UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقخاسىيەتلىك ئاق گۈل

خاسىيەتلىك ئاق گۈل

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ناھايىتى چىرايلىق بىرلا قىزى بولۇپ، پادىشاھ بۇ قىزنى بەكمۇ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىپتۇ. قىز بالاغەتكە يېتىپتۇ. پادىشاھ ئۇنى ئوبدانراق بىرەرسىگە ياتلىق قىلىپ، ئاتىلىق قەرزىمنى ئادا قىلسام، دەپ كېچە - كۈندۈز ئويلاپتىكەن.لېكىن كۈتمىگەندە قىز تۇتقاقلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھ ئەپسۇسلىنىپ كېچە - كۈندۈز ئاھ ئۇرۇپتۇ. تىۋىپ چاقىرتىپ قىزنى ساقايتىشقا پەرمان قىپتۇ. يىراق - يېقىندىن كەلگەن تىۋىپلار بارلىق چارە - تەدبىرلەرنى قىلغان بولسىمۇ، قىز ساقايماپتۇ. لېكىن قىزنىڭ ھۆسىن - جامالىنىڭ تەرىپىنى ئاڭلىغان شاھزادىلەر قىزغا كۈندە دېگۈدەك ئەلچى ئەۋەتكىلى تۇرۇپتۇ. پادىشاھ ئىختىيارنى قىزىغا قويغان ئىكەن، قىز >كېسىلىنى قانداق كىشى ساقايتسا، شۇنىڭغا تېگىمەن< دەپتۇ. شاھزادىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئول ساھىپجامالنىڭ كېسىلىگە دورا ئىزلىشىپ، شەھەرمۇ - شەھەر چېپىشىپ يۈرۈشۈپتۇ. بۇ خەۋەر قۇلاقتىن - قۇلاققا ئاڭلىنىپ، ھەر قايسى شەھەر ئەھلى >قىزنى كىم ئالار< دېگەن ۋەسۋەسە ئىچىدە قاپتۇ. نامەلۇم بىر يۇرتتا ئاتا - ئانىسى يوق بىر يىتىم ئوغۇل بار ئىكەن. ئۇ شىپالىق دورىنى ئىزلەپ تېپىپ، ئول ساھىپجامالغا بېرىپ، مۇرادىغا يەتمەكچى بوپتۇ ۋە غەيرەت كەمىرىنى چىڭ باغلاپ يولغا چقىپتۇ. ئۇ چۆل - باياۋانلارنى كىزىپ بىر باغنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. قارىسا بۇ باغ جەننەتتىن كەم ئەمەس. ھەر خىل مېۋىلەر پىشىپ كەتكەن، گۈللەر ئېچىلغان، ھەر خىل قۇشلار سايراۋاتقان، سۇلار شاقىراپ ئېقىۋاتقان، يىگىت يول يۈرۈپ ئېچىقاپ كەتكەنلىكتىن مېۋىلەرنى ئۈزۈپ يىيىشكە باشلاپتۇ. بىر چاغدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا دەھشەتلىك ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. شۇنداق قارىسا، دىۋە سۈپەت بىر موماي ئالدىغا كېلىپ: - نېمىشقا سورىمايلا باققا كىردىڭ؟ - دەپ غەزەب بىلەن بالىغا تىكىلىپتۇ. بالا تىترەپ تۇرۇپ: - ئەي ئانا! مەن ئاتا - ئانىسىز بىر يىتىممەن، بېشىمغا ئىشىق سەۋداسى چۈشتى. دىلرەبانىڭ دەردىگە شىپا ئىزلەپ بۇ باققا كىرىپ قالدىم، - دەپ ھۇشىدىن كېتىپتۇ. ئۇ ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن موماي ئۇنىڭغا: - ئى، يىگىت، سەن دورا ئىزلەپ كەلگەن، شاھ قىزىغا شىپا بولىدىغان دورىنى تاپالماي، سانسىز شاھزادە مەقسىدىگە يېتەلمىدى. سېنىڭ تاپمىغىڭ تېخىمۇ مۈشكۈلدۇر. جېنىڭنى قىيماي يۇرتۇڭغا قايت، - دەپتۇ. - ئانا، قىلغان سۆزلىرىگە رەھمەت، ئول ماھى تابان ئۈچۈن باسقان ھەر قەدىمىمگە مىڭ رازىمەنكى، ھەرگىز ئارقامغا قايتمايمەن، - دەپتۇ يىگىت. - ئەي ئوغلۇم، ئىرادەڭ ئېيىتقىنىڭدەك بولسا، كۈن چىقىشقا قاراپ ماڭ، دەشتى قۇملۇقتا بىر چارىباغ بار. باغ ئىگىسىنى >فەتران جادۇ< دەيدۇ. قىزغا شۇ جادۇگەر قەست قىلىپ، ئۇنىڭ تەقدىرىنى بىر تۈپ ئاق گۈلگە باغلىۋەتكەن. ئۇ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم سېھرى ئوقۇغاندا، قىزنى تىترەك بېسىپ، بېشى ئاغرىپ ھۇشىدىن كېتىدۇ. سەن باققا كىرسەڭ، ئاق گۈلدىن بىر تال ئۈزۈۋال - دە، تېز قايتىپ گۈلنى قىزغا بەر. قىز گۈلنى چېكىسىگە قىسسۇن، شۇ ھامان ساقىيىدۇ. قىز سېنىڭ پىراقىڭدا ئۆرتىنىپ سېنى ئىزلەيدۇ. بۇ سىرنى مەن ھېچكىمگە ئېيتمىغان، سەن كۆپ جاپا چەككەنلىكىڭ ئۈچۈن ساڭا ئېيتتىم. ئاق يول تىلەيمەن، - دەپتۇ ۋە بالىغا يولدا يىگىن، دەپ بىر خالتا ئۆرۈك قېقى بېرىپتۇ. بالا رەھمەت ئېيتىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ ئون بەش كۈن يول ماڭغاندىن كېيىن ھېلىقى چارىباغقا يېتىپ كەپتۇ. قارىسا مۈشۈككە ئوخشاش بىر مەخلۇق باغ ئىشىكىنى ساقلاپ ياتقىدەك، ئۇ جادۇ كەمپىرنىڭ كىچىك قىزى ئىكەن. بالا ئۇنىڭغا سالام بېرىپتۇ. بالا قىزنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قاپتۇ ۋە بالىنى باققا كىرىپ ھاۋا يەپ چىقىشقا تەكلىپ قىپتۇ. بالا باققا كىرىپ، ئېرىق بويلاپ كېتىۋاتسا، كۆزىگە گۈللۈكتە تازا چىرايلىق ئېچىلغان بىر تۈپ ئاق گۈل كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ گۈلدىن بىر تال ئۈزگەن ئىكەن، شۇ ھامان ھاۋا گۈلدۈرلەپ باغنى قاراڭغۇلۇق بېسىپتۇ. بالا قورقۇپ تېنەپ يۈرسە، ھېلىقى مۈشۈك سۈپەت قىز كېلىپ: - بۇ يەردە تۇرماي چاپسان قاچ، قېرىنداشلىرىم كۆرۈپ قالسا، سېنى ھايات قويمايدۇ، - دەپتۇ. بالا باغدىن قېچىپ چىقىپتۇ. بىر نەچچە كۈن يول مېڭىپ پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ يۇرتىغا كەپتۇ. بالىنىڭ يول ۋە ئاچلىقنىڭ ئازابىدىن سۇلغان چىرايىنى كۆرگەنلەر ئۇنىڭدىن: - نەدىن كەلدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. بالا: - مەن كارۋان بېشى ئىدىم، يولدا قاراقچىلار كارۋانلىرىمنى ئۆلتۈرۈپ، ماللىرىمنى بولاپ كەتتى. مەن يالغاندىن ئۆلگەن بولۇۋېلىپ، قاراقچىلار كەتكەندىن كېيىن، جېنىمنى ئېلىپ بۇ يەرگە قېچىپ كەلدىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. كىشىلەرنىڭ ئىچى ئاغرىپ، ئۇنىڭغا ئاش - نان بەرگەن ئىكەن. يىگىت خېلى جانلىنىپ قاپتۇ. ئۇ بازار ئايلىنىپ يۈرسە، بىر قېرى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - نەدىن كەلدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. - سەھرادىن گۈل ساتقىلى كەلدىم، - دەپتۇ بالا ۋە ئۇنىڭغا قوينىدىن گۈلنى ئېلىپ كۆرسىتىپتۇ. موماي گۈلنى كۆرۈپ: - ئانا، بۇ گۈل سىزگە يارىمايدۇ، - دەپتۇ. موماي: - بۇ گۈلنى مەن پادىشاھنىڭ قىزىغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن ئالىمەن، - دەپتۇ. بالا مەلىكىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ: - ئەگەر گۈلنى مەلىكىگە سوۋغا قىلسىڭىز، سىزدىن پۇل ئالماي بېرىمەن، - دەپتۇ ۋە گۈلنى موماينىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ كەينىگە قارىماي كېتىپتۇ. دېگەندەك، موماي گۈلنى مەلىكىگە بېرىپتۇ. مەلىكە گۈلنى چېكىسىگە قىسقان ئىكەن، مىنوت ئۆتمەي دىلى روشەنلىشىپ، خوشاللىقى ئىچىگە سىغماي قاپتۇ. ئۆزىچىلا گۈل بەرگەن يىگىت پىراقىدا يېنىشقا باشلاپتۇ ۋە مومايغا ئۇنى تېپىپ كېلىشنى ئىلتىجا قىتپۇ. موماي يىگىتنى تېپىپ، مەلىكىنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەپتۇ. مەلىكە يىگىتنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن كۈتۈۋېلىپ مېھمان قپتۇ. تون كىيگۈزۈپتۇ. ئاندىن موماينى چاقىرىپ: - ئەي ئانا! سىز بېرىپ ئاتامغا ئېيتىڭ، مەن سەللىمازا ساقايدىم، ۋەدەم بويىچە ماڭا شىپالىق دورا ئېلىپ كەلگەن يىگىت بىلەن مېنىڭ يۈزۈمنى ئېچىۋەتسۇن، - دەپتۇ. موماي پادىشاھغا قىزنىڭ تەلىپىنى يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ قىزىنىڭ ساقايغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاق گۈلنى ئېلىپ كەلگەن يىگىتكە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. قىزىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ تويغا تەييارلىق قىلىش يارلىقى چۈشۈرۈپتۇ. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ مەلىكىنى يىگىتكە قوشۇپ قويۇپتۇ. بۇلار يەتتە پەرزەنت كۆرۈپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق