ئۆشتىگەرنىڭ چارىسى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
زامانلارنىڭ زامانىسىدا، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ئارىسىدا بىر ئۆشتىگەر ياشىغانىكەن. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن ماتاسىنى ئۆشتى قىلىپ )سىلىقلاپ( بېرىپ، شۇنىڭ بىلەن جان باقىدىكەن. ئۇنىڭ دۇنيالىقتا بىر ئۆچكىسى بولۇپ، ئۇنىڭ سۈتىدە چاي سۈتلەپ ئىچىدىكەن، قايمىقىنى تۈلكە ئوغرىلاپ ئىچىپ كېتىدىكەن، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆشتىگەرنىڭ خوتۇنى ئېرىگە:
- ئۆيدە قالىغۇدەك ھېچنېمە قالمىدى، مەن قالدى - قاتتى ئۇننى يىغىشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرسام سىلى جاڭگالغا بېرىپ ئوتۇن ئېلىپ كەلسىلىمۇ بوپتىكەن، - دەپتۇ.
ئۆشتىگەر:
- ماقۇل، - دەپتۇ - دە، بىر چىنە قېتىقنى ئېلىپ، ئاغزىغا بىر زاغرىنى يېپىپ، ئارغامچىنى بېلىگە باغلاپ، كەكىسىنى بىلىگە قىستۇرۇپ، >جاڭگال دېگەن نەدىسەن؟< دەپ يولغا چۈشۈپتۇ. جاڭگالغا يېقىن قالغاندا، بىر چىغنىڭ تۈۋىدىن بىر جۈپ تورغاي ئۇچۇپ چىقىپتۇ، ئۆشتىگەر ئېڭىشىپ قارىسا، تورغاينىڭ ئۇۋىسى، ئۇنىڭدا بىر نەچچە تورغاي تۇخۇمى تۇرغۇدەك. كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەنلىكتىن تۇخۇمدىن ئىككىنى ئېلىپ قوينىغا سېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ، چاشكا ۋاقتى بىلەن ئوتۇن ئالىدىغان جاڭگالغا بېرىپتۇ. بىردەم ئارام ئالغاندىن كېيىن يەرنى كولاپ قېتىم بىلەن ناننى سوغۇقراق تۇرسۇن دەپ شۇ يەرگە قويۇپتۇ، ئۈستىگە شاخ - شۇمبا بىلەن بەلگە قىپتۇ، >بۇ يەرنى تاپالماي قالماي< دەپ ئارغامچىنمۇ تاشلاپ، ئۇچىنى سۆرىتىپ قويۇپ، جاڭگالغا ئىچكىرىلەپ مېڭىپتۇ ۋە قۇرۇق دەرەخلەرنى تېپىپ كەسلەشكە باشلاپتۇ. نەق شۇ چاغدا ئۆشتىگەرنىڭ ئالدىدىن بېشى بۇلۇتتا، ئۆزى يوغان ۋە كۆرۈمسىز، سەت بىر نەرسە چىقىپ كېلىپ:
- سەن كىم؟ بۇ يەردە نېمە ئىزلەپ ئۆمىلەپ يۈرۈيسەن؟ - دەپ ھەيۋە بىلەن سوراپتۇ.
ئۆشتىگەر قارىسا بىر بەھەيۋەت دىۋە. ئۇ ئۆزىنى توختىتىپ:
ئېتىم مېنىڭ ئەلەم نۇر،
كەسپىم بىلسەڭ ئۆشتىگەر.
داڭقىم ئالەمگە مەشھۇر؛
ئىشتسە مېنى دىۋىلەر،
ئۇخلىيالماس راھەتتە.
كۈيىقاپمۇ قوزغىلار
قالمايلى دەپ غەپلەتتە.
ئەمما مەنمۇ بوش ئەمەس،
جاڭگاللارنى كېزىمەن.
ئاقتۇرۇپ توقايلارنى،
دىۋىلەرنى ئىزلەيمەن.
چۈنكى مېنىڭ ئوزۇقۇم
دىۋىلەرنىڭ گۆشىدۇر.
ناشتىلىقىم ئالۋاستى،
ئىنس - جىننىڭ تۆشىدۇر.
دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان دىۋىنىڭ يۈرىكى جىغىلداپ، كۆزلىرى چەكچىيىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئايىغى بىلەن رەقىبىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن مىڭ بىر پۇشايمان قىپتۇ. دىۋىنىڭ ئارىسالدى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئۆشتىگەر:
- سەنچۇ بۇ يەرلەردە نېمە قىلىپ يۈرۈيسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن، - دەپتۇ دىۋە بوش كەلمەسلىككە تىرىشىپ، - دىۋىلەرنىڭ باتۇرىمەن، ئۇزۇندىن بېرى ئادەم گۆشى يېيىش ئارزۇيۇم بار ئىدى، مۇشۇ ئارزۇ يولىدا تالاي دەشتىلەرنى كەزدىم، بىراق ئىشىم ھېچ ئوڭدىن كەلمىگەنىدى، بۈگۈن مۇشۇ جاڭگالنى بىر ئوۋلاپ باقاي دېگەن نىيەتتە بۇ يەرگە كېىپ سېنى كۆردۈم.
- ئۇنداق بولسا، دەپتۇ ئۆشتىگەر، - كە، ئىككىمىز كۈچ سىنىشىپ باقايلى، سەن يەڭسەڭ مېنى يە، مەن يەڭسەم، سېنى يەي!
دىۋە بۇ تەكلىپكە كۆنۈپتۇ ۋە ئالدىدا چۈمۈلىدەك ئۆمىلەپ يۈرگەن بۇ ئادەمنى قانداق قىلىپ يەڭسەم بولىدىكىن، دېگەن خىيالدا قاپتۇ.
- مەن بىلەن كۈچ سىنىشىشقا رازى بولدۇڭ - ھە؟ - دەپ قايتا سوراپتۇ ئۆشتىگەر.
- ھە ... ئە... - دەپتۇ دىۋە دۇدۇقلاۋراق.
- چېلىشايلى دېسەڭ، سېنىڭ بويۇڭ ئېگىز، مېنىڭ بويۇم پەس، قاملاشمىغۇدەك. ئەگەر سەن رازى بولساڭ، ئىككىمىزنىڭ قايسىمىز يەرنىڭ مېڭىسىنى چۇۋۇپ، توغراقتىن ياغ چىقىرالىساق، شۇنى باتۇر سانايلى، بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغاننى بىلگىنىمىزنى قىلايلى - دەپتۇ ئۆشتىگەر.
دىۋە بۇ شەرتكە كۆنۈپتۇ.
- ئۇنداق بولسا، نۆۋەت سېنىڭكى، قېنى يەرنىڭ مېڭىسىنى چۇۋۇپ، ئاۋۇ توغراقتىن ياغ چىقىرىپ باقە! - دەپتۇ ئۆشتىگەر.
دىۋە غەزەپ بىلەن تۈگۈلۈپ يەرگە تەپكەنىكەن، يەردىن توپا - چاڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ، بىراق يەرنىڭ مېڭىسى چىقماپتۇ. ئۆز ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقانلىقىنى سەزگەن دىۋە جىجىل بولۇپ يەرگە قاراپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئۆشتىگەر:
- ھېلىھەم نۆۋەت سېنىڭ، ئەگەر سەن ئاۋۇ توغراقتىن ياغ چىقىرالىساڭ، يولۇڭغا كېتىۋەر، بولمىسا مەن كۈچۈمنى كۆرسىتىپ، بىلگىنىمنى قىلىمەن، - دەپتۇ.
دىۋە ئۆشتىگەر كۆرسەتكەن توغراق تېنىنى گىرەلەپ، پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ تۇرۇپ سىققانىكەن، توغراقنىڭ قوۋزاقلىرى ئاجراپ، قولىغا چقىپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېغى كۆرۈنمەپتۇ.
ئەمدى سەن قاراپ تۇر، مەن كۈچۈمنى كۆرسىتەي، - دەپتۇ ئۆشتىگەر.
ئۆشتىگەر قېتىقنى كۆمۈپ قويغان يەرنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، يەرنى بىر تەپكەنىكەن، قېتىق توپىغا مىلىنىپ چاچراپ چىقىپتۇ. كېيىن ھېلىقى دىۋە سۇندۇرۇۋەتكەن توغراقنىڭ قېشىغا بېرىپ، قوينىدىن تورغاينىڭ تۇخۇمىنى ئېلىپ، دىۋىگە كۆرسەتمەي ئىككى ئالقىنىغا قويۇپ توغراقنى سىققانىكەن، ئۇششاق قوللىرىنىڭ ئارىسىدىن تۇخۇمنىڭ سېرىقى بىلەن ئېقى ئېقىپ چىقىپتۇ. بۇنى كۆرگەن دىۋە ھاڭقېتىپ قاپتۇ ۋە ئۆشتىگەردىن ساق - سالامەت قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ. دىۋىنىڭ ئەندىشىدە قالغانلىقىنى سەزگەن ئۆشتىگەر:
- ھەي دىۋە، ئېيتىپ باقە، قايسىمىز كۈچلۈك ئىكەنمىز؟! - دەپتۇ.
- سىز! - دەپتۇ دىۋە، كېيىن، - مەن سىزگە كۆپ بىئەدەپلىك قىلىپتىمەن، ئەگەر مالال كەلمىسە، شۇ بىئەدەپلىكىمنى كەچۈرسىڭىز، ئىككىمىز دوست بولساق، بۈگۈن مېنىڭ مېھمىنىم بولۇپ، بىللە ئۆيۈمگە بارسىڭىز.
- خوپ! - دەپتۇ ئۆشتىگەر، مەن بۇ چاققىچە ھېچكىمنىڭ گېپىنى يەردە قويغان ئەمەس، سېنىڭ خالىغىنىڭچە بولسۇن!
ئۆشتىگەردىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان بۇ دىۋە خۇشاللىقتىن ئۆزىنى ئاران توختىتىپ، مېھمىنىنى باشلاپ ئۆيىگە بېرىپتۇ ۋە ئۆشتىگەرنى تۈرلۈك تائام ۋە مېۋىلەر بىلەن مېھمان قىلىپتۇ. ئۆشتىگەر ئالدىغا تىزىلغان تائام ۋە مېۋىلەر ئىچىدىن كۆزىگە چىرايلىق ۋە ئاجايىپ كۆرۈنگەنلىرىنى ئېلىپ يەپ قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ. ئاڭغىچە كۈن پېتىپ زاۋال بوپتۇ. دىۋە ئۆشتىگەرنىڭ ناھايىتى ئاز تائام يېگەنلىكىگە ھەيران قالغان بولسىمۇ، سوراشقا پېتىنالماي، ساراي ئۆيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇن تۈزەپ ئۆشتىگەرنى ئارام ئېلىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. ئۆشتىگەر كىرىپ قارىسا، دىۋىنىڭ سالغان ئورنى تۈڭلۈكنىڭ ئۇدۇلىدا ئىمىش، >ھە، بۇ ھارامزادە مېنى كېچىچە ئۆلتۈرۈشنى پەملەپتۇ< دەپ چىراغنىڭ يورۇقىدا تۆت تەرەپكە قارىسا، ھەر يوغان تەكچىلەر تۇرغۇدەك. ئەگەر بىرەر ئىش بولسا تەكچىگە چىقىۋېلىشنى ئويلاپ، ئورنىغا كىرىپ يالغاندىن ئۇخئىغان بولۇپ پۇشۇلداپتۇ. خېلىغىچە ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ماراپ تۇرغان دىۋە ئۆشتىگەرنىڭ پۇشۇلدىشىنى ئاڭلاپ تالاغا مېڭىپتۇ. ئۆشتىگەر قۇلاق