تۈلكىنىڭ قۇۋلۇقى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بىر كۈنى تۈلكىگە بۆرە ئۇچراپ قېلىپ:>ئاداش، تېچمۇ سەن؟< دەپلا ئۆتۈپ كېتىپتۇ. تۈلكە:>ئۇ مېنى ئاداش دەپ ئەھۋال سورىدى. مەن مۇشۇ بۆرە بىلەن دوست بولايچۇ. بۆرە دېگەن باتۇر، قويلارنى يەيدۇ. سېنىڭ راست دەپ، تەڭ يېسەم بولمامدۇ< دەپ ئويلاپتۇ. شۇ بۆرىنى ئىزلەپ تېپىپ، شۇنىڭ بىلەن دوست بوپتۇ.
بۆرە تېپىپ كەلسە، تۈلكە بىللە يەيدىكەن؛ ئۆزى بولسا ھېچنەرسە تاپالمايدىكەن. بۇ ئىشقا بۆرىنىڭ قورسىقى كۆپىدىكەن. تۈلكىنىڭ ئەلىجان، بەلىجان، ۋەلىجان دېگەن ئۈچ بالىسى بار ئىكەن. بۆرىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ يۈرگىنىنى سەزگەن تۈلكە بىر كۈنى بالىلىرىغا:
- ھەي، بالىلىرىم!مەن سەيلە قىلىپ چىقىپ كەتكەندە بۆرە كەلسە، ئىشىكنى ئېچىپ بەرمەڭلار، - دەپتۇ.
- ماقۇل، - دەپتۇ تۈلكىنىڭ بالىلىرى. بىرىنچى قېتىم بۆرە كېلىپ ئىشىكنى ئۇرغاندا، تۈلكە بالىلىرى:>ئۆيدە ئانىمىز يوق< دەپ ئىشىكنى ئاچماپتۇ. ئىككىنچى قېتىم كېلىپ:>ئاچ ئىشىكنى!< دەپ ۋاقىراپتۇ بۆرە. بالىلار ئاچقىلى ئۇنىمىغاندىن كېيىن، بۆرە ئىشىكنى ئۆرۈپ كىرىپ، ئەلىجاننى يەپ قويۇپتۇ، بەلىجاننىمۇ يەپ قويۇپتۇ، يالغۇز ۋەلىجان قۇتۇلۇپ قاپتۇ. بىر ۋاقىتتا تۈلكە بالىلىرىغا ئوزۇق ئېلىپ يېتىپ كەپتۇ.
- ئاران دېگەندە تېپىپ كەلدىم بۇنى. ھەي، ئەلىجان قېنى سەن؟ - دەپتۇ.
- بۆرە يەپ كەتتى؟ - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەلىجان.
- بەلىجان قېنى؟
- بۆرە يەپ كەتتى.
بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان ئانا تۈلكە يىغلاپ كېتىپتۇ، بىر ھازادىن كېيىن يىغىسىنى توختىتىپ:
- نېمىشقا ئىشىكنى ئاچىتڭلار؟ - دەپ ۋاقىراپتۇ ۋەلىجانغا.
- بىز ئېچىپ بەرمىگەن ئىدۇق، بۆرە ئۆزى ئۇرۇپ، تاتىلاپ يۈرۈپ ئېچىۋالدى، - دەپتۇ ۋالىجان.
- ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ تۈلكە ئەكەلگەن گۆشلىرىنى قازانغا سېلىپ، - مەن ئاش ئېتىپ تۇراي، سەن بېرىپ بۆرىنى چاقىرىپ كەل.
ۋەلىجان بۆرىنىڭ يېنىغا بېرىپ:
- ئانام سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ، - دەپتۇ.
- بارمايمەن، ئىشىم بار، - دەپتۇ بۆرە.
- ياق، بېرىڭ! ئاپام قوزا گۆشى تېپىپ كەپتۇ؛ قازانغا لىققىدە سېلىپ پىشۇرۇپ قويدى، - دەپ چىللاپ تۇرۇۋاپتۇ بالا تۈلكە، بۆرە:
- بوپتۇ، بارسام باراي، - دەپتۇ ۋە تۈلكىنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. تۈلكە ئۆينىڭ تۆرىنى كولاپ، ئىچىگە قوقاس تولدۇرۇپ ئۈستىگە چىرايلىق كۆرپە سېلىپ، بۆرىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن بۆرە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ:>كەلسىلە، كەلسىلە< دەپ چىرايلىق قارشى ئاپتۇ، بالىلىرىنىڭ گېپىنى چىقارماپتۇ. بۆرە پەگادا ئولتۇرۇشقا تەمشەلگەن ئىكەن، تۈلكە:
- تۆرگە ئۆتسىلە، بۇ يەرگە قازاننى چۈشۈرىمەن، گۆش پىشاي دەپ قالدى، ئەلىجان بىلەن بەلىجان ئوينىغىلى چىقىپ كېتىپتۇ، ئۇلار كەلسىلا گۆشنى ئالىمەن، - دەپتۇ تۈلكە بۆرىنى تۆرگە تەكلىپ قىلىپ.
بۆرە تۆرگە سېلىنغان كۆرپىدە ئولتۇرۇپتىكەن، گۈلدۈرلىگىنىچە ئورىغا چۈشۈپ كېتىپ كۆيۈشكە باشلاپتۇ.
تۈلكە ئۇنىڭدىن:
- ئەلىجان بالامنى يەمسەن؟ بەلىجان بالامنى يەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- يېمەيمەن.... تارتىۋال! - دەپ يالۋۇرۇپتۇ بۆرە.
- ھە، ۋەلىجان قاپتۇ، ئۇنىمۇ يەۋېتەمسەن - يا؟
- يىمەيمەن! جېنىم دوستۇم، يىمەيمەن!... مېنى تارتىۋال!....
بۆرىنىڭ پۇت - قوللىرى ئوبدان كۆيگەندىن كېيىن تۈلكە ئۇنى ئوتتىن تارتىۋاپتۇ ۋە:
- ئەمدى قانداق جازالاي؟ - دەپ سوراپتۇ بۆرىنىڭ ئۆزىدىن.
بۆرە گەپ قىلماپتۇ. تۈلكە ئىچ ئاغرىتقان بولۇپ:
- ئاۋۇ تاققا چىقساڭ قوڭغۇراق تىكەن بار، ئۈستىگە چىقىپ ئېغىنىساڭ، كۆيگەن يېرىڭنىڭ ئېچىشىشى ھازىرلا توختايدۇ، - دەپتۇ بۆرىگە. بۆرە تاققا چىقىپ قۇڭغۇراق تىكەنگە ئېغىنىغان ئىكەن، پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلىنىپتۇ. بۆرە تۈلكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
- ئەزايى - بەدىنىم تېخىمۇ ئېچىشىپ كەتتى، قان يىرىڭ توختىمايۋاتىدۇ، نېمە چارە بار؟ - دەپ سوراپتۇ تۈلكىدىن. تۈلكە يەنە ئىچ ئاغرىتقان بولۇپ بۆرىگە:
- ئاۋۇ يەرگە شېكەر تۆكۈلگەن، شۇ يەرگە بېرىپ ئېغىنا! - دەپتۇ. بۆرە تۇز ئۈستىدە بىر ئېغىناپتىكەن، ئاۋازى بىلەن تەڭ جېنىمۇ چىقىپتۇ. تۈلكە بالىلىرىنىڭ ئۆچىنى بۆرىدىن مانا شۇنداق ئاپتۇ.