تۆت دوست
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئاتا - بوۋام زامانىسىدا بېدىنى تويغىچە يەپ، قورسىقىنى كۆپتۈرۈۋالغان بىر ئېشەك ئەسكى تاملىقتىكى كۈلدە راسا ئېغىناپ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ يېتىپتۇ - دە، ئۇنىڭ خىيالىغا بىردىنلا «بۇ دۇنيادا مېنى ياخشى كۆرىدىغان نەرسە بارمىدۇ؟» دېگەن ئوي كەپتۇ. نېرى ئويلاپتۇ، بېرى ئويلاپتۇ، ئاخىر ھېچقانداق نېمىنىڭ ئېشەكنى ياخشى كۆرىدىغانلىنىنى تاپالماپتۇ.
ئېشەك ئۆزىدىن ئۆزى رەنجىپ «توختا، مەن دۇنيادا بىر ياخشى ئىش قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ ئېتىمنى چىقىراي» دەپ ئويلاپتۇ - دە، ياخشلىق ئىزدەپ سەپەرگە چىقماقچى بوپتۇ. ئەنە شۇ ئوي بىلەن ئالمان - تالمان ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپتۇ ۋە ئۈستىدىكى كۈللىرىنى سىلكىۋېتىپ، بېشى قايغان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، بىر يەرگە بارغاندا، بىر قوشقار يولۇقۇپ قاپتۇ.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئېشەك ئاكا! سەپەر نەگە؟ - دەپ سوراپتۇ قۇشقار. خېلى مېڭىپ زېرىككەن ئېشەك توختاپ تۇرمايلا؛
_ ۋائەلەيكۇم ئەسسالام، ئىنىم قوشقار، ئەھۋالىڭ قانداق ؟ ئۆزۈڭ مايسىلىرى چىرايلىق ئېتىز تەرەپتىن كېلىۋېتپسەن، غېمىڭ يوق ئوخشايدۇ - ھە؟ - دەپتۇ.
_ سىزدىچۇ؟ - دەپتۇ قوشقار.
_مەندىمۇ غەم يوق ، لېكىن ئارا - بوۋىمىز «تۇغۇلغانلار ئۆلىدۇ، بەلگىسىز بولۇپ كېتىدۇ، ئەمما بىر ياخشىلىق ئۆلمەي مەڭگۈ قالىدۇ» دەپتىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمرۈمدە بىر ياخشىلىق قالدۇراي دېگەن نىيەت بىلەن ياخشىلىق ئىزلەپ كېتىۋاتىمەن، - دەپتۇ.
يالغۇز قېلىپ زېرىككەن قوشقارغا بۇ سۆز ناھايىتى يېقىپ كېتىپتۇ.
_ سىزنىڭ بۇ سەپىرىڭىز ناھايتى ياخشى ئىكەن، مەنمۇ سىزگە ھەمراھ بولسام، - دەپتۇ.
_ بولىدۇ، - دەپتۇ ئېشەك.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى دوست يولغا چۈشۈپتۇ. بىر يەرگە يېتىپ بارغاندا بىر كىرپە قوشۇلۇپتۇ، شۇنداق قىلىپ، بۇ دوستلار تۆت بولۇپ، بىر نەچچە كۈن ئۇزۇن - قىسقا يوللارنى، ئېگىز - پەس داۋانلارنى بېسىپ، ھارغاننى ئېلىپ، قالغاننى باشلاپ، يېقىلغاننى يۆلەپ، ئۆزلىنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسىنى ئېيتىپ بىر چۆلدە كېتىپ بارسا، ئېچىقاپ كەتكەن بىر بۆرى قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ، بۇلارنىڭ ئالدىدىن چىقىپ قاپتۇ. بۆرىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپتۇ.
_ سىلەر يۇشۇرنۇڭلار ، - دەپتۇ ئېشەك دوستلىرىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆزى يول ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپتۇ. قوشقار بىر قورام تاشنىڭ ئارقىسىغا، خوراز بىر ياغاچنىڭ ئۇچىغا چىقىۋاپتۇ. كىرپە بولسا، بىر تۆشۈككە كىرىپ مۈكۈنۈپتۇ.
ھېلىقى ئاچكۆز بۆرى توپتوغرا ئېشەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ.
_ نەگە ماڭدىڭلار، ئېشەك؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ سەپەرگە.
_ بالدۇرراق چىقساڭلارچۇ بۇ سەپەرگە. سىلەرنىڭ كېچىكىشىڭلار مېنى بەك قىينىدى. يەتتە كۈندىن بېرى ئاچلىقتا بەكمۇ قىينالدىم. سىلەر ئۇچرىمىساڭلار، بۈگۈن ئۆلۈپ قالاتتىم، ھېلىمۇ ياخشى سىلەرنى «خۇدا » يەتكۈزدى، - دەپ خوشال بولۇپ كېتىپتۇ، - قېنى سىلەر تۆت ئىكەنسىلەر، ئاۋۋال بىرنى چىقىرىپ بەرگىن، بىر - بىردىن يەي.
ئىلاجسىز قالغان ئېشەك بىر تەرەپتىن قورقسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن غەزەبلىنىپ:
_ بوپتۇ، ئاۋۋال مېنى يەڭ، لېكىن تولا قورقۇتماستىن يەڭ. شۇنىڭ ئۈچۈم مەن ئارقا پۇتۇمنى كېرىپ بېرىمەن،
شۇ تەرىپىمدىن كېلىپ قورسىقىمنى يېرىپ يەڭ، - دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان بۆرى، ئىشقلىپ يېسەم بولىدىغۇ، دەپ ئويلاپتۇ - دە:
_ قېنى قانداق تۇرۇپ بېرىسەن؟ تۇرە چاپسان! - دەپتۇ.
ئېشەك ئۆز ۋەدىسى بويىچە ئارقا ئىككى پۇتىنى كېرىپ بىرىپتۇ. بۆرى كېلىپ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىدىن كېرىپ چىشلەي دېگەنىكەن، ئېشەك ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىغا بۆرىنىڭ بوينىنى مەھكەم قىسىۋېلىپ« ھى، ھا . . . ، ھى، ھا. . . »دەپ قاتتىق ھاڭراشقا باشلاپتۇ. قوشقار يۈگۈرۈپ كېلىپ بۆرىنىڭ بېقىنلىرىغا ئۈسكىلى تۇرۇپتۇ. ياغاچقا چىققان خوراز «قى - قى - قى - قىق تاياقنىڭ ئوزۇنىنى كېسەيمۇ، قىسىقىسىنىمۇ، يوغىنىنىمۇ، ئىنچىكىسىنمۇ؟» دەپ شاختىن - شاخقا سەكرەپ بېرىپتۇ، كىرپە بولسا، تۆشۈكتە تۇرۇپ « ھېلى چىقىمەن، بىخ - بىخ، ھېلى چىقىمەن بىخ - بىخ، ھېلى چىقسام يامان قىلىمەن، تېرەڭنى تاسما قېلىمەن، گۆشۈڭنى ئاسما قىلىمەن، بۇنى قويۇپ بەرمە چىڭ تۇت » دەپ ۋارقىراپ بېرىپتۇ.
ئېشەكنىڭ قىسىشى، قوشقارنىڭ ئۈسۈشى، خوراز بىلەن كىرپىنىڭ ۋارقىراشلىرىدىن ئەرۋاھى ئۇچقان بۆرى ئاران قۇتۇلۇپ، بىر پۇتىنى سۆرەپ ، تىلىنى چىقىرىپ، شۆلگىيىنى ئېقىتىپ ئارقىسىغا قارىماي قېچىپتۇ.
بۆرىدىن ئۆز جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بۇ تۆت دوست «دۇنيادىكى ھەممە ياخشىلىقنىڭ ياخشىسى بىرلىك ئىكەن، ئەگەر بىز تۆتىمىز بىرىكىپ، بىرىمىز ئۇنىڭ بوينىدىن قىسىۋالمىساق، بىرىمىز ئۈسمىسەك، ئىككىمىز ۋارقىرىشىپ بەرمىسەك، ئۇ ھەممىمىزنى يەپ قويۇشى چۇقۇم ئېدى. بىز ئەمدى زادى ئايرىلماس دوستلاردىن بولايلى» دېيىشىپ باشقىدىن چىن دوست بولۇشۇپ دۇنيادىن ئۆتۈشكەنىكەن.