ئەجدىھا يىگىت
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ساماۋى ھاپىز دېگەن بىر ئادەم ئۆتكەن ئىكەن. پەرزەنت ئۈچۈن زار ئىكەن. تەلىۋىگە يارىشا خۇتۇنى ھامىلدار بولۇپ، ۋاقتى - سائىتى يېتىپ، تەۋەللۇت قىلىپتۇ. بىراق تۇغۇلغىنى ئادىمىزات بولماستىن، يوغان بىر يىلان ئىمىش. بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن ساماۋى ھاپىز ھەقەمسايىلىرىنى چاقىرىپ كىرىپتۇ. ھەقەمسايىلىرى كىرىپ قارىسا، چۈشەكتە بىر ساھىپجامال ئوغۇل بالا ياتقىدەك. بۇنى كۆرۈپ ساماۋى ھاپىز ئىنتايىن خۇشال بولۇپتۇ. ھەقەمسايىلىرى مۇبارەكلەپ، چىقىپ كېتىپتۇ. ساماۋى ھاپىز ھەقەمسايىلىرىنى ئۇزىتىپ قويۇپ ئۆيىگە قايتىپ كىرسە، چۈشەكتە يەنە يىلان ياتقىدەك. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئاتا - ئانا ھەيران بولۇپ: >خۇدايىم بىزگە پەرزەنت بەردىم، دەپ، بىر يىلان ئاتا قىلىپتۇ< دەپ يىغلىشىپتۇ. ئايدىن - ئاي، يىلدىن - يىل ئۆتۈپتۇ. بۇ يىلان بالا چوڭ بولۇپتۇ. بىر كۈنى ئۆز دادىسىغا:
- دادا، مەن پادىشاھنىڭ قىزى بىلەن بىر كۈن ئىچىدە تۇغۇلغان. سەن بېرىپ پادىشاھقا دېسەڭ، پادىشاھ مېنى ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلىپ، شۇ قىزنى ماڭا بەرسە، - دەپتۇ.
- بىز ئاددىي پۇقرا تۇرساق، پادىشاھ قىزىغا قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ - دەپتۇ دادىسى.
- دادا، سەن ئاۋۋال بارغىن، ئۇنىڭ چارىسىنى ئۆزۈم قىلىمەن، - دەپتۇ بالا.
دادىسى ماقۇل بولۇپ ئۆيىدىن چىقىپتۇ - يۇ، لېكىن پادىشاھنىڭ ئۆيىگە >قىزلىرىنى ئوغلۇمغا بەرسىلە< دەپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالماي، كۈننى تالادا ئۆتكۈزۈپ كەچ كىرگەندە قايتىپ كەپتۇ.
- دادا، باردىڭىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ يىلان بالا.
- باردىم بالام، پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپ مېنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغىلى تاس قالدى. ئاران تەسلىكتە جاننى ياقىغا ئېلىپ قېچىپ كەلدىم، - دەپتۇ دادىسى.
- دادا، يالغان سۆزلىدىڭىز، پادىشاھنىڭكىگە بارماي ئۆستەڭ بويىدا دەرەخ سايىسىدا يېتىپ كەچ بولغاندا قايتىپ كەلدىڭىز، - دەپتۇ يىلان بالا.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ دادا ھەيران قاپتۇ. >بۇنىڭدا بىر سىر - ھېكمەت بار ئوخشايدۇ< دەپ جەزىم قىلىپتۇ. ئەتىسى بالا دادىسىنى يەنە پادىشاھ قېشىغا بېرىشقا دەۋەت قىلىپتۇ. دادا غەمگە چۈشۈپ >خۇدايىم بىزگە بالا ئەمەس، ئالامەت بىر بالا بېرىپتۇ< دەپ ئويلاپ، نائىلاجلىقتا، پادىشاھ ئوردىسىغا بېرىپتۇ. دەرۋازىۋەنلەر ساماۋى ھاپىزنى ئوردىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلماپتۇ. >پادىشاھقا خەۋەر قىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش بار ئىدى< دەپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پاسىبانلار پادىشاھقا خەۋەر قىلىپتۇ. پادىشاھ >كىرسۇن< دەپ ئىجازەت بېرىپتۇ. ساماۋى ھاپىز پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، سالام بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ:
