بۇلبۇلگويا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى بېغىنى ئارىلاپ، ئۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن بەھرىلىنىپ سەيلە قىپتۇ ۋە ھارغاندىن كېيىن باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەتراپى رەڭمۇ - رەڭ گۈللەر بىلەن قاپلانغان باراڭدا دەم ئېلىپ يېتىپتۇ، پادىشاھ ھەرخىل گۈللەرنىڭ خۇشپۇراقلىرى ۋە تۈرلۈك تۈمەن قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن مەسىت بولۇپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ ۋە مۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتۇ:
بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق بىر باغ، باغدا خىلمۇ خىل مىۋىلەر پىشىپ، رەڭمۇ - رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، تۈرلۈك - تۈمەن قۇشلار سايرىشپ تۇرغۇدەك. قۇشلارنىڭ ئارىسىدا بەكمۇ چىرايلىق بىر قۇش ئالاھىتەن بىر يېقىملىق ئاۋاز بىلەن ھەممە قۇشلاردىن چىرايلىق سايرىغۇدەك، ئۇنىڭ ھەر بىر سايرىشىدا ئاغزىدىن دەستە - دەستە گۈللەر ئېتىلىپ چۈشكۈدەك. بۇ قۇشنىڭ ئېتى - بۇلبۇلگويا ئىكەن.
پادىشاھ «ئاھ، بۇلبۇگويا» دەپ ئويغۇنۇپ كېتىپتۇ. قارىسا ، ئۆز بېغى، ھەر قاچاندىكى مەنزىرە : گۈللەر ئېچىلىپ، قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان. «شۇ مەنزىرىگە بىر بۇلبۇلگويا بولارمىدى؟!» دەپ ئويلاپتۇ پادىشاھ.
ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھنىڭ ئىشقى - پىراقى ھېلىقى، چۈشىدە كۆرگەن بۇلبۇلگوياغا چۈشۈپ قاپتۇ.
پادىشاھ«ئاھ، شۇ بۇلبۇلگويانى بىر كۆرسەم، ئۇنىڭ سايراشلىرىنى بىر ئاڭلىسام!» دېگەن ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن كۈندىن - كۈنگە خىيالغا چۆكۈپ، كېكىردىكىدىن تاماق ئۆتمەيدىغان، چىرايى سارغىيىپ، مەيدىسىنى زەي يەرگە يېقىپ ياتىدىغان بوپتۇ.
ئاتىسىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرگەن بالىلىرى ئۇنىڭ نېمە سەۋەپتىن مۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى بېلىش ئۈچۈن:
_ ئاتا ، سىزگە نېمە بولدى؟ نېمە بۇنچە خىيالغا چۆكۈپ ، چىرايىڭىز سارغايدى؟نېمە ئارزۇ - ئارمانىڭىز بار؟ _ دەپ سوراپتۇ.لېكىن پادىشاھ:
_ قويۇڭلار بالىلىرىم، مېنىڭ دەردىمنى سوراپ نېمە قىلىسىلەر، سىلەر سورىماڭلار، مەن ئېيتماي. _ دەپ زادى ئېيتقىلى ئۇنىماپتۇ.
لېكىن بالىلىرى ئاتىسىغا تىنىچلىق بەرمەي ھەر كۈنى سوراۋېرىپتۇ. ئاخىر ئاتىسى ئۆزىنىڭ باغدا يېتىپ كۆرگەن چۈشىنى ۋە شۇ چۈشىدە كۆرگەن بۇلبۇلگوياغا ئىشقى - پىراقى چۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ ئەنە شۇ بۇلبۇلگويانى كۆرۈش، ئۇنىڭ سايرىشىنى ئاڭلاش ئارزۇ - ئارمانىدا ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىپتۇ، شۇ ۋاقىتتا پادىشاھنىڭ تۇنجى ئوغلى:
_ بۇنىڭغىمۇ شۇنچىۋالا خىيال سۈرۈپ، ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلامسىز، ئاتا، مەقسىتىڭىز شۇنداق ئىكەن ، نىمىشقا شۇ چاققىچە بىزگە ئېيتىمايسىز؟ مانا بىز بالىلىرىڭىز، ئەلۋەتتە ئۇ بۇلبۇلگويانى تېپىپ كېلىپ، سىزنى مۇرادىڭىزغا يەتكۈزەلەيمىزم، _ دەپتۇ. ئوتتۇرانچى ئوغلىمۇ شۇنداق دەپتۇ. كېيىن بالىلىرى بۇلبۇلگويانى تېپىپ كىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىشقا ئاتىسىدىن رۇخسەت سوراپتۇ.
پادىشاھ«بۇلبۇلگويانىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس، ئۇنى تاپالامدۇ ياكى تاپالمامدۇ؟» دەپ ئويلاپتۇ.
ئاخىرىدا:
_ مەيلى، ئىزلىسەڭلار ئىزلەپ كۆرۈڭلار، تېپىپ كەلسەڭلار ئەجەپ ئەمەس. بالىلىرىم، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر كۆرۈپ، سايرىشىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن بىر ئاڭلاپ ئۆلسەم ئارمىنىم يوق، _ دەپ رۇخسەت بېرىپتۇ.
شۇ چاغدا پادىشاھنىڭ كەنجى ئوغلىمۇ:
_ ئاتا، مەنمۇ باراي، _ دەپ رۇخسەت سوراپتۇ.
ئاكىلىرىنىڭ «قوي، ئۇكام، يول ئۇزۇن ۋە قىيىن، سەن بولساڭ تېخى كىچىك، قىينىلىپ قالىسەن، ئۇنىڭدىن كۆرە ئاتا - ئانىمىزنىڭ ئالدىدا ئويناپ - كۈلۈپ يۈرۈۋەرگىن»دېگىنىگە، ئاتا - ئانىسىنىڭ «ياق، بالام،سەن تېخى سەپەرگە چىقىپ باقمىغانسەن، ئاكىلىرىڭ بارسۇن، سەن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئويۇنۇڭنى ئويناپ يۈرۈۋەرگىن» دېگىنىگە كۆنمەي:
_ ياق، بارىمەن دېدىم بارىمەن، _ دەپ يىغلاپ تۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھ:
_ نەسىھەتكە كۆنمىسەڭ،مەيلى بارىۋە، بالام، كۆرگۈلۈكۈڭ بولسا كۆرەرسەن، _ دەپ بۇنىڭغىمۇ رۇخسەت بېرىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكىلار سەپەرگە تەييارلىنىشقا باشلاپتۇ. يول ئوزۇقى ئۈچۈن ياغلىق توقاچلارنى ياقتۇرۇپ، سۈر گۆشلەرنى پىشۇرۇپ، ئۈچ خورجۇنغا تولدۇرۇپ ساپتۇ. تاغدىكى يىلقىلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئەڭ ياخشى ئۈچ ئاتنى تاللاپ ئاپتۇ، ئۇلارغا يول ئۇزۇقلىرىنى ئارتىپ ۋە ئاتا - ئانىسىدىن دۇئا ئېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ.
كۈنلەرنىڭ كەينىدىن كۈنلەر، ھەپتىلەرنىڭ كەينىدىن ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ. كۆپ دەريالارنى كېچىپ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپتۇ، تاغلاردىن ئېشىپ، چۆل - باياۋانلارنى كېزىپتۇ. بىر يەرلەرگە كەلگەندە ئۇلارغا ئۈچ ئاچا يول ئۇچراپتۇ. بۇ ئۈچ يولنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا يوغان بىر تاش بولۇپ، ئۇنىڭغا خەت يېزىلغانىكەن. خەتتە ئوڭ تەرەپتىكى يول «بارسا كېلەر، ئوتتۇرىدىكى يول «بارسا كېلەر، يا كەلمەس»، سول تەرەپتىكى يول«بارسا كەلمەس» دەپ يېزىلغانىكەن.
ئەنە شۇ يەردە بۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكا «ئەمدى ھەر قايسىمىز ئۆز ئالدىمىزغا باشقا - باشقا ماڭايلى، ئىزلىگەن بۇلبۇلگويانى بىرىمىز تاپالمىساق،يەنە بىرىمىز تاپارمىز »دېگەن پىكىر بىلەن ئۈچى ئۈچ يولغا چۈشۈپ ماڭماڭچى بولۇشۇپتۇ، لېكىن ھېچقايسىنىڭ «بارسا كەلمەس »يولغا ماڭغۇسى كەلمەپتۇ. ئاكىلىرىنىڭ مۇشۇ ئوي بىلەن قىيلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ:
_ مەيلى ئاكىلار، بولمىسا، «بارسا كەلمەس» يولغا مەن چۈشەي، سىلەر باشقىلىرىغا چۈشۈڭلار، _ دەپتۇ كەنجىسى.
_ بولمىسا، مەن «بارسا كېلەر، يا كەلمەس» يولغا مەن چۈشەي، _ دەپتۇ ئوتتۇرانچىسى.
_ ئۇنداق بولسا، مەن «بارسا كېلەر» يولغا چۈشەي، _ دەپتۇ تۇنجىسى.
ئۇلار قايسى بىرىنىڭ قايتقان، قايسى بىرىنىڭ تېخى قايتمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەگەر كىم ئىلگىرى قايتقۇدەك بولسا، ئەنە شۇ تاشقا ئۆز ئىسمىنى ۋە قايتقان كۈنىنى يېزىپ كېتىشى ھەققىدە شەرتلىشىپتۇ _ دە ، ئۈچ ئاكا - ئۇكا ئۈچ يولغا چۈشۈپ، ئۈچ تەرەپكە راۋان بوپتۇ.
بۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى شۇ كېتىشى بىلەن كۆپ يول يۈرۈپ، چۆل باياۋانلارنى،تاغ - ئېدىرلارنى بېسىپ ئۆتۈپتۇ، يول ئوزۇقلىرى تۈگەپتۇ، ئېتىنىڭ تاقىلىرى ئۇپراپ چۈشۈپ، ئېتى تېشىقاپ كېتىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇپ بىر بۈك بوستانلىقنى كۆرۈپ قاپتۇ. بۇ بالا «ئاشۇ يەردە ئادەم بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپ توپ - توغرا ئاشۇ بوستانلىققا قاراپ مېڭىپتۇ. يەنە خېلى ماڭغاندىن كېيىن بوستانلىققا يېتىپ كېلىپ ئېتىنى لاڭقاغا باغلاپتۇ - دە، ئۆزى باققا كىرىپتۇ. قارىسا، سالقىن باغ، خىلمۇ - خىل مىۋىلەر پىشىپ، رەڭمۇ - رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، تۈرلۈك - تۈمەن قۇشلار سايرىشپ تۇرغۇدەك. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كۆل بولۇپ، ئۇنىڭدا بىلىقلار ئۈزۈپ يۈرگۈدەك، كۆلگە تۆت تەرەپتىن كۈمۈشتەك سۈزۈك سۇلار قۇيۇلۇپ تۇرغۇدەك، لېكىن يا سۇنىڭ ئايىغى چىقمىغۇدەك، يا كۆل تاشمىغۇدەك. باغنى ئارىلاپ بىر يەرگە كەلسە ، لىق بىر قازان تاماق پىشىپ تۇرغۇدەك. لېكىن، باغدا ئادەمىزاتنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ. نەچچە كۈندىن بېرى ئاغزىغا بىر چىشلەم نان ئالماي قورسىقى ئېچىپ كەتكەن كەنجى بالا قازاندىكى تاماقتىن ئۇسۇپ ئىچمەكچى بولۇپ، قولىنى چۆمۈچكە ئۇزارتقانىكەن،چۆمۈچ«تاق» قىلىپ بالىنىڭ ماڭلىيىغا تىگىپتۇ: پىشىپ تۇرغان ئالمىلاردىن يىمەكچى بولۇپ قولىنى شاخقا ئۇزارتقانىكەن، ئۇنىڭ يۇپۇرمىقى «شاق» قىلىپ كاچىتىغا ئۇرۇلۇپتۇ. بۇنىڭغا ھەيران بولغان بالا ئېتىنى ئوتلاققا قويۇۋېتىپ، ئۆزى كۆل بويىدىكى گۈللەرنىڭ ئارىسىدا دەم ئېلىپ يېتىپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇۋە مۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتۇ: ئۇنىڭ ئالدىغا ئاپئاق كېيىنگەن، ئاق سەللە ئورىغان، ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي ھاسا تايىنىپ كېلىپ:
_ بالام، سەن خەتەرلىك جايغا _ دىۋىلەرنىڭ ماكانىغا كېلىپ قالدىڭ . نېمە ئۈچۈن ۋە نېمە ئىزلەپ بۇ يەرگە كېلىپ يۈرىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. بالا بولبۇلگويانى ئىزلەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
ھەي، بالام - دەپتۇ بوۋاي، - قىيىن نەرسىنى ئىزلەپ كەپسەن، چۈنكى ئۇ، دىۋىلەر پادىشاھسىنىڭ يان بېغىدا، سەن ھازىر ئۇنىڭ چەت بېغىدا تۇرىسەن. ئۇنى ئالماقچى بولۇپ كەلگەن ناھايتى كۆپ ئادەملەر دىۋىلەرنىڭ قولىدا ئۈلۈپ كەتكەن. لېكىن،سەن بىر ئىلاجىنى قىلىشىڭ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىل: ھەركۈنى كۈن قىزىغان ۋاقىتتا يېنىڭدىكى شۇ كۆلگە ئىككى كەپتەر ئۇچۇپ چۈشۈپ چۆمۈلۈپ ئوينايدۇ، بۇلار ئەنە شۇ دىۋىلەر پادىشاھسىنىڭ قىزلىرى. سەن سەزدۈرمەي ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىۋال - دە، قولىدىكى ئۈزۈكلىرىنى سوراپ تۇرىۋال. ئۈزۈكنى ئالماي تۇرۇپ كىيىمىنى قايتۇرۇپ بەرمىگىن، بولمىسا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن. خوپ، بالام مەخسىتىڭگە يەتكىن، ئامىن ئاللاھۇئەكبەر.
بوۋاي دۇئا قىپتۇ - دە، غايىپ بوپتۇ.
بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن بالىنىڭ قولىقىغابىرى «كۆزۈڭنى ئاچ» دېگەندەك قىپتۇ، بالا چۆچۈپ ئويغانسا ھېچكىم يوق، پەقەت ئاسماندىكى ئىككى كەپتەر بىر - بىرىنى قوغلاپ ئوينىشىپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقۇدەك. بالا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ تۇرۇپ مۆكۈپ تۇرۇپتۇ. ھېلىقى كەپتەرلەر كۆلنىڭ بويىغا چۈشۈپ بىر قانات قاققانىكەن، ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس چىرايلىق قىزلارغا ئايلىنىپتۇ. كېيىن باغنى بىردەم ئايلىنىپ سەيلە قىلىشىپتۇ، ئالمىلاردىن ئۆزۈپ يېيېىشىپتۇ، قازاندىكى تاماقلاردىن قۇيۇپ ئىچىشىپتۇ، ئاندىن كۆلگە كەپتۇ - دە، كىيىملىرىنى يېشىپ قويۇپ چۆمۈلۈشكە، بىر - بىرىگە سۇ چېچىشىپ ئويناشقا باشلاپتۇ.
شۇ چاغدا بالا سەزدۈرمەي ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە، كۆلنىڭ بويىغا كېلىپ قىزلارنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىۋاپتۇ. قىزلار يالىڭاچ بولغانلىقىدىن ئىزا تارتىپ كۆلدىن چىقالماپتۇ ۋە كىيىملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سوراپ يالۋۇرۇشۇپتۇ. لېكىن، بالار ئۇ قىزلارغا:
_ ئۈزۈكۈڭلارنى بەرسەڭلار قايتۇرۇپ بېرىمەن، - دەپتۇ. قىزلار يالۋۇرۇپ - يېلىنىپ كىيىملىرىنى ئالالمىغاندىن كېيىن، ھەر ئىككىسى قولىدىكى ئۆزۈكىنى چىقىرىپ بىرىپتۇ. بالا ئۈزۈكنى ئاپتۇ - دە، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۆزى گۈللەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇرۇپتۇ. بالىمۇ قەددى - قامىتى كېلىشكەن ، ناھايتى چىرايلىق ئىكەن.
قىزلار كىيىمىنى كىيىپ، چاچلىرىنى تاراپ تۇرۇپ ھەر قايسىسى ئۆز ئىچىدە «بۇ يەرگە كەلگەن ئادەمزات تىرىڭ كەتمەيتتى. لېكىن، بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ قورقماسلىقى ۋە ئەقىللىقى بىلەن بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشمەستىن، بىزنى قولغا چۈشۈرىۋالدى. دېمەك، بۇ يىگىتتىن ئايرىلماسلىق كېرەك» دەپ ئويلاپ، ھەر ئىككىسى بالىنىڭ جامالىغا زوقلىنىپ ئاشىق بوپتۇ، ئۇنىڭغا تاماق بىرىپ قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ. ئالما ئۈزۈپ بىرىپتۇ. باغنى سەيلە قىلدۇرۇپتۇ. ئېگىچە - سىڭىلنىڭ ھەرقايسسى يىگىتنى ئۆزىگە قارىتۋالماقچى بولۇپ، تالىشىپ قاپتۇ. ھەدىسى:
_ مەن سېنىڭدىن چوڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىگىت مېنىڭ بولۇشى كېرەك. ئولجا دېگەن ئاۋۋال چوڭىغا، كىيىن كىچىكىگە تېگىدۇ، _ دەيدىكەن. سىڭلىسى بولسا:
_ ياق، ئۇنى سېنىڭدىن ئاۋۋال مەن كۆرگەن، ئولجىمۇ ئاۋۋال تاپقاننىڭ بولىدۇ، _ دەپ تالىشىدىكەن.
شۇنداق قىلىپ، ئېگىچە - سىڭىل ئىككىسى تالىشا - تالىشا ئۆز ئارا كېلىشەلمىگەندىن كېيىن: «بولمىسا قازىغا بارىمىز، قازى قايسى بىرىمىز گە بۇيرۇپ بەرسە يىگىت شۇنىڭ بولسۇن» دەپ دىۋىلەرنىڭ قازىسىغا بېرىپتۇ.
قازىنىڭ ئالدىغا ئاۋۋال ھەدىسى كىرىپ:
_ قازى بىگىم، بىز ئىگىچە - سىڭىل ئىككىمىز بىر ئولجا تېپىۋالغاندۇق، لېكىن ئۇنى ئىككىگە بۆلۈپ بولمايدۇ. سىڭلىم بولسا: مەن ئاۋۋال كۆرگەنمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئالىمەن ، دەيمەن. شۇ سەۋەبتىن ئالدىلىرىغا كەلدۇق. شۇ ئولجىنى قايسىمىز ئېلىشىمىز كېرەك؟ - دەپتۇ.
قازى بولسا، قىزنىڭ ھۆسىن - جامالىغا مەپتۇن بولۇپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ - دە. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ :
توغرىسىنى ئېيتقاندا ئولجا ئاۋۋال كۆرگەننىڭ بولىدۇ. ئەگەر سىز ئولجىنى ئېلىشقا شۇنچە قىزىقىپ كەتكەن بولسىڭىز، ئاۋۋال مېنى بىر سۆيۈپ قۇيۇڭ، ئولجىنى سىزگە بۇيرۇپ بېرىمەن، - دەپ شەرت قويۇپتۇ.
قىز يىگىتىن قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن قازىنىڭ شەرتىگە ئىلاجىسىز رازى بوپتۇ، قازى قىزنى مەھكەم قۇچاقلىۋېلىپ سۆيۈشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ تۇرغان سىڭلىسى بۇ ئىشنى كۆرۈپ قېلىپ دەررۇ يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ - دە:
_ ھاي شەرمەندىلەر، بۇ قانداق ئىش؟! سىلەرنى دادامغا ئېيتمىسام، توختاڭلار! - دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ.
ئەگەر بۇ گەپ پادىشاھقا يەتسە، كاللىسى كېسىلىدىغانلىقىدىن قورققان قازى:
_ ھاي قىزىم، ۋارقىرىماڭ، ئولجا سىزنىڭ، گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن! - دەپ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ ۋە يىگىتنى كىچىكىگە بۇيرۇپ بېرىپتۇ. ئەگەر بۇئىشنى ئاتىسىغا ئېيتىپ قويسا، جېنى تېنىدىن جۇدا بولۇشتىن قورققان ھەدىسىمۇ:
_ جېنىم سىڭلىم، ئاغزىڭنى يۇم، مەيلى، يىگىت سېنىڭ بولسۇم! - دەپ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.
يىگىتنى ئۆزىگە ھۆكۈم قىلدۇرۈپ ئالغان سىڭلىسى خۇشال بولۇپ:
_ مەيلى بولمىسا، سىلەرنى مەن كۆرمىدىم، مىنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، - دەپ يۈگۈرگىنىچە يىگىتنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپتۇ ۋە يىگىتتىن بۇ يەرلەرگە نەدىن ۋە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. يىگىت ئۆزىنىڭ نەدىن ۋە نېمە مەقسەتلەر بىلەن كەلگەنلىكىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ.
_ ئاھ، يولۇڭ يىراق، مەقسىتىڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تەس ئىكەن. سەن ئىزلەپ كەلگەن بولبۇلگويا مېنىڭ دادامدا. ئاشۇ كۆرۈنگەن تاغنىڭ باغرىدا ناھايىتى چىرايلىق يان بېغىمىز بار، - دەپ قولىنى سوزۇپ تاغنى كۆرسىتىپتۇ قىز، - بۇلبۇلگويا شۇ باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈللەرنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇن قەپەزدە تۇرىدۇ. ئۇ باغقا ئادەم بالىسى ئاياغ باسمايدۇ. ئەگەر بىر ئىلاج تېپىپ كىرەلىگەن تەقدىردىمۇ تىرىك چىقالمايدۇ. بۇ يولدا تالاي - تالاي ئادەملەر ئۆلۈپ كەتكەن. لېكىن، بۇلبۇلگويانى ئېلىش ئۈچۈن مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن. بۇ ئىشنى پەقەت جۈمە كىچىسى ئۇرۇنداش مۇمكىن، چۈنكى جۈمە كۈنى دادام ئوۋغا چىقىپ، كەچ قايتىدۇ ۋە ئاخشىمى ھاراق -شاراپ ئىچىپ، ئۇزاق ئويۇن - تاماشىلاردىن كىيىن ئۇخلاپ قالىدۇ، باغنىڭ ساقچىلىرىمۇ مەستلىكتە قاتتىق ئۇخلاپ قالىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا باغقا كىرىش مۇمكىن. لېكىن باغنىڭ ئىچىدە يوۋاس ۋە شىرلار بار. ئۇلار ناھايتى خەۋىپىلىك. قۇلۇڭدىكى بۇ ئۈزۈكنى باغدىكى يولۋاس ۋە شىرلار تۇنۇيدۇ. ئۇلار بۇ ئۈزۈكنى كۈرۈشى بىلەنلا ساڭا ھىچقانداق زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ. بۇلبۇلگويانى پەقەت قەپىزى بىلەنلا ئالغىن، بىراق قەپەزنى ئېچىپ سالمىغىن ، ئەگەر قەپەزنى ئاچساڭ، بۇلبۇلگويا قاقاقلاپ كۈلۈۋېتىدۇ - دە، لەشكەر ۋە ساقچىلار ئويغۇنۇپ كېتىدۇ. ئۇلار گۆشۈڭنى پارچە - پارچە قىلىپ يولۋاس ۋە شىرلارغا تاشلاپ بىرىدۇ.
شۇنىڭدىن قىز يىگىتنى پىنھان بىر يەرگە جايلاشتۇرۇپتۇ ۋە ھەر كۈنى بىللە كۆڭۈل ئېچىپ يۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، كۈتكەن جۈمە كۈنىمۇ يېتىپ كەپتۇ، خۇددى شۇ جۈمە كۈنى سەھەردە دىۋىلەر پادىشاھى تاغقا ئوۋغا كېتىپتۇ. كۈن بويى تاغمۇ تاغلارنى كېزىپ ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ ، ھېرىپ - چارچاپ كەلگەندە، ھاردۇقنى چىقىرىش ئۈچۈن تاماشا ئۇيۇشتۇرۇپتۇ. تاماشىغا دىۋىلەرنىڭ ھەممىسى توپلىنىپتۇ.
خۇددى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھېلىقى يىگىت بۇلبۇلگويا تۇرغان باغقا قاراپ مېڭىپتۇ، باغقا يېقىن بىر بىر يەرگە كېلىپ، دىۋىلەرنىڭ ئۇخلىشىنى كۈتۈپ يوشۇرۇنۇپ يېتىپتۇ.
دىۋىلەرنىڭ ئويۇن - تاماشىسى يېرىم كىچىگىچە داۋام قىلىپتۇ، ھەممىسى مەستلىكىتىن ئۆزلىرىنى بىلمەي ئۇخلىشىپ قاپتۇ.
ۋاراڭ - چۇرۇڭ بېسىلغاندىن كېيىن يىگىت: «دىۋىلەر ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ بېسىلدىغۇ» دەپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ۋە باغقا يېقىن كېلىپ ئۇ ياق - بۇ ياققا قاراپتۇ. ھېچكىم كۆرۈنمىگەندىن كېيىن ئاستا شورىدىن باغقا كىرىپتۇ. باغنى ئايلىنىپ يۈرگەن يولۋاس ۋە شىرلار يىگىتكە قاراپ ئېتىلىپتۇ. لېكىن يىگىت قولىدىكى ئۈزۈكنى شۇنداق كۆرسىتىشى بىلەنلا ئۇلار جىم بولۇشۇپتۇ ۋە تەزىم قىلغاندەك باشلىرىنى ئېگىشىپ تۇرۇپتۇ. يىگىتى ئاستا گۈللەرنىڭ ئارىسىدىن بۇلبۇلگويانى تېپىپتۇ - دە، ھېلىقى قىزنىڭ جىكىلىگەن سۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ «بۇلبۇلگويانىغۇ تاپتىم، ئەمدى قەپەزنى ئېچىپ بۇنى بىركۈلدۈرەيچۇ» دەپ قەپەزنى ئېچىۋېتىپتۇ. شۇ چاغدا بۇلبۇلگويا قاقاقلاپ بىر كۈلۈۋەتكەنىكەن، بۇنىڭ كۈلكىسىدىن ئۇيقۇدىكى ھەممە دىۋىلەر ئويغۇنۇپ كېتىپ، باغقا قاراپ يۈگۈرۈشۈپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قىزمۇ كۆڭلى ئەنسىرەپ باغقا ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇچۇپ كەپتۇ ۋە دەررۇ يىگىتنى يۇشۇرۇپ ، قەپەزنى ئۆز قولىغا ئېلىپ تۇرۇپتۇ، كېيىن يۈگۈرۈشۈپ كەلگەن دىۋىلەرگە:
_ بۇ مەن، بۇلبۇلگويانى كۈلدۈرۈپ كۆڭۈل ئېچىۋاتىمەن، بۇ يەرگە مەندىن باشقا كىممۇ كىرەلەيتتى ؟ خاتىرجەم بولۇپ، ئۇيقۇڭلارنى ئۇخلاۋېرىڭلار ، _ دەپ قايتۇرىۋېتىپتۇ.
دىۋىلەر قىزنىڭ بۇسۆزىدىن خاتىرجەم بولۇپ، ئۆز جايلىرىغا كىتىشىپتۇ. قىز بولسا بۇلبۇلگويانى جايىغا قويۇپ، بۇ ئىشنى كىيىنكى جۈمەگە قالدۇرۇپتۇ. سەۋەبى، بۇ ھەپتە يىگىت بۇلبۇلگويانى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قىزدىن كۆرۈشى تۇرغان گەپ ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، يەنە كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. قىز بىلەن يىگىت كۆلگە چۆمۈلۈپ، باغدا ئوينىشىپ يۈرۈپ جۈمە كۈنىمۇ كەپتۇ.
بۇ قېتىم قىز يىگىتكە راسا قاتتىق جېكىپ:
_ ئەگەر قەپەزنى يەنە ئاچىدىغان بولساڭ، ئەمدى ھەر ئىككىمىز ھالاك بولىمىز. قۇلىقىڭدا تۇتقىنكى، قەپەزنى زادى ئاچما! - دەپتۇ.
دىۋىلەر پادىشاھى يەنە ئوۋغا كېتىپتۇ، كەچقۇرۇن ھېرىپ - ئېچىپ كېلىپ ئولتۇرۇش قىپتۇ. ئويۇن - تاماشا ، ئىچكىلىك باشلىنىپتۇ، يەنە ھەممىسى مەست بولۇپ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.
ئەنە شۇچاغدا يىگىت ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە، تۇنۇش يول بىلەن باغقا قاراپ كەپتۇ. ئۇياق - بۇياققا قاراپ، ئىھتىياتچانلىق بىلەن شۇرىدىن باغقا چۈشۈپتۇ. ئۆزىگە قاراپ ئېتىلغان يولۋاسلارغا يەنە ھېلىقى ئۈزۈكنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى تىنچلاندۇرۇپتۇ - دە، گۈللەرنى ئارىلاپ بېرىپ، بۇلبۇلگويانى ئاپتۇ. ئۆتكەن جۈمە كىچىسى قىلغان خاتاسىنى ۋە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئەسكە ئېلىپ، قەپەزنى ئاچماستىن توپ - توغرا ئۆزى تۇرغان باغقا كەپتۇ.
قىز يىگىتنى نۇرغۇن سوۋغا سالاملار بىلەن ئۇزىتىپ تۇرۇپ:
_ ئەگەر بېشىڭغا بىرەر ئېغىر كۈن چۈشكۈدەك بولسا، مانا بۇ چاچنى كۆيدۈرىسەن، شۇ زامات مەن ھازىر بولىمەن ، - دەپ بىر تال چېچىنى يۇلۇپ يىگىتكە بېرىپتۇ.
بۇ ئىككى ئاشىق بىر - بىرىنى قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، يىگىت تاغلاردىن ئېشىپ ئۇزاق يوللارنى بېسىپتۇ: ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ: يىگىت بىر تالاي دەريالاردىن ئۆتۈپتۇ: ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىگىت نۇرغۇن چۆل - باياۋانلارنى بېسىپ، ئاكىلىرى بىلەن ئايرىلىشقان ھېلىقى ئۈچ ئاچا يولغا يېتىپ كەپتۇ.
يېتىپ كىلىپ قارىسا، ھېچبىر تاشقا خەت يېزىلمىغان. يىگىت« ئاكىلىرىم تېخىچىلا قايتماپتۇ، ئۇلارنى تاشلاپ كەتسەم بولماس، ئۇلارنى ئىزلەي، بولسا بىللە كېتەرمىز، بىر خەۋىرىنى ئىلىپ كېتەرمەن» دېگەن ئويغا كەپتۇۋە ھېلىقى «مەن ئۇكاڭلار بۇلبۇلگويانى تېپىپ قايتقانىدىم، لېكىن سىلەر قايتمىغىنڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئىزلەپ كەتتىم. ئەگەر بىر - بىرىمىز بىلەن ئۇچرىشالمىغۇدەك بولساق، مۇشۇ تاشقا يېزىپ كېتىڭلار، مەن كەينىڭلاردىن يېتىپ بارىمەن » دەپ يېزىپ قويۇپ، ئوتتۇرانچى ئاكىسى كەتكەن«بارسا كېلەر، يا كەلمەس» دېگەن يولغا راۋان بوپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ يىگىت چوڭ بىر شەھەرگە يېتىپ بېرىپتۇ. بىر كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسا، ئوتتۇرانچى ئاكىسى بىر ئاشپۇزۇلنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالاپ، قاپقارا كۈيىگە مىنىلىپ ئولتۇرغان. سەپسېلىپ قارىسا، كىيىملىرى يىرتىلىپ جۇل - جۇل بولۇپ كەتكەن، ئۆزى جۈدەپ، كۆزلىرى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن.
ئۇكىسى ئاكىسىنى كۆرۈش بىلەنلا دەررۇ تونۇسىمۇ، ئاكىسى ئۇكىسىنى تونۇماپتۇ.
بۇ يىگىت ئۈزىنى تۇنۇتماستىن ئۆتۈپ بېرىپ بىر سارايغا چۈشۈپتۇ - دە، يۈز - كۆزلىرىنى يۇيۇپ، ئاستا ئاشپۇزۇلغا كەپتۇ ۋە ئاشپەزگە: «مەن پالانى دەڭدە تۇرىمەن، ئاۋۇ ئوت ياقارىڭىزدىن مەن تۇرغان سارايغا مانتا ئەۋەتىپ بېرىڭ» دەپ پۇلىنى تۆلەپ كېتىپتۇ.
ئاشپەز بىردەمدىن كىيىن بىر لىگەنگە مانتىنى سېلىپ، ياخشىلاپ ئوراپ، ھېسلىقى ئوت ياقاردىن ئەۋەتىپتۇ. ئوت ياقار مانتىنى ئۇكىسىنىڭ ئالدىغا قايتماقچى بولۇپ بۇرۇلۇپتۇ. شۇ چاغدا ئۇكىسى:
_ توختاڭ، بۇ ياققا كېلىڭ، مانتىنى گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ بىللە يەيمىز، - دەپتۇ. ئوت ياقار بولسا خىجالەت بولۇپ:
_ ياق، ياق، رەھمەت، بۇ جۇل - جۇل كىيىملىرىم بىلەن سىزدەك بىر بايۋەتچە بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ، بىر لىگەندە تاماق يېيىشىم كېلىشمىگەن بىر ئىش، _ دەپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپتۇ. لېكىن ئۇكىسى ئۇنىماي:
- ياق ، بۇياققا كېلىڭ، مەن زادىلا تاماقنى يالغۇز يىيەلمەيمەن، ماڭا ھەمراھ بولمىسڭىز بولمايدۇ، - دەپ تۇرىۋاپتۇ.
كېيىن ئىككىسى بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىپتۇ. ئاكىسى بۇ يىگىتنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىپتۇ،لېكىن قەيەردە كۆرگەنلىكىنى يادىغا كەلتۈرەلمەپتۇ.
ئۇكىسى ئۇياق - بۇ ياقتىن پاراڭ قىلىپ، ئاخىر ئۆزىنى تۇنۇتۇپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئاكا - ئۇكا ئىككىسى بىر - بىرىنى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ، مۇڭدۇشۇپتۇ. ئاكىسى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ، قانداق قىلىپ بۇ كۈنلەرگە دۇچار بولۇپ قالغانلىقىنى بىر - بىردىن سۆزلەپ بېرىپتۇ. كېيىن ئۇكىسى بازارغا بېرىپ يىڭى كىيىم - كېچەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ ئاكىسىنى كىيىندۈرۈپتۇ ۋە ئاشپۇزۇلدىن چىقىرىۋاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىسى «ئەمدى چوڭ ئاكىمىزنى تاپايلى» دېيىشىپ يولىغا راۋان بوپتۇ. بۇلار چوڭ ئاكىسىنى ئىزلەپ كۆپ يېزا ۋە شەھەرلەرنى كېزىپتۇ. كۆرۈنگەن كىشىلەردىن سوراپتۇ، ھېچ يەردىن خەۋىرىنى ئالالماي يەنە بىر چوڭ شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. بىر كۈنى بازارلارنى قاراپ يۈرۈپ، بىر يەردە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ توپلىنىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ - دە، ئاكا - ئۇكا ئىككىسى شۇ يەرگە بېرىپتۇ. قارىسا ئوتتۇرىدا جۇل - جۇل كىيىملىلىك، قولىدا ئۇزۇن ھاسا تۇتقان بىر قەلەندەر ساپايىس سوقۇپ ناخشا ئېيتىۋاتقۇدەك. بۇلار ياخشىراق سەپسېلىپ قارىسا، خۇددى ئۆزلىرى ئىزلەپ يۈرگەن چوڭ ئاكىسى ئىكەن. لېكىن ئۇلار كۆپچىكىكنىڭ ئارىسىدا تۇنۇشلۇق بەرمەي، ئۆزلىرى چۈشكەن سارايغا بېرىپتۇ -دە، سارايۋەنگەن ئىلتىماس قىلىپ:
_ بىز بۈگۈن بازاردا ساپايى سۇقۇپ ، ناخشا ئېيتىپ تۇرغان بىر قەلەندەرنى كۆردۇق. ئۆزىمىز مۇساپىر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇ قەلەندەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاشقا خۇشتار بولۇپ قالدۇق. سىز شۇ قەلەندەرنى چاقىرىپ ئەكىلىپ بەرسىڭىز، - دەپتۇ. سارايۋەن بازارغا بېرىپ قەلەندەرنى تېپىپتۇۋە ئۇنىڭغا :
_ ھاي قەلەندەر، بۇياققا كەل، ئىككى كىشى سېنىڭ ناخشاڭغا خۇشتار بۇلۇپ قاپتۇ. ئۇلار سودىگەرمۇ ياكى سودا قىلىپ يۈرگەن بايۋەچچىلەرمۇ بىلمەيمەن. ئۇلار بىزنىڭ سارايغا كېلىپ چۈشكەن، سېنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. يۈر مەن بىلەن، - دەپ ئەگەشتۈرۈپ كەپتۇ.
قەلەندەر سارايغا كېلىپ:
_ ھەرقايسىلىرىنىڭ ھۇزۇرلىرىغا نېمىكى خىزمەتلىرى بولسا بىجا كەلتۈرۈشكە كەلدىم، - دەپ تىز پۈكۈپ تەزىم قىپتۇ.
«كېلىڭ، كېلىڭ!» دېيىشىپ ئاكا - ئۇكا ئىككىسى قەلەندەرگە جاي كۆرسىتىپتۇ ۋە:
_ بازاردا سىزنىڭ ناخشىڭىزنى ئاڭلاپ خۇشتار بولۇپ قالدۇق، بىر ناخشا ئېيتىپ بەرسىڭىز دەپ ئىلتىماس قىلىپ ئەۋەتكەنىدۇق. ئەگەر مۇمكىن بولسا ، ناخشىڭىزنى بىر ئاڭلىساق، - دەپ قەلەندەرنى ئۆز يانلىرىغا ئولتۇرغۇزۇپتۇ. قەلەندەر :
_ ئەگەر مېنىڭ ناخشامغا خوشتار بولساڭلار، سىلەردەك ياخشىلارنىڭ سادىغىسى بولۇپ كېتەي، _ دەپ ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىنى رۇسلاپ ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ، بىردىن خىيالى بىردىنلا بۆلۈنۈپ «بۇ كىشىلەر كۆزۈمگە خويمۇ ئىسسىق كۆرۈنىدىغۇ، قەيەردىدۇر كۆرگەندەك قىلىمەن» دەپ ئويلاپ يادىغا كەلتۈرەلمەپتۇ.
كىيىن كەنجى ئۇكىسى ئۇياقتىن - بۇياققتىن پاراڭ قىلىپ، ئاستا ئۆزلىرىنى تۇنۇتۇپتۇ. بىر - بىرلىرىنى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. ئاندىن كېيىن كەنجىسى بازارغا بېرىپ يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئاكىسىنى كىيىندۈرۈپتۇ ۋە ئۇزاق مۇڭدىشىپ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئېيتىشىپتۇ.
بۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكا بىر نەچچە كۈن دەم ئالغاندىن كىيىن، ئۆز يۇرتىغا قاراپ يول ئاپتۇ، ئۇلار ئۇزاق يول مېڭىپ ئۆز شەھىرىگە يېتىشكە يەتتە كۈنلۈك يول قالغاندا، چوڭ ئاكىسى بىلەن ئوتتۇرانچىسىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ. ئۇلار بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندە ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن توختاپتۇ. تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ دەم ئېلىپ ياتقاندا ئىككى ئاكىسى يۇشۇرۇنچە «بىز ئۆيگە بارغاندا، ئۇكىمىز بۇلبۇلگويانى مەن تاپتىم دېسە، دادىمىز ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئاشپۇزۇلدا ئوت قالاپ، مىنىڭ قەلەندەرلىك قىلىپ يۈرگىنىمنى ئېيتىپ قويسا، بىز ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ يامانراق ئۇيات بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ بۇلبۇلگويانى ئۆزىمىز ئېلىپ بارايلى، ئەگەر ئۇكىمىزنى سورىغۇدەك بولسا، ئۇ بىزدىن ئايرىلىپ باشقا ياققا كەتكەن ئۇنى ئىزلەپ ھېچيەردىن تاپالمىدۇق دەيلى» دەپ مەسلىھەتلىشىپتۇ. ئۇلار كەنجى ئۇكىسىنىڭ ئويقۇغا كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى قۇدۇققا تاشلاپتۇ. ئۆزلىرى بۇلبۇلگويانى ئېلىپ، يەتتە كۈندىن كېيىن ئۆيىگە يېتىپ بېرىپتۇ. بالىلىرىنىڭ كەلگىنىنى كۆرگەن ئاتا - ئانا ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ، كىيىن كەنجى ئوغلىنى سوراپتۇ. ئۇلار كېلىشىۋالغان گېپى بويىچە:
_ بىز بۇ يەردىن چىقىش بىلەنلا ئۇ بىزدىن ئايرىلىپ باشقا ياققا كەتكەن، شۇنىڭدىن بېرى ئۇنى كۆرمىدۇق، بىز بۇلبۇلگويانى تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى كۆپ ئىزلىدۇق، بىراق ھېچ يەردىن تاپالمىدۇق . . . _ دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ.
كەنجى ئوغلىنىڭ دەردىدە ئاتا - ئانا كۆپ قايغۇ - ھەسرەت چىكىپتۇ، بۇلبۇلگويامۇ ھېچ سايرىماستىن مۇڭغا پېتىپ يېتىپتۇ.
«ئاھ، _ دەپتۇ ئاتىسى، - بۇلبۇلگويا تېپىلدى، دەپ خۇشال بولسام، ئەمدى كۆز قارىچۇغۇم، كەنجەم يوق. ھەممىدىن كەنجى بالامنىڭ دەردى مېنى يۇقاتتى» دەپ يەنە ھەسرەتكە چۆكۈپتۇ. كەنجى بالىسىنىڭ دەردىدە تۇلا يىغلاپ يۈرۈپ ئاتىسىمۇ، ئانىسىمۇ كۆز نۇرلىرىدىن ئايرىلىپتۇ . . .
پادىشاھنىڭ كەنجى ئوغلى ئاكىلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغاندىن كېيىن بىر نەچچە ۋاقىت ھوشسىز يېتىپتۇ، كېيىن ئاستا - ئاستا ھوشىغا كېلىپ قارىسا، قاراڭغۇ قۇدۇقنىڭ تېگىدە ياتقۇدەك، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، قۇدۇقتىن چىقىشقا ھەرىكەت قىلىپ كۆرۈپتۇ، لېكىن چىقالماپتۇ. ھېلىقى قىز بەرگەن بىر تال چاچنى كۆيدۈرەي دەپ چاقمىقىنى چېقىپ كۆرسە پىلتىسى ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكتىن يانماپتۇ. تەلەيگە يارىشا شۇ ئارىدا قۇدۇق يېنىغا بىر نەچچە كارۋان كېلىپ چۈشۈپتۇ. ئاتلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئۈچۈن ئۇلاردىن بىرى قۇدۇقتىن سۇ تارتىشقا چىلەك چۈشۈرۈپتۇ. شۇ ۋاقىتتا يىگىت چىلەككە ئېسىۋاپتۇ. كارۋان چېلەكنى تارتسا كۈچى يەتمەپتۇ. كېيىن ئىككى - ئۈچى بىر بولۇپ تەسلىكتە تارتىپ چىقارسا، بىر يىگىت چىقىۋاتقۇدەك.
يىگىت قۇدۇقتىن چىقىپ ۋاقەنى كارۋانلارغا ئېيتىپ بىرىپتۇ. كېيىن چاقمىقىنىڭ پىلتىسىنى قۇرۇتۇپ ھېلىقى چاچنى كۆيدۈرۈپتۇ. شۇچاغدا ئاسماندىن بىر كەپتەر ئۇچۇپ كېلىپ قودۇقنىڭ ئەتراپىغا قونۇپتۇ. بىر قانات قېقىپلا قىزغا ئايلىنىپتۇ - دە، يىگىتتىن:
_ بېشىڭغا نېمە كۈن چۈشتى؟ - دەپ سوراپتۇ.
يىگىت بولغان ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بىرىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن قىز قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئىككى قېتىم چالغانىكەن، تۇقۇقلۇق ئىككى تۇلپار كىشنىشىگىنچە يېتىپ كەپتۇ.
ئاندىن ئىككىسى ئىككى تۇلپارغا مىنىپتۇ - دە، «چۇھ» دەپ يولغا چۈشۈپتۇ. ئۇلار يەتتە كۈنلۈك يولنى يېرىم كۈندە بېسىپ ئۆتۈپ، ئۆيگە يېتىپ بېرىپتۇ. قىز بىلەن يىگىت ئىشىكتىن شۇنداق كىرىشى بىلەنلا، نەچچە كۈنلەردىن بويان كۈلمەستىن غەمكىن بولۇپ ياتقان بۇلبۇلگويا قاقاقلاپ بىر كۈلۈۋەتكەنىكەن، ئۇنىڭ كۈلكىسى پۈتۈن ئۆينى چاڭ كەلتۈرۈپتۇ. ئۇكىسىنىڭ تۇيۇقسىز كىرىپ كېلىشىنى كۆرگەن ئاكىلىرى قورقۇپ كېتىپ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ.
كۆز نۇرلىرىدىن ئايرىلغان ئاتا بىلەن ئانا بۇلبۇلگويانىڭ كۈلۈشىنى ئاڭلاپ خۇشال بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەپتۇ.
كەنجى ئوغۇل ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ سالام مىھرىبانلىرىم، سالامەتمۇ سىلەر؟ مەن كىچىك ئوغلۇڭلار! - دەپ ئاتا - ئانىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاتا - ئانا :
_ ۋاي جېنىم بالام، بارمۇ سەن؟ نەلەردە يۈرىسەن؟ ئاكاڭلار سېنى ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ كەلگەنىدى، دەردىڭدە يىغلاپ يۈرۈپ كۆز نۇرلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق بالام، - دەپ يىغلاپ بالىسىنى باغرىغا بېسىپتۇ.
خۇشاللىقلىرىدىن ئاتا - ئانىنىڭ كۆزلىرىمۇ ئاستا - ئاستا ئېچىلىپتۇ ۋە:
_ ۋاي بالام، سېنى كۆرىدىغان كۈن بارىكەنغۇ، - دەپ ئوغلىنى يېڭىباشتىن باغرىغا بېسىپ يىغلىشىپتۇ. كەنجى ئوغلى ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشۈپتۇ. بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى، ئاكىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ قىلغان قەستىلىرىنى بىر - بىرلەپ ئاتا - ئانىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستى بىلەن ئاتا - ئانىلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپتۇ، بۇلبۇكگويا بۇلارنى ئالقىشلىغاندەك قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ. ھەر كۈلگەندە ئۇنىڭ ئاغزىدىن دەستە - دەستە گۈللەر ئېتىلىپ چۈشۈپتۇ.
كەنجى ئوغلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ قىلمىشىدىن غەزەپلەنگەن ئاتا:
نۆكەرلىرىگە چوڭ ئوغلى بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغلىنى ئاساۋ ئاتىنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ.
جاللاتلار ئىككى ئاساۋ ئاتنى تۇتۇپ كەپتۇ - دە، ئىككى چوڭ ئوغلىنى بۇ ئاتلارنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ، سۆرىتىپ قويىۋېتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، بۇلبۇلگويانى بىر كۆرۈشكە ئارمان قىلغان پادىشاھ ئۇنى ئۆز يېنىغا ئالاھىتەن جايلاشتۇرۇپتۇ ۋە ھەركۈنى ئۇنىڭ سايرىشىدىن زوقلىنىپ، مۇراد - مەخسەتلىرىگە يەتكەنىكەن.