بۆرە، تۈلكە ھەم بۆدۈنە
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن زاماندا، كونا خاماندا،
ئۈچى تۇيۇقسىز كۆرۈشكەنىكەن.
كىشى بارمىغان چۆللۈك باياۋاندا،
سەپەر قىلىشىپ يۈرۈشكەنىكەن.
جاڭگاللىقلارنى تۈلكە ئارىلاپتۇ.
ھېچقايسىسى بۇنى تۇيمىغانىكەن.
ئاچكۆز بۆرىدىن جانلار زارلاپتۇ،
ئۇچرىغاننىلا قويمىغانىكەن.
تۈلكە مۇغەمبەر، بۆرىسى ئاچكۆز،
بۆدۈنە ساددا، ئۇقمىغانىكەن.
ئۈچى سەپەردە، پەسلى دەل كەچ كۈز،
ئەمما بۆدۈنە قورقمىغانىكەن.
ئۆتكەن زامانلارنىڭ بىرىدە، كەنجى بىدە ئورۇمى ۋاقتىدا، بىر بۆدۈنە بىر كونا خاماننىڭ قىرغىقىدىكى چىملىققا ئۆز جورىلىرىنى ئىزدەپ >ۋىت - ۋالاق، ۋىت - ۋالاق< دەپ سايراپ تۇرغاندا، بىر تۈلكە قۇيرۇقىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ بۆدۈنىنىڭ يېنىغا كەپتۇ. بۆدۈنە بىلەن تۈلكە بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرۇشقاننىڭ ئارىلىقىدىلا، بىر بۆرە بىر چامداپ، ئىككى ئالىيىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ تۇرۇپتۇ. بۆدۈنە، بۆرە، تۈلكە ئۈچى ئۇشتۇمتۇتلا ئۇچرىشىپ قالغانلىقتىن، لام - جىم دېيىشمەي، خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە بىر - بىرىگە قارىشىپ قاپتۇ.
بىر ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن تۈلكە ئاۋۋال بۆرىگە، كېيىن بۆدۈنىگە تازا سەپسېلىپ قارىۋېلىپ، ئاستا ئېڭىشىپ سالام بېرىپتۇ - دە، مۇنداق دەپتۇ:
- ئۈچىمىز ئۈچ ياقتىن كەلدۇق، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئاران تېپىشتۇق، دوست بولايلى، دوست بولغاندىمۇ، تازا چىڭ دوستلاردىن بولايلى، تاپقان - تەرگىنىمىز تەڭ بولسۇن، ئۆمرىمىز بىللە ئۆتسۇن.
بۆدۈنە بىلەن بۆرە ئاۋۋال بىر - بىرىگە قارىشىۋېلىپ، كېيىن ئىككىسى تەڭ ئېگىلىپ تۈلكىگە تەزىم قىلىشىپتۇ - دە، تۈلكىنىڭ تەكلىپىنى ماقۇل كۆرۈپتۇ. بۇ ئۈچى شۇ كۈندىن باشلاپ دوست بولۇپ، ئۇزۇن زامانغىچە بىر كونا خاماندا كۈن ئۆتكۈزۈشۈپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئۈچى يىراق بىر جايغا سەپەرگە جابدۇنۇپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. ئۇلار قويۇق چاتقاللىق جاڭگاللارنى، ئېگىز - ئېگىز تاغ - ئېدىرلارنى ۋە ئويمان - چوڭقۇر سايلارنى بېسىپ ئۆتۈپتۇ. سەپەرنىڭ دەسلىپىدە غەملىۋالغان ئوزۇقلىرىدىن كەڭتاشا يەپ - ئىچىپ مېڭىشىپتۇ، يول يۈرۈشىمۇ كۆڭۈللۈك بولۇپتۇ. ئەمما، يولى بەك ئۇزىراپ ئوزۇقلىرى تۈگەشكە باشلاپتۇ، ئاخىرىدا يېگۈدەك بىرەر نەرسە قالماپتۇ ھەم يولدىنمۇ تېپىلماپتۇ. بۆرە قورساق ئاچلىقىغا چىداشلىق بېرەلمەپتۇ، بۆدۈنە بىلەن تۈلكە بۆرىنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ، لىپىلداپ كېتىۋېرىپتۇ. بۆرە غەيرىتىگە كېلىپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن خېلى يەرلەرگىچە مېڭىپ بېقىپتۇ. ئاخىر بولالماي يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېتىۋاپتۇ. بۆدۈنە بىلەن تۈلكە ئارقىسىغا قارىسا، بۆرە يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا پالازدەك سوزۇلۇپ ياتقۇدەك. يېقىن كېلىپ قارىسا بۆرىنىڭ چىرايى تاتىرىپ، يەتتە يىل كېزىك تارتقاندەك سارغىيىپ كەتكەن. بۆرە:
- قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى، يەيدىغانغا بىر نەرسە تېپىلمىسا يول يۈرەلمەيمەن، - دەپتۇ.
تۈلكە بۆرىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ، قۇيرۇقىنى كۆتۈرۈپ، بىر ئۇياققا، بىر بۇياققا مېڭىپتۇ. ئاندىن سوزۇلۇپ ياتقان يولغا كۆز ساپتۇ. بايقىغۇدەك بولسا، بىر خوتۇن ئېتىزدا كۈزگى ئېگىز ئاغدۇرۇۋاتقان ئېرىگە قاچىدا تاماق ئېلىپ كېتىۋاتقۇدەك. تۈلكە دەررۇ بۆرىگە قاراپ:
- دوستۇم، غەم قىلما، قورسىقىڭنى ھازىر تويغۇزىمىز، - دەپتۇ ۋە بۆدۈىنىنى يېنىغا تارتىپ، - بۇرادەر بۆدۈنە، ئاۋۇ كېتىۋاتقان خوتۇننى كۆردۈڭمۇ؟ سەن ئاشۇ خوتۇن كېتىپ بارغان تەرەپكە قاراپ ئۇچىسەن، ئۇنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئالدىغا چۈشىسەن، ئۇ سېنى تۇتۇۋالىمەن دەپ قاچىنى قويۇپ قوغلايدۇ. سەن بولساڭۇ بىر قونۇپ، بىر ئۇچىۋېرىسەن. قاچىدىكى تاماق بولسا بىزگە قالىدۇ، - دەپتۇ.
بۆدۈنە تۈلكىنىڭ مەسلىھىتىگە >ماقۇل< بولۇپ، ھېلىقى خوتۇن تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپتۇ. بۆدۈنىنىڭ ئارقىسىدىنلا تۈلكە بىلەن بۆرى ھېلىقى خوتۇن كېلىۋاتقان يولنىڭ چېتىدىكى ئېرىقنىڭ ئىچىگە يېتىپ بېرىپ ماراپ يېتىشىپتۇ. بۆدۈنە ئۇچقان بويىچە خوتۇنىنىڭ ئالدىغا بېرىپ چۈشۈپ، بوينىنى ئۇزۇن سوزۇپ چۇرۇلداپ يورغىلاپ مېڭىپتۇ. قاچا كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان خوتۇن:
- ئەجەپ چىرايلىق جانىۋار - دە، سەن. چۇرۇلداشلىرىڭ خويمۇ يېقىملىق. سېنى تۇتۇپ بالامغا بېقىپ بېرەي، - دەپ قاچىنى يەرگە قويۇپ، بۆدۈنىنى قوغلاپتۇ. بۆدۈنە بولسا، ھېلىقى خوتۇننىڭ ئالدىدا بىر ئۇچۇپ، بىر يورغىلاپ كېتىۋېرىپتۇ. ئۇ خوتۇن خۇشال بولۇپ >ئەنە تۇتۇۋالىدىغان بولدۇم، مانا تۇتۇۋالىدىغان بولدۇم< دەپ بۆدۈنىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېتىۋېرىپتۇ. قاچا بولسا ئۇنىڭ يادىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. خوتۇن شۇ قوغلىغىنىچە ئېرىنىڭ يېنىغا يېتىپ كېلەي دەپ قاپتۇ.
قوش ھەيدەۋاتقان ئېرى خوتۇنىغا قارىسا پۇلاڭلاپ چىقىپ كېلىۋاتقۇدەك، ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن، يېقىنراق كەلگەندە بايقىسا، بىر بۆدۈنە خوتۇنىنىڭ ئالدىدا بىر ئۇچۇپ، بىر قونۇپ يورغىلاپ كېتىۋاتقۇدەك. دېھقان ھەيدەۋاتقان قوشىنى توختىتىپتۇ، ئاڭغىچە بۆدۈنىمۇ ئۇچۇپ كېلىپ قوشقا قېتىقلىق ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە قونۇۋاپتۇ. ئەتىدىن - كەچكىچە قوشقا قېتىلغان ئۇي ھېرىپ كەتكەنلىكتىن مۈڭگۈزىنى سىلكىمپۇ قويماپتۇ.
- توختا خوتۇن، توختا! - دەپ دېھقان ئالدىراشلىق بىلەن قولىغا بىر كالتەكنى ئېلىپ ئاتقانىكەن، بار كۈچى بىلەن ئېتىلغان كالتەك بىچارە ئۇينىڭ بىر مۈڭگۈزىنى تاق تۈۋىدىن قومۇرۇپ چۈشۈپتۇ. بۆدۈنىگە كالتەك تېگەمدۇ، ئۇ ئاللىقاچان پەيدەك ئۇچۇپ كۆزدىن يۈتۈپتۇ.
ئۇينىڭ مۈڭگۈزى كالتەك بىلەن تەڭلا يەرگە چۈشكەندە، دېھقاننىڭ خوتۇنى قاچىنى ئەسلەپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كەينىگە يېنىپ يۈگۈرەپتۇ. بېرىپ قاچىنى قولىغا ئاپتۇ - دە، >ئۇيىنىڭ مۈڭگۈزى يامان بولدى. ئەمدى قوش توختاپ قالسا، بار بالانى تەرگەن سەن خوتۇن، دەپ ھېلىقى كىشى مېنى ئۆلگۈچە دۇمبالاپ يۈرمسىە بولاتتىغۇ< دەپ قايغۇ ئىچىدە ئېرى تەەرپكە مېڭىپتۇ. ئېرىنىڭ يېنىغا يېقىن بېرىپ قارىسا، ئۇنىڭ رەڭگى - روھى قار - يامغۇر ياغىدىغاندەك تۇرغۇدەك، خوتۇن ئېرىنىڭ بۇ پەيلىدىن قورقۇپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا بىر دەسسەپ، ئىككى چامداپ كەپتۇ. ئەندىشىدە خىيالى تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن خوتۇن نېمە قىلارنى بىلمەستىن ئورنىدىلا تۇرۇپ قاپتۇ. ئېرى خاپىلىق بىلەن ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغان بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- ھوي ھاڭۋاقتى، بولساڭچۇ، قورساق ئېچىپ ئۆلەي دېدىغۇ كىشى، - دەپ خوتۇنىنى بىر مۇنچە جۆنۈپتۇ. خوتۇن قاچىنىڭ ئاغزىدىكى ئورالغان لۈڭگىنى يېشىپ قارىسا، كورىنىڭ ئاغزى بىلەن تەڭ تېزەك تۇرغۇدەك. بۇ ئالامەتنى كۆرگەن خوتۇن >ۋاي ئۆلدىمەي< دەپ پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپتۇ - دە، بېشىدىن بىر قاپاق سۇ قۇيۇلغاندەك بولۇپ، تۇرغان جايىدا تاشتەك قېتىپ قاپتۇ.
بىچارە خوتۇن كورىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئىچىگە قارىمىغانىكەن. ئۇ بۆدۈنىنى تۇتىمەن دەپ قوغلاپ ماڭغاندا، ئېرىقنىڭ قىرىدا ماراپ ياتقان تۈلكە بىلەن بۆرە مانتىنى تويغىچە يەپ، ئېشىپ قالغانلىرىنى بۆلۈشۈۋېلىپ، قاچىنىڭ ئىچىگە ئاغزى بىلەن تەڭ ئات تېزىكىنى تولدۇرۇپ، ئۈستىنى ئاۋۋالقىدەك ئۆڭگە بىلەن ئوراپ قويۇشقانىكەن.
خوتۇن ھوشىنى يىغىپ ئەتراپىغا قارىسا، ئالدىدا تۇرغان ئېرى يوقتەك. ئەتراپىغا سىنچىلاپ قارىغۇدەك بولسا، ئېرى ئۇيىنى يېتىلەپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقۇدەك. خوتۇن نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپتۇ - ئويلاپتۇ، ئۇنىڭ چىگىش ئويى بىر تەرەپكە يېشىلىپ چىقماپتۇ، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ >ئۇھ< دەپتۇ، >ئاھ< دەپتۇ. ئاخىرىدا >ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا< دەپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ كېتىپتۇ.
ئەر - خوتۇن ئىككىسى خاپىلىق بىلەن ئۆيگە بارغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ئىشنى تەگىشىپ بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئاجرىشىپ كەتتىمۇ ياكى >ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات< دەپ يەنە ئاۋۋالقىدەك ئۆي تۇتۇشۇۋەردىمۇ، ئۇنىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرگەن كىشى بولماپتۇدەك.
بۆدۈنە مەسلىھەت قىلغان جايغا كېلىپ، تۈلكە بىلەن بۆرىدىن ئېشىپ قالغان بىر مانتىنى كىچىك تۇمشۇقى بىلەن چوقۇلاپ ئۇششاق توغرالغان كاۋا بىلەن تۇگۇرلىشىپ قالغان چىگىرتەكلەرنى يەپ قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ. ئاندىن بۇ ئۈچى يەنە يولغا چۈشۈپتۇ. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن بۆرە تۈلكە بىلەن بۆدۈنىنى توختىتىۋېلىپ:
- ئاغىنىلەر، قورسىقىم ئاچقاندەك قىلىۋاتىدۇ. قورساقنىڭ ئاچقانلىقىنى ئىلگىرىرەك ئېيتىپ قويمىسام، كېيىن چىداپ تۇرالمايدىكەنمەن، - دەپتۇ. تۈلكە بۆدۈنىگە قاراپتۇ - دە، ئۇنىڭدىن كېيىن بۆرىگە:
- راست دەيسەن، دوستۇم، قورسىقىڭنىڭ ئېچىۋاتقانلىقىنى ئالدىراپ ئېيتقىنىڭ ياخشى بولدى، ئالدىنراق مەسلىھەتلىشىۋالايلى، دەپ بۆدۈنىنى يولنىڭ بىر چېتىگە تارتىپ:
- دوستۇم بۇدۈنە، بۇ بۆرە بىزگە بىر بالا بولدى، بۇنىڭدا قورساق جىدىلىدىن باشقا ھېچگەپ يوق. ئولتۇرسا - قوپسا يەيمەنلا دەيدۇ، - دەپتۇ تۈلكە.
بۆدۈنە تۈلكىگە يېقىنراق كېلىپ:
- دوستۇم، بۆرىنىڭ پەيلى شۇنداقلا بولسا، بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى بىزنىمۇ يەپ قويىدىغانغا ئوخشايدۇ، - دەپتۇ.
- ياق، ئالدىرىما، بۇنى جايلايمىز، - دەپتۇ تۈلكە.
- قانداق جايلايمىز؟ - دەپ سوراپتۇ بۆدۈنە.
- ھازىر ئالدىمىزغا قاراپ ماڭىمىز، بىر دiدىن ئۆتۈپ توختايمىز، ئۇ يەردە ناھايىتى چوڭ بىر باغ بار. سەن شۇ باغنىڭ ئىچىگە ئۇچۇپ كىرىسەن، ئارقاڭدىنلا بۆرە بىلەن ئىككىمىز سۈڭگۈچتىن كىرىپ بارىمىز، سەن باغدىكى باراڭغا قونۇپ تۇرۇپ ئۈژمىنى چوقۇلاپ يەرگە چۈشۈرۈپ بېرىسەن، بىز ئۇنى يەيمىز، يېگەندىمۇ ئاغزى - بۇرنىمىزدىن چىققۇچە يەيمىز، ئاندىن مەن ساڭا شەرەت قىلىمەن، سەن شۇ چاغدا >ۋاي ئىگىسى، باغقا ئوغرى كىردى< دەپ راسا ۋارقىرايسەندە، قاچىسەن، ئەنە شۇ چاغدا ئۇ تەييار تاپتىن قۇتۇلىمىز، دەپتۇ تۈلكە.
بۆدۈنە >ماقۇل< دەپتۇ. ئاندىن بۇ ئۈچى يولغا چىقىپ، خېلى يوللارنى بېسىشىپ ھېلىقى باغقا يېتىپ كەپتۇ. باغنىڭ ئەتراپى ئېگىز سېپىلدەك تاملار بىلەن قورسالغانىكەن، بۆدۈنە ئۇچقان پېتىچە باغقا كىرىپ كېتىپتۇ. تۈلكە بىر ئۇياققا، بىر بۇياققا مېڭىپ بېقىپ، بىر سۈڭگۈچنى تېپىپ بۆرىنى يېنىغا چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ:
- دوستۇم، باغقا كىرگەندىن كېيىن ئۈچ كۈنلۈك تاماقنى بىرلا يەۋالىمىز. مۇنداق قىلمىغاندا يولدا تاماق تېپىلمايدۇ. بۇ باغدىكى ئۈزۈم ناھايىتى شېرىن، قانچە كۆپ يېسەك، شۇنچە سىڭىۋېرىدۇ، بۇرنىمىزدىن ئۈزۈم چىققۇچە يېيىش كېرەك. بولمىسا قورساق تويغان ھېسابلانمايدۇ، - دەپ جېكىپتۇ. بۆرە:
- بولدى، يەيدىغانلا نېمە بولسا، مەن تەييار، - دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپتۇ. تۈلكە بىلەن بۆرە سۈڭگۈچتىن قىسىلىشىپ باغنىڭ ئىچىگە كىرىپ قاراشسا، باراڭدىكى ئۈزۈملەر راسا پىشىپ مەي بولۇپ كەتكەنىكەن. بۆدۈنە ئۈزۈمنى چوقۇپ يەرگە چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ، مۆلدۈردەك يەرگە چۈشۈۋاتقان ئۈزۈملەرنى بولسا، بۆرە بىلەن تۈلكە نەرقىنى سورىماي يەۋېرىپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن تۈلكە بۆرىگە كۆرسەتمەي ئىككى تال ئۈزۈمنى بۇرنىنىڭ ئىككى تال تۆشۈكىگە تىقىۋاپتۇ. بۆرە بىر ئارىلىقتا تۈلكىگە قارىسا، ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ تۆشۈكىدە ئۈزۈم تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرگەن بۆرە تۈلكىدىن سوراپتۇ:
- دوستۇم، بۇ نېمەڭ؟
- يادىڭدىن چىقىرىپ قويدۇڭمۇ؟ بايا ساڭا ئېيتمىدىممۇ، قورسىقىم تويۇپ، ئۈزۈم بۇرنۇمدىن چىقتى، - دەپتۇ.
بۆرە گەپ - سۆز قىلماستىنلاۆ يەردىكى ئۈزۈملەرنى ئوچۇملاپ ئاغزىغا سېلىشقا باشلاپتۇ، لېكىن قانچە يېسىمۇ بۇرنىدىن چىقماپتۇ. تۈلكە بولسا:
- بۇرنىڭدىن چىقمىغىنىغا قارىغاندا، قورسىقىڭ تويماپتۇ، يەنە يېگىن، - دەپ زورلاۋېرىپتۇ. بۆرە بولسا يەۋېرىپتۇ. ئاخىرىدا بۆرىنىڭ قورسىقى تويۇپ كەتكەنلىكتىن، ئورنىدىن تۇرالماي قالغۇدەك ھالغا چۈشۈپتۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا تۈلكە بۆدۈنىگە ئىشارەت قىلىپ قويۇپتۇ. بۆدۈنە قونۇپ تۇرغان ئورنىدا ئۆزىنى جۆندىۋېلىپ:
- ۋاي ئىگىسى، باغقا ئوغرى كىردى، ۋاي ئىگىسى ئۈزۈمنى بۆرە يەپ كەتتى، - دەپ باغنى چاڭ كەلتۈرگۈدەك بەش - ئالتە قېتىم ۋارقىراپتۇ - دە، ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئۆزىنى راستلاپ تۇرغان تۈلكىمۇ قۇيرۇقىنى دىڭ تۇتۇپتۇ - دە، سۈڭگۈچتىن چىقىپ قېچىپتۇ. بۆرە بولسا كۆك بېدە يەپ قارنى كۆپكەن كالىدەك پۇشۇلداپ ئورنىدىن ئاران تۇرۇپتۇ ۋە قورسىقىنى سۆرەپ سۈڭگۈچكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. بىراق، سۈڭگۈچكە كەپلىشىپ قاپتۇ. باغنىڭ ئىگىسى >ماھ - ماھ< دەپ تايغانلىرىنى ۋارقىرىغانىكەن، بۇ ئاۋانى ئاڭلىغان بۆرە ھازىرلا جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك قورقۇپ كېتىپتۇ. ئۇ سۈڭگۈچنىڭ ئىچىدە بىردەم دۈم بولۇپ بېقىپتۇ، بىردەم ئوڭدا بولۇپ بېقىپتۇ، سۈڭگۈچتىن چىقىپ كېتەلمەپتۇ. ئاخىر سۈڭگۈچنىڭ يان - يېنىنى بار كۈچى بىلەن تاتلاپتۇ - دە، سۈڭگۈچنى بىر ئاز كېڭەيگەن بوپتۇ ۋە سۈڭگۈچتىن چىقىپ قېچىپتۇ.
باغنىڭ ئىگىسى ئۇزۇن بىر كۆسەينى ئاپتۇ - دە، جەدە بايتىلىنى ياۋداق مىنىپ، ئىككى تايغىنىنى ئەگەشتۈرۈپ، بۆرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. بۆرە ئۆلەر - تىرىلىشىگە باقماي ئويمان - چوڭقۇرلۇقلاردا پۇتلىشىپ، يىقىلىپ قېچىۋېرىپتۇ. قانداق قىلىپ جان ساقلاپ قېلىشقا كۆزى يەتمىگەن بۆرە گاڭگىراپ ئەتراپىغا كۆز سالسا، بىر بوۋاي قوش ھەيدەۋاتقۇدەك. بۆرە بوۋاينىڭ قارىسىنى ئاپتۇ - دە، بوۋاي تەرەپكە بۇرۇلۇپ:
- ۋاي بوۋاي، تاغارنىڭ ئاغزىنى ئاچ، ۋاي بوۋاي، تاغارنىڭ ئاغزىنى ئاچ! - دەپ يۈگۈرۈپتۇ. بوۋاي ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا زارلاپ كېلىۋاتقان بۆرىنى كۆرۈپ، ھەيدەۋاتقان قوشىنى توختىتىپ، تاغارنى قولىغا ئېلىپ، ئۇىڭ ئاغزىنى بۆرىگە قارىتىپ ئېچىپ تۇرۇپتۇ. بۆرە ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ تاغارنىڭ ئىچىگە كىرىپ جايلىشىپتۇ. بوۋاي بولسا تاغارنىڭ ئاغزىنى بوغۇپ، ئۇنى سۆرەپ بىر دالدىغا ئەكىلىپ تاشلاپ قويۇپتۇ. بوۋاي قوشنىڭ يېنىغا كېلىشىگە باغنىڭ ئىگىسى بوۋاينىڭ يېنىغا يېتىپ كېلىپ:
- يېنىڭىزدىن بىر بۆرە ئۆتتىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
بوۋاي پاڭ ئادەمنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ:
- ئۇكام، بۈگۈن سەل كېچىكىپرەك كېلىۋىدىم، يامان ئەمەس بىر يېرىم پۇت ئۇرۇق چېچىپ بولدۇم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
باغنىڭ ئىگىسى بوۋاينىڭ قۇلىقى ئېغىرراق بولسا كېرەك دەپ ئېتىنى بىر - بىرىگە دېۋىتىپ، بوۋايغا تېخىمۇ يېقىراق كېلىپ:
- بوۋاي، مەن قانچىلىك ئۇرۇق چاچقانلىقلىرىنى سورىمىدىم، يېنىڭىزدىن بىر بۆرى قېچىپ ئۆتتىمۇ دەۋاتىمەن؟! دەپتۇ ئۈنلۈك ۋارقىراپ:
بوۋاي بىر كۈلۈپ قويۇپ:
- ھەي ئۇكام، سىلەرگە ئوخشاش ھال - ئوقىتى بار كىشىلەر يەرنى جىق تۇتمىسا، بىز كەمبەغەللەر جىق يەرنى نېمە قىلىمىز! - دەپتۇ.
- باغنىڭ ئىگىسى بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ: >ئاينىپ قالغان بوۋايمۇ نېمە، كاللا دېسە پاقالچاق دەپ يۈرمەمدۇ< دەپ، ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپ ئارقىسىدىن بېشىنى سىلكىپ ئارقىسىغا يېنىپ كېتىپتۇ. باغنىڭ ئىگىسى خېلى ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن بوۋاي تاغارنىڭ ئاغزىنى يېشىۋېتىپتۇ. بۆرە تاغاردىن چىقىۋېلىپ، رەھمەت ئېيتىشنىڭ ئورنىغا بوۋاينىڭ قوشقا قېتىقلىق ئۇيلىرىنىڭ ئالدى - كەينىگە ئۆتۈپ:
- بوۋاي، قورسىقىم ئاچتى. ئۇيلىرىڭدىن بىرنى يېمىسەم بولمدى. قايسىنى يېسەم بولىدۇ؟ - دەپتۇ.
بوۋاي بۆرىنىڭ سۆزىگە ھەيران بولۇپ:
- ئۇيۇمدىن بىرنى يېسەڭ دېھقانچىلىقىمنى قانداق قىلىمەن؟ - دەپتۇ. بۆرە:
- دېھقانچىلىقىڭ بىلەن نېمە كارىم، قورسىقىم تويسا بولدى، دەپتۇ. بوۋاي قەھىر - غەزىپى بىلەن كەتمەننى قولىغا ئېلىپ:
- ئۇينى يەيدىغان ھەددىڭ ئەمەس؟ - دەپ بۆرىنىڭ ئالدىنى توساپتۇ.
تازا مۇشۇ جاڭجالنىڭ ئۈستىگە بۆدۈنە بىلەن تۈلكە كېلىپ قاپتۇ. تۈلكە:
- ھوي دوستۇم، بارمۇ سەن؟ ئەھۋالىڭ قانداق؟ قانداق قۇتۇلدۇڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. بۆرى ئۆتكەن ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. تۈلكە:
- دوستۇم، بۇ سۆزۈڭگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. تاغارنىڭ ئىچىگە قانداقمۇ پاتىسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە باغنىڭ ئىگىسى ئىككى تايغان بىلەن كەينىڭدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ كېلىۋاتسا، سېنىڭ قەيەرگە مۆكۈۋالغىنىڭنى كۆرمەي قالامدۇ؟ - دەپتۇ. بۆرە:
- مېنىڭ بۇ سۆزۈمگە ئىشەنمەمسىلەر؟ قانداق قىلىپ قۇتۇڭلغىنىمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بوۋاي ئەنە قاراپ تۇرىدىغۇ، سوراپ كۆرمەمسىلەر، - دەپتۇ. تۈلكە بىلەن بۆدۈنە يەنە:
- ياق - ياق، بۇ گەپلىرىڭگە زادى ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ئەگەر گېپىڭ راست بولسا، شۇ ئامالىڭنى بىزگە يېڭىباشتىن كۆرسىتىپ باققىنا، - دەپتۇ.
- بۆرى ئولتۇرغان ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ - دە، يىراق يەردىن يۈگۈرۈپ كېلىپ تاغارغا كىرىپ كۆرسەتمەكچى بولۇپ مېڭىپتۇ. بۆرە سەل يىراققا كەتكەندىن كېيىن تۈلكە بوۋايغا قاراپ:
- بوۋاي، بۆرىنىڭ ساڭا قىلغان بىۋاپالىقىنى كۆرۈپ تۇردۇق. ئەمدى پەيتى كەلدى. ئەپلەپ تۇرۇپ بۆرىنىڭ جاجىسىنى بېرىشنىڭ چارىسىنى قىلمامسەن، - دەپتۇ. ئاڭغۇچە بۆرى يۈگۈرۈپ كەپتۇ - دە:
- ۋاي بوۋاي، تاغارنىڭ ئاغزىنى ئاچ... تاغارنىڭ ئاغزىنى ئاچ! - دەپ ۋارقىراپتۇ. بوۋاي تاغارنىڭ ئاغزىنى يوغان كېرىپ بۆرىگە قارىتىپ تۇرۇپتۇ. بۆرى كېلىپ تاغارنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. بوۋاي >ھىم< دەپ چىىشنى - چىشىغا بېسىپتۇ - دە، ئارغامچىنى قولىغا ئېلىپ، ئاۋۋالىقى قېتىمدا تاغارنىڭ ئاغزىنى ئىككى قىلىپ باغلىغان بولسا، بۇ نۆۋەت تۆت قات قىلىپ بوغۇپتۇ.
- خوش، قولغا چۈشتۈڭمۇ؟ ئۇينى يەيدىغان ھەددىڭ ئەمەس، دېمەپمىدىم، - دەپتۇ بوۋاي.
- تاغارنىڭ ئاغزىنى يېشىۋەت، چاپسان بول، - دەپ بۆرە بىردەم مەممەدانلىق بىلەن ۋارقىراپ بېقىپتۇ. لېكىن تاغاردىن چىقىشنىڭ ھېچبىر ئىلاجىسىنى تاپالماپتۇ. بۆدۈنە بىلەن تۈلكە ئۈچەيلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك كۈلۈشۈپتۇ - دە، بوۋايغا قاراپ:
- بوۋاي، بۆرىنىڭ ئەدىپىنى كېلىشتۈرۈپ بېرەسەن، - دەپ بۇ جايدىن كېتىشىپتۇ. بوۋاي بۆرىنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن غەزىپى ئۆرلەپ ئۇنى كەتمەن بىلەن سالغىلى تۇرۇپتىكەن، ئاي - ھاي، بۆرە دۇنياغا كەلگىنىگە مىڭبىر پۇشايمان يەپتۇ. بوۋاي ھېرىپ - چارچاپ تاغارغا قارسا، بۆرىنىڭ پۇت - قوللىرى كۇكۇم تالقان بولۇپ، تېنى بىر تۇلۇمغا ئوخشىشىپ قاپتۇدەك، بوۋاي ئۇنىڭ تېرىسىنى پىچاق تەككۈزمەستىن سويۇپ ساتقانىكەن، پۇلىغا بىر ئات كەپتۇدەك. شۇنىڭ بىلەن بوۋاي يىراق - يېقىنغا پىيادە يول ماڭماس بولغانىكەن.
بۆدۈنە بىلەن تۈلكە ئاچكۆز بۆرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، خېلى ئۇزاق زامانلارغىچە بىللە ياشاپ، بىللە ئويناپ، بىللە كۈلۈپ يۈرۈشۈپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى تۈلكە بۆدۈنىگە:
- دوستۇم، ئىككىمىز تولىمۇ چىرايلىق ئۆتتۇق. ھەممىلا جايدا ئويۇن - كۈلكە بىلەن كۈن ئۆتكۈزدۇق. كۈلىۋېرىپ زېرىكتىم. ئەمدى مېنى بىر قورقۇتۇپ باقمامسەن، قورقۇش دېگەن قانداق بولدىغانلىقىنى بىر كۆرۈپ باقاي، - دەپتۇ. بۆدۈنە:
- بولىدۇ دوستۇم، مۇشۇ كەمگىچە سېنىڭ سۆزۈڭنى يەردە قويمىدىم. ھېلى بولسىمۇ بۇ سۆزۈڭنى بەجا كەلتۈرەي. بىراق، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى خاپىلىق بىلەن ئاياغلىشارمىكىن دەيمىنا - دەپتۇ.
بۇ چاغدا تۈلكە:
- ياق دوستۇم، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆڭۈلسىزلىك تۇغۇلماس. ئۇياقلىرىدىن خاتىرجەم بول، - دەپتۇ.
بۆدۈنە تۈلكىنى جاڭگاللىقتا تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، جاڭگاللىقنىڭ ئەتراپىغا كۆز سالسا، بىر ئوۋچى قۇشنى قولىغا قوندۇرۇپ، ئىككى تايغىنىنى ئەگەشتۈرۈپ ئاتلىق كېلىۋاتقۇدەك، بۆدۈنە ئۇنى كۆرۈپ تۈلكىنىڭ يېنىغا كەپتۇ، ئۇ تۈلكىنى ئارقىسىغا سېلىپ جاڭگاللىقتىن چىقىپ، لويلا كۆكتاتلىق جايلار بىلەن ئوۋچىنىڭ ئالدىغا ئۇدۇل ئېلىپ مېڭىپتۇ. كۆكتاتلىقلار تۈگەپ، داق يەرگە چىققان ۋاقتىدا ئوچى تۈلكىنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ تايغانلىرىنى قىچقىرىپ، قۇشنىڭ بۆكىنى بېشىدىن ئېلىپ تۈلكىگە قاراپ قويۇۋېتىپتۇ. ئاسماندىن قۇش، يەردىن تايغانلار تۈلكىگە قاراپ ئوقتەك ئېتىلىپتۇ. بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئوۋچى ئېتىنى بولۇشىغا چېپىپ، قىقاس بىلەن مېڭىپتۇ. بۆدۈنە ئۆزىنى دالدىغا ئاپتۇ. تۈلكە ئۆزىنى بىر بىلىپ، بىر بىلمەي ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ جاڭگاللىققا قاراپ قېچىپتۇ. مىڭ مۇشەققەتتە جاڭگاللىققا ئۇلۇشۇپتۇ، لېكىن تۈلكە جاڭگاللىققا كىرىپمۇ جان ساقلىغۇدەك جاي تاپالماي گاڭگىراپ قاپتۇ. دەل - دەرىخى شالاڭراق يەرگە بېرىپ تۇراي دېسە، ئۈستىدە ئەگىپ قۇش ئۇنى كۆرۈۋالىدۇ. قويۇق جاڭگاللىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ بىر يەردە ياتاي دېسە، ئىككى تايغان ئۈستىدىن چۈشۈپ باسىدۇ. تۈلكە نەگە بارسا، تايغانلار ئىز بېسىپ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋېرىپتۇ. ئۇ جاڭگالمۇ جاڭگال قېچىپ يۈرۈپ ھېچبىر دەرمانى قالماپتۇ، بەدىنىنى چىغانلار سىجاپ ھېچبىر ھالىنى قويماپتۇ، تەنلىرىدىن قان چىقىشقا باشلاپتۇ. تۈلكە شۇنداق قورقۇپتىكىن، ئۇنىڭغا جېنى ھازىرلا چىقىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپتۇ. بۆدۈنە بولسا ئېگىز دۆۋىلەنگەن بېدىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ، تۈلكىنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
تۈلكە ھېچ بولالماي جاڭگاللىق بىلەن ئورالغان يار باغرىغا بۇرۇلۇپتۇ، قارىسا بىر ياردا تۆشۈك تۇرغۇدەك. تۈلكە شۇ تۆشۈككە بار كۈچى بىلەن ئېتىلىپتۇ. تايغانلارمۇ تۈلكىنىڭ ئارقىسىدىن قالماي تۆشۈككە كىرىپتۇ. بىراق تايغانلار قاراڭغۇ تۆشۈكنىڭ نېرىسىغا بارغاندا، سىغماي قايتىپ چىقىشىپتۇ. تايغانلار شۇ ئۆپچۆرىدە خېلى تۇرۇپ كېيىن قايتىپ كېتىپتۇ. بىر مەزگىللەردىن كېيىن تۈلكە تۆشۈكتىن قايتىپ چىقىپتۇ، ئەمما ئۇ ناھايىتى قورقۇپ كەتكەنلىكتىن پۈتۈن بەدىنى لاغىلداپ تىترەيدىكەن. تۈلكىنى كۆرگەن بۆدۈنە:
- دوستۇم تۈلكە، قورقۇش دېگەن قانداق بولىدىكەن؟ - دەپ كۈلۈپ سوراپتۇ. تۈلكە بۆدۈنىگە يېقىن كەپتۇ - دە، ئۇنى كاپلا قىلىپ چىشلىۋاپتۇ ۋە ئاچچىق بىلەن:
- قورقۇت دېسە، شۇنچىۋالامۇ قورقۇتامسەن - ھە؟! يۈرىكىم ئورنىدىن قوزغىلىپ، جان تۇمشۇققا كېلىپ قالدى. سېنى بىر چاينايكى، ئۇستىخىنىڭنى ئاسمانغا پۇرقۇي! - دەپتۇ غەزەپلىنىپ.
تۈلكىنىڭ ئاغزىغا تۇيۇقسىز چۈشۈپ قالغان بىچارە بۆدۈنە بىر توغرام تېنى بىلەن نېمە ئامال قىلالىسۇن. كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:
- بوپتۇ دوستۇم، مەن ئۆلۈش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن، كەڭچىلىك قىلساڭ. يەنە ئاتا - ئانام، قەۋمى - قېرىنداشلىرىم بىلەن خوشلىشىۋالاي، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. تۈلكە >بوپتۇ< دەپ بۆدۈنىنى بوشراق چىشلەپ تۇرۇپتۇ. بۆدۈنە >ۋىتۋالداق، ۋىتۋالداق، ۋىتۋالداق< دەپ ئۈچ قېتىم سايراپتۇ.
- بولدۇڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ تۈلكە بۆدۈنىدىن. بۆدۈنە جىم تۇرۇپتۇ، تۈلكە يەنە تېرىكىپ:
- بولدىڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. بۆدۈنە ئۈن چىقارماي تۇرۇۋاپتۇ. تۈلكە ئاچچىقى بىلەن:
- ھوي بولدۇڭمۇ؟ - دەپ قەھىر بىلەن سوراپتىكەن، ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ يوغان ئېچىلغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بۆدۈنە پىررىدە قىلىپ ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. بىراق، بۆدۈنىنىڭ قۇيرۇقىنى تۈلكە چىشلەپ ئۈزۈپ ئاپتۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۆدۈنىنىڭ قۇيرۇقى ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ چولاق بولۇپ قالغانىكەن.