خاسىيەتلىك تاش
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بەختى ئىسىملىك بىر يىگىت ئۆتكەنىكەن. كۈنلەنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئانىسى تۈگەپ كېتىپتۇ. ئانچە ئۆتمەي دادىسىمۇ ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا بەختىنى قېشىغا چاقىرىپ، كاڭنىڭ تېگىدىن ساقىدەك بىر تاشنى ئېلىپ:
- بالام، بۇ خاسىيەتلىك تاش، مەندىن ساڭا قالىدىغان مىراس مۇشۇ. مەن بەگنىڭ جاڭزىسىدا ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇلاقتا بىر نىمجان بېلىق لەيلەپ قاپتىكەن. بېلىققا ئىچىم ئاغرىپ، ھەر كۈنى نان تاشلاپ بېرىپ ساقايتقانىدىم، بۇ تاشنى ئەنە شۇ بېلىق ماڭا بۇلاقنىڭ تېگىدىن ئاچىقىپ بەردى. بېلىق تاشنى بېرىۋېتىپ >سەن ماڭا كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭ، ياخشىلىققا ياخشىلىق، بۇ تاشنى ئال، ئېسىڭدە چىڭ ساقلا، بۇ، دۇنيادىكى يەتمىش يەتتە خىل دورىدىن ياسالغان تاش، جېنى تېنىدىن چىقمىغان ھەر قانداق كېسەلگە مۇشۇ تاشنى چايقاپ سۈيىنى ئىچكۈزسە سەللىمازا ساقىيىدۇ< دېگەنىدى. مەن بۇنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. ئۆزۈمگە ئىشلەتمەيمەن، چۈنكى ساقىيىپ يەنە بەگنىڭ زۇلىمىنى، يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتىشنى خالىمايمەن، - دەپتۇ - دە، تاشنى بەختىگە بېرىپ جان ئۈزۈپتۇ.
بەختى بايلارنىڭ زۇلىمىنى كۆپ كۆرگەچكە، كەمبەغەل، يوقسۇللارغا جان كۆيەر يىگىت بولۇپ ئۆسۈپتۇ. كەمبەغەللەردىن كىم ئاغرىپ - تارتىپ قالسا، ھېچقانداق ھەق ئالماي ئۇلارنىڭ خاسىيەتلىك تاش بىلەن ساقايتىپ قويىدىكەن. كەمبەغەللەرمۇ بەختىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بەگ تاشنى قولىغا كىرگۈزۈشنىڭ كويىغا كىرىپتۇ. بەگنىڭ قارا نىيىتىنى بىلگەن بەختى باشقا يۇرتقا باش ئېلىپ كېتىپتۇ.
نەچچە كۈنلەپ يول يۈرۈپتۇ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ، تاغلارنى ئېشىپ، چۆللەرنى بېسىپ، دەريالارنى كېچىپتۇ. شۇنداق مېڭىپ كېلىۋېتىپ، يولدا يېرىمجان بولۇپ ياتقان بىر چاشقاننى كۆرۈپتۇ ۋە: >بۇمۇ خۇدانىڭ بىر مەخلۇقى، ساقايتىپ قوياي< دەپ ئويلاپ بېلىدىكى قاپىقىدىن سۇ ئېلىپ، تاشنى چايقاپ چاشقانغا ئىچكۈزگەنىكەن، ئۆلەر ھالدا ياتقان چاشقان شۇ ھامان سىلكىنىپ قوپۇپ، بىر ئايلىنىپتۇ ۋە زۇۋان چىقىپ:
ئوزۇق ئىزلەپ يۈرگۈنۈمدە بىر ھارۋا،
بېسىپ كېتىپ مېنى قويدى بۇ ھالغا.
قۇتۇلدۇردۇڭ يىگىت مېنى ئۆلۈمدىن،
نېمە كېرەك ساڭا ئېيتقىن كۆڭلۈڭدىن؟
دەپتۇ. بەختى:
- كېرەك ئەمەس سەندىن ماڭا ھېچنېمە،
كەت ئۇگاڭغا، مېنىڭدىن سەن غەم يېمە.
دەپ يولىغا مېڭىپتۇ. ئەمما چاشقان بەختىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ:
بېرەي دېسەم ئالتۇن، كۈمۈشۈم.
ياخشى ساقلا، سوۋغام بولسۇن بىر تۈركۈم.
ئېغىر كۈنلەر چۈشەر بولسا بېشىڭغا،
كۆيدۈر تۈكنى، مەن بارىمەن قېشىڭغا.
دەپ بىر تال تۈكىنى بەختىگە بېرىپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ.
بەختى تۈكنى ئېلىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. يەنە خېلى كۆپ يوللارنى باسقاندىن كېيىن ئالدىدا تولغىنىپ ياتقان بىر نىمجان ئىلان ئۇچراپتۇ. بەختى >بۇمۇ خۇدانىڭ جانۋارى< دەپ ئۇنىڭغا خاسىيەتلىك تاشنىڭ سۈيىدىن ئىچكۈزۈپتۇ، ھايال ئۆتمەي ئىلانمۇ سەللىمازا ساقىيىپتۇ. ساقىيىپتۇ - دە، قۇيرۇقى بىەن تىك كۆتۈرۈلۈپ، بەختىگە قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
كېتىپ بارسام ئات دەسسىدى بېلىمدىن،
بەك قىينالدىم جېنىم چىقماي تېنىمدىن.
كېلىپ ئۆلەي دېگىنىمدە جان بەردىڭ،
تارتىنمىغىن نېمە كېرەك مېنىڭدىن؟
بەختى ئىلانغا قاراپ:
سورىمايمەن ئىلان سەندىن، ھېچنېمە،
خوش قال ئەمدى، سەن مېنىڭدىن غەم يېمە.
دەپ مېڭىپتۇ.
ئىككى چامدام ماڭماي ئىلان بەختىنىڭ ئالدىنى توساپ:
- سورىمىساڭ ھېچنەرسىنى مېنىڭدىن،
بىردەم توختا، ساڭا بېرەي تىلىمدىن.
ئېغىر كۈنلەر چۈشۈر بولسا بېشىڭغا،
كۆيدۈر تىلنى، مەن بارىمەن قېشىڭغا.
دەپ تىلىنى ئۈزۈپ، بەختىگە بېرىپ كېتىپتۇ. بەختى بۇنىمۇ پوتىسىغا تۈگۈپتۇ - دە، يولىنى داۋام قىلىپتۇ. يەنە مەنزىل ئېشىپ كېتىپ بارسا، بىر نەرسىنىڭ >غوڭ - غوڭ< قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، ئەمما ئۆزى كۆرۈنمىگۈدەك، شۇنداق قارىسا، قاناتسىز بىر ھەرە ئۇچالماي پىرقىراپ ياتقۇدەك، بەختى ھەرىگىمۇ خاسىيەتلىك تاشنىڭ سۈيىنى ئىچكۈزۈپتۇ، ھەرە بىردەمدىلا قانات چىقىرىپ، بەختىنىڭ بېشىدىن نەچچە ئايلىنىپ ئۇچۇپتۇ - دە، مۇنداق دەپتۇ:
قامچا تېگىپ ئايرىلغاچقا قاناتتىن،
پەرۋاز قىلىپ ئۇچالماستىن ياتاتتىم.
قانات بېرىپ قۇتۇلدۇردۇڭ ئازابتىن،
تارتىنمىغىن، نېمە كېرەك ئېيت مەندىن؟
بەختى:
كېرەك ئەمەس سەندىن ماڭا ھېچنېمە،
گۈل تېرىپ يەپ ئەلگە ھەسەل بېرىۋە.
دەپ ئۆز يولىغا مېڭىپتۇ، ئەمما ھەرە بېشىدا غوڭۇلداپ بىللىلا ئۇچۇپ كېتىۋاتقۇدەك، بەختى توختاپتۇ. شۇ چاغدە ھەرە:
توختاپ تۇرغىن سەۋىر قىلىپ ئادىمىزات،
ھېچبولمىسا يۇلۇپ بېرەي بىر قانات.
ئېغىر كۈنلەر چۈشۈر بولسا بېشىڭغا،
شۇنى كۆيدۈر، مەن بارىمەن قېشىڭغا.
دەپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
بەختى يەنە ئۆز يولىغا راۋان بولۇپتۇ. بىر جەزىرىدە كېتىپ بارسا، ئۆزى قوراملىق بىر ياش يىگىت يول ئۈستىدە ئىڭراپ، >ئاھ< چېكىپ ياتقۇدەك، ئاغرىقنىڭ ئازابىدىن رەڭگى پۈرۈشۈپ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، كالپۇكلىرى گەز باغلاپ كېتىپتۇدەك. بۇنى كۆرۈپ بەختىنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كېتىپتۇ. دەرھال تاشنى چايقاپ سۈيىنى ئىچكۈزگەن ھامان ئۇمۇ سەللىمازا ساقىيىپتۇ ۋە بەختىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىپتۇ.
- بۇرادەر، مېنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇردۇڭ، - دەپتۇ يىگىت، - بۇ خالىس ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ئۆمۈرۋايەت قۇل بولىمەن.
- مەن ئاتا - ئانىسىز بىر يېتىم - مۇساپىرمەن، باشقىلارنى قۇل قىلىشنى خالىمايمەن. ئەگەر ساڭا ماقۇل كەلسە، ئۆمۈرلۈك دوست بولايلى.
بەختىنىڭ بۇ تەكلىى يىگىتكىمۇ ماقۇل كەپتۇ. ئىككىسى جان دوست بولۇپ يولغا چۈشۈپتۇ. تاپقىنىنى تەڭ يەپ، تاغ - داۋان، چۆل - جەزىرىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىر چوڭ شەھەرگە كەپتۇ. بۇ شەھەر شۇ مەملىكەت پادىشاھسىنىڭ پايتەختى ئىكەن. بۇ پادىشاھنىڭ بىر قىزى بولۇپ، 15 يىلدىن بېرى ئېغىر كېسەل ئىكەن. پادىشاھ قىزىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. ئئۇنىڭ قىلمىغان ئامالى، كۆرسەتمىگەن تىۋىپى قالماپتۇ، قىز ساقايماپتۇ. ئاخىر پادىشاھ >ئەگەر كىمدە كىم قىزىمنى ساقايتسا، شۇكىشىگە قىزىمنى ھەم پادىشاھلىقىمنى بېرىمەن< دەپ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسىگە جاكار قىلغىنىغا ئۈچ - تۆت ئاي بوپتۇ، لېكىن بۇ كېسەلگە داۋا تاپىدىغان كىشى تېخىچە تېپىلماپتۇ. بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ھېلىقى يىگىتنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ - دە، بەختىنىڭ خاسىيەتلىك تېشىنى ئوغرىلاپ، توپتوغرا ئوردىغا بېرىپ پادىشاھقا:
- قىزىڭىزنى مەن ساقايتىمەن، - دەپتۇ.
پادىشاھ خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي يىگىتنى قىزنىڭ ھۇجرىسىغا باشلاپ كىرىپتۇ. يىگىت خاسىيەتلىك تاشنى چايقاپ سۈيىنى ئاغزىغا تېماتقانىكەن، قىز سەللىمازا ساقىيىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ قول ئاستىدىكى ۋەزىر، ئۆلىمالىرىغا دەرھال توي تەييارلىقى قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىپتۇ. بۇ خەۋەر بىردەمدە پۈتۈن شەھەرگە پۇر كېتىپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بەختى ناھايىتى غەزەبلىنىپتۇ، بىراق ھېلىقى ساختىپەز دوسى پادىشاھقا كۈيئوغۇل بولۇش ئالدىدا تۇرغاندا ئۇنىڭغا قانداقمۇ كۈچى يەتسۇن؟ بۇنى ئويلاپ بېشى قېتىپ تۇرغىنىدا، بىردىنلا يولدىكى چاشقان، ئىلان، ھەرىلەرنىڭ بەرگەن سوۋغىلىرى ئېسىگە چۈشۈپتۇ، بەختىدە ئۈمىد پەيدا بوپتۇ. چاشقاننىڭ تۈكىنى كۆيدۈرگەنىكەن، ھايال ئۆتمەي چاشقان ھازىر بوپتۇ.
بېشىڭغا نېمە كۈن چۈشتى؟ - دەپ سوراپتۇ چاشقان.
بەختى بېشىدىن ئۆتكەننى ئېيتىپ بېرىپتۇ. چاشقان ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن:
- تاڭ ئاتقاندا تاش قولۇڭدا بولىدۇ، - دەپ چىقىپ كېتىپتۇ.
بەختى >تاش قولۇمغا كىرسىلا يەنە بىر ئامال قىلىمە< دەپ ئويلاپتۇ. بىر چاغدا ئۆيدە ۋىچىرلىغان ئاۋاز پەيدا بوپتۇ، قارىسا چاشقان بەختىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاغزىدىن تاشنى چىقىرىپ، خوشلىشىپ كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ.
بەختى ئىلاننىڭ تىلىنى كۆيدۈرگەنىكەن، دەرھال ئىلان پەيدا بولۇپ بەختىگە >مەندىن ساڭا قانداق ياردەم كېرەك؟< دەپتۇ. بەختى بولغان ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. ئىلان بىر ئاز ئويلىنىپ:
- سەن پادىشاھنىڭ قىزىنى ئالىسەن، پادىشاھمۇ بولىسەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن تاشنى ئېلىپ قاچقان قاراقچىنى زەھىرىم بىلەن چقىپ ئۆلتۈرۈمەن، ئاندىن كېيىن پادىشاھنىڭ قىزىنى چاقىمەن. ئۇنى سېنىڭ قولۇڭدىكى خاسىيەتلىك تاشتىن باشقا ھېچنەرسە ساقايتالمايدۇ - دەپتۇ.
بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتەر - ئۆتمەيلا پۈتۈن شەھەردە >پادىشاھقا كۈيئوغۇل بولىدىغان يىگىت ئۆلۈپ، قىزى يەنە بۇرۇنقى كېسەل ھالىغا كېلىپ قاپتۇ< دېگەن سۆز تاراپتۇ.
ئەتىسىگىلا جاكارچىلار يەنە كوچىمۇ كوچا يۈرۈپ، پادىشاھنىڭ پەرمانىنى ئاڭلىتىپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى بەختى ئوردىغا بېرىپ، پادىشاھقا قىزنى ساقايتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھمۇ بۇنىڭغاكۆنۈپ، ئۇنى قىزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگۈزۈپتۇ. بەختى قىزنى ساقايتىپتۇ. قىز كېلىشكەن بۇ زېرەك يىگىتنى كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. بەختىمۇ قىزغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. بۇلار سىردىشىپ - مۇڭدىشىپ، خۇشال - خۇرام پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. ئەمەلدارلىرى ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ، بەختىنىڭ كەمبەغەللىكىنى باھانە قىلىپ، پادىشاھنى ۋەدىسىدىن قايتۇرماقچى بوپتۇ. پادىشاھ باشتىكى پىكرىدىن قايتىپ، بەختىگە نۇرغۇن مال - دۇنيا بەرمەكچى بوپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بەختى، مەلىكە ۋە شەھەر خەلقى پادىشاھقا قاتتىق نارازى بوپتۇ. خەلىقنىڭ نارازىلىقىنى ئاڭلاپ پادىشاھ بىلەن ئەمەلدارلا ئەندىشىگە چۈشۈپتۇ، كېڭىشىپ بەختىگە شەرت قويۇپتۇ:
- بۇ يىگىت تىۋىپلىقتا تېڭى يوق ئىكەن، بىراق ئەقلى بار - يوقلىقىنى سىنايمىز. بۇنىڭ شەرتى ئات ۋە ھەممە جابدۇق - سايمانلىرى ئوخشاش بولغان قىرىق مەپىنى يىگىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزىمىز. مەلىكىنىڭ قايسى مەپىدە ئىكەنلىكىنى تاپالىسا، بۇرۇنقى شەرتنى ئادا قىلايلى، - دەپتۇ.
بەختى پادىشاھتىن پۈتۈن شەھەر خەلقى ئالدىدا ۋەدە ئېلىپ، بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىپتۇ. ھەرىنىڭ قانىتىنى كۆيدۈرگەنىكەن شۇ ھامان ھەرە كېلىپ بەختىنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. ھەرە بەختىدىن ئەھۋالنى ئۇقۇپ:
- سەن غەم قىلما، مەپىلەر ئۆتكەندە مەن قايسى ئاتنىڭ بېشىدا ئۇچۇپ يۈرسەم شۇ مەپىنى تۇت، دەپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
بۇ چاغدا جاراڭ - جۇرۇڭ قىلىپ، بىر - بىرىگە ئوپمۇ ئوخشاش قىرىق مەپە كېلىۋاتقۇدەك. بەختى كۆزىنى ئوبدان ئۇگۇلىۋېتىپ، مەپىلەرگە قېتىلغان ئاتلارغا زەن قويۇپ قاراپتۇ. بىر مەپە ئۆتۈپتۇ، ئىككى مەپە ئۆتۈپتۇ، ھەرە كۆرۈنمەپتۇ. يىگىرمە - ئوتتۇز مەپىمۇ ئۆتۈپ بوپتۇ، بەختى جىم تۇرغۇدەك. مەيدانغا يىغىلغان خەلقلەر ھاياجانغا چۈشۈپتۇ، بەختىمۇ ئەندىشە قىلىشقا باشلاپتۇ. ئوتتۇر سەككىزىنچى مەپىمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئوتتۇز توققۇزىنچى مەپە ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغاندا، ئاتنىڭ بېشىدا غۇڭۇلداپ ئۇچۇپ كېتىپ بارغان ھەرىنى كۆرۈپتۇ - دە، بەختى يۈگۈرۈپ بېرىپ مەپىگە چىقىپتۇ، قارىسا مەپىنىڭ ئىچىدە مەلىكە ئولتۇرغۇدەك. بەختى مەپىنى ئۇدۇل ئوردىغا قاراپ ھەيدەپتۇ. مەيدانغا يىغىلغان خەلقمۇ مەپىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ پۈتۈن خەلق ئالدىدا بەرگەن ئۆزىنىڭ ۋەدىسىدىن يانالماي تەختتىن چۈشۈپ، بەختىگە پادىشاھلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. بەختى قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ، مەلىكىنى ئاپتۇ ۋە ئادالەت بىلەن يۇرت سۇراپتۇ.