- ھەي پادىشاھى ئالەم، مېنىڭ بىر ئوغلۇم بار. ھەزرەتلىرىنىڭ قىزى بىلەن بىر كۈن، بىر سائەتتە تۇغۇلغان. قىزلىرىنى قىز قىلىۋالايمىكىن دەپ ئەلچى بولۇپ كەلدىم، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ:
- ھەي ئەدەبسىز، سەن قايسى يۈزۈڭ بىلەن مېنىڭ دەرگاھىمغا مۇشۇنداق بىمەنە تەلەپنى كۆتۈرۈپ كەلدىڭ؟! جاللات! - دەپ چاقىرىپتۇ ۋە ساماۋى ھاپىزنىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى بۇيرۇپتۇ. جاللاتلار دەرھال ھازىر بولۇپ، ساماۋى ھاپىزنى ئارىغا ئېلىپ تۇرۇشىغا، يىلان بالا پەيدا بولۇپتۇ ۋە:
- ساماۋى ھاپىزنىڭ ئوغلى ساماۋى ئەجدىھا دېگەن مانا مەن بولىمەن. ئەگەر پەيلىڭدىن يېنىپ قىزىڭنى بەرمەيدىغان بولساڭ، تەختى - بەختىڭنى ۋەيران، شەھىرىڭنى خاراب قىلىۋېتىمەن، - دەپتۇ پادىشاھقا. پادىشاھ جاللاتلارغا ساماۋى ھاپىز بىلەن يىلاننى قەتلى قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. شۇئاندا يىلان ئۆزىنى جاللاتلارغا ئۇرۇپتۇ، جاللاتلار ۋاي - دات سېلىپ جېنىنى ياقىغا ئاپتۇ. پادىشاھ بىلەن ۋەزىر - ئەمرالارمۇ قورققىنىدىن جان - ئىمانى چىقىپ، جېنىنى ياقىغا ئاپتۇ. يىلان پادىشاھنىڭ تەختى - بەختىنى ۋايران قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ كارامەتلەرنى كۆرگەن ۋەزىر - ئەمرالار: >ئەگەر بۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىساق، پۈتۈن تەخت - بەختىمىز ۋەيران، ئۆزىمىز سەرسان بولۇپ كېتىدىكەنمىز. ئۇنىڭدىن كۆرە، مەلىكەمنى يىلانغا بەرسەك< دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. پادىشاھ نائىلاج ماقۇل بولۇپ، قىزىنى ساماۋى ئەجدىھاغا بېرىپتۇ. توي بولغان توي بولغان كۈنى بىر ساھىپجامال يىگىت پەيدا بولۇپ، ئۇسسۇل ئويناپتۇ. قىز بۇ ساھىپجامال يىگىتنى كۆرۈپ، كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ: >مەن ئاشۇنداقراق بىر يىگىت بىلەن توي قىلغان بولسام نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى< دەپ، ھەسرەت چېكىپتۇ. تويدىن كېيىن قىزنى يىلاننىڭ ئۆيىگە يۆتكەپتۇ. قىز يىغلىغان، پەرىشان ھالدا، يىلاننىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. ئۆيگە كىرسە ناھايىتى ساھىپجامال بىر يىگىت ئولتۇرغانمىش. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ قىزى ناھايىتى خۇشال بولۇپ:
- سىز كىم بولىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن سىزنىڭ يېڭى توي قىلغان ئېرىڭىز ساماۋى ئەجدىھا دېگەن بولىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت. قىز خۇشال بولۇپتۇ. ئۇ ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا، ئۆيىدە بىر يىلان تۇرغىدەك. قىز بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپتۇ.
- قورقماڭ. مەن مۇشۇنداق يىلان قىياپەت بىلەن تۇرمىسام بولمايدۇ، - دەپتۇ يىگىت.
قىز بۇنىڭ سەۋەبىنى قايتا - قايتا سورىسىمۇ، بۇنىڭدىكى سىر - ئەسنانى ئېيتىپ بەرگىلى ئۇنىماپتۇ. گاھى يىلان، گاھى ئادەم بولۇپ بىر قانچە زامان ئۆتۈپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزى ئېرىنىڭ يىلان پوستىنى كۆيدۈرۈۋېتىشنىڭ كويىدا يۈرۈپتۇ. ئەمما يىلان پوستىنى ئېلىۋېتىپ، ئادەم قىياپىتىگە كەلگەندە، يىلان پوستىنى قانداق جايغا يوشۇرۇپ قويغانلىقىنى خوتۇنىغا كۆرسەتمەيدىكەن. بىر كۈنىسى پوستىنى سېلىپ يوشۇرۇپ قويغان جاينى ئۇنىڭ خوتۇنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئېرىنىڭ بىخەسەت بولغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تۇيدۇرمايلا، يىلان پوستىنى كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ. يىگىت دەرھاللا ھازىر بولۇپتۇ. ئەمما ئۈلگۈرەلمەپتۇ. ئۇ:
- ھەي بىئەقىل! خەير. ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ، ماڭىمۇ قىلدىڭ. ئەمدى مەڭگۈلۈك ئايرىلدۇق. مېنى مۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيسەن، - دەپلا بىر ئاق كەپتەرگە ئايلىنىپتۇ - دە، غايىپ بولۇپتۇ، قىز يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ. پۇشايمان قىلىپتۇ. بىراق ئورنىغا كەلمەپتۇ.
ئەمدى گەپنى ساماۋى ئەجدىھادىن ئاڭلايلى. ساماۋى ئەجدىھا ئەسلىدە ناھايىتى ساھىپجامال بولغانلىقتىن كوھىقاپنىڭ پىرى شاھنىڭ قىزلىرى ئۇنىڭغا ئاشىق ئىكەن. ئەمما ئۇلار يىلان پوستىنىڭ خاسىيىتى بىلەن، ساماۋى ئەجدىھانى ئېلىپ قاچالماي، قەست قىلىپ يۈرگەن ئىكەن. يىگىت يىلان پوستىنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، ئاق كەپتەرگە ئايلىنىپ يوشۇرۇناي دېگىچىلا ئۇلار دەرھال كېلىپ ساماۋى ئەجدىھانى ئالتۇن قەپەزگە سېلىپ كوھىقاپقا ئېلىپ قېچىپتۇ. مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ساماۋى ئەجدىھا ئەسلىگە قايتىشنى رەت قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرىزاتلار قەيەرگە بارسا ساماۋى ئەجدىھانى بىرگە ئېلىپ بېرىپ يېنىدىن ئاجراتمايدىكەن. بىر كۈنى پەرىزاتلار سۇغا چۈشۈش ئۈچۈن، ئورمانزارلىقتىكى بىر بۇلاق بويىغا كەپتۇ. ساماۋى ئەجدىھانى قەپەز بىلەن بىر دەرەخقە ئېسىپ قويۇپ، ئۆزلىرى بۇلاققا سۇغا چۈشۈپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئورمانزارلىق يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كارانلارنىڭ كۆزى دەرەخ ئۈستىدىكى ئالتۇن قەپەزگە چۈشۈپ قاپتۇ. كارۋانلار قەپەزنىڭ قېشىغا كېلىپ قەپەزدىكى ئاق كەپتەرنى كۆرۈپتۇ. كەپتەر زۇۋانغا كېلىپ كارۋانلارغا قاراپ:
- ھەي كارۋانلار! مېنىڭ سىلەرگە بىر ئامانەت سۆزۈم بار. سىلەر مېنىڭ مەھبۇبەم تۇرۇشلۇق شەھەرگە كېتىپ بارىسىلەر. ئۇ شۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ قىزى. سىلەر شۇنىڭغا ئېيتىپ قويساڭلار. ئۇ مېنى ئىزلىمەكچى بولسا، پۇتىغا تۆمۈردىن كەشە كىيىپ ئىزلەپ ماڭسۇن. تۆمۈر كەشنىڭ تېگى ئۇپراپ تېشىلىپ پۇتى كۆرۈنگەندە، ئاندىن مېنى تاپىدۇ - دەپتۇ. كارۋانلار بۇ ئىشقا ھەيران بولۇشۇپ تۇرغىنىدا، قەپەز بىردىنلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ غايىپ بولۇپتۇ. بۇلار تېخىمۇ ھەيران بولۇشۇپ ئۆز يولىغا راۋان بولۇپتۇ. ئۇزۇن كۈنلەر ئۆتۈپ، ئەجدىھا يىگىتنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. ئوردىغا