UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقكەمەك ھەييار بىلەن مۇختەر ھەييار

كەمەك ھەييار بىلەن مۇختەر ھەييار

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا، ئىران پادىشاھىنىڭ تەۋەسىدە كەمەك دېگەن بىر ھەييار ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ھەييارلىقتا ئۆزىنى شۇنداق يېتىشكەن ھېسابلاپ، بۇ دۇنيادا ماڭا ھەييار تەڭ كېلەلمەيدۇ، دەپ يۈرىدىكەن. تەكلىماكاندا خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش مۇختەر دېگەن بىر ھەييار بولۇپ، ئۇمۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق ھەييارنى ئۆزىگە كۆرمەيدىكەن. شۇڭلاشقا ئۇلار ھەييارلىقتا بىرسى يەنە بىرىسنى چۈشۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكنى ئېلىش كويىدا يۈرىدىكەن. بىراق، كەمەك ھەييار قارا كۆڭۈل، مۇختەر ھەييار ئاق كۆڭۈل ئىكەن. كۈنلەردىن كۈنلەر ئۆتۈپ، كەمەك ھەييار مۇختەر ھەييارنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ئۈستۈنلۈك ئالماقچى بولۇپتۇ. كەمەك ھەييار مۇختەر ھەييارنى يوقىتىشنى ئويلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مۇختەر ھەييار >كىتابى جادۇ< نى ئېچىپ شۇنداق قارىسا، كەمەك ھەييارنىڭ ئۆزىگە قەست قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قاپتۇ. شۇندىن كېيىن مۇختەر ھەييار سالپاڭ قۇلاق، ئالا ئاياق ئېشىكىگە چوم توقۇپ، >رەببىم< دەپ مىنىپ، كەمەك ھەييارنىڭ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ھېرىپتۇ، بىر قوغۇنلۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ، قارا ياغاچ سايىسىدا ئۇخلاپتۇ. ئۇخلاش ئالدىدا ئۆزىگە ئەپسۇن ئوقۇپ، بېشىنى قوغۇنغا، بەدىنىنى پىلەككە ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. تاق شۇ چاغدا، كەمەك ھەييار >كىتابى جادۇ< غا قارىسا، مۇختەر ھەييارنىڭ ئۆزىگە قارشى يولغا چىقىپ، يول ئۈستىدە قوغۇن بولۇپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، كەمەك سېھىرگەر ھاسسىسىغا تايىنىپ، چاپىنىنىڭ پېشىنى قىستۇرۇپ، مۇختەر ھەييارنى ئىزلەپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ مۇختەر ھەييارنىڭ ئويغىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆلەر - تىرىلىشىگە قارىماي مېڭىپتۇ، يولدا ئولتۇرۇپ دەم ئالغىسىمۇ، بىرەر يۇتۇم سۇ ئىچكىسىمۇ كەلمەپتۇ. ئاخىرى ئۇ ھېلىقى يەرگە يېتىپ كەپتۇ. قارىسا، بېشى قوغۇن، بەدىنى پىلەك، بوينى ساپاققا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مەخلۇق پۇشۇلداپ ئۇخلاپ ياتقىدەك. كەمەك ھەييار: >سېنىڭ ئېپىڭنى مەن قىلاي، تازا ۋاقتىدا كەپتىمەن< دەپ ئويلاپ، بىر ئەپسۇن ئوقۇپ، مۇختەر ھەييارنى قاتتىق ئۇيقۇغا سېلىپ قويۇپ، قوغۇن، پىلەك، ساپاقلارنى يىغىشتۇرۇپ جەمشىتنىڭ يېنىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئالدىراشلىقتا مۇختەرنىڭ سالپاڭ قۇلاق، ئالا ئاياق ئېشىكىنى ئۇنتۇ قاپتۇ. كەمەك ھەييار مۇختەرنى كۆتۈرۈپ كەلگىچە ھېرىپ - ئېچىپ، تەرلەپ - پىشىپ، بەك كۆپ جەۋرى - جاپا چېكىپتۇ. كەمەك يۇرتىغا كەلگەندىن كېيىن، ھېچ يەرگە بارماي، ئاۋۋال ئۆز ئۆيىگە كىرىپ، مۇختەرنى سەللىسى بىلەن پىشايۋاننىڭ تۈۋرۈكىگە قاڭتۇرۇپ باغلاپتۇ. ئاندىن ئاچ قورسىقىنى توقلاپ، دۇنيادا ئاتاقلىق مۇختەر ھەييارنى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى جەمشىت پادىشاھقا مەلۇم قىلىپ، ئۇنىڭدىن مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن، ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ. كەمەك ھەييار قوراسىدىن چىقىشىغا مۇختەر ھەييار ئويغىنىپتۇ. قارىسا تۈۋرۈكتە باغلاقلىق تۇرغان. >ھە، قولغا چۈشۈپتىمەن، - دە< دەپ ئويلاپ مۇختەر. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بېشى قېتىپ، كۆزىگە دۇنيا قاپقاراڭغۇ بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ. ئېسىنى يىغىپ قارىسا، ھويلىدا كەمەك ھەييارنىڭ خوتۇنى يۈرگىدەك. مۇختەر ھەييار ئىش ئوڭغا تارتتى دەپ ئويلاپ: - يەڭگە، - دەپتۇ مۇلايىملىق بىلەن، - ئېرىڭىز تولىمۇ يامان ئادەم ئىكەن، - دەپتۇ. - ھەي مەخلۇق، قانداق يۈزۈڭ بىلەن مېنىڭ ئېرىم ئۈستىدە گەپ قىلىۋاتىسەن، - دەپتۇ ھەييارنىڭ ئايالى. - ئېرىڭىز قۇرۇسۇن، سىزدەك ئاي يۈزلۈك خوتۇنى تۇرۇپ، يەنە بىزنىڭ يۇرتتا بىرسىنىڭ قىزىنى ئالماق بولۇپتۇ. مەن ئۇنىمىۋىدىم، مېنى ئەكىلىپ باغلاپ قويدى، - دەپتۇ مۇختەر ھەييار. خوتۇن: - شۇ يۇرتتىكى قىزنى بېرىشكە قوشۇلمىغان بولسىڭىز، مەن سىزنى ئازاد قىلاي، مۇنۇ بىر تەشتەك ئالتۇننىمۇ ئېلىڭ، - دەپ مۇختەر ھەييارنى قويۇۋېتىپتۇ. مۇختەر ئۆگزىدىكى شاخ، پاخاللارنىڭ ئارىسىغا مۆكۈۋاپتۇ. كەمەك ھەييار بولسا، پادىشاھ جەمشىتنىڭ چوڭ مۇكاپاتىنى ئېلىپ، مۇختەرنى ئوردىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ. قارىسا مۇختەر يوق. كەمەك ھەييار مۇختەر ھەييارنى سۈرۈشتە قىلىپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپتۇ. كەمەك ھەييارنىڭ خوتۇنى ئۆزىنىڭ قىرىق چىلتىنى بىلەن بىرلىشىپ، كەمەككە ھەرىدەك يېپىشىپ تاياق - توقماقنىڭ ئاستىغا ئاپتۇ. تاياقنىڭ زەربىگە چىدىمىغان كەمەك ھەييار خوتۇنىنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، پادىشاھ جەمشىتنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. ئۇنىڭ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن مۇختەر ئاستا ئۆگزىدىن چۈشۈپ، سېھىرلىك ياغاچ چۆچىكىنى ئېرىقتىكى سۇغا پاتۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئەپسۇن ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپتىكەن، كەمەكنىڭ شەكلىگە كەپتۇ. ئۆيگە كىرىپ كەمەكنىڭ خوتۇنىغا: - مېنى چىلتەنلىرىڭ، بىلەن ئۇرغىنىڭ ۋە مۇختەرنى قاچۇرغىنىڭ ئۈچۈن، ئۈچ تالاق سەن، دەپتۇ. كەمەكنىڭ خوتۇنى كەمەك قىياپىتىدىكى مۇختەر ھەييارنى تونۇماي، ئۇنى كەمەك دەپ ئويلاپ پۈتۈن ئۆي - ۋاق، مال - مۈلۈكنى ھارۋا - ھارۋىلارغا باستۇرۇپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپتۇ. كەمەك قىياپىتىدىكى مۇختەر خوشنا - خۇلۇم،ئۆلىما، قازىلارنى چاقىرىپ كاتتا داستىخان ساپتۇ - دە، داستىخان ئۈستىدە كۆپچىلىككە:>خوتۇن< نى قويۇۋەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ سەپەرگە چىقماقچى بولغانلىقىنى، قورا - جايىنى سېتىپ، پۇل قىلىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ، شۇ جايدىلا قورا - جاينى بىر سودىگەرگە سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ كېتىپ قاپتۇ. كەمەك ھەييار قىياپىتىدىكى مۇختەر ھەييار كېتىشى بىلەنلا راست كەمەك ھەييار قوروغاكىرىپ: - ھەي خوتۇن، بۇ ياققا چىق، ساڭا پادىشاھ جەمشىت جازا بۇيرۇدى، - دەپ ۋارقىرىغان ئىكەن، ئۆيدىكى قورانى سېتىۋالغان سودىگەر چىقىپ: - خوتۇنىڭىزنى تالاق قىلىپ قويۇۋېتىپ، قورونى ماڭا سېتىۋېتىپ، پۇلنى يانچۇقىڭىزغا سېلىۋېلىپ، ئەمدى يەنە: >ۋاي خوتۇن، بۇياققا چىق!< دەيسىز!، ئېسىڭىزنى يوقىتىپ قويدىڭىزمۇ؟ - دەپتۇ. كەمەك ھەييار بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇختەرنىڭ ھىيلىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۈن چىقارماي قورودىن چىقىپ، ئۇنداق ئويلاپ، مۇنداق ئويلاپ مۇختەردىن ئۆچىنى ئالماق بولۇپتۇ، ئۆزىنىڭ چىلتەنلىرىنىڭ قولىغا قىلىچ، نەيزە بېرىپ مۇختەرنى قوغلاپتۇ. مۇختەر ھەييار >كىتابى جادۇ< غا قاراپ كەمەك ھەييارنىڭ قىرىق چىلتىنى بىلەن قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر چايخانىنىڭ ئالدىدا تىلەمچى بولۇپ، كۇلا كىيىپ ئولتۇرۇۋاپتۇ. كەمەك ھەييار چايخانىغا كېلىپ بىر قاراپلا مۇختەر ھەييارنىڭ تىلەمچى بولۇپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. - ئەمدى قولۇمغا چۈشتۈڭ، - دەپتۇ كەمەك ھەييار ۋە چىلتەنلىرىگە، - ئاۋۇ تىلەمچىنى تۇتۇڭلار، - دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ. مۇختەر ھەييارمۇ بوش كەلمەي بىر دومىلاپ قىرىق چىلتەننىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ، كەمەك ھەييارنى كېلىشتۈرۈپ بىرنى تېپىپ، چايخانىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋاپتۇ. ئۇلار قوغلاپتۇ، مۇختەر ھەييار بولسا، ئۆچكىدەك بالداقمۇ - بالداق سەكرەپ بىر ئېگىز مۇنارغا چىقىۋېلىپ: - كەل كەمەك، مەن ئۆز پۇت - قۇلۇمنى ساڭا باغلاپ بېرىمەن، - دەپ ئۇنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپتۇ. بۇنىڭ ئەلىمىگە چىدىمىغان كەمەك ھەييار ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلاپ، ساقىلىنى يۇلۇپ، تېپىچەكلەپ، يۇقىرى ئۆرلىگەن ئىكەن، مۇنارنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا بارمايلا، پالاققىدە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. كەمەك ھەييار چىلتەنلىرىنى يىغىپ، توۋلاپ تۇرۇپ: >مۇختەر ئادەم ئەمەس، شەيتان ئىكەن. ئۇنى تۇتقىلى بولمايدىكەن، ئۇنىڭدىن پادىشاھنىڭ ئالدىغا مۇختەر قورقۇپ قېچىپ كەتتى دەپ بارايلى< دەپتۇ، - دە چىلتەنلىرىنى باشلاپ قايتىپ كېتىپتۇ. كەمەكنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالغان مۇختەر ھەييار دەرھال