا بەردى ئەمەسمۇ؟ ئوغرىنى قاراقچى ئۇردى، دەپ مەن بۇلارنى بىر جايلاي< دەپ ئويلاپتۇ - دە!
- قولۇڭلاردىكى ئوق - يالارنى ماڭا بېرىڭلار. مەن ئۈچ ئوقنى ئاتاي، كىم ئوقيانى بۇرۇن تېپىپ كەلسە چاپاننى شۇ ئالسۇن، ئىككىنچى بولۇپ كەلگىنى داستىخاننى، ئۈچىنچىسى ئورۇندۇقنى ئالسۇن، مۇشۇنداق قىلسام قوشۇلامسىلەر؟ - دەپتۇ. ئوغرىلار بونىڭغا قوشۇلۇپتۇ. دىۋانە كامالەكنى تازا چىڭ تارتىپ ئۈچ ئوقنى ئاتقان ئىكەن. ئۈچ ئوغرى ئوقلارنى قوغلاپ، ئارقىسىغىمۇ قارىماي يۈگۈرۈپ كېتىپتۇ. دىۋانە داستىخاننى، چاپاننى ئالدىغا قويۇپ ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، كۆرسىتىلگەن ئايەتنى ئوقۇغان ئىكەن. ئورۇندۇق غارقىراپ ئوچۇپ كېتىپتۇ. ئوغرىلار چاڭ - توپا ئىچىدە قاپتۇ. دىۋانە ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ تاغ باغرىدىكى بىر بۇلانى كۆرۈپتۇ. ئۆزىنىڭمۇ قورسىقى ئاچقان ئىكەن. ئۇ >توختا، داستىخاننىڭ كارامىتىنى بىر كۆرەي< دپ بۇلاق بويىغا چۈشۈپتۇ - دە، ئايەتنى ئوقۇپ، >ئېچىلىڭ داستىخىنىم< دەپتىكەن. داستىخان ئېچىلىپ، تۈرلۈك - نازۇ - نېمەتلەر ھازىر بولۇپتۇ. دىۋانە خوشاللىقىدا تاماق يەپ ئولتۇرسا، تاغ تەرەپتىن بىر كىيىك كېلىپ، بۇلاققا چۈشۈپ ناھايىتى كېلىشكەن بىر قىزغا ئايلىنىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە نۇرغۇن كىيىك كېلىپ بۇلاققا چۈشۈپتۇ. ئۇلارمۇ قىزلارغا ئايلىنىپتۇ. قىزلار چۆمۈلۈپ بولۇپ، بىر چىنارنىڭ تۈۋىگە كېلىپ بەزمە قۇرۇشۇپتۇ. دىۋانە بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە سىرنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلگەن ئىكەن. قىزلار شۇئانلا بۇلاققا چۈشۈپ كىيىككە ئايلىنىپ تاققا چىقىپ كېتىپتۇ. دىۋانە يېنىدىكى قاپىقىغا كىيىك ئادەمگە ئايلىنىدىغان سۇدىن ئېلىۋاپتۇ. ئاندىن چاپاننى قولىغا ئېلىپ >چاپىنىم مىڭ تىللا بەرسىڭىز< دىگەن ئىكەن، شۇئان مىڭ تللا پەيدا بولۇپتۇ. دىۋانە مىڭ تىللارنى يانچۇقىغا سېلىپ، يەنە ئۇچۇپتۇ. بىردەمدىلا ئۇ بىر شەھەرگە بېرىپ چۈشۈپتۇ - دە، بىر ساراينىڭ ئالدىغا كەلسە، سارايۋەن:
- ھەي دىۋانە، بۇ سەن ياتىدىغان ساراي ئەمەس، - دەپتۇ. دىۋانە يېنىدىن بەش تىللا چىقىرىپ بېرىپتىكەن. ھېلىقى سارايۋەن دەرھاللا:
- ھوي بېگىم، قەيەردە ياتىلا؟ - دەپ تازىم قىلىپتۇ.
- ماڭا يالغۇز بىر ئۆي بېرىڭ، - دەپتۇ دىۋانە شۇنداق قىلىپ دىۋانە يالغۇز بىر ئۆيگە چۈشۈپتۇ. سارايۋەن >بۇ ئۆزى بىر دىۋانىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەجىبا ماڭا ئىككى ئايدا تاپىدىغان پۇلنى بېرىۋەتتى< دەپ ھەيران بولۇپ قاپتۇ.
- دىۋانە تاماق يەپ ئولتۇرسا بىردىنلا ناغرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ
- ھوي بۇ نىمە ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ دىۋانە. سارايۋەن:
- بۇ يەرنىڭ پادىشاھى پۇلغا ناھايىتى ئامراق، ئۇنىڭ ئۆيىدە كېلىشكەن گۈزەل بىر قىز بار، ئۇ قىز شۇنداق گۈزەلكى، ھەر قانداق ئادەم بىر كۆرسە ياشارغاندەك بولىدۇ. پادىشاھ پۇل تېپىش ئۈچۈن شۇ قىزنى ئىشقا سالدى. كىمدە - كىم يۈز تىللانى تەق قىلسا شۇ قىزنى كۆرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر كېچە بىللە بولىدۇ. شۇڭا يۈز تىللا تەييارلىغۇچى ناغرىنى چالىدۇ، -دەپتۇ.