كىرىپ، پادىشاھنىڭ قىزىغا، قەپەزدىكى كەپتەرنىڭ سۆزىنى بايان قىلىپتۇ. مەلىكە كارۋانلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ زار - زار يىغلاپتۇ. قىز دادىسىدىن تۆمۈر كەش قىلدۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. پادىشاھ قىزىنىڭ ساماۋى ئەجدىھانى ئىزلەپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلماپتۇ. قىز يىغلاپ چېچىنى چۇۋۇپ، ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇپ يالۋۇرۇپتۇ. دادىسى نائىلاجلىقتىن ئاخىر ماقۇل بولۇپتۇ. مەلىكە ئاتا - ئانىسى بىلەن خۇشلىشىپ يولغا چىقىپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ. كۈن ئۆتۈپتۇ، ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل ئۆتۈپتۇ. مەلىكە تاغ داۋانلاردىن ئېشىپتۇ. چۆل - جەزىرىلەرنى كېزىپتۇ. ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز جەبرى - جاپالارنى تارتىپتۇ. قاتمۇ - قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپتۇ. ئاخىر تۆمۈر كەشنىڭ تېگى ئۇپراپ تېشىلىپتۇ، مەلىكە >ئەمدى ساماۋى ئەجدىھا بار يەرگە يېقىنلىشىپتىمەن< دەپ ئويلاپ تېخىمۇ قاتتىق ئىرادىگە كېلىپ، ئالغا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئالدىدا بىر ئىمارەت كۆرۈنۈپتۇ. ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قارىسا، بىر ئۆستەڭدە سۇ ئېقىپ تۇرغىدەك. مەلىكە ئەمدى ئولتۇرۇپ ھاردۇق ئېلىپ، ئۆستەڭدىن سۇ ئىچىپ تۇرۇشىغا ئىمارەت ئىچىدىن سۈرەتتەك بىر پەرىزات چىقىپ، ئۆستەڭدىن سۇ ئاپتۇ ۋە مەلىكىدىن:
- بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟ قەيەردىن كەلدىڭ؟ بۇ يەرگە ئادىمىزاتنىڭ قەدىمى يەتمەيتتى، سەن قانداق بولۇپ كېلىپ قالدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن بۇ يەرگە يول ئېزىقىپ كېلىپ قالدىم. ھېرىپ - چارچاپ، مادارىم قالمدى، مۇمكىن بولسا ئۆيلىرىدە بىرەر - يېرىم كۈن تۇرۇپ ئاندىن ماڭسام. خىزمەتلىرى بولسا خىزمەتلىرىنى قىلىشىپ بەرسەم، - دەپتۇ.
مەلىكىگە پەرىزاتنىڭ ئىچى ئاغرىپ، رەھمى كېلىپ مەلىكىنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىرىپتۇ. پەرىزاتنىڭ ئىككى ئاچىسى بار ئىكەن. چوڭ ئاچىسى مەلىكىنىڭ باشتىن - ئايىقىغا قاراپ:
- بۇ ئادىمىزاتنىڭ قەدىمى يەتمەيدىغان جاي. بۇ، ساماۋى ئەجدىھانى ئىزلەپ كەلگەن بولمىسۇن يەنە، - دەپتۇ. ئىككىنچى ئاچىسى:
- بۇ موماي قانداقمۇ ساماۋى ئەجدىھانى ئىزلىيەلىسۇن، دەپتۇ. پەرىزات ئىككى ئاچىسىنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەلىكىنى بۇ يەردە ئېلىپ قېلىشقا ماقۇل بولۇپتۇ. قەپەز پەرىزاتلارنىڭ ئالدىدا قويۇقلۇق ئىكەن. ساماۋى ئەجدىھا خوتۇنىنى كۆرۈپلا تونۇپتۇ. ئىچى ئاغرىپتۇ. ئەمما پەرىزاتلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، خوتۇنىغا ئۆزىنى بىلدۈرمەپتۇ. مەلىكە بۇ يەردە بىر قانچە ۋاقىتقىچە ئۇلارنىڭ ئاش - تامىقىنى ئېتىپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇماپتۇ. كەنجى پەرىزات مەلىكىنىڭ ساماۋى ئەجدىھانىڭ خوتۇنى ئىكەنلىكىنى سېزىپ قاپتۇ. مەلىكىنىڭ ئاشۇنداق كۈرمىڭلىغان جەۋرى - جاپا تارتىپ، يىراق يولدىن ساماۋى ئەجدىھانى دەپ، بۇ يەرگە كەلگەنلىكىگە كەنجى پەرىزاتنىڭ رەھىمى كېلىپ، ئىچى ئاغرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىشىگە شەرت ھازىرلاش ئۈچۈن، مەلىكىگە سېھىر - ئەپسۇندىن تەلىم بېرىپتۇ. بىر كۈنى چوڭ پەرىزات:
- بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى بۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇ ساماۋى ئەجدىھانىڭ خوتۇنى ئوخشىمامدۇ؟ بۇنى سىناپ بېقىش كېرەك، - دەپتۇ ھەمدە بىر يەلقازانغا سۈت توشقۇزۇپ مەلىكىگە:
- بىز ھازىر بىر يەرگە بارىمىز. بىز قايتىپ كەلگىچە مۇشۇ قازاندىكى سۈتنى قاينىتىپ تۇرىسەن، - دەپ تاپىلاپ كەنجى پەرىزاتنىمۇ بىرگە ئېلىپ، سۇغا چۈشۈپ كېلىشكە مېڭىپتۇ. ئالتۇن قەپەزنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىپتۇ. مەلىكە يەلقازاننى ئوچاققا ئېسىپ، ئوت يېقىشىغىلا، قازاندىكى سۈتنىڭ ھەممىسى تېشىپ كېتىپ، قازاندا ھېچ نەرسە قالماپتۇ. مەلىكە قانداق قىلىشنى بىلمەي، >ئەمدى بالاغا قالىدىغان بولدۇم< دەپ قورقۇپ، غەم - ئەندىشىدە ئولتۇرۇشىغا، كەنجى پەرىزات يېتىپ كەپتۇ، مەلىكىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ، رەھىمى كەپتۇ:
- يىغلىما، بۇنىڭ ئىلاجىسىنى مەن قىلىپ بېرەي، - دەپتۇ ۋە دەرھال يەنە بىر يەل قازان تېپىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سۈت تولدۇرۇپتۇ، - سەن باشقا جايغا ئوت قالاپ چوغ چۈشۈرگىن. ئۇلار ئىشىكتىن كىرىشىگىلا چوغنى تېزلا ئوچاققا ئېلىپ كېلىپ، ئوت قالاۋاتقان بولۇپ تۇرغىن.
پەرىزاتلار قايتىپ كەپتۇ. تۇنجى پەرىزات ئاشخانىغا كىرىپ:
- ئوتنى كۆپ قالىدىم، شۇنچىۋالا چوغ چۈشۈپ كەتتى، كۆرمىدىڭىزمۇ، مانا، - دەپتۇ مەلىكە.
چوڭ پەرىزات گەپ - سۆز قىلماي چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى مەلىكىگە تاپشۇرۇپتۇ. ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. شۇ جەرياندا كەنجى پەرىزات ئۇنىڭغا ھەر خىل سېھىر - ئەپسۇنلاردىن تەلىم بېرىپتۇ.
مەلىكە ئەپسۇن ئوقۇپ بىر يۇمىلاپلا كەپتەرگە، سۇغا، ئوت - چۆپكە، دەل - دەرەخقە ئۆزگىرىشنى، ھەتتا سېھىرنىڭ باشقا تۈرلىرىنىمۇ ئۆگىنىپ بوپتۇ. بىر كۈنى كەنجى پەرىزات مەلىكىگە:
- سىلەرگە ئىچىم ئاغرىپ رەھىم كېلىپ، بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، مۇرادىڭلارغا يېتىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سېھىر - ئەپسۇنلارنى ئۆگىتىپ، تۈرلۈك ئۆزگىرىشىلەرنىڭ شەكلىنى كۆرسىتىپ بەردىم. ئۆگىنىپ ھەممىگە كامىل بولدۇڭ. ئەمدى يۇرتۇڭلارغا قايتىپ كېتىشنىڭ ئىلاجىسىنى قىلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، پەرىزاتلارنىڭ ئۇخلايدىغان قارارى بولۇپتۇ. بۇلار ھەر قېتىم ئۇخلىغاندا ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئۇخلايدىكەن. پەرىزاتلار ئۇخلاشقا چۈشۈپتۇ. بۇلار قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندە كىچىك پەرىزات ئاستاغىنا قەپەزنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كەپتەرنى چىقىرىپ، >تېزدىن كېتىۋېلىڭلار< دەپ، ئەر - خوتۇن ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. بۇلار پەرىزاتتىن ئىنتايىن خۇش بولۇپ، پەرىزاتنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيا مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم ئىچىپتۇ ۋە پەرىزاتقا باش قويۇپ يىغلىشىپ خوشلىشىپتۇ. بۇلار ئۆز يولىغا راۋان بولۇپتۇ. كەنجى پەرىزاتمۇ ئۆز ئورنىغا بېرىپ يېتىپتۇ.