مۇناردىن چۈشۈپ باشقا بىر كوچا بىلەن كېتىۋاتسا، پادىشاھنىڭ بىر ۋەزىرى يولۇقۇپ قاپتۇ. ئۇنى سېھىرگەرلىك بىلەن ئۇخلىتىپ قويۇپ، ئۆزى ۋەزىر قىياپىتىگە كىرىپتۇ - دە، ۋەزىرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ ئوردىغا كەپتۇ. كەمەك ھەييار دەل شۇ چاغدا ئوردىغا كېلىپ: - پادىشاھىم، مەن چىلتەنلىرىم بىلەن مۇختەر ھەييارنى دىۋانە قىياپىتىدە تۇتقان ئىدىم، يولدا كېلىۋېتىپ قېچىپ كەتتى، - دەپ مەلۇم قىلىپتۇ. - ئۇنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنگىم كەلمەيدۇ، - دەپتۇ پادىشاھ، - سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن. ئەگەر مۇختەر مۇشۇ يەردە بولغان بولسىدى، ئىككىڭنى قىلىچۋازلىق قىلدۇراتتىم. شۇ چاغدا قايسىڭنىڭ دۇنيادا داڭلىق ھەييار ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتىم. پادىشاھ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋەزىر قىياپىتىگە كىرىۋالغان مۇختەر ھەييار پادىشاھقا دەپتۇ: - سىز ماڭا ئالتۇن - تىللا بېرىڭ. مەن مۇختەرنى ئاياق ئاستىلىرىدىن ئۈندۈرۈپ بېرىمەن. - ئەجەپ ئىش، - دەپتۇ پادىشاھ چۆچۈپ. - شۇنداق تەقسىر، - دەپتۇ ۋەزىر قىياپىتىدىكى مۇختەر ھەييار. پادىشاھ غەزىنىچىگە مىڭ ئالتۇن تىللا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. ۋەزىر قىياپىتىدىكى مۇختەر ھەييار مىڭ ئالتۇن - تىللانى بىلىكىگە تۈگۈۋېتىپ: - مانا قاراڭ، مەن مۇختەر ھەييار! - دەپتۇ پادىشاھقا. پادىشاھنىڭ ئالدىدا راست مۇختەر ھەييار پەيدا بولۇپتۇ. ئاندىن پادىشاھ سىرتقا بىر چوڭ سەينا ياسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىلىچۋازلىق باشلىنىپتۇ. مۇختەر ھەييار قىلىچىنى ئوينىتىپ بېرىپ كەمەكنىڭ ئۈستىگە بىرنى ئۇرۇپتۇ، ئاندىن قىلىچىنىڭ ئۇچى بىلەن كەمەك ھەييارنى ئېلىپ، يىراققا تاشلىۋېتىپتۇ. كەمەك ھەييار جان ئاچچىقىدا چىلتەنلىرىنى ياردەمگە چاقىرىپتۇ. ئۇلار بىر بولۇپ مۇختەر ھەييارغا ھۇجۇم قىلىپتۇ. سورۇندا قىلىچۋازلىق راسا ئەۋجىگە چىقىپتۇ. مۇختەر ھەييار چىلتەنلەرنى بىر - بىرلەپ يىقىتىپ كېتىۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت بىر چوڭقۇر ئورىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. كەمەك ھەييار خۇش بولۇپ كېتىپ، چىلتەنلىرىگە ئورىنى تىندۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. چىلتەنلەر ھەش - پۈش دېگۈچە ئورىنى قۇم بىلەن تىندۇرۇۋېتىپتۇ. >مۇختەرنى ئۇجۇقتۇردۇم< دەپ ئويلىغان كەمەك ھەييار مۇغەمبەرلىك بىلەن پادىشاھقا: - بۇ ئادىمى شەيتان مۇختەرنى ھالاك قىلدىم، - دەپتۇ. مۇختەر ھەييار ئورىنىڭ ئاستىنى يان تەرىپىگە قارىتىپ تېشىپ، تۆشۈكنى پادىشاھ تۇرغان ئۆينىڭ ئاستىغا يەتكۈزۈپ، قىلىچىنىڭ ئىنچكە ئۇچىنى پادىشاھنىڭ تاپىنىغا تىقىپتۇ. - ۋاي دات، مېنى يىلانمۇ، چايانمۇ چېقىۋالدى، مېنى قۇتقۇزۇڭلار، - دەپ ۋارقىراپتۇ پادىشاھ. ئوردىدىكى ھەممە ئەمەلدارلار كېلىپ، يىلاننى ئىزدەپ تاپالماپتۇ. پادىشاھ كېچىدە تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەندە، مۇختەر