دىۋانە بۇ گەپلەرنى قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە يۈز تىللا تۆلەپ قىزنى ئۆز ھوجرىسىغا ئېلىپ كەپتۇ. قىز سۆز باشلاپ:
- مەن ئەسلى بىر كەمبەغەلنىڭ قىزى ئىدىم. دادام قەرزدار بولۇپ قېلىپ مېنى پادىشاھقا ساتتى. دادام ئەسلى مېنى بىر يىللىق ساتقان ئىدى. بىر يىل توشتى. ئەمما بىر جازانىخور پادىشاھ دادامغا >قىزىڭغا ئوسما ئالدۇق، پوسما ئالدۇق، كىيىم - كېچەك كىيگۈزدۇق< دەپ مېنى قايتۇرۇپ بەرمىدى. بەش يىلنىڭ مابەينىدە خارلاپ كەلدى. مەن رەزىل تۇرمۇشتىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىمەن بۇنداق ياشاشنى ۋىجدانىم ئەسلا كۆتۈرمەيدۇ. ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن سەۋر قىلىپ كەلدىم، - دەپتۇ.
دىۋانە بۇنى ئاڭلاپ:
- سىز بۇ يەردىن قۇتۇلۇشنى خالامسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئەلۋەتتە خالايمەن، دەپتۇ قىز، - مېنىڭ بۇ ئىپلاسلىقتىن قۇتۇلۇپ، بىر ئادەمگە تۇرمۇشقا چىقىپ، ئۆمرۈمنى شۇ ئادەمنىڭ خىزمىتىدە ئۆتكۈزسەم دىگەن ئۈمىدىم بار.
- مەن سىزنى قۇتۇلدۇرسام قانداق: - دەپتۇ دىۋانە.
- قۇلىڭىزدىن كەلسە ناھايىتى خوشال بولغان بولاتتىم، سىزگە ئۆمۈر بويى دۇئا قىلغان بولاتتىم، - دەپتۇ قىز.
- ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ دىۋانە، - مەن سىزنى كىيككە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن، پادىشاھ >بۇنى ساقايتىدىغان ئادەم بارمۇ؟< دەپ پەرمان چىقىرىدۇ. مەن تېۋىپ بولۇپ كېلىپ، سىزنى ساقايتىپ ئېلىپ كېتىمەن.
- ماقۇل، - دەپتۇ قىز.
دىۋانە قاپاقتىكى سۇنى قىزنىڭ بېشىغا شۇنداق قۇيغان ئىكەن. قىز كىيىككە ئايلىنىپ قاپتۇ. ئۇ يۈرگۈزۈپ ئۆيگە كىرىپتۇ. پادىشاھ ھەيرانۇ - ھەس بولۇپ قاپتۇ. ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئامالىنى تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن:
- كىمكى بۇ كىيىكنى ئادەمگە ئايلاندۇرسا مەن ئۇنى شۇ كىشىگە بېرىمەن، - دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.
دىۋانە بېشىغا يوغان سەللىسىنى يۆگەپ، باشقىچە ياسىنىپ كېلىپ پادىشاھقا:
- ھوي بۇ قىز دىۋە - پەرىلەرنىڭ ھەققىنى يەپ سالغان ئىكەن. مەن قىزنى پۈتۈن دىۋە - پەرىلەرنى يىغىپ، دۇئا ئوقۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. سىلە پۈتۈن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بەش كۈنگىچە تالاغا چىقمىسىلا، - دەپتۇ. ھەممە ئادەم ئۆز ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. قاپىقىدىكى سۇنى كىيىكنىڭ بېشىغا قۇيغان ئىكەن، قىز ئەسلىگە كېلىپتۇ.
- ئەمدى مەن سىزنى ئاتا - ئانىڭىزنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قوياي، - دەپتۇ دىۋانە.
- ياق، مەن سىز بىلەن بىللە كېتىمەن. سىز مېنى ئىپلاس تۇرمۇشتىن قۇتۇلدۇردىڭىز، شۇڭا مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىمەن، - دەپتۇ قىز.
- مەن سىزگە قانچىلىك دىسىڭىز، شۇنچىلىك مال - دۇنيا بېرەي، دادىڭىزنىڭ يېنىغا كېتىڭ، - دەپتۇ دىۋانە.
- ياق، سىز بىلەن كېتىمەن، - دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇ قىز.
- راستىنلا مەن بىلەن كېتىشنى خالامسىز؟ - دەپتۇ دىۋانە.
- راستىنلا، - دەپتۇ قىز.
شۇنىڭ بىلەن دىۋانە قىزنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كەپتۇ. ئاتا - ئانىسىنى تېىپىپ قىرىق كېچە - كۈندۈز تويقىلىپ، قىزنى نىكاھىغا ئېلىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ناھىيە كونا شەھەر ئىككىنچى رايوندىن ھامۇتۇم.