پەرىزاتلار ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ قارىسا، قەپەزدە كەپتەرمۇ، ئاشخانىدا خىزمەتكارمۇ يوق تۇرغىدەك. ئۇلار >كىچىك سىڭلىمىز قاچۇرۋەتكەن ئوخشايدۇ< دەپ گۇمان قىلىپ كەنجى پەرىزاتنى سوراققا تارتىپ تىللاپتۇ، ئۇرۇپتۇ، ئەمما كەنجى پەرىزات راستىغا كەلمەپتۇ. ئۇلار مەلىكە بىلەن ئەجدىھا يىگىتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. بۇلار ناھايىتى تېز ئۇچقانلىقتىن، ئۇلار يېتىشىۋاپتۇ. ئۇلار پەرىزاتلارنىڭ يېقىنلىشىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپلا >ئەمدى بۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدىغان بولساق، بىزنى ھەرگىزمۇ تىرىك قويمايدۇ< دەپ، دەرھال ئېتىزلىققا كىرىپ ئوت - چۆپكە ئايلىنىۋاپتۇ. پەرىزاتلار كالا سۈرىتىگە كىرىپ ئوت - چۆپلەرنى چالا قويماي يىگىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلار قېچىپتۇ، پەرىزاتلار يەنە قوغلاپتۇ. ئۇلار باغنىڭ ئىچىگە كىرىپ گۈللەر ئارىسىدا گۈلگە ئايلىنىۋاپتۇ. پەرىزاتلار گۈللۈككە چۈشۈپ، گۈللەرنى ئۈزۈپ تاشلاشقا باشلاپتۇ. بۇلار بۇ يەردىنمۇ قېچىپتۇ. ئالدىغا ئۆستەڭ ئۇچراپتۇ. ئۆستەڭگە ئۆزىنى تاشلاپ سۇ بولۇۋاپتۇ. پەرىزاتلار ئۆستەڭ بويىغا چۈشۈپ، سۇنى سۈمۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئۇلار يەنە قېچىپتۇ. پەرىزاتلار ئارقىدىن دەممۇ - دەم قوغلاپتۇ. بۇلار قېچىپ ئورمانلىققا بېرىپ، دەرھال دەرەخ بولۇۋاپتۇ. پەرىزاتلار دەرەخنى بىر - بىرلەپ كەسكىلى تۇرۇپتۇ. بۇلار دەرەخنىڭ ئەڭ تۈۋىدىن كۆكلەپ چىققان ئەك كىچىك نوتا بولۇۋاپتۇ. ھەممە دەرەخلەرنى كېسىپ بولۇپ قارىسا ئۇلار يوق. دەرھال ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ ھەممە ياقنى ئىزلەپتۇ. ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرىزاتلار بۇلارنى >ئۆلگەن ئوخشايدۇ< دەپ ئارقىغا قايتىشىپتۇ.
پەرىزاتلار قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇلار بىر جۈپ كەپتەرگە ئۆزگىرىپ ئۇچۇپتۇ. ئۇچۇپتۇ - ئۇچۇپتۇ، نۇرغۇن تاغ - داۋان، دېڭىز - دەريالاردىن ئۆتۈپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ. ئاتا - ئانىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. ئاتا - بالا، ئەر - خوتۇن قايتىدىن جەم بولۇشۇپ خۇشال - خاتىرجەم، راھەت - پاراغەتتە ئۆتۈپتۇ.