تۆشۈكتىن چىقىپ، تامغا تارتىپ قويۇلغان گىلەمنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋاپتۇ. ئاندىن پادىشاھنى قىلچىنىڭ ئۇچى بىلەن نوقۇپ ئويغىتىپ غەلىتە ئاۋاز بىلەن: - مەن جېنىڭنى ئالىدىغان ئەزرائىل، سېنىڭ بۈگۈن رىسقىڭ پۈتۈپ، ۋاقتى سائىتىڭ توشتى، ئۆلۈمگە تەييار بولۇپ، ئامانەتنى تاپشۇر، - دەپتۇ. ئۆلۈم خەۋىپىدىن چۆچۈپ گاڭگىراپ قالغان پادىشاھ: - ماڭا رەھىم ئەيلە، يەنە بىر ئاز ياشاي، نېمە خالىساڭ، شۇنى ئا، جېنىمدىن باشقىنى تىلە، - دەپتۇ. مۇختەر ھەييار: - ماڭا مۇشۇ كىچىككىنە داخۇر كالۋارىمنى تولدۇرۇپ ئالتۇن بەرسەڭ، ساڭا ياشاشقا يەنە ئاز ۋاقىت بېرىمەن، - دەپتۇ. پادىشاھ ئالتۇن بېرىشكە ماقۇل بولۇپ، پۈتۈن غەزىنىسىدىكى ئالتۇننى ئېلىپ چىقىپ، داخۇر كالۋانى تولدۇرالماپتۇ. قالغان قىسمىنى مۇختەر ھەييار ئۆزى بىرلا >سۇپ< دەپ تولدۇرۇپتۇ. - داخۇر كالۋانى تولدۇرالمىدىڭ، ئەمدى سەن قىرىق كۈنلا ياشايسەن، - دەپ ئەزرائىل قىياپىتىدىكى مۇختەر ھەييار غايىپ بولۇپتۇ. پادىشاھ جىمىكى ۋەزىر - ۋۇزۇرالىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ: - تەقدىر - پىشانە، ئەزرائىل جېنىمنى ئالغىلى كەلگەن ئىكەن، غەزنىدىكى ھەممە ئالتۇننى بېرىپ، مىڭ بىر يالۋۇرۇپ يېلىنىپ يۈرۈپ، جېنىمنى 40 كۈندىن كېيىن ئېلىشقا مۆھلەت ئالدىم، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان كەمەك ھەييار ئۆتكەنكى كەچمىشلەرنى بىرمۇ بىر يادىغا ئېلىپ: - ھەي، زاتى ئۇلۇغ پادىشاھىم، ئۇ ئەزرائىل ئەمەس، مۇختەر ھەيياردۇر، - دەپتۇ. - ۋۇي، ئۇنى ئورىغا كۆمۈپ ئۆلتۈرمىگەنمۇ؟ - دەپتۇ پادىشاھ. - تەقسىر، ئۇنىڭ ھىيلىسى، پەم - پاراسىتى بىر خىسلەت. مېنىڭ ئەپسۇنلىرىممۇ كارغا كەلمىدى، - دەپ ئۆزىنىڭ يېڭىلىپ قالغانلىقىنى ئىقرار قىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ جۇدۇنى ئۆرلەپ: - سەن بۈگۈن مۇختەرنى تۇتۇپ كەلمەيدىغان بولساڭ، تېرەڭنى تەتۈر سويىمەن، - دەپتۇ پادىشاھ كەمەك ھەييارغا بۇيرۇق قىلىپ، كەمەك ھەييار يەنە ئۆزىنىڭ قىرىق چىلتىنى ئەگەشتۈرۈپ مۇختەر ھەييارنى قوغلاپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار چۆل دېمەي، تاغ دېمەي، سۇ ۋە جاڭگال دېمەي، ئات چاپتۇرۇپ مېڭىپ مۇختەرنى نەق تەكىلىماكانغا يېقىن بىر جايدا سايىداپ تۇرغاندا قوغلاپ يېتىپتۇ. كەمەك ھەييار دەرھال چىلتەنلىرىگە: - ئورا كولاپ، ئۆزۈڭلار ئورىنىڭ ئىچىگە مۆكۈنۈڭلار، مەن مۇختەرنى ئويغىتىپ ئۆزۈم ئورا تەرەپكە قاچىمەن، مەن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى پۇتىغا سىرتماق سېلىپ تۇتۇڭلار، - دەپ ئۈگىتىتپۇ. كەمەك ھەييار ئۇخلاۋاتقان مۇختەر ھەييارنى قىلىچىنىڭ دەستىسى بىلەن ئۇرۇپتۇ. مۇختەر ھەييار ئويغىنىپ قارىسا، كەمەك ھەييار يېنىدا تۇرغان. ئۇ سەكرەپ قويۇپلا كەمەك ھەييارنى قوغلاپتۇ. مۇختەر ھەييار ئورىدىن ئاتلاپ ئۆتمەكچى بولغاندا، سىرتماققا چۈشۈپ قېلىپ، تۇتۇلۇپ قاپتۇ. كەمەك ھەييار مۇختەر ھەييارنى قىرىق بىر يەردىن باغلاپ، چىلتەنلىرى بىلەن قورشاپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. پادىشاھ مۇختەرنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپتۇ: - جاللات! - دەپ ۋارقىراپتۇ - دە، ئۆزى تەختنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋاپتۇ. پۈتۈن تېنى قاپقارا، قارا ساقال قىرىق جاللات كىرىپ كەپتۇ - دە، پادىشاھقا: - ھايال قىلماي بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمىز، - دەپ قول قوشتۇرۇپ ۋەدە بېرىپتۇ. مۇختەر ھەييار كۈلۈپ قويۇپتۇ. پادىشاھ: - مۇختەرنى چاپماي، ئېسىپ ئۆلتۈرۈڭلار، - دەپ ھۆكۈم قىلىپتۇ. - پادىشاھ، - دەپتۇ مۇختەر، - مەن ساڭا يامانلىقىنى راۋا كۆرمەي، قەست قىلمىغان ئىدىم. مەن خالىسام كۆزۈڭنى قارغۇ، پۇتۇڭنى توكۇر، تىلىڭنى كىكەچ قىلىۋېتەتتىم ياكى جېنىڭنى ئالغان بولار ئىدىم. سەن مەرتلىك ئالدىدا نامەرتلىك قىلدىڭ... - دەرھال ئېلىپ چىقىپ ئېسىڭلار! - دەپ ۋارقىراپتۇ پادىشاھ... - قىرىق جاللات مۇختەرنى دار ئاستىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. - جاللاتلار، مەن قەسەم ئىچىمەنكى، قاچمايمەن، ماڭا ئۆلۈم ئالدىدا يۈتۈم سۇ بېرىڭلار، - دەپتۇ مۇختەر ھەييار. جاللاتلار مۇختەرنىڭ قەسىمىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا سۇ بېرىپتۇ. مۇختەر سۇنى ئۆزىنىڭ سېھىرلىك چۆچىكىگە قويۇپ: - مەن قاچمايمەن دەپ قەسەم ئىچتىم، ئەمما ئۇچمايمەن، - دىمىدىم، - دەپتۇ - دە، چۆچەكتىكى سۇنى بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ تۆكۈۋېتىپ كەپتەر بولۇپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. مۇختەرنىڭ دارغا ئېسىلىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن پادىشاھ ھەممە ۋەزىرلىرى ۋە كەمەك ھەييار بىلەن ئوردا پەشتىقىغا چىقىپ قاراپ تۇرغان ئىكەن، كەپتەر ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئارتىلىپ غايىپ بولۇپتۇ. جاللاتلار ھاڭ - تاڭ بولۇپ قاپتۇ. كەمەك ھەييار بىلەن پادىشاھمۇ ئاسمانغا قاراپتۇ، ئەمما كەپتەرنى كۆرەلمەپتۇ. مۇختەر ھەييار شەھەرگە چۈشۈپ، بىر مەدىكار قىياپىتىگە كىرىۋاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كەمەك ھەييار خوتۇنى بىلەن ياراشماقچى بولۇپتۇ، قازىلار يول قويماپتۇ. - يول تېپىڭلار، - دەپتۇ پادىشاھ. - يولى تەيلى، - دەپتۇ قازىلار. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار كەمەك ھەييارنىڭ ئايالىنى تەيلى قىلىش ئۈچۈن، مەدىكار ئىزلەپ، ئۇنى مەدىكار قىياپىتىگە كىرىۋالغان مۇختەر ھەييارغا نىكاھلاپتۇ. كۆپچىلىك ئەتىسى، بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپ، خوتۇنىنى ئاجرىتىۋالماقچى بولۇپ ئۆيگە كىرسە، كەمەك ھەييارنىڭ خوتۇنى بىلەن مۇختەر ھەييار ياتقان. بۇنى كۆرگەن پادىشاھمۇ ھەيران بولۇپ، ئاپىرىن ئوقۇپتۇ ۋە مۇختەر ھەييارنى ئالتۇن - كۈمۈشلەر بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇختەر ھەممە ئالتۇنلارنى ئېلىپ، ئۆز يۇرتى تەكلىماكانغا قايتىپ كەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق