UyghurWiki
UyghurWikiچوچاق>سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ<

>سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ<

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمكى زاماندا بىر بوۋاي ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلارنى بوۋاي ئېغىرچىلىقنى چاندۇرماي بېقىپ چوڭ قىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوۋاي ئېغىر كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ ۋە بالىلىرىغا ۋەسىيەت قىلماقچى بوپتۇ: - بالام، - دەپتۇ بوۋاي چوڭ ئوغلىغا سېۋەتنى كۆرسىتىپ، - سوغىمىز تېشىلىپ قاپتۇ، سېۋەتتە سۇ ئەكىرگىن. چوڭ ئوغلى سېۋەتنى كۆتۈرۈپ ئېرىق بويىغا چىقىپتۇ. لېكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ سېۋەتتە سۇ توختىتالماي، بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كىرىپتۇ. بوۋاي كىچىك ئوغلىغا بۇ ئىشنى بۇيرۇپتۇ. بۇ بالا سېۋەتنى ئېلىپ بويىغا چىقىپتۇ. ئۇ ئۆيدىن ئېلىپ چىققان ساماننى سېغىزغا ئارىلاشتۇرۇپ لاي ئېتىپتۇ ۋە سېۋەتنىڭ تۆشۈكلىرىنى سۇۋاپتۇ. ئاندىن سۇغا سالغانىكەن، سېۋەتكە لىق سۇ تولۇپتۇ. ئۇ سۇغا توشقان سېۋەتنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىرگەنىكەن، دادىسى ئۇنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە ئىنتايىن قايىل بولۇپ: - بالىلىرىم، مەن ئۆلەر ھالەتتە ياتىمەن، مېنىڭ سىلەرگە قىلىدىغان بىر ۋەسىيىتىم بار، سىلەر ئەقىل ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇڭلار، سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ، - دەپتۇ ۋە ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. بۇ ئىككى ئوغۇل دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەر ئىشتا ئالدىراڭغۇلۇق قىلماي، ئىشنى پەم بىلەن قىلىدىغان بوپتۇ ۋە ھالال ئەمگىكىگە تاينىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەختلىك ياشاپتۇ. >سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ< دېگەن تەمسىل ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن. ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن لوپ ناھىيە يۇرۇڭقاش يېزىسىدىن مەتتۇختى سەيدىن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق