خاسىيەتلىك دورا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا شاھى مەردان ئىسىملىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىر ئوغۇل، بىر قىزى بولۇپ، ئوغلىنىڭ ئېتى ئابدۇل ئىكەن. پادىشاھ ئابدۇلنى تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئۆز ھامىلىقىدىكى شەھەرنىڭ پادىشاھلىقىغا نىشانلاپ، مەخسۇس قەسىر ياسىتىپ، ئىنىكئانا، قىرىق كېنىزەك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارزۇ - ئارمانلاپ، ئەتىۋارلاپ بېقىپ چوڭ قىلىپتۇ. بىراق ئابدۇل كۆزىگە قارىغانسېرى لايغەزەل، ھاڭۋاقتى بولۇپ چىقىپتۇ. شاھ غەمگە پېتىپ، ئاتاقلىق دانىشمەن - ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ، ئون مىڭ تىللا خەجلەپ دەرس بەردۈرۈپتۇ. ئابدۇل ئوڭلانماپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەرۋايى ئۇچۇپ، سەپرايى مىڭ گەز ئۆرلەپتۇ.
- ھەي ئوردا گۈلى - دەپتۇ شاھ ئوڭ قول ۋەزىرىگە، - بىر كېچە - كۈندۈز مۆھلەت بېرىمەن. ئابدۇلنى زېرەكلەرنىڭ زېرىكى،چېچەنلەرنىڭ چېچىنى، چاققانلارنىڭ چاققىنى قىلغۇدەك دورا تېپىپ كەل! مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە تېپىپ كېلەلىسەڭ ئەجرىڭ ئۈچۈن مىڭ تىللا ئالىسن، تاپالمىساڭ كاللاڭ مېنىڭ.
ۋەزىر >خوپ، تەقسىر!< دەپ ئارقىسىچە مېڭىپ، پادىشاھ قەسىرىدىن ئايرىلىپتۇ. ئالدى - ئارقىسىغا باقماي ئۇدۇل تېۋىپ - ھەكىملەرنىڭ يېنىغا چېپىپتۇ. ۋەزىر >بۇ قانچىلىك گەپ ئىدى! ئۇنداق دورىنى بېرىپلا تاپىمەن، مىڭ تىللانى تاق سالىمەن< دەپ ئويلاپتۇ، ئەمما تېۋىپلار:
- خۇدا ھەققى، ئۆمرىمىزدە ئۇنداق كېسەلگە دورا ياساپ باققان ئەمەسمىز، بەلكىم ئەرىشتە باردۇر، ئاللا ئىگەمگە سېغىنىڭلار، - دېيىشىپ دۇكانلىرىنى تاقاشقا باشلاپتۇ.
ۋەزىر تىت - تىت بولۇپ، دورا - دەرمەك بازىرىغا بېرىپتۇ. بۇ يەردىكى دورا پۇرۇشلارمۇ تېۋىپلاردەك جاۋاب بېرىپتۇ. دانىشمەنلەرنىڭمۇ جاۋابى شۇنداق بولۇپتۇ. ۋەزىر بىر تاختاي ياسىتىپ، ئۇنىڭغا شاھزادە ئابدۇلنىڭ كېسىلىنى پۈتۈپ، ئابدۇلنى داۋالاپ زېرەكلەرنىڭ زېرىكى، چېچەنلەرنىڭ چېچىنى، چاققانلارنىڭ چاققىنى قىلىپ ساقايتقۇچىلارغا مىڭ تىللا ئىنئام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، چىقمىغان دۆڭ، چۈشمىگەن ئوي، بارمىغان يەر قالماپتۇ. ئۇچرىغانلىكى ئادەم بېشىنى چايقاپ كېتىپ قاپتۇ. ۋاقىت توشۇپتۇ. ۋەزىر بېشى قېتىپ، غەمگە پېتىپ ئۆيىگە كەپتۇ. ۋەزىر ئوردىدىكى چاغدا، ئۆيىگە ئايلاپ كېلەلمەيدىكەن. خوتۇن، بالا - چاقىلىرى ئۇنى كۆرۈپ ئەركىلەپ ئالدىغا چىقىپتۇ. ۋەزىر ئۇلارنى باغرىغا بېسىپ، بېشىغا چۈشكەن كۈننى بايان قىلىپ، رازى - رىزالىق بېرىپتۇ. ۋەزىر ئىشىكنى ئېچىپ، كارۋانچە كىيىنگەن، يۈزلىرى قورۇق، پۇتلىرىدا چورۇق، ساقىلى كىندىكىدىن ئاشىدىغان، مۈرىسىدە كەتمىنى، قولتۇقىدا سېۋىتى بار بىر دېھقاننى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئۆيدىكى دات - پەرياتنى ئاڭلاپ، يولدىن توختىغان ئىكەن.
- بالام، بېشىڭغا نېمە كۈن چۈشتى؟ - دەپ سوراپتۇ بوۋاي ۋەزىردىن.
ۋەزىر بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ كېلىپ، مۇنداق مۇناجات ئوقۇپتۇ:
پىرقىرايدۇ بېشىمدا بىر تۈگمەن تېشى،
ئاقۇر دەريا بولۇپ ئۇرۇق - تۇغقان يېشى.
سايىۋەن بولۇپ بۇ بېشىمغا جېنىم بوۋا،
بەرسەڭ ئىدىڭ ئابدۇل ئۈچۈن ئېسىل دوارا.
بوۋاينىڭ كۈچۈرمىشلىرى كۆپ بولغاچقا، بىلىدىغانلىرىمۇ مول ئىكەن. ئۇ ۋەزىرنىڭ ھالىغا يېتىپ، كۆڭۈل ساندۇقىنى ئېچىپتۇ:
- يىغلىما بالام. شاھزادىگە دورا تاپماق بەكمۇ ئاسان، پۇلىمۇ بەك ئەرزان، ئۇ دورا خاسىيەتلىك ھەم شىپالىق، قويماس تەندە زەررىچە ئىللەت يىگەن ھامان.
بوۋاينىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ ۋەزىرنىڭ دىلى سۆيۈنۈپ، تېنى يايراپ كېتىپتۇ.
- ھەي شەپقەتلىك بوۋا، - دەپتۇ ۋەزىر تىزلىنىپ، - شۇ دورىنىڭ نامىنى دەپ بەرسەڭ.
- قۇلاق سال بالام: ئول ئوردىنى ئاتايدۇ مۇساپىرچىلىق شارابى. شاھزادە ئۇنىڭدىن ئىچسە قانغىچە، ھاسىل بولۇر مەقسەت مۇرادى. ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن خاسىيەتلىك دورا يوق. ناۋادا پادىشاھ سوراپ قالسا، دېھقان راخمان بۇيرۇدى، دېگىن، خەير، بالام، مەن كەتتىم، - دەپتۇ بوۋاي.
ۋەزىر بوۋاينىڭ تۇرار جايىنى سورىۋېلىپ ئوردىغا قايتىپتۇ. بېرىلگەن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەچكە، تۆت جاللات ئوردا ئالدىدا قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ ۋەزىرنى كۈتۈن تۇرغان ئىكەن. ئۇلار ۋەزىرنى داقىرىتىپ سۆرەپ پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا ئېلىپ كىرىپتۇ.
- دات پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ جاللاتلار، - ۋەزىر قۇرۇق قول كەپتۇ. كاللىسىنى ئوردىدا ئالامدۇق ياكى شەھەر جازا مەيدانىدىمۇ؟ ئەمىرلىرىگە قاراپ قالدۇق!
- ئالدىراشما! - دەپتۇ پادىشاھ جاللاتلارنى توساپ ۋە ۋەزىردىن سوراپتۇ، - ھەي، نامەرد، قېنى، ئېيت نەگە باردىڭ. نەدە تۇردۇڭ؟
ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئايىغىغا تاشلىنىپ يەرنى سۆيۈپتۇ. كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ، دېھقان راخمان بۇيرۇغان دورىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ شاھى مەردان خۇش بولۇپ جاللاتلارغا ئەمىر قىلىپتۇ:
- جاپاكەش ۋەزىرىمنى دەرھال يۆلەپ تۇرغۇزۇڭلار، پۇتىدىكى ئىشكەلنى بوشىتىڭلار!
جاللاتلار >خوپ< دېيىشىپ، قىلىچلىىرنى قىنىغا ساپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئەمرىن بىجا كەلتۈرۈپتۇ. غەزنىچى مىڭ تىللانى ۋەزىرنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. پادىشاھ دېھقاننى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغىمۇ مىڭ تىللا ئىنئام قىلىپتۇ. قىرىق تۆگە مال ۋە قىرىق قۇل جابدۇتۇپ شاھزادە ئابدۇلنى كارۋانلارغا قوشۇپ قويۇپتۇ. كارۋانلار پادىشاھنىڭ ھۆرمىتى ۋەجىدىن، ئابدۇلنى كارۋان بېشى قىلىپ تەيىنلەپ يولغا راۋان قىلىپتۇ.
كارۋانلار شەھەردىن ئايرىلىپتۇ. دەشتۇ - باياۋان، قۇملۇق چۆللەرنى ئارىلاپ مېڭىپتۇ. ماڭغاندىمۇ مول مېڭىپتۇ. پىژ - پىژ ئاپتاپتا ئابدۇلنىڭ پىشانىسى كۆيۈپتۇ، كۆزلىرى تورلىشىپ، لەۋلىرى قۇرۇپ، ئۇھ دېگۈچىلىك مادارى قالماپتۇ. بەللىرى مۈكچىيىپ، كاسسىسى تۆگىنىڭ چومىغا چاپلىشىپ كېتىپتۇ. ئابدۇل بولالماي تۆگىدىن ئۆزىنى تاشلىۋتكىلى ئازلا قاپتۇ. قىلغان - ئەتكەنلىرىنى ئەسلەپ، پۇشايماننى ئالغىلى قاچاق، پۇت - قولىنى يۆلىگىلى ئاچا تاپالماپ قاپتۇ. ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر ئاي سەپەر قىلىپ، ئەتراپى بوستانلىق بىر بۇلاق بېشىغا يېتىپ كەپتۇ. سۇنى كۆرۈپ تېنى يايراپ، يۈرەكلىرى ئويناپ كەتكەن ئابدۇل بىر كېچە قونۇپ، پۇت - قولىنى سۇنۇپ، ھاۋالىنىپ ھاردۇقىنى چىقارماق بولۇپتۇ. باشقا كارۋانلار ئۇنى توساپتۇ:
- بۇلاق بېشىدا يېتىش خەتەر، بۇ يەردىن كەتمىسەك بولىمىز ئىت - ئېشەكتىنمۇ بەتتەر. چۈنكى، دۆڭ ئارقىسىدا باردۇر ماراقچى، كۆزىمىز ئۇيقۇغا كەتكەندە يېتىپ كېلۇر قاراقچى، بۇلاپ كېتەر مالنى، ئالۇر ھەم ئېزىز جاننى.
- نامە - ئەمالىمدۇر شاھزادە، شاھ ئەۋلادىغا چېقىلىدىغان قاراقچىنىڭ جېنى ئونمىكەن؟ - دەپتۇ ئابدۇل ۋە قوللىرىغا تۆەىلەردىكى ماللارنى چۈشۈرۈشكە بۇيرۇپ، ئۆزى بۇلاقتا يۇيۇنغىلى تۇرۇپتۇ. كارۋانلار پادىشاھىنىڭ ھاۋالىسىنى ئەسلىتىپ، يالۋۇرۇپ، دولىسىغا قاقسىمۇ، قورقۇتۇپ زورلاپ باقسىمۇ قوزغالغىلى ئۇنۇماپتۇ. كارۋانلار تۆگىلىرىنى سۇغۇرۇپ تۇلۇملىرىنى سۇغا تولدۇرۇپ، نائىلاج مېڭىپ كېتىپتۇ.
ئابدۇل يۈك - تاقلىرىنى بۇلاق بېشىدىكى سەيناغا دۆۋىلىتىپ، ئۈستىدە ئېغىناپ يېتىپتۇ. قۇللار تۆگىلەرنى يايلاۋغا قويۇۋېتىپ، يۈكلەرنى چۆرىدەپ، ئورۇن ئاپتۇ. ئۇلار بىر پەستىن كېيىن ھارغىنلىق ئىچىدە ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. خورەك ئاۋازى قاراقچىلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. قاراقچىلار ھەش - پەش دېگۈچىلا يېتىپ كەپتۇ - دە، قۇللارنى ئۆلتۈرۈپ، ماللارنى بۇلاپ - تالاپتۇ. ئابدۇل تاراق - تۇرۇق، گۈلدۈر - گولۇپتىن ئويغىنىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ تولغىنىپ، ئەتراپقا قاراپ بېشىغا ئەجەل قۇشى قونغانلىقىنى پەملەپ، ئاتا - ئانىسى بىلەن غايىۋانە رازىلىشىپتۇ. كېيىن كاللىسىغا بىر ئەقىل كېلىپ، چوملارنىڭ ئاستى بىلەن ئۆمىلەپ بېرىپ، ئۆلۈكلەر قاتارىغا كىرىپ يېتىۋاپتۇ. قاراقچىلار قانغا مىلىنىپ ياتقان ئۆلۈكلەرنى سۆرەپ ئاپىرىپ گوداڭغا تاشلاپتۇ - دە، مال - مۈلۈكنى تۆگىلەرگە ئارتىپ، تۈن قاراڭغۇسىدا غايىپ بولۇپتۇ.
ئابدۇل جەسەتلەر ئارىسىدا قان يۇتۇپ، قاراقچىلارنىڭ كېتىشىنى كۈتۈپ، نىم جان ھالدا يېتىپتۇ. ئەتراپ تىنىچلانغاندىن كېيىن، تىرناقلىرى تىتىلىپ، ئالقانلىرى قاپارغىچە ھەپىلىشىپ گوداڭدىن چىقىپتۇ. ئارقىسىغا قايتاي دېسە يول يىراق، ئاتىسىنىڭ تاپا - تەنىسى ئۇندىن جېقراق، ئاخىرى كارۋان ھەمراھلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ مېڭىپتۇ. ماڭا - ماڭا بۇلاق بېشىدىن يىراقلىشىپتۇ. تاڭ يورۇپتۇ. ئابدۇل شۇنداق سەپ سېلىپ قارىسا، تۇرغان يېرى بىر يەر، بىر ئاسمان، كىيىملىرى غەرق قان، ئۇ ئۈستىبېشى، پۇت - قوللىرىدا ئۇيۇپ قالغان قانلارنى ئۇگۇلىۋېتىپ، يېشى قۇرۇغىچە يىغلاپتۇ. يىغلا - يىغلا دەشت - باياۋاندا يەتمىش كۈندەك يول يۈرۈپ، جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغاندا بىر شەھەرگە ئۇلىشىۋاپتۇ.
شەھەر دەرۋازىسىنىڭ قېشىدا بىر ناۋايخانا بولۇپ، ئېلىم - سېتىمنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. ئابدۇل كىشىلەر قاتارىغا ئۆتۈپ قارىغان ئىكەن، كۆزى پەشخۇندىكى گىردە - شىرمانلارغا چۈشۈپتۇ. شۇئان قوۋزى مىتىلداپ، ئاغزىغا سېرىق سۇ يۈگۈرۈپتۇ؛ ئۈچەيلىرى تارتىشىپ، مادارى ئۈزۈلۈپتۇ. سېتىۋالاي دېسە بىر ياماقمۇ پۇلى يوق ئىكەن. ئىلاجىسىز لىۋىنى شوراپ، ئاغزىنى مىتىلدىتىپ، قورسىقىنى قولى بىلەن مۇجۇپ، كۆزىنى ناندىن ئۈزەلمەي تەلمۈرۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن ناۋايخانا خۇجايىنى سوراپتۇ:
- ھەي يىگىت، دىۋانىمۇ سەن، ياكى ئوغرى؟ سوئالىمغا جاۋاب بەر توغرىدىن - توغرا!
- مۇساپىرمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئابدۇل تازىم قىلىپ، - ئاش - نانسىز يۈرگىلى يەتمىش كۈندىن ئاشتى، نانلىرىنى كۆرۈپ سەۋرى - تاقىتىم قاچتى. ئاچلىقتىن ئاز قالدى بۇ تەندە جان، دۇئا قىلاي، سادىغە قىلسىلا بىر نان.
خوجايىننىڭ كۆڭلى تىنىپ، دىلى ئېرىپتۇ. ئابدۇلنى دۇكانغا باشلاپ كىرىپ، ھورى پۇرقىراپ تۇرىدىغان بىر تەۋەڭ شەربەت نان، بىر چۆگۈن دەملەنگەن چاي كەلتۈرۈپ، دەپتۇ:
- نەۋ يىگىت، قانچە يېيىسەلىسەڭ، شۇنچە يىگىن، سېنىڭدىن قىلمايمەن ھېچ نەرسە تەلەپ. قېنى ئال، باق، ئولتۇرما قاراپ.
ئابدۇل رەھمەت ئېيتىپ، ئىشتىھا بىلەن نان - چايغا تۇتۇش قىلىپتۇ. يىگەن نان، ئىچكەن چېيى ھايالسىزلا كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۇنى تۇرۇپ قېلىشقا ئۈندەپتۇ، ئابدۇل ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ. خوجايىن ئۇنى دەسلەپ تونۇرغا ئوت قالىغىلى ساپتۇ. ئابدۇل قولىنى كۆسەي قىلىپ، ئىسقا تويۇپ، كۈلگە مىلىنىپ ئالتە ئاي تونۇر قىزىتىپتۇ. قىزىتقاندىمۇ كۈنىگە ئون تونۇرنىڭ ھۆددىسىدىن بىر يالغۇز ئۆزى چىقىپتۇ خوجايىن ئۇنى تۇنجخ سىناقتىن ئۆتتى، دەپ قاراپ، ناۋايلارغا بىر يىل شاگرتلىققا بېرىپتۇ. ئابدۇل تاغار - تاغار ئۇننى خېمىر قىلىشتىن تارتىپ تونۇرغا نان چاپلاشقا قەدەر ھەممىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ بولۇپتۇ.
خوجايىننىڭ ئون بەش تاش تۈگمىنى، ئېشەكلىك يىگىرمە تۈگمەنچىسى بار ئىكەن. بىر كۈنى تۈگمەنچىدىن بىرى دۇكان ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئابدۇل ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇلۇپتۇ. ئابدۇل بۇ ئىشنىمۇ باشتا خۇشال - خورام قىلىپتۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى جاپالىق، زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ، خوجايىندىن ئاغرىنىپ يۈرۈپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ خوجايىن ئېشەك ھەيدىگىلى بەرگەن تاياقنى يوقىتىپ قويۇپتۇ.
- ھەي چاكار يىگىت، مېنىڭ تايىقىمنى نېمە قىلدىڭ؟!
- دەپ سوراپتۇ خوجايىن كايىپ.
- خوجاكا، تاياقلىرى تۈگمەننىڭ كۆيلىسىغا چۈشۈپ كەتتى، بىر تال تاياق دېگەن نېمىتى! ئۇنداپ پىستان كۆزلۈك قىلمىسىلا، - دەپتىكەن، خوجايىن چىچاڭشىپ:
- مېنى خوجايىن قىلغان ئاشۇ بىر تال تاياق، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام قالىمەن ياياق. شۇ تاياقنى ھوزۇدەس كۆزۈمگە كۆرسەتمىسەڭ، ئۆلگىچە يەيسەن شاپىلاق، ماڭ، چىق! - دەپتۇ.
ئابدۇل كۆزلىرىگە لىق ياش ئېلىپ، كېچىلەپ تۈگمەنگە قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ. يول بويى: >بۇ دۇنياغا تۆرەلمىسەم بوپتىكەن، ئون يەتتىگە كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈمىمنى كۆردەم. ئەمدى بۇ بېخىل باينىڭ دەردى، ئاھ قانداق قىلاي بۇ جاننى!< دەپ زار قاخشاپتۇ، قاخشا - قاخشا ئۈچ كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ، تۈگمەنگە يېتىپ كەپتۇ. تۈگمەننىڭ كويلىسىغا چۈشۈپ تاياقنى تاياقنى ئىزلەپتۇ. ئۇنىڭ ئۇلۇق سۇدا تىمىسقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن پوستەكچى سوراپتۇ:
- ھەي تۈگمەنچى يىگىت، بېلىق تۇتۇۋاتامسەن؟
- ياق تاغا، خوجايىننىڭ تايىقىنى ئىزلەۋاتىمەن، ئۇنى تاپمىسام خوجايىن بەرگەن نېنىنى بۇرنۇمدىن تامغۇزۇۋالىدىغان ئوخشايدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئابدۇل ۋە بۇندىن بىر ھەپتە ئىلگىرى تاياقنىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، تۈگمەننىڭ كويلىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى، خوجايىننىڭ تاياق توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنى سۆزلەپ كۆز يېشى قىلىپتۇ. پوستەكچى كۈلۈپ كېتىپ:
- ھەي جاپاكەش ئىنىم، تاياقتىن غەم يېمە، ئاغزىڭغا كەلگەننى دېمە. باش ئۇرۇپ خوجايىنغا گۇناھىڭنى تىلە، - دەپتۇ - دە، تۈگمەندىن قىتماللىشىپ سىلغىيىپ كەتكەن بىر دانە ئەگرى تاياقنى ئېلىپ چىقىپ تەڭلەپتۇ، - مانا بۇ يوقىتىپ قويغان تايىقىڭ، بۇنى چىڭ تۇتساڭ، چىقىدۇ خوجايىندەك ئاتىقىڭ.
ئابدۇل خۇشلۇقتا پوستەكچىگە توققۇز تازىم قىلىپتۇ ۋە تاياقنى يۈزىگە سۈرتۈپ:
- تاغا كىچىككىنە بۇ تاياقنىڭ نېمە قىممىتى بار؟ - دەپ سوراپتۇ. پوستەكچى:
- ئىنىم سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا، بىر قىسمىنى مەندىن، بىر قىسمىنى خوجايىندىن ئاڭلىساڭ بولار، - دەپتۇ - دە، بىلگەنلىرىنى مۇنداق ھېكايە قىلىپ بېرىپتۇ:
>ناۋايلىق خوجايىننىڭ ئاتا كەسپى. ئۇ خۇددى سېنىڭدەك بالا ۋاقتىدا گالۋاڭراق ئىكەن. دۇكاندا ئولتۇرۇپ نان سات دېسە، پەشخوندىكى ناننىڭ يېرىمىنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويىدىكەن. ئاتىسى كاللا دېسە، ئۇ پاقالچەك دەيدىكەن. ئاتىسى ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئۇنى رەۋەندىگە ئېشەك ھەيدىگىلى چاكار قىلىپ بېرىپتۇ. ئۇ، ئېشەك ھەيدەپ يۈرۈپ، بىر كۈنى رەۋەندە بەرگەن تاياقنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئىكەن، رەۋەندە ئالدىغا سېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ: ۋە
- تايىقىمنى تېپىپ بەرمىسە، بالاڭنىڭ جېنىنى ئالىمەن، - دەپ ھەيۋە قىلىپتۇ.
ئۇنىڭ ئاتىسى يالۋۇرۇپ بالىسىنىڭ گۇناھىنى تىلەپتۇ. رەۋەندە كەچۈرمەپتۇ. دۇكاننىڭ يېرىمىنى بېرەي، دەپتۇ، ئۇنىماپتۇ. ئاخىرى تاپقان - تەرگىنىنى دۇكانغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرەي دېسىمۇ، رەۋەندە تايىقىمنى تېپىپ بەرسۇن، دەپ تۇرۇۋاپتۇ. خوجايىننىڭ ئاتىسى جىلى بولۇپ:
- ھەي جازانىخور، نېمە بەرسەم رازى بولىسەن؟ - دەپ سوراپتىكەن، رەۋەندە:
- ئۆز تايىقىمنى تېپىپ بەرسەڭ رازى بولىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپتۇ: - تەقسىر، تايىقىمنى ساتسام يېرىم تىيىنغا ئالمايدۇ. ئەمما، ئوغۇللىرى بۈگۈن تاياقنى يوقاتسا، ئەتە بۇغداينى، ئۆگۈنلۈككە ئېشەكنى يوقىتىدۇ. ئاخىرىدا سىلىنىمۇ، مېنىمۇ بىر نان، بىر پۇلسىز قىلىپ قويىدۇ، ئۆزىمۇ كوچىدا قالىدۇ. بۇنى كىچىكىدىن پۇشۇراي، ئەقلىنى ئاشۇراي، دېدىم.
خوجايىننىڭ ئاتىسى گەپنىڭ تەمىنى تېتىپ، تەكتىگە يېتىپ، رەۋەندىگە قايىل بولۇپتۇ. ئوغلىنى رەۋەندىنىڭ تايىقىنى تېپىپ بېرىشكە بۇيرۇپتۇ. خوجايىن بىرى كەم ئوتتۇز كۈن ماڭغان يولىنى ئايلىنىپ، تاياقنى بىر پادىچىنىڭ قولىدىن تېپىپ كەپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ شەمۇ - شەلەرگە بېرىپتۇ. كۆرمىگەننى كۆرۈپ، بىلمىگەننى بىلىپتۇ، ئەمما، تايىقىنى ئىككىنچىلەپ يۈتتۈرۈپ قويماپتۇ. رەۋەندە بەرگەن تاپان ھەققىنى يىغىپ، پۇل توپلاپ، ئېشەك، ئاشلىق سېتىۋېلىپ، چوڭ رەۋەندە بولۇپ يېتىشىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاتىسى >ئوغلۇم پىشىپتۇ، يېشىمۇ ئوتتۇزدىن ئېشىپتۇ< دەپ ئويلاپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ناۋايلىق دۇكىنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىكەن. شۇندىن كېيىن خوجايىن چاكار چېغىدا تۇتقان مۇشۇ تاياقنى ياتسا بېشىدىن، قوپسا يېنىدىن ئايرىماي كەپتۇ. ئۇ بۇنى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە بېرىدۇ. ھەرگىز كۆڭلۈكگە ئالما ئىنىم. تاياقنىڭ قىسمىتى مانا شۇ.
ئابدۇل پوستەكچىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ خىجىل بولۇپتۇ. قايتىپ بېرىپ خوجايىندىن ئەپۇ سوراپتۇ. خوجايىن:
- ياخشى قىلىپسەن بالام، جاپا چەكمىگىچە ھالاۋەت يوق، يانچۇقۇڭ توم بولمىسا ئۆتەلمەيسەن توق. ئەمدى سەن رەۋەندىچىلىك قىلغىن، دەسمايىڭ مەندىن دەپتۇ.
ئابدۇل رازىلىق بىلدۈرۈپ، خوجايىندىن ئەللىك تىللا ئاپتۇ. تايىقىنى بېلىگە ئۆتكۈزۈپ، تۇمىقىنى قىرلاپ شەھەرمۇ - شەھەر رەۋەندىچىلىك قىلىپتۇ. دەسلەپ كۆزى قورقۇپ، قولى تىتىرەپ، سودا - سېتىقنى يۈرۈشتۈرەلمەي، دەسمايىنىڭ يېرىمىنى خورۇتۇپ بولۇپتۇ، كېيىن كۆپنى كۆرۈپ، كۆز - قولىقى پىشىپ، باي رەۋەندىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئاپتۇ. ئۇنىڭ بازىرى تازا يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە خوجايىن چاقىرتىپ، مۇنداق دەپتۇ:
- بالا، سىرتتىكى خىزمىتىڭ يەتتى. ئەتە زاھىر شاھ شەھەرنى سەيلە قىلغۇدەك. سەن كېچىچە ساڭدىكى مارجاننىڭ گۆشىنى چەيلەپ، سۆڭىكىنى سەيلەپ، قەننى تېتىغىدەك سېلىپ، سۇنى تاپىنىڭ ئاستىدىن ئېلىپ بىر تونۇر نان پىشۇرغىن. ئوتۇننى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشىسەن، ناننى تۆمۈر، ياپرىغى كۈمۈش، مېۋىسى ئالتۇن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى سۈرتۈپ قىزارتىسەن. نېنىڭ پادىشاھقا يارىغىدەك بولسۇن!
ئابدۇل خوجايىننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىر ھازا تېڭىرقاپ قاپتۇ. كېيىن، ساڭدىن بىر تاغار بۇغداي ئېلىپ، تۈگمەندە ئۇن قىلىپ كەپتۇ. ئۇننى تاسقاپ، كىپىكىنى ئايرىپتۇ. دۇكاننىڭ ئارقىسىدىكى قۇدۇقتىن سۇ توشۇپ، تۇزىنى تەڭشەپ خېمىر يۇغۇرۇپتۇ. ئۆگزىدىن ئوتۇن چۈشۈرۈپ، تونۇر قىزىتىپتۇ. ھويلىدىكى جىگدىنى قېقىپ، سۇغا چىلاپ شەربىتىنى چىقىرىپ، كاكچىغا سېپىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تاڭ ئېتىشىغا بىر پەشخۇن نان چىقىرىپتۇ. خوجايىن ناننى كۆرۈپ، ئابدۇلنىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ ۋە بىر قۇر كىيىندۈرۈپ، پەشخۇنغا ئىگە قىلىپتۇ. ئابدۇل پەشخۇن بېشىدا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، پەشخۇننى نامغا تولدۇرۇپ، سودىنى ئەمدى باشلاپ تۇرغان ئىكەن، پادىشاھ زاھىر ۋەزىرلىرىنى ئىككى يېنىغا ئېلىپ، شاھزادە، مەلىكە، كىنىزەكلىرىنى ئارقىسىغا سېلىپ يولدىن ئۆتۈپتۇ. ناۋايخانا يول ئۈستىدە ئىكەن، شەربەت ناننىڭ مېزىلىك ھىدىدىن زوقلانغان پادىشاھ پەشخۇن ئالدىغا كېلىپ، ناننىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرۈپتۇ. ناننى ماختاپ ھەر كۈنى مۇشۇنداق كاكچىدىن بىر تونۇر ياپتۇرۇپ، ئوردىغا ئەۋەتىپ بېرىشنى تاپىلاپتۇ.
كىنىزەكلەر ئارىسىدا ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ قىزى نۇرىمانمۇ بار ئىكەن. قىز پەرەنجىسىنى قايرىپ، پەشخۇندىكى نانلارغا زوقمەنلىك بىلەن قاراۋاتقاندا، ئابدۇلنىڭ كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. نۇرىمان ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار، ھۆرپەرىلەردەك كېلىشكەن، بىر يۇتۇم سۇ بىلەن يۇتۇۋەتكۈدەك نازۇك قىز ئىكەن. ئابدۇل ئۇنى كۆرۈپلا >ۋاي يۈرەك!< دېگىنىچە ھۇشىدىن كېتىپتۇ. شەھەردە زاھىر شاھ بىلەن بىر ئورۇندا ئولتۇرالايدىغان بىر قازى بولۇپ، ئۇنىڭ تېۋىپلىقتىنمۇ داڭقى بار ئىكەن. ئۇ ھەر قانداق كېسەلنى ساقايتالايدىكەن. خوجايىن ئابدۇلنى قازىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپتۇ. قازى ياش يىگىتنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، تاماقلىرىغا قاراپ تىرناقلىرىنى بېسىپ كۆرۈپ، كېسەل تاپالماپتۇ. ئابدۇل بولسا، كۆكسىنى مۇجۇپ >ۋاي يۈرەك!...< دەپ تولغىنىپ يىغلاۋېرىپتۇ. قازى ھەيران بولۇپ، ئۇنى ئۆز ئۆيىدە ئېلىپ قاپتۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئابدۇلنىڭ پەرىشانلىقى ئېشىپ بېرىپتۇ. پات - پات ھوشىنى يوقىتىپ قويىدىغان بولۇپ قاپتۇ. گەپ سورىسا جاۋاب بەرمەيدىكەن. قازى تىت - تىت بولۇپ، موپتىنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغان ئىكەن، - مۇپتى:
- يىگىتكە مەي ئىچۈرۈپ، ئاغزىنى ئاچقۇلۇق، - دەپتۇ. قازى خۇش بولۇپ، موپتىنى مەي سېتىۋېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. موپتى سەللىسىنى قوينىغا تىقىپ، خۇمۇرنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ دۇكانغا بېرىپ ئېلىپ كەپتۇ.