سېلىپ ياتسا، بىر چاغدا ساراينىڭ ئۆگزىسى غارسىلداشقا باشلاپتۇ. ئۆشتىگەر دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تەكچىگە چىقىۋاپتۇ. دىۋە تۈڭلۈكنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئۆشتىگەرنىڭ ياتقان يېرىگە تاش تاشلاپتۇ، بۇ ئىش تاڭ ئاتقۇچە تەكرارلىنىپتۇ. تاڭ ئېتىپ، كۈن قىزىرىشقا باشلىغاندىلا دىۋە تاش ئېتىشنى توختىتىپ، ئۆگزىدىن چۈشۈپتۇ. بۇنى سەزگەن ئۆشتىگەر دەرھال ئورنىغا كىرىپ يېتىۋاپتۇ. دىۋە ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىردەم تۇرۇپ تىڭشىسا، ئۆشتىگەرنىڭ خورىكى چىقىۋاتقۇدەك. ئىلگىرى تاشلىغان تاشلىرىغا كېيىنكى تاشلىغان تاشلىرى تېگىپ قاڭقىپ يوتقاننىڭ ئۈستىدە بىر تالمۇ تاشنىڭ قالمىغانلىقىدىن خەۋەرسىز قالغان دىۋە ساراينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قارىسا، ئۆشتىگەر يوتقاننىڭ ئىچىدە ئاۋۋال ئاخشامىقىدەك پۇشۇلداپ ياتقۇدەك. بۇنى كۆرگەن دىۋە >بۇ ھەقىقەتەن باتۇر ئىكەن، ھەر نېمە بولسا بىر ئەھۋال سوراپ باقاي< دەپ ئويلاپ:
- ھەي بۇرادەر، تاڭ ئاتتى، ئۇخلاۋېرەمسەن؟ - دەپتۇ.
ئۆشتىگەر بېشىنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ:
- كېچىدىن بۈرگىلىرىڭ يوتقاننىڭ ئۈستىدە جەڭ قىلىپ ئۇخلاتمىدى. ئەمدى كۆزۈم ئۇيقۇغا بېرىپتىكەن، سەن ۋارقىرىغىلى تۇردۇڭمۇ؟! - دەپتۇ. ئۆشتىگەردىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان دىۋە >مەن تاشلىغان تاشلارغا ئۆلمەي، ئۇنى تېخى بۈرگىگە ئوخشىتىۋاتىدۇ، دېمەك، بۇ ھەقىقىي باتۇرنىڭ ئۆزى ئىكەن، بۇنىڭ بىلەن مەن زادى تەڭ كېلەلمىگۈدەكمەن< دەپ قايتىپ چىقىپ، ئۆشتىگەرنىڭ ئەتىگەنلىك چېيى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپتۇ. چايمۇ ئىچىلىپتۇ. ئۆشتىگەر خوشلىشىپ مېڭىشقا تەمشەلگەندە، دىۋە بىر ساندۇققا ئالتۇن قاچىلاپ كۆتۈرۈپ چىقىپ:
- ئىي پالۋان، بۇ مېنىڭ سىزگە قىلغان سوۋغىتىم، ئالغاچ كېتىڭ! - دەپتۇ.
ئۆشتىگەر قارىسا يوغان بىر ساندۇق، ئۇنى كۆتۈرۈش ئەمەس، ئورنىدىن يۆتكەشكىمۇ خېلى كۈچ كېرەك. >بۇ يەردىمۇ بىر ھىيلە ئىشلىتەي< دەپتۇ ئۇ ئۆز - ئۆزىگە. شۇنىڭ بىلەن دىۋىگە:
- بىزنىڭ رەسىم - قائىدىمىزدە، بىرەر كىشى دوستلىرىغا يوللۇق تۇتسا، ئۇنى ئۆزى ئاپىرىشىپ بېرىدۇ. ئەگەر سەنمۇ بۇنى كۆڭۈل - كۆكسۈڭدىن چىقىرىپ سوۋغات قىلغانىكەنسەن، ئۆيۈمگە ئاپىرىپ بەرگىن، بولمىسا مەن ئېلىپكەتمەيمەن، - دەپتۇ.
دىۋە بۇ سۆزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆشتىگەر بىلەن بىللە ساندۇقنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ يولغا چۈشۈپتۇ. بۇلار ئاز ماڭدىمۇ - جىق ماڭدىمۇ، بۇنىسى بىزگە نامەلۇم، ئىش قىلىپ، ئۆشتىگەرنىڭ ئۆيىگە يېقىن كەپتۇ. بۇ چاغدا ئۆشتىگەرنىڭ خوتۇنى ئۆگزىگە چىقىپ ئېرى كەتكەن تەرەپكە قاراپ تۇرغانىكەن، بۇنى كۆرگەن ئۆشتىگەر دىۋىگە قاراپ:
- ئىي بۇرادەر، كۆردۈڭمۇ، مېنىڭ خوتۇنۇم ئۆگزىگە چىقىپ يولۇمغا قاراپ تۇرۇپتۇ. مەن ئالدىنراق بېرىپ سېنىڭ بىلەن ئاغىنە بولغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇپ قويمىسام بولمايدۇ، - دەپتۇ.
دىۋە بۇ سۆزگە ماقۇل بولۇپ، ساندۇقنى يەرگە قويۇپ ئارام ئېلىشقا باشلاپتۇ. ئۆشتىگەر ئۆيىگە كېلىپ:
- خوتۇن، چاققان بول، ئۆيگە كىر، قازان - قومۇچۇڭنى تاراقشىتىپ تۇر. مەن ئاۋۇ دىۋىنى باشلاپ كىرگەندە ماڭا سەن >ھوي، مېھمانغا ئېتىدىغان ئاشقا قايسى دىۋىنىڭ گۆشىنى توغرايمەن؟< دېگىن، - دەپتۇ. خوتۇنى بۇ گەپكە ھەيران بولغان بولسىمۇ، >بۇنىڭ تېگىدە بىرەر مەسىلە بولسا كېرەك< دەپ ماقۇل بوپتۇ.
ئۆشتىگەر دىۋىنى باشلاپ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ. دىۋىنى ئۆيگە باشلاي دېسە، ئۇ پتمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىشىك ئالدىغىلا سورۇن تۈزەپتۇ. بۇلار ئەمدى ئولتۇرغانىكەن، ئۆي ئىچىدىن ئۆشتىگەرنىڭ خوتۇنى:
ھوي ئادەم، مېھمانغا چوڭ دىۋىنىڭ گۆشىنى توغرايمۇ، كىچىكىنىڭمۇ؟! - دەپ سوراپتۇ.
ئۆشتىگەر جاۋاب بەرگۈچە، دىۋە ئورنىدىن تۇرۇپ قېچىپتۇ. دىۋىنى قاچۇرغان ئۆشتىگەر خوتۇنىغا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپ، ساندۇقتىكى ئالتۇننى ئۆيگە توشۇشقا باشلاپتۇ.
ئەمدى سۆزنى تۈلكىدىن ئاڭلايلى. ئۆشتىگەرنىڭ ئۆشكىسىنىڭ سۈتىدىن سۈزۈۋېلىنغان قايماقنى ئىچىپ ئۆگىنىپ قالغان تۈلكە تىلىنى بىر غېرىچ چىقىرىپ كېلىۋاتقانىكەن، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆشتىگەرنىڭ ئۆيىدىن قاچقان دىۋە ئۇچراپتۇ. دىۋىنىڭ ئالدى - ئارقىسىغا قارىماي قېچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تۈلكە: - ھەي دىۋە، نېمىدىن شۇنچە قورقۇپ كەتتىڭ؟! - دەپتۇ.
دىۋە تۈلكىگە ئۆشتىگەرنىڭ ۋەقەسنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان تۈلكە:
- ھەي ئەخمەق، >ئىگىز ئادەم ئەخمەق كېلىدۇ< دېگەن راسكەن، بويۇڭغا قارىسا بۇلۇتقا تاقىشىدۇ، ئەمما مېنىڭچىلىكمۇ ئەقلىڭ يوق ئىكەن. مەن كۈندە بېرىپ ئۇنىڭ ئۆشكىسىنىڭ سۈتىنىڭ قايمىقىنى قاقشىتىپ تۇرۇپ ئىچىپ كەلگەن يەردە سەن قاچساڭ قانداق بولغىنى؟ يۈر، مەن سېنى باشلاپ بېرىپ ئۆشتىگەردىن ھەممە ئەلىمىنڭنى ئېلىپ بېرەي، خالىساڭ ئالدىڭغىمۇ سېلىپ بېرەي! - دەپتۇ.
- بۇ گەپنى راست ئېيتىۋاتامسەن؟ - دەپتۇ دىۋە.
- ھەئە، - دەپتۇ تۈلكە قۇيرۇقىنى ئوينىتىپ، دىۋە ئويلاپ >تۈلكە دېگەن ھارامزادە بولىدىغان، بۇ يوغان گەپ قىلىپ ئاپىرىپ مېنى بىر بالاغا تىقمىسۇن يەنە< دېگەن يەرگە كەپتۇ:
- ئانداق بولسا، - دپتۇ دىۋە، - كەل، قۇيرۇقۇڭغا ماۋۇ ئارغامچىنى باغلاپ شۇنى تۇتۇپ ماڭاي، ئەگەر مېنى ئالدايدىغان بولساڭ بىلىپ قوي، قۇيرۇقۇڭ مەندە، ئۆزۈم بىلگەننى قىلىمەن.
تۈلكە بۇ شەرتكە كۆنۈپتۇ. ئىككىسى شۇنداق يولغا چۈشۈپتۇ.
ئالتۇننى ئۆيىگە توشۇپ بولغان ئۆشتىگەر ئۆگزىگە چىقىپ ئەتراپقا نەزەر ساپتىكەن، كۆزىگە يېتلىشىپ كېلىۋاتقان تۈلكە بىلەن دىۋە چېلىقىپتۇ. ئۆشتىگەرنى غەم بېسىپتۇ. ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ، كۆڭلىنى توختىتىپ قارىسا، تۈلكە يېقىنلا كېلىپ قالغانمىش.
- ھەي ھارامزادە تۈلكە، - دەپتۇ ئۆشتىگەر تۈلكىگە خىتاپ قىلىپ، - مەندىن بىر دىۋىگە پۇل ئالغىلى ھەپتە بولدى، ئۈچ كۈندە كېلىمەن دەپ كېلىشىڭ بۈگۈنمۇ؟ بۇمۇ مەيلى، يەنە كېلىپ مېنىڭ ئاغىنەمنى ئالداپ كەلگىنىڭ ئۈچۈن مەن سېنى قانداق قىيناپ ئۆلتۈرسەم بولىدۇ، قېنى ئۆز تىلىڭ بىلەن ئېيتىپ باقە؟!
ئۆشتىگەردىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان دىۋە >تۈلكە مېنى ساتقىلى ئېلىپ كەلگەنىكەن< دېگەن ئويغا كەپتۇ - دە، تۈلكىنى سۆرىگەن پېتى باياۋانغا قېچىپتۇ ۋە كېتىپ بېرىپ تۈلكىنى بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ يەرگە بىر ئۇرۇپتىكەن، تۈلكىنىڭ غىققىدە جېنى چىقىپ كېتىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۆشتىگەر تۈلكىنىڭ بوزەك قىلىشىدن قۇتۇلۇپ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە خۇشال يااپتۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇندىن بۇيان دىۋە ئادەملەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدىغان بولغانمىش.