UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقخاسىيەتلىك چۈش

خاسىيەتلىك چۈش

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر تۇل خوتۇن ئۆتكەن ئىكەن. بۇ خوتۇننىڭ دۇنيالىقتا بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئۇ كەيمە تاز ئىكەن. بالا ھەر كۈنى جاڭگالدىن يانتاق ئەكېلىپ ناۋايخانىغا ساتىدىكەن. شۇ كىرىم بىلەن كۈن كەچۈرىدىكەن. بۇ تاز بالا كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ: ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۈن، سول تەرىپىدە ئاي ياتارمىش، ئۇ بىردەم كۈننى، بىردەم ئاينى قۇچاقلايمىش... ئۇ، بۇ چۈشىنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا ئانىسىغا ئېيتىپتۇ. ئانىسى ئۇنىڭ چۈشىنى تولىمۇ زەڭ قويۇپ ئاڭلاپتۇ. ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ھەسرەت بىلەن ئۇزۇن بىر ئۇھ تارتىپ، ئاندىن بالىسىغا: - سەن بىر خاسىيەتلىك چۈش كۆرۈپسەن. ئۇنىڭغا تەبىر بېرىشكە مەنمۇ ئاجىزلىق قىلىمەن. ئەڭ ياخشىسى بۇ چۈشۈڭنى پادىشاھنىڭ مەلىكىسىگە ئېيتىپ بەر، مەلىكە ئىنتايىن زېرەك ۋە دانىشمەن، بۇنداق چۈشكە توغرا تەبىر بېرەلەيدۇ، - دەپتۇ. تاز يېرىم كېچىدە ئوردىغا يېتىپ كەپتۇ. مەلىكىنىڭ ھۇجرىسىنى تېپىپ، دېرىزىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆينىڭ ئىچىگە قاراپتۇ. مەلىكە مۇھەببەتدىشى بىلەن ئېچىلىپ - يېيىلىپ ئويناپ ئولتۇرغان ئىكەن. مەلىكە دېرىزىنىڭ سىرتىدا قاراپ تۇرغان تازنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئورنىدىن تۇرۇپ، دېرىزە يېنىغا كېلىپ: - ھەي تاز، بۇ يەرگە نېمە بار دەپ كەلدىڭ؟ - دەپتۇ. - ئاخشام ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. سىلىنى ئۆرۈپ بېرەمدىكىن، دەپ كەلدىم، - دەپتۇ تاز. - قانداق چۈش ئىكەن ئۇ، قېنى دەپ باقە؟ - كۈننى ئوڭ تەرىپىمگە، ئاينى سول تەرىپىمگە ئېلىپ قۇچاقلاپ يېتىپ چۈش كۆرۈپتىمەن. تازنىڭ چۈشىنى ئاڭلاپ مەلىكىنىڭ كۆڭلى بىر قىسىم بولۇپ، چىرايى تۇتۇلۇپ، قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە ئاچچىقى بىلەن: - بۇنداق چۈشنى ئۆرۈگىلى بولمايدۇ، ماڭ، نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە كەت! - دەپتۇ. تاز ئىلاجىسىز ئارقىسىغا يانغان بولسىمۇ، لېكىن مەلىكىنىڭ سۆزىگە قايىل بولماي، كەتكىسى كەلمەپتۇ. ئاستا دەسسەپ يېنىپ كېلىپ، دېرىزە قاپقىسىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ تىڭشاپ تۇرۇپتۇ. مەلىكىنىڭ مۇھەببەتدىشى: - بۇ تازنىڭ چۈشىنى ئەجەپ ئۆرۈگىڭىز كەلمىدىغۇ مەلىكەم، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ - دەپ سوراپتۇ: - بۇ چۈشتىن قارىغاندامۇشۇ تاز كەلگۈسىدە مېنى ئۆز ئەمرىگە ئالماقچى. تاز ئوڭ يېنىغا ئېلىپ قۇچاقلاپ ياتقان كۈن مەن بولىمەن. مېنىڭ ئۈستۈمگە يەنە بىر پەرىزاتنى ئالىدىكەن، ئۇ مەندىنمۇ چىرايلىق ئىكەن، تاز سول يېنىغا ئېلىپ قۇچاقلىغان ئاي ئەنە شۇ پەرىدۇر، - دەپتۇ مەلىكە. مەلىكىنىڭ مۇھەببەتدىشى بۇ تەبىرگە ئىشەنگۈسى كەلمەي، ياقىسىنى تۇتۇپ: - خۇدا ساقلار، ئۇنداقمۇ بولماس، - دەپتۇ. - شۇنى دېمەمسىز. مەن بولسام بىر پادىشاھنىڭ قىزى، نەسلىمىز ئېسىل ئادەملەر، قانداقمۇ بۇ گاداي تازغا خوتۇن بولىمەن. شۇڭا تازنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىمانىم قىرىق گەز ئۇچتى. تاز رامنىڭ كەينىدە تۇرۇپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىۋاپتۇ. شۇ يەردىن يۈگۈرگەپ پېتى ئۆيىگە بېرىپ بولغان ۋەقەنى ۋە ئاڭلىغان گەپلىرىنى ئاپىسىغا بىرمۇبىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. - ئەمدىچۇ بالام، - دەپتۇ تازنىڭ ئاپىسى، - يەنە ئارقاڭغا يېنىپ مەلىكىنىڭ ھوجرىسىغا بار، ھېلىقى رامنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ، مەلىكىنىڭ گەپ - سۆزىنى تىڭشا، ئۇلار ئەمدى نېمە ئىش قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ كەل. - خوپ، دەپتۇ ـ دە. تاز شاپاشلاپ بارغانچە رامنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىپ، قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ تىڭشاپ تۇرۇپتۇ. ئۆينىڭ ئىچىدە مەلىكە بىلەن مۇھەببەتدىشى يەنە شۇ چۈش ئۈستىدە گەپلىشىپ مەسلىھەتلىشىۋاتقۇدەك. - ئەلۋەتتە مەن سىزدەك كېلىشكەن يىگىت بىلەن مەڭگۈلۈك بىرگە ئۆتۈشنى خالايتتىم، - دەپتۇ مەلىكە مۇھەببەتدىشىگە، ـ بىراق، تازغا بۇيرۇغان تەقدىرىمنى توساپ ئالغىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. مەن ئاخىرى مۇشۇ سەت تازنىڭ قولىغا چۈشىدىغاندەك تۇرىمەن. - ئەمىسە، - دەپتۇ مۇھەببەتدىشەى سەل ئەنسىرەپ، - ئىككىمىز بۇ شەھەردىن دەرھال قېچىپ چىقىپ كېتەيلى، قانداق دەيسىز؟ - بولىدۇ، - دەپتۇ مەلىكە، - مەن غەزنىدىن پۇل ئەپچىقىپ بېرەي، سىز بازارغا كىرىپ، ئالتە ئايلىق يولنى بىر كېچىدە باسىدىغان يۈگۈرۈك ئاتتىن ئىككىنى سېتىپ كېلىڭ. ئەتە كەچ كىرىپ، كۆز باغلانغان چاغلار بىلەن باغنىڭ سىرتىدىكى ئەگمە كۆۋرۈك تۈۋىدە مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ. مەن ئۆمرىمىز بويى خەجلىسەكمۇ يېتىپ ئاشقىدەك تىللانى بوخچامغا قاچىلاپ، كۆتۈرۈپ چىقىمەن. كۆۋرۈك يېنىغا بېرىپ >ئەھھۇ< دەپ يۆتىلىپ بەلگە بېرىمەن. سىز يېتىپ كېلىسىز. ئاندىن ئىككىمىز ئاتقا مىنىپلا قاچىمىز. تاز ئانىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ مەلىكە بىلەن مۇھەببەتدىشى ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ گەپلەرنى ئېقىتماي - تېمىتماي يەتكۈزۈپتۇ. - ئۆمرۈڭنى جاڭگالدىن يانتاق توشۇپ ئۆتكۈزگىنىڭدىن مەلىكە بىلەن ئۆتكۈزگىنىڭ مىڭ مەرتىۋە ئەلا، - دەپتۇ تازنىڭ ئانىسى، - بولدى، بېشىمغا ھەر بالا كەلسە مەن كۆرەي، سەن ماڭا تارتىشىپ تۇرماي شۇ گۈزەل مەلىكە بىلەن كەت! - ئانا، ئۇنىڭ بىلەن قانداق كەتكىلى بولىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ تاز مەلىكىنى قولغا چۈشۈرۈشتىن بېشى قېتىپ. - مۇنداق قىلىسەن، - دەپتۇ ئانىسى ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ، - مەلىكە بىلەن مۇھەببەتدىشى بۇ ئاجايىپ چۈشنىڭ ۋەھىمىسىدىن بۈگۈن كېچىچە ئۇخلىماي چىقىدۇ. مۇھەببەتدىشى ئەتە قوپۇپ شەھەرگە كىرىپ، ئات ئېلىپ كەچتە يېتىپ چىققىچە قاتتىق چارچايدۇ، كۆۋرۈك تۈۋىدە مەلىكىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ مۈگدەپ قېلىشى، ھەتتا ئۇخلاپ قېلىشى مۇمكىن. سەن شۇ قاراڭغۇ كېچىدە تۇيدۇرماي بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىكى ئاتلارنى قولغا چۈشۈرىسەن. مەلىكە چىقىپ بەلگە بېرىشى بىلەن قولتۇقىدىن يۆلەپلا ئاتقا مىندۈرۈپ بەدەر قاچىسەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسىنى ھېكمەت بەلگىلىسۇن. تازچاق ئانىسىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە كېچىدە كۆۋرۈك يېنىغا كەپتۇ. سەپسېلىپ قارىسا مەلىكىنىڭ مۇھەببەتدىشى ئاتلارنى بىر قۇزۇققا باغلاپ قويۇپ، ئۆزى خورەك تارتىپ ئۇخلاپ كېتىپتۇ. تازچاق ئاتلارنى قولغا چۈشۈرۈپ يوشۇرۇنۇپ، مەلىكىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئالەم قازاننىڭ ئالەم قازاننىڭ قارىسىدەك قاپ - قاراڭغۇ ئىكەن. بىر چاغدا مەلىكە چىقىپ >ئەھھۇ< دەپتۇ، تاز ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ، مەلىكىنىڭ قولتۇقىدىن تۇتۇپلا ئاتقا مىندۈرۈپتۇ. ئۆزىمۇ ئىرغىپلا يەنە بىر ئاتقا مىنىپتۇ. >چۇۋ< دەپتۇ - دە، ئىككىسى تۈن قوينىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئاتلىقلار ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىۋېرىپتۇ، تۈن نىسپى بوپتۇ، مەلىكە >بۇ يىگىت ئەجەپ گەپ قىلمايدا؟ مېنى دەپ تۇغۇلغان يۇرتى، مېھرىبان ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلدى، مۇشۇنداق قاراڭغۇ كېچىدە، چۆل - جەزىرىلەردە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن ماڭا خاپا بولۇپ، رەنجىپ قالدىمۇ يە؟< دەپ ئويلاپتۇ. يىگىتتىن گەپ ئېلىپ سىناپ بېقىش ئۈچۈن: - ئەجەپمۇ بىر تۈگىمەيدىغان قۇملۇققا كىرىپ قالدۇق - ھە! - دەپتۇ. قىزنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان تازچاق ئارتۇق گەپ قىلماي >ھىم< - دەپلا قويۇپتۇ. يەنە بىر يەرلەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، مەلىكە >بۇ يىگىت مەندىن راستلا خاپا بولۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟< دېگەن ئويغا كەپتۇ. ئۇنى سۆزلەتمەكچى بولۇپ: - نېمە دېگەن قېلىن توغراقلىق بۇ - ھە! دەپتۇ. - ھە، - دەپ قويۇپتۇ تازچاق باشقا گەپ قىلماي. مەلىكىنىڭ نازۇك كۆڭلىدە: >بۇ يىگىت راستلا مەندىن رەنجىپ قالغان ئوخشىمامدۇ، بولمىسا نېمىشقا شۇنچىۋالا گەپ قىلساممۇ ئېچىلماي تۇرۇۋالىدۇ؟ دېگەن گۇمان تۇغۇلۇپتۇ. قىز يىگىتنى يەنە بىر قېتىم گەپكە سالماقچى بولغاندا، ئاسماننىڭ قومغا تېگىپ تۇرغان گىرۋەكلىرى ئاقىرىپ، تاڭ يورۇشقا باشلاپتۇ. قىز ئەمدى ئاستىراق ماڭساقمۇ بۇلار، دەپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاراپتۇ. سەپسېلىپ قاراپ، ئۆزى مۇھەببەت باغلىغان چىرايلىق يىگىتىنى ئەمەس، بەلكى گەدىنىدىن يۇقۇرىسىنىڭ ھەممىسىنى قۇماق بېسىپ كەتكەن كەيمە تازنى كۆرۈپتۇ. مەلىكىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، يېرىلغۇدەك بوپتۇ. - ھەي تاز، سەن بۇ يەرگە نېمە بار دەپ كەلدىڭ؟ - ئۆزلىرىنى پانا تارتىپ كەلدىم. - ئىككىمىز باشقا نەسەپتىن تۇرساق، مەن ساڭا قانداق راۋا بولاتتىم؟ - ھېچقىسى يوق، بىزمۇ ئادەم بالىسى ئەمەسمۇ، بولۇۋېرىدۇ، - دەپتۇ تاز گەدىنىنى قاشلاپ. مەلىكە ئۇيان ئويلاپتۇ، بۇيان ئويلاپتۇ. ئاچچىقلاپتۇ، تېرىكىپتۇ، پۇشايمان قىپتۇ، ئىچىدە كۈلۈپمۇ تاشلاپتۇ. ئاقىۋەت بۇ ئىشنىڭ مۇشۇنداق ھەل بولماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىپتۇ. ئەمما بۇ تازنى ئېغىر بىر شەرت قويۇپ سىناپ باقماقچى بولۇپتۇ. >مۇبادا قويغان شەرتىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي قالسا، مېنىڭ بەختىم< دەپ ئويلاپتۇ. - ئانداق بولسا، - دەپتۇ مەلىكە، - مەن ساڭا بىر شەرت قويىمەن. ئەھدىسىدىن چىقالىساڭ مەن سېنىڭ خوتۇنۇڭ، ئەھدىسىدىن چىقالمىساڭ ئۆز تەلىيىڭدىن كۆر، بەخت قۇشۇڭ ئۇچۇپ كېتىدۇ. - جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولمايدۇ، قانداق شەرتلىرى بولسا قويسىلا، - دەپتۇ تاز ئاتتىن سەكرەپ قۇمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ. - كىيىملىرىڭنى يېشىپ تاشلايسەن. يالىڭاچ بەدىنىڭگە ساناپ تۇرۇپ قىرىق قامچا ئۇرىمەن، ئەگەر بەدىنىڭنى قاچۇرماي چىداپ تۇرۇپ بېرەلىسەڭ، مېنىڭ بېشىمغا ھەر قانداق بالا - قازا كەلگەندە ئازابلىنىشتىن قورقماي بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن، دەپ كۆڭلۈم ئىمىن تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن سېنىڭ بولىمەن. ئەگەر >ۋايجان< دەپ بەدىنىڭنى قاچۇرىدىغان بولساڭ، بېشىڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن. - شەرتلىرىنى ئورۇنداشقا تەييارمەن، - دەپتۇ تاز كىيىملىرىنى يېشىپ پىرقىرىتىپ چۆرۈپ تاشلاپ. مەلىكە قولىنىڭ ئالقىنىنى نەمدەپ، قامچىنىڭ سېپىنى چىڭ ئوچۇملاپ تۇرۇپ قەھرى بىلەن تازنى ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. بىر، ئىككى، ئۈچ، ئوتتۇز سەككىز، ئوتتۇز توققۇز... تاز چىشىنى - چىشىغا چىڭ چىشلەپ، مەلىكىنى خوتۇن قىلغاندىن كېيىنكى بەختلىك تۇرمۇشنى كۆز ئالدىغا ئەكىلىپ، بەرداشلىق بېرىپ مىدىر - سىدىر قىلماي، كۈلۈمسىرىگەن ھالەتتە تۇرۇپتۇ. مەلىكە ئەڭ ئاخىرقى قامچىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ >مانا قىرىق< دەپ تارس قىلىپ ئورۇپ توختاپتۇ. تاز بۇ سىناقتىن ئۆتۈپتۇ. مەلىكىنىڭ كۆڭلىمۇ ئىمىن تېپىپ: - بولدى، كىيىملىرىڭنى كەي، بۈگۈندىن باشلاپ ئۆمرۈم ئاخىرلاشقىچە مەن سېنىڭ ئايالىڭمەن. ئەمدى سەن ئۆزۈڭنىڭ بويۇڭنى چەنلەپ تۇرۇپ، تار بىر ئورا كولىغىن، - دەپتۇ. تاز مەلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تار قىلىپ ئۆز بويىغا تەڭ چوڭقۇرلۇقتا ئورا كولاپتۇ ۋە ئۆزى شۇ ئورىغا چۈشۈپ تۇرۇپ بېرىپتۇ. خوتۇنى ئۇنىڭ بوينىنىڭ يۇقۇرسىنىلا چىقىرىپ قويۇپ، قالغان يېرىنى تازا دەسسەپ چىڭداپ تۇرۇپ توپا بىلەن كۆمۈپ تاشلاپتۇ. قولىغا قامچىنىڭ سېپىدەك سۆكسۆكنى ئېلىپ، تازنىڭ بېشىدىكى قوماقلارنى قىرىپ، قومۇرۇپ چىقىرىشقا كىرىشىپتۇ. تازغا بۇنىڭ ئاغرىقى بايىقى قىرىق قامچىنىڭ ئازابىدىنمۇ يامان تۇيۇلۇپتۇ. مىدىراي دېسە، مىدىرلىيالماپتۇ. قولى بىلەن بېشىنى توساپ ئالاي دېسە، قولىنى چىقىرالماپتۇ. ئاغرىققا چىدالمىغىنىدىن توۋلاپ چىقىراپ كېتىپتۇ. خوتۇنى ئۇنىڭ نالىسىگە پەرۋا قىلماي قىرىۋېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، قوماقنىڭ بىرسىنىمۇ قويماي، ھەممىنى قىرىپ چۈشۈرۈۋېتىپتۇ. ياۋا چۆپنىڭ يىلتىزىنى ئەكىلىپ كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى تازنىڭ قاناپ كەتكەن بېشىغا تېڭىپتۇ. ئارقا - ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم شۇنداق قىلىپ، يۇيۇپ مايلاپ بېرىپتۇ. ئاخىرى تازنىڭ بېشى ئوڭلىنىپتۇ. ئاپئاق كېپەكلەپ كەتكەن قوماقنىڭ ئورنىغا، قوندۇزدەك قاپ - قارا چاچ چىقىپتۇ. تازچاق ئەمدى كېلىشكەن چىرايلىق يىگىتكە ئايلىنىپتۇ. - بۇندىن كېيىن چۆل - جەزىرىدە ياۋايى ئادەملەردەك ئۆتۈۋەرمەيلى، ماكان تۇتۇپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەيلى، - دەپتۇ مەلىكە. - ھەببەللى، شۇنداق قىلايلى، - دەپتۇ ئۇنىڭ ئېرى. - مەن ساڭا ھازىر بەش يۈز تىللا بېرىمەن. سەن بۇنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ چار باغلىرى بار كاتتا قورا - جاي سېتىۋالىسەن. شۇ نەرسە ئېسىڭدە تۇرسۇنكى، ئالغان قورا - جاي شاھنىڭ ئوردىسىدىن يىراق بولسۇن. ئوردىغا يېقىن يەردىن جاي ئالساڭ، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى ئاچكۆز كېلىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالساق، ئۇلاردا يامان غەرەز پەيدا بولۇپ، ساڭا قەست قىلىدۇ، - دەپتۇ. يىگىت ئاتنى توقۇپتۇ، بەش يۈز تىللانى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپتۇ. شەھەرنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، خوتۇنى ئېيتقاندەك قورونى ھېچ يەردە ئۇچراتماپتۇ. پادىشاھنىڭ ئوردىسى جايلاشقان تەرەپكە بېرىپ ئىزلەپتۇ. ئوردىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ، دەل خوتۇنى ئېيتقاندەك كاتتا ئىمارەتنى كۆرۈپتۇ. قورونىڭ باغ - ۋارانلىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ قىزىقىپ قاپتۇ. >ئوردىنىڭ يېنىدا بولسا بولمامدۇ، باشقا يەردە مۇنداق قورو يوق تۇرسا قانداق قىلغۇلۇق< دەپتۇ - دە، بۇ قورانى سېتىپ ئاپتۇ. ئادەملىرىنى كۆچەرتىپ، ئۆيلىرىنى كۆچۈرۈپ كىرىشكە تەييارلاتقۇزۇپ قويۇپ جاڭگالغا قايتىپ كېتىپتۇ. خوتۇنىغا ھېچ يەردىن تۈزۈك قورو - جاي تاپالماي، ئامالسىز ھېلىقى جاينى ئالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ـ ئاپلا، يامان قىپسەن - دە! - دەپتۇ خوتۇنى ئەپسۇسلىنىپ، - خەير، قانداق قىلىمىز، باشقا كەلگەننى كۆردۇق. ئەسلى شۇ كاساپەتلەر بىلەن زادى قوشنا ئولتۇرمايدىغان گەپ ئىدى. ئۇلار ئاتلىرىغا مىنىپ، ئەل ئۇيقۇغا كەتكەندە شەھەرگە كىرىپ كەپتۇ. سېتىۋالغان جايىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپتۇ. ھېرىپ - چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئەتىسىمۇ كەچكىچە ئۇخلاپتۇ. ئۆگۈنى سەھەردە مەلىكە تالاغا ھاجەتكە چىقىپتۇ. شۇ چاغدا پادىشاھنىڭ نائىنساپ ۋەزىرىمۇ تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن تالاغا چىققان ئىكەن. ئۇ كەڭ ھويلىدىن چىقىۋاتقان كۈن سۈپەتلىك پەرىزاتنى كۆرۈپ، تۇرغان ئورنىدا ئاغزىنى ئېچىپ، قاققان قوزۇقتەك قېتىپ تۇرۇپلا قاپتۇ. قولىدىكى ئىۋرىقىمۇ يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىر ھازادا ئېسىنى يىغىپ قارىسا، مەلىكە ئاللىقاچان ھوجرىسىغا كىرىپ كەتكەن، ئۇ بېشىنى ساڭگىلىتىپ، دوڭغاسلاپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. - ئى پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ ئۇ شاھ قەسىرىگە كىرىشى بىلەن، - بىزنىڭ شەھىرىمىزگە كۈن سۈپەتلىك بىر پەرى پەيدا بوپتۇ. ھۆسنى - جامالى ھەر قانداق كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. - سىلىنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۆزىگە تارتقان قانداق پەرىدۇ؟ - دەپتۇ پادىشاھ ھەيران بولۇپ، - ئەمىسە مەنمۇ بىر كۆرۈپ باقاي، ياخشىنى كۆرمەكلىك پەرىز. ئۇلار ئەتىسى سەھەردە مەلىكىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇشۇپتۇ. مەلىكە تۈنۈگۈنكى قەرەلى بىلەن تالاغا چىقىپتۇ. ئۇنىڭ سىپايىلىق بىلەن ئىشىكتىن چىقىشى پادىشاھقا بۇلۇت ئىچىدىن ئاي چىققاندەك، كەڭ ھويلىنىڭ سەيناسىنى يېرىپ ئۆتۈشى تىنىق ئاسماندا ئاي ئۈزۈپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھنڭ قەلبىگە بىر ئوت تۇتىشىپتۇ. ئىشتىيى تۇتۇلۇپ، تامىقى ئازلاپ رۇخسارى سارغىيىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. يە نەسىھەت يا دورا كار قىلماپتۇ. - ئى ھەممىگە قادىر، ئۇلۇغ شاھىمىز، - دەپتۇ ھېلىقى ۋەزىر بىر كۈنى شاھ خالى قالغان پەيتتە كىرىپ، سىلى مۇنداق بئارام بولۇۋەرمىسىلە، مەن ئوبدان ئېنىقلاپ كۆردۈم: ئۇ گۈزەل مەلىكىنىڭ ئېرى تېگى پەس بىر گاداي ئىكەن، ئۇنىڭ قۇدرەتلىك بىرەر تايانچىسىمۇ يوق ئىكەن. شۇڭا ئۇنى ئوردىغا چاقىرتىپ، ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان بىرەر ۋەزىپە تاپشۇرايلى، ئۇنى، تەھقىق ئورۇندىيالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى جىمىقتۇرۇپ، مەلىكىنى تارتىۋالساق، دەرتلىرىگە داۋا دېگەن شۇ ئەمەسمۇ؟ پادىشاھ بۇ >ئاقىلانە< مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپتۇ. بۇ غەرەزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يىگىتنى ئوردىغا چاقىرتىپتۇ. يىگىت ئوردىغا مېڭىش ئالدىدا خوتۇنى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ: - پادىشاھ ساڭا ھەر قانداق ئېغىر ۋەزىپە يۈكلىسىمۇ ھەرگىز ياق دېمە، >خوپ بولىدۇ، ئورۇندايمەن< دەپ ئۇدۇل ئۆيگە يېنىپ كەلگىن. قالغىنىنى ئۆزۈم توغرىلايمەن. يىگىت ماقۇل دەپ ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ۋەزىرلەر ئۇنى شاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ ئەكىرىپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا: - يېقىندىن بۇيان بىتاپ بولۇپ قالدىم، كېسىلىمگە يولۋاسنىڭ سۈتى داۋا بولۇپ قالدى. مۇشۇ توغرىلىق ساڭا ھاجىتىم چۈشتى. يولۋاس سۈتى تېپىپ كېلەلىسەڭ ئامانلىق بېرىمەن، تېپىپ كېلەلمىسەڭ كاللاڭنى ئالىمەن، - دەپتۇ. - تېپىپ كېلىمەن، - دەپتۇ يىگىت ۋە ئوردىدىن چىقىپ ئۇدۇل ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ. - ھە، پادىشاھ نېمە دېدى؟ - دەپتۇ خوتۇنى ئۇ ئۆيىگە كىرىشى بىلەن. - يولۋاسنىڭ سۈتىنى تېپىپ ئەكەلسەڭ ئامانلىق بېرىمەن، بولمىسا كاللاڭنى ئالىمەن دېدى. ئانداق بولسا ئۇ ساڭا ئاسان شەرت قويۇپتۇ. بۇنى ئورۇنلاش تەس ئەمەس. باياتىن ئاڭلىسام، ئانچە يىراق بولمىغان جىگدىلىكتە بىر يولۋاس جىگدە تېرىپ يەۋاتقاندا، قولىغا جىگدە شوخسى كىرىپ كېتىپ چىقىرالماي ئازاپ تارتىپ يېتىپ قاپتۇ. باشقىلار ئۇنىڭدىن قورقۇپ يېنىغىمۇ يولىماپتۇ. سەن قورقماستىن بېرىپ، ئالقىنىدىكى تىكەننى چىقىرىپ، ئۇنى ئازاپتىن قۇتقاز، شۇنداق قىلساڭ يولۋاسمۇ سەندىن بىر چىنە سۈتىنى ئايىمايدۇ. يىگىت خوتۇنى ئېيتىپ بەرگەن جىگدىلىككە بارسا، بىر يولۋاس يوغان بىر تۈپ جىگدە تۈۋىدە زوڭزىيىپ، تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. يىگىت ئالدى بىلەن يولۋاسقا سالام بېرىپتۇ. يولۋاسمۇ ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئاپتۇ. ئاندىن يىگىت يېقىن كېلىپ، يولۋاسنىڭ ئاياۋراق تايىنىپ تۇرغان قولىنى تۇتۇپ قارىسا، شوخا يولۋاس ئالقىنىنىڭ ئىچىدە بىخ چىقىرىپ كۆكلەپ كېتىپتۇ. يىگىت پىچىقىنى ئېلىپ، يولۋاس ئالقىنىنىڭ يىرىڭداپ كەتكەن يېرىنى يېرىپ، جىگدىنىڭ كۆكلەپ كەتكەن شوخىسىنى يىلتىزلىرى بىلەن بىراقلا چىقىرىۋاپتۇ. ئاندىن يىرىڭلىرىنى پاك - پاكىز تازىلاپتۇ. جاراھەتلەنگەن جايغا دورا قويۇپ تېڭىپتۇ. يولۋاس ئازاپتىن قۇتۇلۇپ، يىگىتكە تەشەككۇر ئېيتىپتۇ ۋە: - ھەي ئىنسان بالىسى، بىر نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھېچكىم مېنىڭ يېنىغا يېقىن يولىمىغان ئىدى. سەن باتۇرلۇق بىلەن كېلىپ مېنى ئېغىر ئازاپتىن قۇتقازدىڭ. مېنىڭمۇ ياخشىلىقىڭغا ياخشىلىق قايتۇرغۇچىلىكىم بار. ساڭا نېمە ئېھتىياجلىق بولسا ئېيت، ھەل قىلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ. يىگىت پادىشاھقا يولۋاس سۈتى لازىم بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇ تەرەپكە شۇ مەقسەت بىلەن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. يولۋاس سۈتىدىن بىر قاچا بېرىپتۇ. يىگىت ئۇنى ئېلىپ، رەھمەت ئېيتىپ قايتماقچى بوپتىكە، يولۋاس ئۇنىڭغا: - ئالدىرىما. پادىشاھ دېگەننىڭ پەتىۋاسى تولا. بۇنى كۆرۈپ >يولۋاسنىڭ سۈتى ئەمەس< دەپ، ساڭا زىيانكەشلىك قىلىشتىن يانمايدۇ. شۇڭا گۇۋاھچىلىقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن، بالىلىرىمدىن بىرنى ساڭا قوشۇپ قوياي، - دەپتۇ. يىگىت يولۋاسنىڭ بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. سۈتنى كۆتۈرۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. پادىشاھ سۈتنى كۆرۈپ قانائەت ھاسىل قىپتۇ ۋە: - بۇ ئىشنى مۇۋەپپەقىيەلتىك بىجىردىڭ، قايتىپ كەتسەڭ بولىدۇ، - دەپ ئىجازەت بېرىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، پادىشاھنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپتۇ. ھېلىقى ئاچكۆز ۋەزىر ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ: - ئى ئۇلۇغ سەركەردىمىز، يولۋاس دېگەن بار نەرسە، ئىنسانلار ئۇنىڭ كويىغا چۈشسىلا تۇتۇۋالىدۇ. شۇڭا ئىنسانلار قىلالمايدىغان شەرتنى قويايلى، بۇ شەتنى ئورۇنلىيالمىغاندىن كېيىن، ئۇنى كۆزدىن يوقىتىپ، مەلىكىنى سىلىگە ئېلىپ بەرسەك قانداق؟ - دەپتۇ. پادىشاھ ساقىلىنى سىلاپ، ئويلاپ تۇرۇپ: - بۇ ئالەمدە ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان قانداق بەسى - مۈشكۈل ئىش بولۇشى مۇمكىن؟ - دەپتۇ. - ئۇنىڭدىن غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، - دەپتۇ ئاچكۆز ۋەزىر سۆز ئېلىپ، - رىۋايەت قىلىنىشىچە: كويىقاپتىكى پەرىزات قىزلىرىنىڭ قولىدا گۈلقەقە دېگەن ئىنتايىن چىرايلىق بىر قۇش بارمىش. شۇ قۇشنى ئېلىپ كەلس ئامانلىق بېرەيلى، ئېلىپ كېلەلمىسە كاللىسىنى ئالىمىز. ئېيتىلىشىچە كويىقاپقا بېرىش ئۈچۈن بەش يۈز يىل ۋاقىت كېتەرمىش. بۇنىڭغا ئۇنىڭلا ئەمەس، نەچچە ئەۋلادىنى ئۇلىسىمۇ ئۆمرى يەتمەيدۇ. بۇ شەرتنى قويساق ئۇ يە ئۆلىدۇ، يە ئورۇنلىيالماي قايتىپ كېلىپ ئۆلۈم جازاسى تەلەپ قىلىدۇ. - بۇ ئوبدان شەرت ئىكەن. ئەمىسە ئۇنى چاقىرىڭلار، - دەپ ئەمىر قىپتۇ پادىشاھ. يىگىت پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىش ئالدىدا، ئۇنىڭ مېھرىبان خوتۇنى يەنە مۇنداق جېكىپتۇ: - ھەر قانداق قىيىن شەرت بولسىمۇ مەردانىلىق بىلەن قوبۇل قىل. ھەرگىز قورقما. يىگىت شاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ گۈلقەقەنى ئەكىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ يېنىپ چىقىپتۇ. ئۆيىگە يېنىپ كېلىپ، ئەھۋالنى خوتۇنىغا ئېيتىپتىكەن، خوتۇنى ئۇنىڭغا مۇنداق يول كۆرسىتىپتۇ: - گۈلقەقە ئىنسانلارنىڭ قولىدا بولمايدۇ، بۇ قۇش كويىقاپتىكى پەرىزات قىزلىرىنىڭ قولىدا تۇرىدۇ، بۇ قۇشنى ئېلىش ئۈچۈن، سېنىڭ كويىقاپقا بېرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. سەن كۈن چىقىش تەرەپتىكى قومۇشلۇققا بارساڭ، چەكسىز كەتكەن قومۇشلۇقنىڭ ئىچىدە بىر كۆل بار. ئۇ قىزلار بىر توپ كۆك كەپتەر سۈرىتىدە ھەر كۈنلۈكى شۇ كۆلگە كېلىپ سۇغا چۆمۈلىدۇ. بىر - بىرىگە سۇ چېچىشىپ تازا قىرىق ئويناۋاتقاندا بېرىپ كىيىمىنى يىغىۋال. ھەر قانچە يالۋۇرسىمۇ كىيىملىرىنى بەرمە. ئاخىرى پەرىزاتلارنىڭ بىرىسى >ئۆزۈمنى ساڭا مەڭگۈلۈك ئاتا قىلدىم< دېگەندە بەرگىن. ئۇلار ئېيتقان سۆزىگە بىزدىنمۇ بەكرەك ئەمەل قىلىدۇ. گۈلقەقەنىمۇ ساڭا شۇ پەرىزات تېپىپ بېرىدۇ. ھېلىقى خاسىيەتلىك چۈشۈڭدە سول تەرىپىڭگە ئېلىپ قۇچاقلىغان ئاي ئەنە شۇ پەرىزات بولىدۇ. يىگىت خوتۇنىنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە مېڭىپ، ئەتراپنى ئېگىز ئۆسكەن قېلىن قومۇشلۇق ئوراپ تۇرغان بىر كۆلگە يېتىپ بېرىپتۇ. قومۇشلۇقنىڭ ئىچىگە مۆكۈۋېلىپ، ماراپ يېتىپتۇ. چۈش مەزگىلى بىلەن شىشىدەك سۈزۈك ئاسماندا بىر توپ كەپتەر پەيدا بوپتۇ. كەپتەرلەر كۆلنىڭ ئۈستىنى بىر ئەگىپ، لەپپىدە پەسكە شۇڭغۇپتۇ. كۆل بويىدىكى چۆپلۈككە قونۇپ بىرلا سىلكىنىپ پەرىلەرگە ئايلىنىپتۇ. قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ، چۇرۇشۇپ كىيىملىرىنى يەشكىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلار كىيىملىرىنى قاشقا سېلىپ قويۇپ، ئۆزلىرى كۆلدىكى سۇدا تازا قىزىق ئويۇنغا بېرىلىپ كەتكەندە، يىگىت قومۇشلۇقنىڭ ئىچىدىن چىقىپ كۆل بويىغا كەپتۇ، قىزلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى يىغىۋاپتۇ. قىزلار ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ. كىيىملىرىنى ئېلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، سۇدا تۇرۇپ يالۋۇرۇپتۇ. يىگىت كىيىملەرنى بەرمەپتۇ. كەچ كىرىپ، ئۇرنىڭ كويىقاپقا قايتىدىغان ۋاقتىمۇ توشۇپ قاپتۇ. ئۇلار تولىمۇ جىلى بولۇپ جىددىلەشكىلى تۇرۇپتۇ. ئاخىرى ئىككى ھەدىسى سىڭلىسىغا: >ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ ئىنسان كىيىملىرىمىزنى بەرمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. كىيىمسىز ئاتا - ئانىمىزنىڭ ئالدىغا قانداق بارىمىز؟ - سەن چىقىپ ئۇنىڭ قانداق تەلىپى بولسا ئۇقۇپ، قوبۇل قىلغىن، ئاندىن كىيىملىرىمىزنى ئېلىپ كەل< دەپتۇ. لېكىن سىڭلىسىمۇ ئىزا تارتىپ سۇدىن چىققىلى ئۇنىماپتۇ. ھەدىلىرى زورلاپ يۈرۈپ تەستە ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ. پەرىزات سۇدىن چىقىپ يىگىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - سېنىڭ قانداق تەلىپىڭ بولسا ئېيتقىن، ئورۇنلاپ بېرىمىز، دەپتۇ. - مېنىڭ پەقەت بىرلا تەلىپىم بار، - دەپتۇ يىگىت، ئۇ بولسىمۇ، سىزنى ئۆز ئەمرىمىگە ئالسام، ئىككىمىز بىللە تۇرمۇش كەچۈرسەك. قىز ھەدىلىرىنىڭ ئېيتقان نەسھىتىنى ئەسلەپتۇ، ئىلاجىسىز بۇ تەلەپكە ماقۇل بوپتۇ. رازىلىق بىلدۈرۈپ، كىيىملىرىنى قولىغا ئاپتۇ. قىزلار سۇدىن چىقىپ كىيىملىرىنى كىيىشىپ بوپتۇ. يىگىت ئۆزىگە خوتۇن بولۇشنى ۋەدە قىلغان پەرىزاتتىن گۈلقەقەنى ئەكىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. قىزلار يىگىتكە: - ئۇنداق بولسا، سەن مۇشۇ يەردە بىزنى كۈتۈپ تۇرىسەن، - دەپتۇ. - ماقۇل، مەن سىلەرنى كۈتۈپ تۇرىمەن، - دەپتۇ يىگىت. پەرىزاتلار ياپ - يېشىل چۆپلۈككە بىرلا دومىلاپ، بىر توپ كۆك كەپتەرگە ئايلىنىپتۇ - دە، پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. يىگىت كۆل بويىدا، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ قاپتۇ. ئازمۇ ئۆتمەي، كۆپمۇ ئۆتمەي پەرىزاتلار بىر چىرايلىق قەپەزنى كۆتۈرۈپ، كۆل بويىغا كەپتۇ ۋە قەپەزنى يىگىتكە بېرىپ مۇنداق دەپتۇ: - ھەي ئىسنان بالىسى، بىزنىڭ ساڭا ئىككى تۈرلۈك تەلىپىمىز بار، بىرى مانا بۇ قەپەزنىڭ ئىچىدىكىسى گۈلقەقە، قەپەزنىڭ ئاغزىنى ئۆز يۇرتۇڭغا ئاپىرىۋېلىپ خارلىمايسەن، كۆڭلىگە ئازار بەرمەيسەن. يىگىت ۋەدە بېرىپتۇ. پەرىزاتنىڭ ھەدىلىرى ئۇلارغا ئاق يول تىلەپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. يىگىت بىلەن قىز نۇرغۇن يولنى بىللە مېڭىپ، ئۆيلىرىگە يېتىپ كەپتۇ. ئەتىسى يىگىت قەپەزنى كۆتۈرۈپ ئوردىغا كىرىپتۇ. پادىشاھ قەپەزنىڭ ئاغزىنى شۇداقلا ئېچىشى بىلەن گۈلقەقە شۇنداق بىرسايراپتىكى، ئەييۇھەنناس، پادىشاھنىڭ كۆيۈك ئازابىمۇ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپتۇ. پادىشاھنىڭ قەلبىدىكى كۆيۈك ئوتلىرى يەنە يېلىنجاپ يالقۇنلاشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە جىلىخور، تېرىككەك بولۇپ كېتىپتۇ، گۈلقەقەنىڭ خەندان ئۇرۇپ سايرىشىمۇ قۇلىقىغا خوشياقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. شاھنىڭ كەيپىياتىغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆزىتىپ تۇرىدىغان ئاچكۆز ۋەزىر يەنە بىر پەتىۋا تېپىپ پادىشاھقا مەسلىھەت ساپتۇ: - ئى شەۋكەتلىك شاھىم، - دەپتۇ ۋەزىر، - مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم بولسۇن. ئەمدى بۇ ئادەمگە ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلاردىن بىرەرنى قىلدۇرۇپ باقايلى. بۇنى جەزمەن ئورۇنلىيالمايدۇ. ئاندىن بوينىغا قىلىچ سېلىپ، جېنىدىن جۇدا قىلايلى. شۇ چاغدا مەلىكە بىزنىڭ بولىدۇ. پادىشاھ سەل ھەيران بولۇپ: - دۇنيادا بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن، قىلىشقا بولمايدىغان نېمە ئىش بولۇشى مۇمكىن؟ - دەپتۇ. - مەسىلەن، - دەپتۇ ئاچكۆز ۋەزىر، - سىلىنىڭ ئاتىلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن. بىراق رەخمىتىنىڭ قەبرە نىشانىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. بۇ ئادەمنى ئاتىلىرىنىڭ قەبرە نىشانىسىنى تېپىپ كېلىشكە ئەۋەتسەك. پادىشاھ بۇ مەسلىھەتكە قوشۇلۇپتۇ. يىگىتنى يەنە چاقىرتىپ ئەكەلدۈرۈپتۇ: - ئەمدى ساڭا يەنە بىر ۋەزىپە بار، - دەپتۇ پادىشاھ، - ئاتامنىڭ تەۋەرۈك قەبرە نىشانى بىزگە نامەلۇم، سەن شۇنى تېپىپ كەل، ئەگەر تېپىپ كېلەلمىسەڭ، كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن. - خوپ، تېپىپ كېلىمەن، - دەپتۇ يىگىت ئىككىلەنمەيلا. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ بۇ ئەھۋالنى چوڭ خوتۇنىغا ئېيتىپتۇ. - ئاۋۋالىقى ئىككى يولنى مەن كۆرسىتىپ بەردىم. ئەمدىكى يولنى پەرىزات كۆرسىتىپ بەرسۇن، - دەپتۇ مەلىكە. يىگىت ئەھۋالنى كىچىك خوتۇنىغا ئېيتقان ئىكەن، ئۇ مۇنداق دەپتۇ: - سەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ: >ئاتىلىرىنىڭ تەۋەررۈك نىشانىنى تېپىپ قويدۇم، مۇشۇ تىك تاغنىڭ ئۈستىدىكەن، تاۋاپ قىلىپ كېلەي، دېسىلە، مەن باشلاپ چىقىمەن. بىراق بۇ تاغقا چىقىش ناھايىتى تەس، پەقەت بىرلا تەرەپتىن چىققىلى بولىدىكەن. تېيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تاغ ئۈستىگە ئوتۇن - ياغاچلارنى تىزىپ دەسسەپ چىقىمىز< دېگىن. پادىشاھ پىكرىڭنى قوبۇل كۆرۈپ تاغقا ئوتۇن - ياغاچلارنى تىزدۇرۇپ يول ياسىتىدۇ. سەن ئۇنى شۇ يول بىلەن تاغقا ئېلىپ چىقىپ، >ئاتىڭىزنىڭ قەبرە نىشانى مانا مۇشۇ ئىكەن< دەپ يوغانراق تاشتىن بىرنى كۆرسىتىپ قوي. پادىشاھ جەزمەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. شۇ پەيتتە ئۆزۈڭنى چوققىدىن يەرگە تاشلا، مەن تۇتۇۋالىمەن. پادىشاھ ئۆزىنى تاشلىيالماي ھېلىقى يول بىلەن چۈشىدۇ. ياغاچقا ئوت قويۇۋېتىمىز. پادىشاھ كۆيۈپ ئۆلىدۇ. يىگىت پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ ئاتىسىنىڭ قەبرە نىشانىنى تاپقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. ئاتىسىنىڭ قەبرە نىشانىنى كۆرۈش ئۈچۈن يولغا ياتقۇزىدىغان ئوتۇننى پۇقرالارغا ئالۋاڭ ساپتۇ. ئوتۇن - ياغاچلار رەتلىك تىزىلىپتۇ. يىگىت شاھنى باشلاپ ئوتۇننىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تاغ چوققىسىغا چىقىپتۇ. يىگىت >ئاتىلىرىنىڭ قەبرە بەلگىسى مانا مۇشۇ ئىكەن< دەپ پادىشاھقا ئاتنىڭ كاللىسىدەك بىر قارا تاشنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ تاشقا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ، بېشىنى ئىغاڭشىتىپ: - مېنىڭ ئاتام دۆلەتمەن ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ قەبرىسى بۇنداق ئاددىي بولمىسا كېرەك. سەن مېنى ئالداۋاتامسەن - قانداق؟ - دەپ يىگىتكە غەزەبلىنىپتۇ ۋە چېپىپ تاشلىماق بولۇپ قىلىچىغا قول ئۇزىتىپتۇ. قىلىچىنى شارتتىدە سۇغىرىپ ئېلىپ، ئالدىغا ئېتىلىشى بىلەن يىگىت ئۆزىنى تاغنىڭ ئۈستىدىن يەرگە ئېتىپتۇ. يەردە تەقەززا بولۇپ، ئېرىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان پەرىزات ئۇنى خۇددى شاختىن چۈشكەن ئالمىنى تۇتقاندەك تۇتۇۋاپتۇ. پادىشاھ گىرۋەككە كېلىپ يەرگە شۇنداق قاراپتىكەن، تېنى جۇغغىدە ئەيمىنىپ، يۈرىكى ئېغىپتۇ. ئاستا ئارقىسىغا يېنىپ، ھېلىقى ئوتۇن - ياغاچلار تاشلانغان يول بىلەن پەسكە چۈشۈشكە باشلاپتۇ. يولنىڭ تەڭ يېرىمىغا كەلگەندە، پەرىزات ئوتۇنغا ئوت قويۇپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ زالىم پادىشاھنىڭ زۇلىمىدىن بىزار بولغان خەلق تەرەپ - تەرەپتىن ياغاچلارغا ئوت يېقىپتۇ. ئوت بارغانچە ئۇلغىيىپ، ياغاچلار چاراسلاپ كۆيگىلى تۇرۇپتۇ. پادىشاھ بۇ ھەيۋەتلىك ئوت دېڭىزى ئىچىدە كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىپتۇ. غەزەپلەنگەن خەلق قوزغىلىپ ھېلىقى ئاچكۆز ۋەزىر ۋە نائىنساپ ۋەھشىي ئەمەلدارلارنىمۇ تۇتۇپ ئەكىلىپ، شۇ ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ. خەلق بۇ چوڭ ئاپەتتىن قۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن تەنتەنە قىپتۇ. تەلەيلىك يىگىت بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. يىگىتكە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. يىگىتنى كۆتەرگىنىچە ئاپىرىپ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. شۇندىن باشلاپ يىگىت بۇ ئەلنىڭ پادىشاھى بولۇپ ئۆتۈپتۇ. مەملىكەت گۈللەپ، ئەل - پۇقرا باياشاتلىققا ئېرىشىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق