ئىككى بېخىل
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ساقى ۋە باقى دېگەن ئىككى بېخىل ئۆتكەن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىككىسى سودا ئىشى بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ ۋە ساقىنىڭ بىر تەڭگىسى باقىغا ئۆتۈپ قاپتۇ. ساقىنىڭ ئاشۇ بىر تەڭگە ئۈچۈن زادى ئۇيقۇسى كەلمەپتۇ. باقىمۇ نائىنساپلىق قىلىپ «بۈگۈن»، «ئەتە» دەپ تەڭگىنى بەرمەي، ئۈچ - تۆت يىلنىمۇ ئۆتكۈزۈپتۇ.
ساقىنىڭ قەرزىنى سۈيلەپ كېلىشىنى سەزگەن باقى بىر كۈنى بالىرىرىنى يىغىپ:
- بۈگۈن يا ئەتە بىرى قەرز سۈيلەپ كېلىدۇ، ئىشىكنى قېقىشىغا مېنى «ئۆلدى» قىلىپ، يۈزۈمنى يېپىپ قويۇپ «ۋاي دادا» دەپ يىغلاپ ئالدىغا چىقىڭلار. ئۇنى ئۇزۇن تۇرغۇزماي يولغا سېلىڭلار، - دەپ جېكىپتۇ.
دىگەندەك بىر قانچە كۈندىن كېيىن ساقى قەرز سۈيلەپ دەرۋازا قېقىپتۇ. باقىنىڭ پايلاپ تۇرغان بالىلىرى تاپشۇرۇق بويىچە «ۋاي دادا..» دىيىشىپ ئالدىغا چىقىشىپتۇ.
بۇنىڭ بىر ھىلە ئىكەنلىكىنى سەزگەن ساقى دەرھال «ۋاي بۇرادىرىم، ياش كەتكەن قېرىندىشىم» دەپ يىغىلاپ، ئۆزىنى باقىنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ، ئاغزى - بۇرنىنى چىڭ بېسىۋاپتۇ. باقى چىدىيالماي مىدىرلاپ ساپتۇ، ساقى شۇ ھامان:
- ئاداش پۇلۇمنى بېرىۋېتىڭلار، - دەپتۇ. باقى جىم يېتىۋاپتۇ. ساقى چاندۇرماي باقىنى قاتتىق چىمداپتۇ. باقى كۆزىنى ئېچىپتۇ، ساقى:
- ئاداش پۇلۇمنى بېرىۋېتىڭلار! - دەپتىكەن، باقى دەرھاللا كۈزىنى يۇمۇۋاپتۇ.
- بالىلىرىم، - دەپتۇ ساقى ھىلە ئىشلىتىپ، - داداڭلارنى ۋاقتىدا يەرلىكتە قويۇۋېتەيلى، بولمىسا گۇنالىق بولۇپ قالىمىز. مەن ئۇنىڭ يېقىن دوستى، ئۇ ھايات چېغىدا قايسىمىز بالدۇر ئۆلسەك، ھايات قالغىنىمىز يۇيۇشنى ۋەدە قىلىشقان ئىدۇق، ۋەدىنى ئاقلىمىسام بولمايدۇ.
ئۇ، شۇنداق دەپ يۇيۇدىغانغا سۇ ئىسىتىپ بېرىشنى تاپىلاپتۇ ۋە «سۇ ناھايىتى ئىسسىق بولسۇن!» دىگەننىمۇ تەكىتلەپتۇ. ئىشلىرىنىڭ چېنى قېلىشىدىن ۋە ساقىنىڭ ئۆيىدە ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن باقىنىڭ بالىلىرى ئويلاپ تۇرۇشىمايلا دەرھال بىر قازان سۇ قاينىتىپ ئېلىپ كەپتۇ. ساقى قىزىق سۇنى باقىنىڭ ئۈستىگە قۇيغىلى تۇرغان ئىكەن، باقىنىڭ بەدىنى كۆيۈپ تېرىلىرى سۇيۇلۇپ چىقىپتۇ، ئاخىرى چىدالماي «ۋايجان» دەپ ساپتۇ، ساقى:
- ئاداش پۇلۇمنى بېرىۋېتىڭلار، - دەپتۇ. باقى يەنە كۆزىنى يۇمۇۋاپتۇ. ساقى ئاخىر باقىنى يەرلىككە قويۇپتۇ. ساقى:
«ئاغىينەم بىلەن قايسىمىز بالدۇر ئۆلسەك ھايات قالغىنىمىز تۇپراق بېشىدا تۈنەپ خەتنە - قۇرئان قىلىشقا ۋەدىلەشكەن» دەپ تۇپراق بېشىدا يالغۇز قاپتۇ. يەرلىكنىڭ ئاغزىنىمۇ ئەتكىلىمۇ قويماپتۇ. تۈن كېچە بولغاندا باقىنىڭ قوسغى ئېچىپ كېتىپ چىدىيالماي يەرلىكتىن باش چىقىرىغا ساقى:
- ئاداش پۇلۇمنى بېرىۋېتىڭلار! - دەپتۇ. باقى يەنە يېتىۋاپتۇ. شۇ ئەسنادا سىرتتىن بىر گۈلدۈر - گالاپنىڭ شەپىسى كەپتۇ. ھەر ئىككىلا بېخىل قورققىنىدىن «جېنىمىزنى ئېلىپ قاچايلى» دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشىغا يۈگۈرۈشۈپ كەلگەن بىر توپ بەت - بەشىرە ئادەملەرگە يولۇقۇپتۇ. بۇلار ئوغرىلار بولۇپ ئولجا ئىزلەپ بارغان يېرىدىن قۇرۇق قول قايتىشقان ئىكەن. ئۇلار ئىككى بېخىلنى تۇتۇۋاپتۇ ۋە ئىككى بېخىلنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى تالىشىپ، ئۇيانغا تارتىپ، بۇيانغا تارتىپ يۈرۈپ، بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.
(«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» نىڭ 1981 - يىل 2 - سانىدىن ئېلىندى.)
رەتلىگۈچى: پاتىمە قاسىم