داستىخان تارتىلىپ، بەتتە - پولۇ قاتارىدا مەيمۇ كەلتۈرۈلۈپتۇ. ئابدۇل زوق - شوق بىلەن راسا ئىچىپتۇ. ئىچىپ - ئىچىپ خۇدىنى بىلمەي بىر سۆزلىگىلى تۇرغان ئىكەن، قازى - موپتىلار ھاڭ - تاڭ بولۇپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ جامدەك ئېچىلىپتۇ. قازى موپتىسىغا:
- يىگىت شەھىرىمىز پادىشاھىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى قۇردۇشنىڭ قىزى نۇرىماننىڭ ئوتىدا كۆيۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ ئوغلى ئىكەن. مەن ئۇنىڭ ھالىغا يېتەي، ۋەزىرنىڭ ئەدىپىنىمۇ بېرەي، - دەپتۇ.
قۇردۇش ئوڭ قول ۋەزىر بولغاندىمۇ ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان، قازىنىڭ ئەمرى، شەرىئەت يولىغا مۇخالىپ قىلمىشلىرىغا كۆز - قۇلاق بولىدىغان ۋەزىرلەردىن ئىكەن. ئۇنى پۇتلىيالماي خەپلەپ يۈرگەن قازى ئابدۇلنىڭ نۇرىمانغا ئاشىق بىقارار بولۇپ قالغانلىقىدىن خۇشلۇققا چۆمۈپ، ۋەزىرنىڭ ئەدىپىنى بېرىشكە كىرىشىپتۇ.
شۇ ئەتراپتا ئۈچ شەھەر بولۇپ، ھەزرىتى ئوسمانىيا پادىشاھ شاھى مەردان، پادىشاھ زاھىرلارنىڭ ئۈستىدىكى كاتتا شاھىنشاھ ئىكەن. قازى موپتىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ نامىدا تارقىتىلغان يارلىقلارنى تاپتۇرۇپ كەپتۇ ۋە ھەزرىتى ئوسمانىيانىڭ يارلىقتىكى تامغىسىغا ئوخشىتىپ تامغا ئويدۇرۇپتۇ. ئاندىن مۇنداق بىر يارلىق پۈتۈپتۇ:
>مەنكى شاھىنشاھ ھەزرىتى ئوسمانىيادۇرمەنكى، ئوغلۇم شاھزادە ئابدۇل زاھىر شاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى قۇردۇشنىڭ قىزى نۇرىماننى چۈشىدە كۆرۈپ ئاشىقى بىقارار بولۇپتۇ. پەقىر دۆلەت ئىشى بىلەن ئالدىراش بولغانلىقىمدىن شاھزادەمنى يولغا سالدىم. شەھەر قازىسى مېنىڭ ئورنۇمدا ئاتا بولسۇن، زاھىر شاھ غەزنىسىدىن پۇل چىقارسۇن، چوڭ توي ئۆتكۈزۈپ، ئىككىسىنىڭ بېشىنى قېتىپ قويۇڭلار. ئەگەر توي كېچىكتۈرۈلىدىكەن، ھەممىڭلارنىڭ كاللاڭلارنى ئېلىپ، مال - مۈلۈكۈڭلارنى بۇلاڭ - تالاڭغا بۇيرۇمەن؛ شەھىرىڭلارنى تۈزلەپ، قوغۇن قاپاق تېرىيمەن.<
قازى يارلىققا تامغىنى بېسىپ، ئابدۇلغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئابدۇلنى ھاممامغا ئەۋەتىپ يۇيۇندۇرۇپتۇ. چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ، بۇرۇتلىرىنى ياسىتىپتۇ. ھەزرىتى ئوسمانىيانىڭ ئوغلىغا مۇناسىپ كىيىندۈرۈپتۇ. ئالتۇن تاج سوقتۇرۇپ تاقاپ قويۇپتۇ. ياقۇت كۆزلۈك كەمىرىگە قوش قىلىچ ئاستۇرۇپتۇ. ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئالاھىدە بېقىپ كەلگەن ئېتىغا مىندۈرۈپ، كېچىلەپ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تاپىلاپ بولۇپ مۇنداق دەپتۇ:
- شاھزادەم، سەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆيۈمگە ئۈچ كىشى كېلىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى پادىشاھ زاھىر، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغىنى ئوڭ قۇل ۋەزىر، سول تەرىپىدە تۇرغىنى سول قول ۋەزىر بولىدۇ. قولۇڭدىكى يارلىقنى پادىشاھقا تۇتۇپ بەرگىن، شۇئاندىلا مۇرات - مەقسىدىڭگە يېتىسەن. ئەمما ئېسىڭدە بولسۇنكى، ھازىردىن باشلاپ سەن ھەزرىتى ئوسمانىيا شاھنىڭ ئوغلى بولىسەن. بۇ سىرنى ساقلىمىساڭ ئاشىقىڭ قولۇڭدىن كېتىدۇ، جېنىڭ ئەزرائىلنىڭ قۇلىغا ئۆتىدۇ. خەير، يولۇڭ بولسۇن. تېز ماڭ!
ئابدۇل رەھمەت ئېيتىپ، سىر ساقلاشقا ۋەدە بېرىپ، شەھەر سىرتىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. تاڭ ئېتىپتۇ. ئۇ قازىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئارغىماقنى قامچىلاپ، بىر تال تۈكىدىن مىڭ تەر ئاقتۇرۇپ شەھەرگە دەبدەبە بىلەن كىرىپ كەپتۇ. ئوردا ئالدىدىن ئۆتۈپ، كوچا قويماي ئارىلاپتۇ. ئۇچرىغانلىكى كىشىدىن >شەھەر قازىسىنىڭ ئۆيى نەدە؟< دەپ سوراپتۇ. بامدات نامىزىدىن يانغان جامائەت ئابدۇلغا قول باغلاپ، يول بېرىپ قازىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كەپتۇ. ئابدۇل دەرۋازىنى ئۆزەڭگە بىلەن تېپىپ:
- ھەي قازى، ئىشىكىڭنى ئاچ! - دەپ ۋارقىراپتۇ. قازى دەرۋازىنى ئېچىپ، ئېگىلىپ سالام بېرىپتۇ. ئابدۇل ئىلىك ئېلىش ئورنىغا يارلىقنى تەڭلەپتۇ. قازى قەغەزگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ، يالغاندىن:
- ھەزرىتى شاھزادە ئالىيلىرى، كەمىنىنى ياد ئېتىپ كەلگەنلىرىگە رەھمەت، - دەپتۇ - دە، پايپاسلاپ بېرىپ ئۆزەڭگىگە سۆيۈپتۇ. بىر قولىدا ئاتنىڭ باشبېغىنى تۇتۇپ ئېڭىشىپتۇ. ئابدۇل قازىنىڭ دۈمبىسىگە دەسسەپ ئاتتىن چۈشۈپتۇ. جامائەت: >يا ھەزرەت! پادىشاھتىن ئۇلۇغ زاتكەن بۇ!!< دېيىشىپ، ئابدۇلغا يېڭىۋاشتىن باش ئۇرۇپتۇ.
قازى پادىشاھ زاھىرغا ئەلچى ئەۋەتكەن ئىكەن، ئۇلارمۇ دەل جايىدا يېتىپ كەپتۇ. ئابدۇل قازى ياساپ چىققان يارلىقنى پادىشاھقا سۇنۇپتۇ. پادىشاھ ئىككى قوللاپ ئېلىپ پېشانىسىگە سۈرتۈپتۇ ۋە قازىدىن ئوقۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. قازى قەستەنگە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، تەلەپپۇزىنى بۇزماي ئوقۇپ بېرىپتۇ. پادىشاھ توققۇز تازىم قىلىپ:
- شەھىرىمىزنىڭ بىر قىزىغا شاھىنشاھنىڭ نەزىرى چۈشكەن بولسا، بېشىمىزغا ئامەت قۇشى قونۇپتۇ. قىز ئايلانسۇن! - دەپتۇ.
- قىزىم شاھزادىگە ئەرزىسە خىزمىتىدە بولسۇن، - دەپتۇ ۋەزىر قۇردۇشمۇ.
شاھزادە ئابدۇل رەھمەت ئېيتىپ، ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئاپتۇ، بېشىنى ئېگىپ تازىم قىلىپتۇ.
پادىشاھ زاھىر غەزنىدىن يۈز مىڭ تىللا چىقىرىپ توي تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ. ۋەزىر پۈتۈن شەھەرنى تويغا چىللاپ باغاق تارقىتىپتۇ. قازى شاھزادىگە ئاتا بولۇپتۇ. ناۋايخانا خوجايىنى ئابدۇلنىڭ شاھزادە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ھەم پەخىرلىنىپتۇ، ھەم خىجىل بولۇپتۇ، تويغا كېتەرلىك ناننى يەتكۈزۈپ بېرىشنى زىممىسىگە ئاپتۇ. توي قىرىق كېچە - كۈندۈز داۋاملىشىپتۇ.
نۇرىمان شاھزادە ئابدۇلدەك كېلىشكەن، چىرايلىقلىقتا ئاي بىلەن بەسلەشكەن، نامۇ - ئاتىقى چىققان پادىشاھ ئوغلىنى كۈتۈپ، ياتلىق بولماي كەلگەن ئىكەن. ئابدۇلنىڭ ئەمرىگە ئۆتۈپلا ئەپلىشىپ قاپتۇ. ۋەزىر قۇدىسىدىن ماختىنىپ، كۈيئوغلىدىن پەخىرلىنىپ ئالەمنى بىر ئاپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قازى شاھزادە ئابدۇلنى خۇپىيانە چاقىرتىپتۇ. ئالدىغا ئاشقىچە شاراپ، نازۇ - نېمەت كەلتۈرۈپ، راسا مېھمان قىلىپ، قوندۇرۇپ قاپتۇ. سەھەرلىكى قۇسۇقلارنى تازىلىۋەتكىن، دەپ ھاممامغا ئەۋەتىپتۇ. قازى ئابدۇلنىڭ سەپەر ئۈستىدە كىيگەن، قانغا مىلەنگەن كىيىملىرىنى ناۋايخانا خوجايىنىنىڭكىدىن ئەكەلدۈرۈپ ساقلاپ يۈرگەن ئىكەن. ئابدۇل شاھزادە كىيىملىرىنى دالانغا سېلىپ قويۇپ، ھاممامغا كىرىپ كەتكەن ھامان، قازى كېلىپ كىيىمنى يەڭگۈشلەپ ئېلىپ كېتىپتۇ. ئابدۇل ھاممامدىن چىقىپ قارىسا، شاھزادە كىيىملىرى يوق. ئۇ، نائىلاج يىغلاپ - قاقشاپ، كونا كىيىملىرى بىلەن كوچىغا چىقىپتۇ. ناماز بامداتتىن يانغانلارغا ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئالدى - ئارقىسىغا قاراپ تەمتىرەپ، خالتا كوچا بىلەن مېڭىپتۇ. شۇنداق كېتىۋاتسا، ئارقىسىدىن بىرى >ۋاي ئوغرى! ئوغرىنى تۇتۇڭلار!< دەپ توۋلىغان ئىكەن. ئابدۇل خۇددى شامالدەك قېيىنئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. دەرۋازىۋەن >ۋەزىرنىڭ سېنىڭدەك كۈيئوغلى يوق دەپ ئۇرۇپ، تىللاپ قوغلىۋېتىپتۇ. ئابدۇل دات - پەريات ئەيلەپ شەھەردىن ئايرىلىپتۇ.
قازى شاھزادە ئابدۇلنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتنى بىرنى ئون، ئوننى يۈز قىلىپ، ئېچىتما سېلىپ سېسىتىپ پۈتۈن شەھەرگە يېيىۋېتىتپۇ. بۇ خەۋەر ئوردىغا يېتىپتۇ. پادىشاھ خاپا بولۇپ، ھاممامچى بىلەن دەرۋازىۋەننى زىندانغا تاشلاپتۇ. ۋەزىر قۇردۇش نومۇش بىلەن دەرۋازىۋەننى زىندانغا تاشلاپتۇ. ۋەزىر قۇردۇش نومۇس تۈپەيلىدىن ئۆيدىن چىقالماپتۇ. دەرت - ئەلەمدىن كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. قازى >ھېلىھەم جايىدىن چىقتى، ۋەزىردىن ئۆچۈم چىقتى< دەپ پەخىرلىنىپ، ھالىغا باقماي، يولىغا پاتماي يۈرگەن كۈنلەردە نۇرىمان ئىشنىڭ تەكتىگە يېتىپ، قازىنىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ. يەنى ئۇ قازىنىڭ جۈمە نامىزىدىن يانغان پەيتىنى پايلاپ تۇرۇپ، ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنى كېيىپ، پەرەڭ ياغلىقىنى بېشىغا تېڭىپ، يولغا چۈشۈپتۇ - دە، كىيىكتەك ئويناقلاپ، چېكىپ دەسسەپ قازىنىڭ ئالدىدا مېڭىپتۇ. قازى ئۇنىڭ ئەگرى تېقىمىدا بوستاندەك تەۋرىنىپ تۇرغان قۇندۇزدەك تال - تال چېچى، ئەۋرىشىم بېلى، كېلىشكەن بوي - تۇرقى، يارىشىملىق كىيىمىگە زوقلىنىپ، نەپسى تاقىلداپ قەدىمىنى تېز يۆتكەپتۇ. قازى يېتىشىۋالاي دېگەندە، نۇرىمان يول بوشاتقان بولۇپ، شاققىدە يانغا ئۆتۈپتۇ - دە، پەرەنجىسىنى قايرىپ لاپپىدە كۆز تاشلاپتۇ. ئۇنىڭ ئايدەك جامالىنى كۆرۈپ ھۇشىدىن كەتكىلى تاس قالغان قازى:
- ئاھ جېنىم، ئۆزلىرى كىم بولىلا جېنىم؟! - دەپ سوراپتۇ.
نۇرىمان جاۋاب بېرىپتۇ.
قازى ھەيران بولۇپ ياندۇرۇپ سوراپتۇ:
- جۇۋازچى قىزىمنىڭ بويى پاكار، تۆت ئەزايى ناكا، ئەرزىمەيدۇ كىشىگە، خەجلىگەن پۇلى بىكار، دەۋاتمامتى؟
- يوقسۇ قازى ئاخۇنۇم، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، مېنىڭ ئالدى - ئارقامدا يا ئوغۇل، يا قىزدىن يەنە بىرسى يوق. دادام مېنى كېچە - كۈندۈز جۇۋازدىن چىقارماي ياغ ھەيدىگىلى سالىدۇ. ئۇنىڭ مېنى >ناكار< دەپ يامان ئاتلىق قىلىشى، ئۆزىنىڭ يالغۇز قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى. ئەمدى بىلدىلىمۇ؟ - دەپتۇ نۇرىمان ئۇلۇق - كىچىك تىنىپ.
قازى ئەلچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قاپتۇ. قازى شۇ ماڭغانچە ئۇدۇل ئۆيىگە كەپتۇ. مۇپتىسىنىڭ خوتۇنىنىڭ قېشىغا كىرىپ كۆرگەنلىرىنى دەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا يۈز تىللا تاپان ھەققى بېرىپ، ئەلچىلىككە بېرىشقا كۆندۈرۈپتۇ. ئايال قازىنىڭ ھاۋالىسىنى ئېلىپ، بوخچىسىنى تېڭىپ، يولغا چىقاي دەۋاتقاندا، جۇۋازچى ئىككى چاۋا ياغنى يۈدۈپ ھويلىدا پەيدا بولۇپتۇ. جۇۋازچى قازىنىڭ چۆپقىتى بولۇپ، بۇرۇن ھەر كەلگىنىدە ھويلىدىنلا يانىدىكەن. بۇ قېتىم ئۇنداق بولماپتۇ: قازى ئۇنى كۆرۈپ، قول باغلاپ سالام بېرىپتۇ ۋە پادىشاھ ئۈچۈن تەييارلانغان مېھمانخانىغا باشلاپتۇ. تېگىگە تۆت تاق مامۇق كۆرپە راسلاپتۇ. جۇۋازچى ھەيران قېلىپ، كۆرپىنىڭ بىر بۈرجىكىدە تارتىنىپ ئولتۇرغان ئىكەن، قازى گەپ ئېچىپ، قىزىنى نىكاھىغا بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ.
- خۇش بۇلاي قازى ئاخۇنۇم، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. جۇۋازچى كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش ئاققۇزۇپ، - خۇدا ھەققى، راستقا ئىشەنسىلە بارى - يوقى بىرلا قىزىم بار. ئۇنىڭ بېشى كەيمە تاز، ئوڭ قولى يوق، سول پۇتى كەلمەيدۇ كېرەككى قىشى - ياز، بىر كۆزى كور، ئۇلۇغلارغا بۇلالمايدۇ جۆر.
قازى >جۇۋازچى يالغان ئېيتىۋاتىدۇ< دەپ ئويلاپ، ئۆز تەلىپىدە مىختەك تۇرۇپتۇ. توي جابدۇقى ئۈچۈن جۇۋازچىنىڭ ئالدىدا بىر لىگەن تىللا قويۇپتۇ. جۇۋازچى گۇيا بىر چۈش كۆرگەندەك، خارامۇش ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ. خوتۇنى ئەھۋالنى ئۇقۇپ، يۈزىنى كاچاتلاپ: >ۋاي خۇدايىم، ئەمدى مەن قانداق قىلاي، قازى ئاخۇنۇمنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن چىقاي< دەپ يىغلاپتۇ. ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدىكەن، شۇڭا جۇۋازچى خوتۇنىنى ئالدىرىتىپتۇ:
- ھوي جالداق، تېز بولمىساڭ ئىشىڭ چاتاق، ماڭ، ئاۋۇ بىر نېمەڭنى ئەيۋەشكە كەلتۈر!
قىزنىڭ ئانىسى تامنىڭ تۆشۈكلىرىگە تىقىپ قويغان چاچلارنى يىغىپ، چاچ ئېشىپ قىزنىڭ دوپپىسىغا تىكىپتۇ. ئۆزىنىڭ ياشلىقىدا كىيىگەن كىيىملىرىنى قىزىغا كىيگۈزۈپ، ياساپ - جابدۇپتۇ. ئوسما قويۇپ قاشلىق ئېتىپتۇ. شۇ ئەسنادا، قازىنىڭ مۇپتى - رەئىسلىرى تويلۇق ئاش - سۈيىنى ھارۋا - مەپىلەرگە بېسىپ، ئالەمنى مالەم قىلىپ يېتىپ كەپتۇ. توي ئىشلىرى باشلىنىپ، نەغمە - ناۋا قىزىپتۇ. توي ئۈچ كېچە - كۈندۈز داۋاملىشىپتۇ. نىكاھ قۇتبىسى ئوقۇلۇپ، قىز يۆتكەپ كېلىنىپتۇ.
كەچ كىرىپ، ياتار ۋاقتى بولۇپتۇ. قازى سەللىسىنى قوزۇققا ئىلىپ، ساقىلىنى ياغلىق بىلەن چېگىپ تەييارلىنىپتۇ. ئەمما ئورۇن سېلىنماپتۇ. قازى يۇڭلۇق مەيدىسىنى ئېچىپ مۇناجات قىلىپتۇ:
- ئاھ خېنىم، ئاپپاق خېنىم، شىرىن سۆزلۈك، شەھلا كۆزلۈك خېنىم، ئورۇن راسلىماملا، كۆيگەن كۆڭلۈمنى ئالماملا؟!
- نېمە دەيدۇ ما ئادەم. ئۇيقۇسى قىستىغان بولسا يېتىۋەرسۇن خەق، ئورۇن - تۆشەك تۇرۇپتۇ ئەنە تەق، - دەپتۇ قىز چالۋاقاپ ۋە ئوچاقنىڭ تاقىسىغا يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇۋېرىپتۇ.
قازى قىزنىڭ گېپىنى ئېغىر ئالماپتۇ. >مىڭ قىلمىسا قىز بالا ئەمەسمۇ، ئۇياتقان چېغى< دېگەنلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئورۇننى ئۆزى ساپتۇ - دە، قىزنى ئورۇنغا تارتىپتۇ. قىز >ۋاي جان!< دەپ تولغىنىپتىكەن، دوپپىسى يەرگە چۈشۈپ دومىلاپ كېتىۋاتقۇدەك، دوپپا ئەتراپىغا تىكىلگەن چاچلار يىلاندەك يۆگىشىپ، مۈشۈك قۇيرۇقىدەك يەر سۈپۈرۈپ يۈرگىدەك؛ قىزنىڭ بېشى تۇزلۇق قاپاقتەك ئاپپاق يالتىراپ تۇرغىدەك؛ چاپىنىنىڭ ئوڭ يېڭى پۇلاڭلاپ، تامبىلىنڭ سول پاقالچىكى ئىرغاڭلاپ، كولۇڭدىكى كۈلنى چېچىۋاتقىدەك؛ يۈزى قورۇق، بىر كۆزى كور، بىر كۆزى يورۇق بىلىنگىدەك. قازى ئاللا - كاللا سېلىپ ۋارقىراپتۇ:
- ھوي، جىنمۇ سەن ياكى ئالۋاسى؟ كۆتەر كەشىڭنى پاسىق نەس باستى!
قىزمۇ ئاللا - توۋا سېلىپ يىغلاپتۇ. جەڭگە - جىدەلنى ئاڭلىغان قازىنىڭ چوڭ خوتۇنى، مۇپتى - رەئىسلەر ئولاش - چولاش كىرىپ ئاجرىتىپتۇ.
ئوبدان بولدى! تۆپەمگە قىز خوتۇن ئالغانغا تويدۇڭمۇ نائەھلى؟! - دەپتۇ قازىنىڭ قەدىناس خوتۇنى زەردە قىلىپ، - ھەر ئىككىڭ چىقىش ئۆيدىن، بېرىپ ئۆي تۇت دەڭدىن!
مۇپتى، خولۇم - خوشنىلار ئوتتۇرىغا چۈشۈپ مۇرەسسە قىلىپتۇ. قازى چوڭ خوتۇنىنىڭ پىشىگە يۈزىنى سۈرتۈپ يالۋۇرۇپتۇ. جۇۋازچىنىڭ قىزىنى ھەق - مېھرى بىلەن يۈز يامبۇ بېرىپ، ئاجرىشىش خېتىنى بوينىغا ئېسىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپتۇ. بۇ ئىش سۈبھى يۇرۇماستىن پۈتۈن شەھەرگە تارقىلىپ كېتىپتۇ. قازى نومۇستىن ئۆلگىدەك بولۇپ، ئۆيدىن چىقالماپتۇ، دەرت - ئەلەمدىن سىل كېسىلى بولۇپ يېتىپ قاپتۇ.
ئەمدى ھېكايىنىڭ داۋامىنى شاھزادە ئابدۇلدىن ئاڭلايمىز.
ئابدۇل شەھەردىن ئايرىلىپ، يەتتە كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپتۇ، ئەمما دەشت - باياۋاندىن چىقالماپتۇ. مەنزىل بولسا يىراق ئىكەن. ئۇ بېشىدا ئەجەل قۇشى چۆرگىلەپ، ئۆرە تۇرالمىسا ئۆمىلەپ كېتىۋاتقاندا، ئالدىدىن قويۇق تۇمان كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئابدۇن سىنچىلاپ قارىسا، تۇمان ئىچىدىن بىر توپ ئاتلىق ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتماي، يولغا ھەم پاتماي چىقىپ كېلىۋاتقىدەك. ئابدۇل قورققىنىدىن >قاراقچى!< دەپ ۋارقىراپ تاشلاپتۇ ۋە ئۆزىنى ياقىغا ئالماقچى بولۇپتۇ. شۇ ئارىدا ئاتلىقلار كېلىپ قاپتۇ. ئابدۇل بېشىنى ئېگىپ سالام بېرىپتۇ. ئاتلىقلارنىڭ سەركەردىسى ئۇنىڭ قانغا مىلەنگەن كىيىملىرىدىن گۇمانلىنىپ:
- ھەي يىگىت، تۇرقۇڭدىن بۇلاڭچىدەك قىلىسەن، ئېيتقىن ماڭا، قاياقتىن كەلدىڭ، قاياققا بارىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. ئابدۇل تىزلىنىپ، كۆز يېشىنى تۆكۈپتۇ. كۆرگەن كۈنلىرىنى بىرمۇ بىر بايان قىلىپتۇ. سەركەردە ئاتتىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:
- شاھزادەم، كۆڭلۈڭنى بۇزما. مەن شاھىنشاھ ھەزرىتى ئوسمانىيا بولىمەن. ئاتاڭ شاھى مەردان مېنىڭ قولداش دوستۇم. پادىشاھ زاھىر قولۇمدىكى ئادەم. قازى نامىمنى ساتقان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭ جېنىنى ئەزرائىلغا گۆرەگە قويىمەن؛ سېنى ئىككى پۇلغا ئەرزان، تۆت پۇلغا قىممەت قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنى بىر پۇلغا ئەرزان، ئىككى پۇلغا قىممەت قىلىمەن.
شاھزادە ئابدۇل يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتىپتۇ. ۋەزىرلەر ئابدۇلنى شاھزادىگە خاس كىيىندۈرۈپ، ئېسىل ئارغىماققا مىندۈرۈپ، بىللە ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئۇلار يەتتە كېچە - كۈندۈزلۈك مۇساپىنى ئۈچ كۈندە بېسىپ، شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. پادىشاھ زاھىر ئۇلارنى ئۆز قەسىرىگە جايلاشتۇرۇپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ قازىغا نەپرەت بىلدۈرۈپتۇ. ھاممامچى بىلەن دەرۋازىۋەننى زىنداندىن بوشىتىپتۇ. ۋەزىر قۇردۇش خۇشلۇقتا كېسىلىدىن ساقىيىپ سەللىمازا بولۇپتۇ. نۇرىمان قازىنى يولدا ئېزىقتۇرغاندىن كېيىن، ئابدۇلنىڭ ئىشقى ئۆتىدا كۆيۈپ ئاتىسىنىڭ غېمىدە يۈرۈپ، سەۋدايى بولۇپ قالغىلى تاس قالغان ئىكەن. مەشۇقىنى كۆرۈپ:
- ئاھ جېنىم! كېتىپ ئۆزلىرى ئاشقانتى مەندە دەردۇ - غەم، خۇدا يەتكۈزدىمۇ سىلىنى، ئوتلىرىدا ئۆلمىسۇن، دەپ مېنى! - دەپتۇ - دە، ئۆزىنى ئېتىپتۇ. قازىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئابدۇل سۈيۈنۈپ، مەشۇقىنى باغرىغا بېسىپتۇ.
پادىشاھلار تاق كۈننى ئەزىر كۆرىدىكەن. بىر جۈمە كۈنى ھەزرىتى ئوسمانىيا يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان بارچە پۇقراغا دار ئالدىغا يىغىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. پۇقرالار يىغىلىپتۇ. قازىمۇ ھاسىسىنى تايىنىپ كەپتۇ ۋە سەللىسىنى يوغان ئوراپ، زاھىر شاھنى دوراپ، ھەزرىتى ئوسمانىيانىڭ بېقىنىدىن ئورۇن ئاپتۇ. ھەزرىتى ئوسمانىيا قازىدىن سوراپتۇ:
- قازى ئاخۇنۇم، مۇبادا، بىراۋ مېنىڭ نامىمدا يارلىق ياساپ چىقىپ، تامغا ئويدۇرۇپ، قول ئاستىمدىكى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى ئەخمەق ئەتسە، خەلقى - ئالەم ئارا شۆھىرىتىنى تۆكسە؛ پادىشاھنىڭ ئوغلىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ، مۇساپىر كوچىسىغا تاشلىسا؛ بۇنى ئاز دەپ بىر كەمبەغەلنىڭ ناكار قىزىنى كىچىك خوتۇنلۇققا ئېلىپ، بىر كېچە بولسىمۇ پەرىزنى ئادا قىلماي، ئۇنى خورلىسا، قانداق قىلغۇلۇق؟
- خۇش تەقسىر، بۇنداق ئىشنى خۇدا راۋا كۆرمەيدۇ، ئۇنداق باغرى پۈتۈننى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگۈلۈك! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ قازى. پۇقرالار >ھەق راست!< دېيىشىپتۇ.
- ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ ھەزرىتى ئوسمانىيا جاللاتلارغا، - قازىنى پۇتىنى ئاسمانغا، بېشىنى يەرگە قىلىپ دارغا ئېسىڭلار، ئۆلۈكى داردا ئۈچ كۈن تۇرسۇن!
- خوپ! - دەپ ئىككى جاللات تىك تۇرۇپتۇ ۋە قازىنى داقىرتىپ سۆرەپ دار ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. قازى دات - پەريات ئەيلەپ، تىپىچەكلەپتۇ. شۇ ئەسنادا، شاھزادە ئابدۇل ئوتتۇرىغا چۈشۈپ سالا قىلىپتۇ.
- ھەي، ئۇلۇغ شاھىنشاھ ھەزرىتى ئوسمانىيا پىرىم، - دەپتۇ ئۇ قول باغلاپ، - قازى جۇۋازچىنىڭ قىزىنى يېڭىۋاشتىن ئەمىرىگە ئېلىپ ئۆيىنى تۇتسا، ئۇنىڭ بارلىق گۇناھىنى گەدىنىدىن سادىر قىلساق بوپتىكەن.
ھەزرىتى ئوسمانىيا ئابدۇلنىڭ ھۆرمىتىگە قازىنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپتۇ. قازى باشقىدىن توي قىلىپ، جۇۋازچىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئاپتۇ.
ھەزرىتى ئوسمانىيا قازىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئۆز قولى، ئۆز پۇلى بىلەن قىرىق كۈنگىچە كۈندۈزى ئوغلاق سېلىپ، كېچىسى مەشرەپ قىلىپ، شاھزادە ئابدۇل بىلەن نۇرىماننىڭ تويىنى مۇبارەكلەپتۇ. شاھزادە ئابدۇلنى ئاتىسى شاھى مەرداننىڭ ھامىيلىقىدىكى شەھەرگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەپ يولغا ساپتۇ. شاھى مەردان ئوغلىنىڭ قولىدىكى يارلىقنى، قېشىدىكى مەلىكە نۇرىماننى كۆرۈپ تەبرىكلەپتۇ. ناۋايخانا خوجايىنى، ھەزرىتى ئوسمانىيا شاھقا رەھمەت ئېيتىپ خەت يېزىپتۇ؛ دېھقان راخماننى ئوردىدا مەسلىھەتچىلىككە ئېلىپ قاپتۇ